كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
2 | 1 | |||
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
3 -قىسىم
3-قىسىم
ئوخشاش بىلەيزۈك
جەسۇر ئاستا-ئاستا چىش ئارىسىدىن:
- ئەكبەر! - دېدى.
ئەكبەر زىلالەنىڭ ئادۋوكاتى، ئۇ تيەننىڭنىڭ ئىشىنى تەكشۈرۈپ، ئۆمەرنىڭ دەۋالىشىشىغا ياردەم بەرمەكچى بولغاچقا، جەسۇر ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى بەرگەن.
- ئەكبەر ئەپەندى، بۇ ... - دېدى ئەنۋەر چۆچۈپ، - ئۇ ئەمەستۇ؟ - دېدى.
- شۇمۇ ئەمەسمۇ، سوراپ باقساقلا بىلىمىز. - دېدى جەسۇر كونۋېرتنى چىڭ سىقىمداپ، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ شوپۇر ئورنىغا كىرىپ ئولتۇردى.
چاققانلىق بىلەن كەينىگە بۇرۇلۇپ، شەھەر رايونى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
ئەنۋەر ئالدىراش ئۆزىنىڭ ماشىنىسىغا چىقتى، شۇنداقلا ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەينىدىن ئەگەشتى.
ئۇنىڭ سۈرئىتى بىلەن، جەسۇرغا ئەسلا يېتىشەلمىدى ، ناھايىتى تېزلا ئارقىدا قالدى.
يول بويى ئۇچقاندەك يۈرۈپ، داچا رايونىغا قايتىپ كەلگەن جەسۇر ماشىنىنى ئەكبەرنىڭ داچىسى ئالدىغا توختاتقاندا، ئەكبەر زىبارە بىلەن بىللە قولىدىكى داكىنى ئالماشتۇرۇپ قايتىپ كەلگەنىدى.
جەسۇرنى كۆرۈپ، زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ قارشى ئېلىپ:
- جەسۇر ئاكا! - دېدى.
جەسۇر ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، بىر جۈپ كۆزىنى ئەكبەرگە تىكىلىپ:
- ماشىنىغا چىقىڭ! - دېدى.
- جەسۇر ئاكا، بۇ سىزنىڭ - دېدى زىبارە.
ئەكبەر زىبارەنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ، ئاچقۇچنى سۇنۇپ:
- سىز ئاۋۋال كىرىپ تۇرۇڭ، جەسۇر بىلەن بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلىشىۋالاي. - دېدى.
زىبارە ئاچقۇچنى ئېلىپ داچىغا كىرىپ كەتتى.
ئەكبەر ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرۇپ:
- بايا تېلېفون ئۇرسام، زىلالە ئالمىدى، ئۇ ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟ - دەپ سورىدى.
جەسۇر دىمىقىدا كۈلۈپ قويۇپ:
- ئەسلىدە نارازىلىق ئەرزى سۇنماقچى بولغان ئاكىسى تۇيۇقسىز نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشتىن ۋاز كەچتى، سىزنىڭچە ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولماسمۇ؟ - دېدى.
ئەكبەرنىڭ قاپىقىنى تۈرۈپ:
- ئەتە مەن يەنە بېرىپ، ئۆمەر بىلەن ئوبدان پاراڭلىشىپ، قايتۇرۋالغىلى بولىدىغان يېرى بارمۇ-يوق قاراپ باقاي. - دېدى.
- ھاجىتى يوق. - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ سۆزىنى سوغۇقلا بۆلۈپ، - ھازىردىن باشلاپ، سىز ئۆمەرنىڭ ئادۋوكاتى ئەمەس! - دېدى.
- بىلىمەن، ئىلگىرى زىلالە ئىككىڭلارنىڭ شەخسىي ئىشىغا ئارلاشقىنىم مېنىڭ خاتالىقىم، لېكىن بۇنداق ئاچچىق بىلەن ئىش قىلسىڭىز بولمايدۇ، مەن بۇ دېلونى ھەممىدىن بەك چۈشىنىمەن، شۇنداقلا ئۆمەرگە ياردەم بېرىش ئېھتىماللىقىم ئەڭ يۇقىرى . - دېدى.
- شۇنداقمۇ؟ - دېدى جەسۇر دىمىقىنى قېقىپ، ـ ئەجەبا ئۇنى نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشتىن ۋاز كەچكۈزگەن ئادەم سىز ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
- يەنە بىر قېتىم دەي. - دېدى ئەكبەر تەنتەنىلىك تەلەپپۇزدا، - مەن ئۆمەرگە زىلالە ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى ئېيتمىدىم - دېدى.
جەسۇر ھېلىقى كونۋېرتنى يانچۇقىدىن چىقىرىپ، ئەكبەرنىڭ مەيدىسىگە قويۇپ:
- بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ - دېدى.
ئەكبەر گاڭگىرىغان ھالدا كونۋېرتنى ئېچىپ، ئىچىدىكى جەسۇر بىلەن زىلالەنىڭ تويلىشىش كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى كۆرۈپ، ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى.
- بۇ ئىسپاتنى مېنىڭ ئادەملىرىمدىن باشقا يەنە سىز ئالالايسىز. - دېدى جەسۇر بېشىنى بۇراپ، ئەكبەرنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ، - مەن كاپالەت بېرەلەيمەنكى، ئادەملىرىم ھەرگىز ماڭا ساتقىنلىق قىلمايدۇ، سىزچۇ... ئەكبەر ئادۋوكات! - دېدى.
ئەكبەر كۆپەيتىلگەن نۇسخىنى تۇتۇپ، بىر پەس ئويلىنىپ:
- ئېنىق تەكشۈرۈپ، جاۋابىنى بېرىمەن. - دېدى.
جەسۇر چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئوڭ قولىنىڭ ئۈچ بارمىقىنى كۆتۈرۈپ:
- مەن تېخى بۇ ئىشنى زىلالەغا ئېيتمىدىم، سىزگە ئۈچ كۈن ۋاقىت بېرىمەن، ئۈچ كۈن ئىچىدە مۇۋاپىق چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. - دېدى.
ئەكبەر ئىچىدە ئۆزىنى ئەيىبلىدى.
ئادۋوكات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ شەخسىي سىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىش ئۆمەرنىڭ پاكلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مەيلى بۇ ئىشنى كىم قىلغان بولسۇن، ماتېرىيال ئۇنىڭ يېنىدىن تارقالغان، بۇ ئۇنىڭ سەۋەنلىكى.
- جەسۇر، كەچۈرۈڭ، مەن راستتىنلا ئويلىماپتىمەن ، - دېدى ئەكبەر.
جەسۇر سوغۇق تەلەپپۇزدا ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ:
- ماشىنىدىن چۈشۈڭ! - دېدى.
- بولىدۇ، ئۈچ كۈن ئىچىدە چوقۇم ئېنىقلاپ چىقىمەن. - دېدى ئەكبەر ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ.
جەسۇرنىڭ بارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ بېرىشى، ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويدى.
ئەكبەر بۇ ئىشقا مۇۋاپىق چۈشەنچە بېرەلمىسە، ئىككىسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى دوستلۇقىمۇ مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
ئۇ جەسۇردىن ئىبارەت بۇ دوستىدىن ئايرىلىپ قېلىپلا قالماي، زىلالە، ئۆمەر ئاكا-سىڭىلنىڭ ئىشەنچىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ.
جەسۇرنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان ئەكبەر كونۋېرتنى يانچۇقىغا سېلىپ، داچىغا كىردى.
ئىككىنچى قەۋەتتىكى كۇتۇپخانىسىغا كىرىپلا تارتمىسىنى ئېچىپ، ئىچىدىن ئۆمەرگە ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ ئاختۇردى.
ئۇنىڭ ماتېرىيال ۋە ھۆججىتىنى ياردەمچىسىدىن باشقا ھېچكىم كۆرەلمەيدۇ.
ياردەمچىسى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقىلى بىر نەچچە يىل بولدى، ئەزەلدىن ئىشەنچلىك، بۇنداق ئىشنى قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئۇنداقتا ... زادى ... كىم؟
ئىشىك يېنىك ئېچىلىپ، زىبارە بىر ئىستاكان ئىسسىق قەھۋەنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، ئۈستەلگە قويۇپ:
- ئاكا، جەسۇر ئاكام بىلەن يەنە ئۇرۇشۇپ قالدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ - دېدى ئەكبەر ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ، - بۇ سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، كۆپ ئويلىماڭ، - دېدى ئەكبەر ئۇنىڭ بېغىشىدىكى كۈمۈش رەڭلىك بىلەيزۈككە دىققەت قىلىپ، - بۇ بىلەزۈكنى يېڭىدىن سېتىۋالدىڭىزمۇ، بۇرۇن كۆرۈپ باقماپتىمەن - دەپ سورىدى.
زىبارە بېغىشىنى تۇتۇۋېلىپ:
- بۇرۇنلا بارتى، پەقەت تاقاپ باقمىغان. - دېدى.
ئەكبەرمۇ ئانچە ئېرەن قىلماي:
- بېرىپ بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، ئەتە يەنە مۇزىكا ئەترىتىگە بارامسىز؟ - دەپ سورىدى.
زىبارە بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
ئەكبەر بىر ئىشنى ئويلاپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- زىبارە؟ - دەپ چاقىردى.
زىبارە ئىشىك تۈۋىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ:
- ھە، نېمە بولدى، ئاكا؟ - دېدى.
ئەكبەر ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ:
- سىز مېنىڭ ماتېرىيالىمنى ئاختۇرمىغانسىز؟ - دەپ سورىدى.
زىبارەنىڭ كۆزلىرىدىن ئالاقزادىلىك چىقىپ تۇراتتى، لېكىن ناھايىتى تېزلا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ:
- ياق، نېمە بولدى؟ - دەپ سورىدى.
- ھېچ ئىش يوق، پەقەت بىر پارچە ماتېرىيالنى تاپالمىدىم، ئادۋوكاتلىق ئورنىغا قويۇپ قويغان ئوخشايمەن. بېرىپ ئۇخلاڭ، مەن يەنە ئىزدەپ باقاي. - دېدى.
زىبارە ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى، ئەكبەر ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە يۆلىنىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ يۈزىنى سىيلىدى.
ھەقىقەتەن غەلىتە، زادى كىم ئۇنىڭ ماتېرىيالىغا قول تەگكۈزدى؟
يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مۇزىكا ئەترىتىدىكى ئويۇنلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.
ئىسكىرىپكا گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان زىلالەمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
ئىسكىرىپكا گۇرۇپپىسىنىڭ رېپېتىتس قىلىش، ئويۇن قويۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاندىن باشقا، ئۇ يەنە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، پاگانىنى ئىسكىرىپكا مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلدى.
زىلالە يىراق ئەلگە چىقىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان كۈنى، دەل مۇزىكا ئەترىتىنىڭ يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى بىلەن ئۇدۇل كېلىپ قالدى.
زىلالە يىراق ئەلگە چىقىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا مۇزىكانت ئېلىشى كېرەك.
زىلالە ئۆمەك باشلىقى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئۆمەكتىكى بىر نەچچە ياش ئىسكىرىپكىچى ئىچىدىن بىرنى تاللىماقچى بولدى.
ئىلگىرى قولى يارىلانغاچقا، دەم ئېلىۋاتقان زىبارەمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە.
- بۈگۈن كۆپچىلىكنى تەكلىپ قىلىشىمىز ئاساسلىقى يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن. چۈنكى مەن يېقىندا مۇسابىقىگە قاتنىشىمەن، شۇڭا بىر مۇزىكانت مېنىڭ ئورنۇمدا ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىشى كېرەك. - دېدى زىلالە تەييارلاپ قويغان مۇزىكا تىزىملىكىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر نەچچە ئادەمگە سۇنۇپ:
- بۇ يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ بارلىق نومۇرلىرى، مۇشۇ نومۇرلارنى پىششىق بىلىدىغانلار قول كۆتۈرۈپ تىزىملاتساڭلار بولىدۇ. - دېدى.
ئايگۈل بىرىنچى بولۇپ قولىنى كۆتۈرۈپ:
- زىلالە، مېنى تىزىملاپ قويۇڭ. - دېدى.
زىلالە بېشىنى لىڭشىتىپ:
- يەنە بارمۇ؟ - دېدى.
بىر نەچچە مۇزىكانت بىر-بىرىگە قارىشىپ، بېشىنى چايقىدى.
- مەنمۇ... بۇ مۇزىكىلارنى پىششىق بىلىمەن! - دېدى زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ سول قولىنى كۆتۈرۈپ.
ئۇ بۈگۈن شەپەرەڭ يەڭلىك سۇس ئاچ سېرىق پوپايكا كىيىۋالغان بولۇپ قولىنى كۆتۈرگەندە يېڭى تۈرۈلۈپ، ئىنچىكە بىلەكلىرى، يەنە كۆك ياقۇت چۈشۈرۈلگەن كۈمۈش رەڭلىك بىلەيزۈكى كۆرۈنۈپ قالدى.
زىلالە ئۇنىڭ بېغىشىدىكى بىلەيزۈككە دىققەت قىلىپ، قەلەم تۇتقان ئوڭ قولى دەماللىققا قېتىپ قالدى.
زىبارەنىڭ بىلەيزۈكى جەسۇر ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان پۇت بىلەيزۈككە ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەن.
...
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar