كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
22 | 21 |
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
23-قىسىم
23-قىسىم
ھىيلىگەر ئايال
- قايتىپ كەلدىڭمۇ؟ - بوۋاي ئاۋۋال ئېغىز ئېچىپ سورىدى، ئەزىمەت ئېسىنى يىغىپ، غەزىپىنى بېسىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ، كاستۇمىنىڭ تۈگمىسىنى يېشىپ، ئېڭىشىپ ساپادا ئولتۇردى.
بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدىكى سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكرانغا قارىدى، ئاندىن يېنىك كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ، ئىليار ... ھەقىقەتەن يارايدىكەن جۇمۇ. - دېدى.
بوۋاينىڭ كۆزلىرىدە سۇس رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ئۇ دىلارەنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىدىن ناھايىتى خۇش بولغانىدى.
ئۇمۇ ئاخىرى ئۇلۇغ بوۋا بولىدىغان بولدى.
ئەزىمەتنىڭ چىرايى يەنە ئاستا-ئاستا ئۆڭۈپ:
- ئۈچ ئاي بوپتۇ، ئۇ مەركىزى شەھەردىكى ۋاقتىدىلا ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىدىكەن، بىراق ئىزچىل بىزدىن يوشۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ زادى كىمدىن يوشۇرغانلىقىنى بىلىگىلى بولمىدى، - دېدى.
بوۋاينىڭ چىرايى ئاستا-ئاستا سوۋۇپ كەتتى.
كىمدىن يوشۇرىۋاتىدۇ؟
ھامىلىدار بولۇشى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى نىسبەتەن قانچىلىك چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالاتتىمۇ؟
كىمدىن يوشۇرماقچى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن يوشۇرماقچى!
دىلارەنىڭ بۇ نېمە قىلغىنى؟
بوۋاي ئۇلارنىڭ توي ئىشىغا قوشۇلمىدى، دىلارە بۇ ئىش بىلەن ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالماقچى بولدىمۇ؟
كۆڭلى-كۆكسى تار، ئۆچ - ئاداۋەت ساقلايدىغان ئايال.
بوۋاينىڭ ھازىر ئويلاۋاتقىنى دىلارەنىڭ قورسىقىدىكى بالا، ھازىر ئۇنىڭ بارلىق ئوي-خىياللىرى شۇ بالىنى مەركەز قىلىپ چۆرگۈلەپ يۈرمەكتە.
لېكىن ئەزىمەتنىڭ ئويلىغىنى بۇلارلا ئەمەس.
ئەينى چاغدا بوۋاي ئۇنىڭ ئىليار بىلەن توي قىلىشىغا قارشى چىققان. ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان بولسا، بوۋاينىڭ كېيىن مەخبۇبە بىلەن ئىليارنى بىر يەرگە ئەپكېلىش ئۈچۈن قىلغان ئىش - ئىزلىرى يۈز بەرمىگەن بولاتتى .
بۇنداق ئاۋارە بولۇشى، ئەجەبا پەقەت بوۋايدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈنمۇ؟
ئۇنىڭ دىلارەدىن ئىبارەت بۇ دانا ئايالغا بولغان يۈزەكى چۈشەنچىسىدىن قارىغاندا، ئۇ بۇنداق كىچىك ئىشلار ئۈچۈن باش قاتتۇرىدىغان ئايال بولماسلىقى مۇمكىن.
تەپسىلىي ئويلاپ باقسا، ئەگەر ئۇ ھامىلىدار بولغانلىق خەۋىرىنى يوشۇرمىغان بولسا، ئۇنداقتا مەخبۇبە نىيىتىنى قورسىقىدىكى بالىسىغا قارىتىپ، خەتەر كوئېففىتسېنتىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىدى.
ئەگەر ئۇ ھامىلىدار بولغانلىق خەۋىرىنى يوشۇرمىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئايرۇس ئانا-بالىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
پەقەت ھامىلىدار ئايال بولسىلا، بۇ ئىشتا ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ.
بۇ ئايال ئەقىللىقمۇ ياكى قورقۇنچلۇقمۇ؟
- بۇ ئايال ... ھەقىقەتەن رەزىل ، قارا نىيەت ئىكەن، بۇنداق ئىشنى مەندىن يوشۇرماقچى بوپتۇ، ئۇ نېمە قىلماقچىدۇ؟ ئەجەبا بالا تۇغۇلغاندا مېنى كۆرگىلى قويماسلىقنى ئويلىدىمۇ؟ - دېدى بوۋاي غەزەپلەنگەن ھالدا، دىلارەنىڭ مەقسىتىنىڭ شۇنداق ئىكەنلىكىنى ئويلىسىلا، بوۋاينىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ كېتەتتى.
ئەزىمەت جىمىپ قالدى، ھازىر ئۇنىڭ كاللىسى قالايمىقان بولۇپ كەتتى، بەك كۆپ ئىشلارنى ئويلاشقىمۇ كاللىسى يوق.
ئۇ پەقەت دىلارە دېگەن بۇ ئايالنىڭ ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەگەر ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە، شۇنچە تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەن ھەممە نەرسىسىنى دىلارە سەۋەبلىك يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
لېكىن ھازىر ... ئۇنىڭ دىلارەگە قول سېلىشىغا ئاساسى يوق.
ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ۋە ئىليار ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىرەر ئىش قىلماقچى بولسىمۇ، ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلمەيدۇ.
چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان ئەزىمەت:
- ئۇنىڭ زادى نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ ئىليار ھازىر ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالدى... ئەگەر ئەينى ۋاقتىدا ئۇ ھامىلىدار بولغانلىق خەۋىرىنى سىزگە بالدۇرراق ئېيتقان بولسا، سىزمۇ ئۇنىڭ ئىليار بىلەن بولغان ئىشىنى توسۇپ يۈرمەيتتىڭىز، ئىليار ئۇنى دەپ، سىز بىلەن، ئائىلىمىز بىلەن تىركىشىپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالمايتتى. ئەگەر راستتىنلا شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئايال ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇقكەن، ھەتتا بالىلىق بولىدىغان ئىشتىمۇ ھىيلە ئىشلىتىپ يۈرۈپتۇ....- دېدى.
ئەزىمەت سۆزلىگەنسېرى، بوۋاينىڭ چىرايى قارىداپ سەتلىشىپ كەتتى.
شۇنداق!
ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بالدۇرراق ئېيتقان بولسا، ئىشلار ھازىردەك بولۇپ قالمايتتى، ئىليارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىپ، ئائىلىسىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى!
ھەقىقەتەن زەھەرخەندە ئايالكەن!
- ھىم! ئۇنى ھازىر ئىليارنىڭ بالىسىغا ھامىلىدار بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىكىدىن كىرەلەلەيدۇ، مېنىڭ ئېتىراپ قىلىشىمغا ئېرىشەلەيدۇ دەپ قالما! ھازىر پەقەت ھامىلىدار بوپتۇ، ئايال كىشى بولسىلا ھامىلىدار بولۇپ بالا تۇغالايدۇ! - دېدى بوۋاي.
ئۇنىڭدەك قارا نىيەت، رەزىل، رەھىمسىز ئايالنى بىزنىڭ ئائىلە قوبۇل قىلمايدۇ! - دېدى بوۋاي تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، ھاسىسىنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىپ.
ئاندىن پۈتۈن ۋۇجۇدى غەزەپكە تولغان ھالدا ئىككىنچى قەۋەتكە قاراپ ماڭدى.
ئەزىمەت قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئولتۇرۇپ قالدى.
ئەمدى گەپنى ئايرۇس تەرەپتىن ئاڭلايلى
ئايرۇسنىڭ بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئېنىق تەكشۈرۈلگەندە، قىلغان ناچار ئىشلىرىنىڭ سانى چەكسىز بولغاچقا، رەنانىڭ ئۇلارغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە ئىككىلىنىشى پاك-پاكىز تۈگدى.
ئەينى يىللىرى، ئايرۇس قانداق قىلىپ دىلنارنىڭ ئورنىنى ئالدى، يەنە قانداق قىلىپ دىلنارنىڭ قايتىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھەر خىل يوللار بىلەن قەدەممۇ-قەدەم قىستاپ، زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇندى، ھەتتا دىلنارنىڭ ھازىرقى ئىككى پۇتىمۇ ئۇنىڭ سەۋەبىدىن مېيىپ بولۇپ قېلىپ، شۇنچە يىل چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قىينالدى ... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئېنىقلاندى.
ئۇ دىلنارغا تەئەللۇق بولغان بارلىق نەرسىلەردىن، ئۇنىڭغا ئاتا قىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان بارلىق غەمخورلۇق ۋە مېھىر-مۇھەببەتتىن بەھرىمەن بولدى، لېكىن ئايرۇس رەنانىڭ ئۆز قىزىنى ئۈزۈل-كېسىل كۆزدىن يوقاتماقچى بولدى.
رەنا ئۇنى يەنە قانداق ئەپۇ قىلالايدۇ؟
شۇنچە يىل ياشىغان، شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلغان ئايال خوجايىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئاسراندى قىزى تەرىپىدىن ئۇزۇن يىل ئالدىنىپ ، قانچىلىك خاتالاشقانلىقىنى ھېس قىلدى.
ئايرۇسنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى قەتئىي كەچۈرۈشكە بولمايدۇ.
رەنا ھەممە ئىشنى زېرەكلىك بىر تەرەپ قىلىپ ، ئايال خوجايىنلىق ئورنىدا ئولتۇرغىنىغىمۇ شۇنچە يىل بولدى،كەسپى ئىشلاردا ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىدىم دەپ ماختىنالايدۇ، لېكىن ئۆزى بېقىۋالغان قىزىنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق چوڭ بىر موللاق ئاتتى.
ئاسراندى قىزى ئۇنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلدى.
ئايرۇس جازا ئۆتەش ئورنىغا ئاپىرىپ قويۇلدى.بىراق شۇنداق تۇرسىمۇ رەنا بىلەن قانداق كۆرۈشۈشنى ئويلىدى، ئۇ رەنانىڭ ئەپۇ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولغان بارلىق باھانىلەرنى ئويلىدى، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ باھانىلەرگە ھەتتا ئۇ ئۆزىنىمۇ قايىل قىلالمايتتى.
ئۇ بۇ يەرگە سولىنىپ قالسا بولمايدۇ.
ئۆزىنى ئۆزى نابۇت قىلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
ئۇنىڭ ھاياتى تېخى ئۇزۇن.
ئۇ كاتتا ئائىلىنىڭ خانقىزى.
كېلىنى.
ئۇنى شان-شەرەپ ۋە بايلىق كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئۇ قانداقسىگە ئۆزىنى - ئۆزى نابۇت قىلىشنى ئويلىسۇن؟
ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسىمۇ، بۇ دۇنيادىن ئايرىلغۇسى يوق.
ئۇنىڭ تېخى قىلىدىغان، ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بار.
لېكىن ئۇ ئۇ يەردىكىلەرگە نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، ھېچكىم ئۇنىڭ ئۈچۈن رەناغا يەتكۈزۈپ قويۇشنى خالىمىدى.
ئۈن - تىنسىز ئۈچ كۈن ئۆتتى.
ھەرقانچە كۈچلۈك زېھنىي كۈچى بولسىمۇ، ئۈچ كۈندە پاك-پاكىز خوراپ تۈگەيدۇ.
رەنانىڭ كارى بولماسلىقى، ئۇنى تېخىمۇ بىئارام قىلدى. يەنە ئۈزۈل-كېسىل تاشلىۋېتىلگەندەك تۇيغۇدا بولدى.
لېكىن ئامال يوق، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى ھەممە ئادەم بىلىپ بولدى، ئاڭلىغانلا ئادەم نەپرەت ئوقۇدى.شۇنداق تۇرسا رەنا قانداقمۇ كەچۈرسۇن،
ئايرۇس بىلەن رەشىدە ئۈمىدسىزلىنىپ چىرايى تامدەك تاتىرىپ يەردە ئولتۇرۇپ قالدى.
ئۇزاق ئۆتمەي، ئىشىك ئېچىلىپ، ئېگىز بىر كۆلەڭگە كىرىپ كەلدى، كۆلەڭگە ئايرۇسنىڭ ئالدىدا كېلىپ توختىدى.
ئايرۇس بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ نۇردۇن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ نۇردۇننىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ:
- نۇردۇن، نۇردۇن... تېز بېرىپ ئاپامغا دەپ بېقىڭ، ئۇ مېنى كەچۈرۋەتسۇن، مەن بۇ يەردە تۇرمايمەن ... - دېدى.
- نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ. - نۇردۇننىڭ سوغۇق ئاۋازى كۆتۈرۈلدى، - ئەمدى سىرتقا چىقالمايسىز. - دېدى.
ئايرۇس گەپ قىلالماي ھاڭۋىقىپلا تۇرۇپ قالدى.
نۇردۇن كەينىگە بىر قەدەم داجىپ، كىيىمىنى ئايرۇسنىڭ قولىدىن تارتىپ چىقاردى.
ئاندىن قولىدىكى ھۆججەتنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ:
- قول قويۇڭ، - دېدى.
كۆپ ئويلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئېنىقلا ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسى ئىدى.
ئايرۇس قاتتىق چۆچۈپ ۋە ئازابلىنىپ، ئاخىرىدا سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ بېشىنى چايقىدى.
نۇردۇن ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە قاراپ:
- ئىمزا قويمىغان تەقدىردىمۇ چوقۇم ئاجرىشىمىز. پەقەت شۇ سىز كېتىپ قالسىڭىز، مەن تۇل قالىمەن، - دېدى.
ئايرۇسنىڭ قولى تىترەپ:
- كېتىپ قالمايمەن، نېمىشقا كېتىپ قالغۇدەكمەن؟ ! - دېدى.
- سىز بۇ ھاياتىڭىزدا شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدىڭىز، كېتىپ قالسىڭىزمۇ ھېچكىم ئەپسۇسلانمايدۇ. - دېدى نۇردۇن.
ئايرۇس ساراڭ بولۇپ قالغاندەك بېشىنى چايقاپ:
- ياق... ياق... - دېدى .
- ئىمزا قويۇڭ، بىر-بىرىمىزنى ئەركىن قويۇۋېتەيلى، ياخشى جەم بولغاندىكىن، ئايرىلغاندىمۇ چىرايلىق ئايرىلايلى. - دېدى نۇردۇن.
ئايرۇس سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئىمزانى ھەرگىز قويمايمەن، تۇل قالىدىغان ئىش بولسا تۇل قېلىڭ، ھېچ بولمىغاندا مەن سىزنىڭ ئايالىڭىز سۈپىتىدە كېتىپ قالىمەن. مۇشۇنداق نەتىجىنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بىلگەن تۇرۇقلۇق، نېمىشقا مەخسۇس بۇ يەرگە كېلىسىز؟ - دەپ سورىدى.
- جاھىللىق ۋە تەن بەرمەسلىك سەۋەبىدىن. مەن سىزدىن نومۇس قىلىمەن، چۈنكى سىز ۋاسىتە تاللىماي، مېنى سىز بىلەن مەجبۇرىي باغلاشنى پىلانلىدىڭىز. بۇ ئۆمرۈمدە ھاياتىمنىڭ سىز بىلەن باغلىنىپ قېلىشىغا ھەرگىز تەن بەرمەيمەن، شۇڭا قانداقلا بولمىسۇن، سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىپ ئۈزىمەن. مېنى نېمە دەپ ، قانداق تىللىسىڭىز، ھەتتا ئاغرىنسىڭىزمۇ مەيلى، ئەزەلدىن ئالدىڭىزدا مۇكەممەل ئەركەك بولۇشنى ئويلاپ باقمىدىم. شۇڭا سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرمەڭ، مەنمۇ ياخشى كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن...
ئىمزا قويۇڭ، ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە، ھەر قانچە چىڭ تۇرۇۋېلىشىڭىزنىڭمۇ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئىككى قىزىمنىڭ ئىشىنى ئامال قىلىپ ھاممام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقاي، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇلار مېنىڭمۇ قىزىم، قىلغان قالايمىقان ئىشلىرىڭىزدا ئۇلارنىڭ قولى يوقكەن، يېنىكرەك جازالاپ قويۇلسىمۇ، ئەمما چوڭ مەسىلە چىقماسلىقى مۇمكىن.
سىز ئۆز ۋاقتىدا قىلغان-ئەتكەنلىرىڭىز ئۈچۈن بەدەل تۆلىشىڭىز كېرەك . بۇ سىزنىڭ جازايىڭىز. - دېدى نۇردۇن.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar