مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز77-قىسىم - ئۇنى راستتىنلا ياخشى كۆرەمسىز

文摘   小说   2024-08-24 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 100-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271




76


 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

77-قىسىم

  

 


  77قىسىم 

ئۇنى راستتىنلا ياخشى كۆرەمسىز؟


كاۋاپ قىسقۇچلار يەرگە چۈشۈپ قۇلاقنى يارغۇدەك جاراڭلىق ئاۋاز كۆتۈرۈلدى.

ئۈچەيلەن تەڭلا يەرگە چۈشكەن قىسقۇچقا قارىدى.

 ـ  زىبارە نېمە بولدى؟  ـ  ئەكبەرمۇ گۆش كۆتۈرۈپ مېھمانخانىدىن چىقىۋېتىپ، كاۋاپ قىسقۇچلارنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ،ۋە  ئالدىراپ يۈگۈرۈپ كەلدى.

زىلالە ئېڭىشىپ يەردىكى قىسقۇچنى ئالدى.

- ھە، ھېچقىسى يوق، ئاكا،  ئېھتىياتسىزلىقتىن قىسقۇچلار چۈشۈپ كەتتى. - دېدى زىبارە زىلالەنىڭ قولىدىكى قىسقۇچلارنى ئېلىپ،  - سىلەر ئاۋۋال بارغاچ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ   يۇيۇپ چىقاي.  ـ دېدى - دە كەينىگە بۇرۇلۇپ،  تېز قەدەم بىلەن مېھمانخانىغا قايتىپ كەلدى.

زىلالە ئۇنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلدى.

بۇ چاغدا، ئەكبەر زىلالە بىلەن جەسۇرغا قاراپ كۆزىدىن بىر خىل غەلىتە نۇر چاقنىدى،ئەمما ناھايىتى تېزلا   يوشۇرۇپ:

- جەسۇر، زىلالە، كەلدىڭلارمۇ!  ـ  دېدى.  

ماشىنىنىڭ ئالدى تەرىپىنى ئايلىنىپ ئۆتكەن جەسۇر زىلالەنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ، قولىدىكى بايا سېتىۋالغان شامپاننى ئەكبەرگە سۇنۇپ:

 ـ  سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ھال رەڭ شامپان!  ـ   دېدى.

 ـ  ۋاھ، بۈگۈن جەسۇر دىرېكتورنى كۆپ پۇل خەجلىتىپ قويۇپتىمەن، - دېدى ئەكبەر كۈلۈپ تۇرۇپ چاقچاق قىلغاچ رېشاتكىنى ئېچىپ،  ـ  تېز كىرىڭلار ـ   دېدى.    

ئىككىيلەننى  گۈللۈكتىكى كاۋاپداننىڭ يېنىغا باشلىغاندىن كېيىن، ئەكبەر قولىدىكىنى پۇلاڭلىتىپ:

- ئولتۇرغاچ تۇرۇڭلار، شامپاننىڭ ئاغزىنى ئېچىپ چىقاي، - دېدى - دە شامپاننى كۆتۈرۈپ ئاشخانىغا كىردى، زىبارە قاچا يۇيۇش كۆلچىكىنىڭ يېنىدا ، قولىدىكى كاۋاپ قۇسقۇچنى يۇيۇۋاتاتتى.

ئەكبەر ئۇدۇل كېلىپ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ سىڭلىسىنىڭ مۈرىسىدىن چىڭ تۇتۇپ:

- كەچۈرۈڭ،زىبارە سىزگە بالدۇرراق دېيىشىم كېرەك ئىدى.  ـ    دېدى.

زىبارە كەينىگە بۇرۇلۇپ، يۈزىنى ئاكىسىنىڭ كۆكرىكىگە قويدى.

بىر ئازدىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ:

 ـ  نېمىشقا، جەسۇر نېمىشقا زىلالە بىلەن بىللە تۇرىدۇ؟  ـ دېدى.   

   ئەكبەر بېشىنى يېنىك چايقاپ، مۇلايىملىق بىلەن دۈمبىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ:

   ـ   مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن، ئەگەر بىئارام بولسىڭىز، ئۈستىگە چىقىپ ئارام ئېلىڭ، مېھمانلارنى  ئۆزۈم كۈتەي، - دېدى.  

زىبارە يۈزىنى قايتىدىن سىيلىۋېتىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

- ماڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ!  ـ    دېدى.

سىڭلىسىنىڭ كۆزىنىڭ روشەن قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئەكبەر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، يوشۇرۇن ئۇھسىنىپ:

- ماقۇل، شامپاننىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، بىللە چىقايلى.  ـ دېدى.   

ئەكبەر شامپاننى، زىبارە رومكىنى كۆتۈرۈپ، ئاكا-سىڭىل ئىككىسى بىللە گۈللۈككە كېلىشتى.

جەسۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەكبەرنىڭ قولىدىكى شامپاننى ئېلىپ:

 ـ   ئەكېلىڭ، مەن قۇياي!  ـ    دېدى.

زىلالە ئۈستەل يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئەكبەرنىڭ يېنىدىكى زىبارەنىڭ چىرايىغا دىققەت قىلدى.

قىزچاقنىڭ كۆز چانىقى ئازراق قىزىرىپ، يىغلىغانلىقى  بىلىنىپ قالغانىدى.

جەسۇر شامپاننى ئىككى رومكىغا قويۇپ، يېنىك يۆتىلىپ:

 ـ  سىلەر ئىككى قىز بۇنى ئىچمەي، ئازراقتىن مېۋە شەربىتى ئىچىڭلار.  ـ    دېدى.

 ـ    شۇنداق، شۇنداق.  زىلالە سەل تۇرۇپ ماشىنا ھەيدەيدۇ، ئىككىڭلار مېۋە شەربىتى ئىچىڭلار.  - دېدى ئەكبەرمۇ قوشۇلۇپ.   

كاۋاپ ئۈستىلى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، جەسۇر بىلەن زىلالە بىر تەرەپتە، ئەكبەر ئاكا-سىڭىل بىر تەرەپتە ئولتۇردى.

ئەكبەر تەملەندۈرۈپ قويغان گۆشنى ئېلىپ، كاۋاپدانغا قويدى.

زىلالە شامالدۇرغۇچىنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرغاچقا، كاۋاپ پۇرىقى ئۇدۇل ئۇرۇلۇپ، گېلى يەنە قىچىشىپ كەتتى.

 يۈزىنى يانغا بۇراپ، يېنىك يۆتىلىپ قويدى.

 جەسۇر ئۇنىڭ قولىدىكى شەربەتنى ئېلىپ ئۈستەلگە قويۇپ، مۈرىسىدىن تۇتۇپ:

- ئىككىمىز ئورۇن ئالماشتۇرايلى، -  دېدى.   

ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن مەسلىھەت سېلىۋاتقاندەك ئەمەس، بەلكى  بۇيرۇق قىلغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

زىلالە ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان زىبارەغا بىر قاراپ قويۇپ، ھېچنېمە دېمەي، ياۋاشلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئەكبەرنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى.

جەسۇر زىلالەنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ، رومكىنى قولىغا ئېلىپ:

- قېنى، كۆپچىلىك  كۆتۈرەيلى!  ـ  دېدى.  

زىبارە بېشىنى كۆتۈرۈپ جەسۇرغا تىكىلىپ تۇرۇپ:

 ـ  نېمىگە؟  ـ    دېدى.

ئۇنىڭ كۆزىلىرى بىلەن ئۇچراشقان جەسۇر تەبىئىي ھالدا بېشىنى پەسكە ساڭگىلىتىپ:

 ـ    قايتا ئۇچراشقانلىقىمىز ئۈچۈن!  ـ  دېدى  

 ـ  توغرا، توغرا، توغرا، قايتا جەم بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىر قەدەھ كۆتۈرەيلى!  ـ    دېدى ئەكبەر رومكىنى كۆتۈرۈپ، زىلالەمۇ  مېۋە شەربىتىنى قولىغا ئالدى.

تۆتەيلەننىڭ رومكىسى يېنىك تېگىشتى.

زىلالە زىبارەنىڭ جەسۇر بىلەن قەدەھ سوقۇشتۇرغىنىغا دىققەت قىلدى.

كۆپچىلىك بىر تەرەپتىن كاۋاپ پىشۇرغاچ بىر تەرەپتىن پاراڭلاشتى، ئىككى ئەر  تەشەببۇسكارلىق بىلەن كاۋاپ پىشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى.

ئەكبەر گۆشنى كاۋاپدانغا قويۇشقا مەسئۇل بولدى.

جەسۇر بولسا قىسقۇچ بىلەن جازا ئۈستىدىكى گۆشنى ئۆرۈپ، ئوتنى كونترول قىلدى.

 بىرىنچى قېتىملىق كاۋاپ ناھايىتى تېزلا پىشىپ تەييار بولدى.

جەسۇر  قاقلاپ پىشۇرۇلغان كالا گۆشىنى ئېلىپ، ئۈستىدىكى قىزىل لازا تالقىنىنى كۆرۈپ،  ھەممىنى زىبارەنىڭ تەخسىسىگە قويدى.

زىلالەنىڭ نەپەس يولى ياخشى ئەمەس، ئەزەلدىن ئاچچىق يېمەيدۇ.

شۇ تاپتا، زىلالەنىڭ خىيالى  كاۋاپ ئۈستىدىكى لازىدا ئەمەس.  تەبىئىيكى، بۇ تەپسىلاتلارغا دىققەتمۇ قىلمىدى.

 ئىككى قولىدا مېۋە شەربىتى قۇيۇلغان ئىستاكاننى تۇتۇپ، ئالدىدىكى قۇرۇق تەخسىگە قاراپ، ئۇزۇن كىرپىكلىرىنى پەسكە ساڭگىلىتىپ كۆز ئىپادىسىنى توسۇۋالدى.

گەرچە ئۇ كۆڭلىدە قايتا-قايتا جەسۇر بىلەن زىبارەنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، باشقۇرۇش ئەمەس، سوراش سالاھىيىتىنىمۇ يوقلىقىنى ئەسكەرتتى.

لېكىن... كونترول قىلغىلى بولمايدىغان كەيپىيات يەنىلا تېز سۈرئەتتە كۆتۈرۈلۈپ، مەيدىسىنى قاتتىق قىلىپ قويدى.

خۇددى ئىستاكاننىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرمەيدىغان ئاپېلسىن شەربىتىگە ئوخشاش ھەم چۈچۈمەل ھەم قىرتاق، يەنە ئازراق ئاچچىق تەممۇ بار.

  قارشى تەرەپتىكى ئەكبەر زىلالەغا دىققەت قىلىپ، يېنىك يۆتىلىپ تۇرۇپ:

  ـ  جەسۇر ھەممىنى زىبارەغىلا بەرمەڭ، زىلالەنىڭ تەخسىسى تېخى قۇرۇق، - دېدى.   

زىبارە نەزىرىنى تەخسىسىدىكى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن گۆشكە ئاغدۇرۇپ، ئاندىن زىلالەنىڭ قۇرۇق تەخسىسىگە قارىدى.

كۆزلىرىدىن خۇشلۇق نۇرى چاقنىدى.

جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، قاقلاپ پىشۇرۇلغان تەخسىدىكى گۆشكە بىر قاراپ  < ئاكا-سىڭىل ئىككىسى ئاچچىق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قارىغاندا ھەممە گۆش ئاچچىق ئوخشايدۇ> دەپ ئويلاپ:

- ھېچقىسى يوق، زىلالەنىڭ قورسىقى ئاچمىدى، سەل تۇرۇپ كۆكتات يېسىلا بولىدۇ.  ـ  دېدى.  

 ـ  شۇنداق! - دېدى زىلالە ناھايىتى ماسلاشقان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ،  ـ  سىلەر ئاۋۋال يەڭلار، مەن گۆشنى ئانچە ياقتۇرمايمەن ـ   دېدى.   

 ـ   شۇنچە ئورۇق تۇرۇپ، يەنە كۆكتات يېسىڭىزلا قانداق بولىدۇ؟  ـ   دېدى ئەكبەر كۈلۈمسىرىگەن ھالدا چوكىنى سوزۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر پارچە گۆشنى قىسىپ زىلالەنىڭ تەخسىگە قويۇپ:

 ـ    قېنى قېنى، بۇ كالا گۆشى بەك يۇمشاق، زىبارە ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، سىزمۇ تېتىپ بېقىڭ.  ـ دېدى.    

زىلالە گۆشنى ئېلىپ ئاغزىغا سالدى.

ئاچچىق تەم  كۈچلۈك بولغاچقا، يۇتقۇنچاق ۋە بۇرۇن بوشلۇقىغا كىرىپ، ھەم بوغۇلۇپ ھەم ئاغرىپ كەتتى.

ساھىبخاننىڭ ئالدىدا،  قۇسۇۋېتىشتىن خىجىل بولۇپ، ئىستاكاننى ئېلىپ، بىر نەچچە يۇتۇم مېۋە شەربىتى ئىچىپ،ئاچچىقىنى ئاران بېسىۋالدى. ئەمما گېلىنىڭ ئىچى يەنىلا ئازراق ئېچىشىۋاتاتتى.

جەسۇر كەينىگە بۇرۇلۇپ  دۈمبىسىدىن يۆلەپ:

 ـ  ھېچ ئىش يوقتۇ؟  ـ    دەپ سورىدى.

زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:

  ـ  سەل ئاچچىقكەن.  ـ    دېدى.

 ـ  كەچۈرۈڭ، زىلالە!  مەن سىزنىڭ ئاچچىق يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيدىكەنمەن.  ـ    دېدى زىبارە ئەپۇ سوراپ.

- جەسۇر، تازىمۇ بىر، زىلالەنىڭ ئاچچىق يېمەيدىغانلىقىنى نېمىشقا دەپمۇ قويمايسىز؟ - دېدى ئەكبەرمۇ خىجىل بولۇپ،  ـ كۆكتاتلارنى ئېلىپ چىقاي،  ئاچچىق ئەمەس ـ   دېدى.    

زىلالە مېۋە شەربىتى ئىستاكانىنى كۆتۈرۈپ بىر نەچچە يۇتۇم ئىچتى، بوغۇزىدىن ئاشقازىنىغىچە ئوتتەك قىزىپ بىئارام بولدى.

مەيدىسىگە بىر كاللەك پاختا تىقىلىپ قالغاندەك بىلىنىپ، نەپەس ئالالماي قالغىلى تاس قالدى.


قۇپقۇرۇق ئاشقازان ئاپېلسىن شەربىتى ۋە مۇچنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ،  سىقىلىپ ئاغرىشقا باشلىدى.

زىلالە چىداپ تۇرالماي ئورنىدىن تۇرۇپ:

- سىلەر يەڭلار، مەن تازىلىق ئۆيىگە بېرىپ كېلەي.  ـ    دېدى.

جەسۇر كاۋاپداننى قويۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئەگىشىپ ماڭماقچى بولدى، زىبارە ئۇنىڭدىن بىر قەدەم بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ:

 ـ  سىلەر شامپىنىڭلار ئىچىڭلار، مەن زىلالەغا ھەمراھ بولاي.  ـ  دېدى.  

جەسۇر يەنە نېمىنىدۇر دېمەكچى بولغاندا ئەكبەر قولىنى  سوزۇپ،  بىلىكىدىن تارتىپ:

 ـ    قىزلارنىڭ تازىلىق ئۆيىگە بارغىنىنىڭ نېمە قىزىقى بولسۇن، قېنى، ئىككىمىز بىر بىللە ئىچەيلى!  ـ دېدى.   

جەسۇر زىلالەنىڭ ئارقىسىدىن بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئامالسىز  ئورۇندۇققا قايتىپ ئولتۇردى.

زىلالە زىبارەغا ئەگىشىپ، مېھمانخانىنىڭ تازىلىق ئۆيىگە كېلىپ،  جۈمەكنى ئېچىپ،   قول يۇيۇش سۇپىسى ئالدىدا بىر ھازا قۇستى.

ئاشقازاندا ھېچنېمە قالمىغانغا قەدەر بىر نەچچە قېتىم قۇرۇق ھۆ قىلىپ، ئاخىرى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىمۇ قۇسۇپ چىقىرىۋېتىپ سەل ئوڭشالغاندەك بولدى، ئاخىرىدا سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇيۇپ، روھلۇق ھالدا تازىلىق ئۆيىدىن چىقتى.

تازىلىق ئۆيىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى تەكچىگە يۆلىنىپ تۇرغان زىبارە  ئۇنىڭغا چوڭقۇر نەزەر بىلەن تىكىلىپ:

- يولدىشىڭىزنىڭ جەسۇر ئاكام  ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.  ـ  دېدى.  

 ـ    شۇنداقمۇ؟ - دېدى زىلالە كۆزىنى پەسكە قارىتىپ، زىبارەنىڭ نەزىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ:

- ئۇلار تېخىچە سىرتتا ساقلاۋاتىدۇ، بىللە چىقايلى.  ـ    دېدى.

شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقىنى بۇلاپ كەتكەن بالىدەك ھېس قىلىپ، ئازراق خۇدۈكسىرەپ  كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولدى، زىبارە ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ:

 ـ    ئۇنى راستتىنلا ياخشى كۆرەمسىز؟  ـ    دەپ سورىدى.


 

 

..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章