گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 33-قىسىم _ قانداق ئىش بار

文摘   小说   2024-09-11 14:59   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  60  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726


323130





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

33-قىسىم

 


33-قىسىم


گەرچە ئىليار پەقەت ھامىلىدار ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن باشقىلار ئۇنى بۇنداق دېسە، ئۆزى بەلكىم ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن پەرھات ئىليارنى ئىشنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۇ دەرىجىگە يېتىشىگە يول قويماسلىقى كېرەك دەپ قارايدۇ.

 بىر ئەر كىشى ئۆزىنىڭ نام-ئابرۇيىنى ساقلاپ قالالمىسا، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە قانداقمۇ خاتىرجەملىك ئاتا قىلالايدۇ.

ئەجەبا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە ئادەم ئۇنىڭ ئۈچۈن مەسخىرە قىلىنسا توغرا بولامدۇ؟

ئەگەر ئاپىسى بىلەن گۈلباھار سىرتقا چىقىپ قالسا، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا  پەرقلىق مۇئامىلە ئۇچراپ،  مەسخىرە قىلىنىشى مۇمكىن.

مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرسە دىلارە قانداق قىلىپ ئىليارنىڭ يېنىدا خاتىرجەم تۇرالايدۇ؟

پەرھات ئاتا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىليارنىڭ بۇ ئىشىدىن رازى بولمىدى.

بۇ ئىشنى ھەل قىلىش كېرەك، لېكىن ھەممە ئىشنى ئىليار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن دېيىشكىلى بولىدۇ.

پەرھاتنىڭ چىرايىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى  كۆرۈپ، موماي بىلەن گۈلباھار بىر-بىرىگە قارىشىپ، لەۋلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى.

  ئەكرەم ئىلىيارغا  ئىككىنچى كۈنى بۇ ئىشنى   خەۋەر قىلدى.

ئىليار توردىكى بەزى گەپلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم  ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، ئۇ ئاشۇ بىر قاتار خەتلەرنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە يەنىلا غەزەپلەنگەندەك بولدى.

ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى دىلارەنىڭ ئىلگىرى بۇنداق ھاقارەت ۋە خاتا چۈشەنچىلەرگە ئۇچرىغان چاغدىكى كەيپىياتىنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى ھازىر ئاز-تولا ھېس قىلىپ يەتتى.


نېمىلا دېگەن بىلەن ئاچچىق سۆزلەر ئۇنىڭ بەدىنىگىلا ئەمەس، بەلكى دىلارەنىڭ ئۈستىگىمۇ سانجىلىدۇ.

مۇشۇلارنى ئويلاپ دىلارەگە ئىچى ئاغرىدى،يەنە ئۇنىڭ ئازابىنى تەڭ ئۈستىگە ئالالمىغانلىقىغا ئېچىندى.


- خوجايىن، بۇ ئىشنى بېسىقتۇرۇپ قويامدۇق، قايتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز، خانىم كۆرۈپ قالسا، ياخشى بولمايدۇ، - دېدى ئەكرەم. 

بۇ ئىشتا قىلچە ئىكىللىنىش يوق، چوقۇم باستۇرۇپ قويۇش كېرەك.

ئىليار بېشىنى لىڭشىتىپ:

- تېزدىن باستۇرۇپ قويۇڭ.- دېدى. 

- مەن بىلەلسەم بولمايدىغان قانداق ئىش بار؟  - ئىككىسى كۇتۇپخانىدا سۆزلىشىۋاتقاندا، دىلارە كىرىپ قېلىپ   ئۇنىڭ  ئەكرەم بىلەن قىلىشقان پارىڭىنى ئاڭلاپ قالدى.

ئۇنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ، ئەكرەمنىڭ چىرايى بىر مەھەل تەمتىرەپ قالدى.

شۇنداقمۇ ئۇدۇل كېلىپ قالامدۇ؟!



ئۇنىڭ ئۈن-تىنسىز پەيدا بولۇشىدىن ئىليارنىڭ  قاپىقى سەل تۈرۈلدى.

ئەكرەم بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئىليارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، دىلارەنىڭ كۆزىگە قاراشقا ئانچە جۈرئەت قىلالمىدى.

دىلارە ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەلدى، ئۇ ئىككىسىنىڭ پوزىتسىيەسىنى كۆرۈپ، قاش-كۆزلىرى بارا-بارا قىسىلدى.

ئىليار   دىلارەگە قاراپ قويۇپ  قولىدىكى ئايپەدنى بىر چەتكە تاشلاپ قويدى.

نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ ھازىر y رايوندا بولغاچقا،  بۇ يەردىكى تورداشلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسى تەبىئىي ھالدا مەركىزى شەھەردىكىدەك ئۇنچىۋالا ناچار ئەمەس.

- گەپنى مومىڭىزغا ئېنىق دېدىڭىزمۇ؟ - ئىليار  بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا تەمكىنلىك بىلەن گەپنىڭ تېمىسىنى بۇراپ.

دىلارەنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭ قولىدىكى يانفونغا مەقسەتسىزلا چۈشۈپ قالدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە نەزىرىنى ئىليارنىڭ يۈزىگە يۆتكىدى.

ئاندىن ئىللىق كۈلۈمسىرەپ، بېشىنى لىڭشىتىپ:

- ئېنىق ئېيتتىم، مومامنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى، شۇڭا مەن ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىۋېلىپ، يەنە قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا بىر مەزگىل ھەمراھ بولۇشۇم مۇمكىن. -  دېدى. 

ئىليارنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ:

- ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزغا قاراپ باقايلى. - دېدى. 

دىلارە ئالدىغا ئىككى قەدەم ئېلىپ، ئىش ئۈستىلىنىڭ ئۇدۇلىدا  كۈلۈپ تۇرۇپ:

- نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيسىز؟ - دەپ سورىدى.

- بەلكىم ئۇنتۇپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان يەنە  مومام ۋە قېيىنئانىڭىزمۇ بار. - دېدى.

دىلارە بۇ قېتىم گەپ قىلالماي قالدى.

بۇنى ئۇنتۇپ قالغىنى نېمىسى.

ئۇنىڭ سەل ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ئىليار مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى، بوغۇملىرى ئېنىق ئايرىلغان بارماقلىرى بىلەن ئۈستەلگە يېنىك چېكىپ:

-  قاچان قايتىشنى پىلانلىدىڭىز؟  - دەپ سورىدى.

- تېزرەك قايتايلى، ئەتە بولسۇن،  مومام بىلەن ئاپامغا كۆپرەك ھەمراھ بولالايمەن، - دېدى دىلارە. 

 - ھىم، - ئىليار يېنىك جاۋاب بېرىپ، بۇرۇلۇپ بىر چەتتە تۇرغان ئەكرەمگە يېنىك بىر قاراپ قويۇپ، سوغۇق ئاۋازدا:

- بېرىپ ئورۇنلاشتۇرمامسىز؟ - دېدى. 

ئەكرەم ئىنكاس قايتۇرۇپ،  ماقۇل دەپ قويۇپ، دەرھال بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى.

ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەلۋەتتە مەركىزى شەھەرگە قايتىش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشلا ئەمەس، يەنە  توردىكى ئىشلارنى ھەل قىلىشنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

دىلارە ئەكرەمنى توسماي، ئىليارغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ:

- ئۇنداقتا، ئىككىڭلار بايا نېمىنى مەسلىھەتلىشىۋاتقانتىڭلار؟  مەندىن يوشۇرىدىغان نېمە ئىشىڭلار بار؟ - دەپ سورىدى. 

ئەگەر دىلارە ھېچنېمىنى سورىمىغان بولسا، قەستەن قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ قالاتتى.

ئىليار بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

- ئەلۋەتتە سىزدىن زادى قانچىلىك پۇلۇم بارلىقىنى يوشۇرۋاتىمەن، - دېدى. 

دىلارە  قېشىنى ئېتىپ ، ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

- ئەگەر مەن بىلمەكچى بولسام، چوقۇم تەكشۈرۈپ چىقالايمەن. ئىشقىلىپ سىزنىڭ قانچىلىك پۇلىڭىز بولسا، ئاخىرىدا ھەممىسى مېنىڭ بولىدۇ، لېكىن ھازىرلا جەزىملەشتۈرەلەيمىكىن بۇ بىر ئاسترونومىيەلىك سان، ئەمەلىيەتتە  بۇ ئۆمرۈمدە خەجلەپ بولالمايدىغانلىقىمنى بىلسەملا بولدى! 

ئىليار كۈلۈپ تۇرۇپ:

- ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈگەپ كەتسىچۇ؟   - دەپ سورىدى.

- خوپ بوپتۇ دەيمەن، كىم سىزنى ماڭا زادى قانچىلىك دەسمايىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئېيتمىسۇن دەپتۇ؟  - دېدى دىلارە.

- ھىم، قابىلىيىتىڭىز بولسا پۇخادىن چىققۇچە خەجلەڭ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق بىر كۈن كېلەمدۇ قاراپ باقايلى. - دېدى ئىليار. 

دىلارە كۈلۈپ قويۇپ، قولىدىكى ھۆججەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

- مېنىڭ ئۇ كۈنگە قالغۇم يوق، دەرھال خىزمەت قىلىپ، كۆپرەك پۇل تېپىڭ، - دېدى.

ئىليار ئۇھ تارتىپ قويۇپ، قەلەمنى قولىغا ئېلىپ:

- بولىدۇ، چوقۇم كۆپ پۇل تېپىپ سىزنى ياخشى باقىمەن ، - دېدى. 

- ھەئە. - دېدى دىلارە  رازى بولۇپ، -  ئەمىسە مەن يۈك-تاقلارنى يىغىشتۇراي، سىزمۇ غەيرەت قىلىڭ. - دېدى. 

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا خۇشال ھالدا كۇتۇپخانىدىن چىقىپ كەتتى.

ئىليار ئۇنىڭ كەينىدىن تاكى كۇتۇپخانىنىڭ ئىشىكى يېپىلغانغا قەدەر قاراپ تۇردى. 

ئىليارنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە بارا-بارا ئەسلىگە كەلدى، ئۇ قولىدىكى يانفونغا بىر قاراپ قويۇپ، قوشۇمىسى يەنە تۈرۈلدى.

ئىشىك سىرتىدا تۇرغان دىلارەنىڭ چىرايىدىكى كۈلكىمۇ بارا-بارا پەسەيدى.

ئىليارنىڭ بايا تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىكى ھەرىكىتىنى ئويلاپ، يانچۇقىدىن تېلېفوننى ئېلىپ تورنى ئاچتى،   ھەممىسى  تۈنۈگۈنكى قارشى ئېلىش مۇراسىمى توغرىسىدا ئىدى. 

ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ كۆرۈپ، ئىليارنىڭ ئۇنىڭدىن يوشۇرماقچى بولغان خەۋىرىنى تاپالمىدى.

ئەجەبا  خاتا ئويلاپ قالدىمۇ؟

بىراق، ئۇ بايىلا ئېنىق ئاڭلىدى، ئىليار ھەقىقەتەن بىر ئىشنى ئۇنىڭدىن يوشۇردى.

 قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ياتاق ئۆي تەرەپكە ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن مەسىلىنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئويلىدى.

بۈگۈن ئەسلىدە ئىلىيار بىللە بېرىپ مومىسى بىلەن خوشلاشماقچى بولغانىدى. ئەمما تۇيۇقسىز بارمايدىغان بولۇپ قالدى... يەنە تېخى  بۇ يەردە ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى يۇشۇرۋاتىدۇ؟

تۇيۇقسىز، دىلارەنىڭ قەدىمى توختاپ قالدى، ئۇ تېلېفونغا بىر قاراپ، لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، جايىدا تۇرۇپلا تېلېفوندا ئۇستىلىق بىلەن مەشغۇلات قىلدى.

بۇ يەردە ھېچ ئىش بولمىغاندىكىن، قايتىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان مەركىزى شەھەردە  مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.

بۇنچىلىك ئىشنى پەرەز قىلىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن تەس ئىش ئەمەس.

 لېكىن، ئەمدىلا تور ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇنىڭ كەينىدىكى كىتابخانىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى.

 كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئىليارنىڭ لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

 كۆزلىرىنى چاقنىتىپ :

- نېمە بولدى؟  - دەپ سورىدى دىلارە.

- بايامقى ئىش توغرىسىدا ... - دېدى ئىليار.

ئىليار ئەمدىلا ئېغىز ئېچىشىغا، دىلارەنىڭ قولىدىكى يانفون سايراپ كەتتى.

دىلارە نەزىرىنى قايتۇرۇپ، كەلگەن تېلېفون نومۇرىنى كۆرۈپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن تېلېفوننى ئالدى.

- دىلارە قىزىم! 

- دىلارە!

ئىككى تونۇش ئاۋازنى ئاڭلىغان  ئىليارنىڭ قۇشۇمىسى تۈرۈلدى.

دىلارە سۇس كۈلۈپ تۇرۇپ:

-  موما، ئاپا.  - دېدى.

- ھىم، دىلارە قىزىم، ئاپىڭىز ئىككىمىز سىزنى بەك سېغىندۇق،  قاچان قايتىپ كېلىسىز؟   - دېدى موماي.

- شۇنداق، بۇ سىزنىڭ ئىليار بىلەن توي قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى يىل، يېڭى يىلنى ئۆيدە ئۆتكۈزەلمىدىڭىز، بايرامنى بولسىمۇ چوقۇم بىللە ئۆتكۈزەيلى. تېز قايتىپ كېلىڭ ، بايرامنىڭ تەييارلىقىنى تەڭ قىلايلى، - دېدى گۈلباھار. 

بايرام ئۆتكۈزۈش؟

بايرامغا يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بار ئەمەسمۇ؟

- تەييارلىقىم  پۈتتى، ئەتە قايتىشنى ئويلاشتىم. - دېدى دىلارە. 

- راستما! قاراڭ، بىز بىر نەچچەيلەننىڭ كۆڭلى بىر تۇتاش جۇمۇ؟ سائەت قانچىنىڭ ئايروپىلانى، بىز ئەتە سىلەرنى كۈتۈۋالغىلى چىقىمىز! - دېدى موماي. 

- ئەكرەم ھازىر بېجىرىۋاتىدۇ، جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن سىلەرگە ئېيتىپ بېرەلەيمەن، - دېدى دىلارە. 

موماي بىلەن گۈلباھار خۇشال ھالدا كۈلدى، كۆرۈنۈش بىر سىلكىنىپلا،  تېلېفون گۈلباھارنىڭ قولىغا چىقىپ قالدى.

- دىلارە، سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ؟  نەۋرىلىرىممۇ ياخشى تۇرۇۋاتقاندۇ؟  - دېدى

دىلارە بېشىنى لىڭشىتىپ:

-  ھىم، ئەلۋەتتە ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ، - دېدى.

-ئۇنداق بولسا، ئەتە ئايروپىلاندىن چۈشكەندە پەخەس بولۇڭلار، بەزى گەپ تاپقۇرلار ئادەمنى خاتىرجەم قىلمايدۇ، سىزدىن قانداق سوئال سورىسا كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ،   ئۇلار بىلەن ھېسابلىشىپ، ۋاقىتىڭىزنى ۋە ھېسسىياتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. - دېدى گۈلباھار.

دىلارەنىڭ ئىككى كۆزى  سەل-پەل كىچىكلەپ قىسىلدى.

ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقتى...

- نېمە بولدى؟ مەركىزى شەھەردە بىرەر ئىش يۈز بەردىمۇ؟ - دەپ سورىدى دىلارە.

- يوقىلاڭ ئىشلارغا ئارىلىشىدىغانلار بەك كۆپكەن، ئىليارنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىغا قاراپ، سىزگە ھەسەت قىلىشىپ ئولتۇرالماي قېلىشتى، شۇڭا گەپنى ئىليارنىڭ ئۈستىگە يۆتكىدى، پىتنە - پاساتلار بىلەن  كارىڭىز بولمىسۇن. - دېدى گۈلباھار. 

دىلارە شۇ ھامان قوشۇمىسىنى تۈردى.

ئۇ ئىليارغا بىر قاراپ قويۇپ، كۆزىنى چىمچىقلىتىپ، تۇيۇقسىز پۇتىنى كۆتۈرۈپ ياتاق ئۆي تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.

ئىليار ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، ئۇ ئەمدىلا قەدىمىنى تېزلىتىپ ئۇنىڭغا يېتىشىۋالماقچى بولغاندا، دىلارە ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقاپ بولدى.

ھەمدە ‹ ‹ قاراس › › قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىشىك قۇلۇپلاندى.

ئىليار  نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى.

دىلارە ئىشىككە يۆلىنىپ ھاسىراپ كىتىۋىدى تېلېفوندىكى موماي بىلەن گۈلباھار  قورقۇپ كەتتى

- ئانامەي،  تۇيۇقسىز نېمىگە يۈگۈرەيسىز؟ - دەپ سورىدى گۈلباھار.

دىلارە بېشىنى چايقاپ:

-  ھېچقىسى يوق. ئاپا، مەركىزى شەھەردە زادى نېمە ئىش يۈز بەردى، ئىليار ئۇ يەردە بولمىسا، نېمىشقا باشقىلار تەرىپىدىن مۇنازىرە قىلىنىدۇ؟ - دەپ سورىدى. 

گۈلباھار ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، كۆڭلى بىر ئاز خاتىرجەمسىزلىنىشكە باشلىدى.

ئۇ ئىليارغا ئىش تېپىپ بەردىمۇ قانداق؟

دىلارە بىلمىگەن بولسا، قارىغاندا ئىليار قەستەن يوشۇرماقچى بولغان ئوخشايدۇ...

- بۇ... - دېدى گۈلباھار، ئارقىدىنلا سۆزلىشىش تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالدى.

دىلارە قوشۇمىسىنى تۈردى.

يەنە بىر قېتىم ئۇرۇپ باقتى، تېلېفوندىن قارشى تەرەپ لېنىيەسىنىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئارقىدىنلا ئىليارنىڭ سۈرلۈك ئاۋازى ئىشىك سىرتىدىن ياڭراپ:

- ئۇنىڭغا نېمە دېدىڭىز؟ - دېدى .

- ھېچنېمە دېمىدىم، لېكىن پەرىزىمچە، دىلارە شۇنداق ئەقىللىك تۇرسا، گەرچە ھېچنېمە دېمىگەن بولساممۇ، بىلىپ بولدى.  كەچۈر ئوغلۇم، بىز سىلەرگە دەخلى قىلمايلى، ئەتە كۆرۈشەيلى.  - گۈلباھار گېپىنى تۈگىتىپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى، ئىليارغا گەپ قىلغۇدەك پۇرسەت بەرمىدى.

ئىليارنىڭ قۇشۇمىسى تۈرۈلۈپ، ھىم ئېتىلگەن ئىشىككە قاراپ،  قولىنى كۆتۈرۈپ ئىشىكنى چېكىپ:

- دىلارە، ئىشىكنى ئېچىڭ. - دېدى. 

دىلارە بۇ ۋاقىتتا  قىزىق نۇقتا خەۋىرىنى چېكىپ كىرىپلا، بېرىلگەن باشقىچە ئىنكاسلارنى كۆرۈپ قالدى.

 تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىليارنى ئاقپىشماق، ئاياللارغا تايىنىپ ئۈستۈن ئورۇندا ياماشتى، ئاياللارغا خۇشامەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن، باشقىلارغا چاپلىشىۋېلىپ،  ئىچ كۈيئوغۇل بولدى دېگەندەك گەپلەر ئىدى.

يەنە تېخىمۇ قاملاشمىغان  باشقا گەپلەرمۇ بار ئىدى، دىلارە ئاستا-ئاستا كۆرۈپ چىقتى، تېلېفوننى تۇتقان قوللىرى ئاقىرىپ ھەتتا روشەن تىترەپ كەتتى.


بۇ ئادەملەر نېمانچە زەھەرخەندە،  بىر ئادەمنى مۇشۇنداقمۇ ھاقارەتلەمدۇ؟

ئۇلار نېمىگە ئاساسەن ئىليارنى بۇنداق دەيدۇ؟

ئۇنىڭدەك ئېسىلزادە، سالاپەتلىك ئەر ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا كۆيۈنسە، ئاسرىسا، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، ئاياللارغا ياخشىچاق بولغان، ئاياللارغا تايىنىپ يۇقىرى ئورۇنغا چىققان بولۇپ قالامدۇ؟...

ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىززەت-ھۆرمىتى ئۇلار تەرىپىدىن تۆھمەتكە ئۇچراپ ھېچنېمىسى قالماپتىغۇ...

- دىلارە! - ئىليارنىڭ ئاۋازىنىڭ سىرتتا قانچىنچى قېتىم ئاڭلانغانلىقىنى بىلگىلى بولمىدى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئاۋازى ئاخىرلىشىغا، ئۆينىڭ ئىشىكى تۇيۇقسىز ئېچىلدى.

دىلارە ئىشىك ئالدىدا ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى، گەرچە  كۈچىنىڭ بارىچە قەيسەر قىياپەتكە كىرىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن قىپقىزىل كۆزلىرى ھەممىنى ئاشكارىلاپ قويدى.

ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ، ئىليار ئۇھ تارتىپ قويۇپ، ئالدىغا بېرىپ باغرىغا بېسىپ:

- سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىز، دەل مېنىڭ سىزدىن يوشۇرۇشتىكى سەۋەبىم، - دېدى.

دىلارە ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى،  ئۇنىڭدىن ئاغرىنىدىغان پۇرسىتىمۇ بولمىدى.

- مەن ئىشنىڭ بۇنداق بولۇپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.  - دېدى.

- مەن ئەسلىدىمۇ بۇ ئىشقا پىسەنت قىلمايمەن، - دېدى ئىليار.

دىلارە بېشىنى ئۇنىڭ قوينىغا كۆمۈپ قايتا - قايتا چايقىدى.

ئىليار ئۇنىڭ بېشىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ:

-  سىز شۇنچە كۆڭۈل بۆلگەنسىز، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى توغرا دەپ قارامسىز؟  - دەپ سورىدى.

- قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ - دېدى دىلارە. 

- بۇ ئەسلىدىنلا ئەمەلىيەت ئەمەس. كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ.  - دېدى ئىليار.

دىلارە سۈكۈتكە چۆكتى، گەرچە شۇنداق دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىليارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، قاتتىق غەزەپلەندى.

   كىشىلەرنىڭ پىتنە - پاساتلىرى مەڭگۈ كەيپىياتىمغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ دەپ ئويلايتتى، بىراق بۇ ئىشقا كەلگەندە غەزەپلەنمەي تۇرالمىدى .

 

 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章