مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز96-قىسىم - كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقامدىم؟

文摘   小说   2024-09-07 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  18  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291






 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

96-قىسىم

  


 

96-قىسىم 

  خوتۇنۇمنى سۆيۈپ، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقامدىم؟


زىلالە بۇرۇلۇپ، زالغا كىرىۋاتقان  جەسۇرنى كۆرۈپ،  ئالدىراش ئۇنىڭ ئالدىغا ماڭغاچ:

 - سىز نېمىگە كىردىڭىز؟  -  دەپ سورىدى.

 -  سىزچىچۇ؟  ئېزىتقۇ! - دېدى جەسۇر قولىدىكى ناشتىلىق قاچىلانغان قەغەز خالتىنى  سۇنۇپ،  ـ يېيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بىردەمدىن كېيىن تېلېفون قىلىپ تەكشۈرىمەن، ناشتا قىلىشنى يەنە ئۇنتۇپ قالسىڭىز، ئەدىبىڭىزنى  بېرىمەن!  -  دېدى.

زىلالە ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ، ئاۋازىنى پەسلىتىپ:

 - ھەممەيلەن بار، بوشراق گەپ قىلىڭ!  -  دەپ  ئەسكەرتتى.

جەسۇر بېشىنى كۆتۈرۈپ، لىفىت بار يۆنىلىشكە قاراپ قويدى.

كىشىلەر توپى ئارىسىدا تۇرغان زىبارە دەرھال ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلىتىپ:

- جەسۇر ئاكا، ئەتتىگەنلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن!  - دېدى.

جەسۇر زىبارەغا پىسەنت قىلماي:

  - ئۇ نېمىشقا بۇ يەردە تۇرىدۇ؟  - دەپ سورىدى.

- ھە، ئۇ ھازىر بىزنىڭ مۇزىكا ئەترىتىمىزدە خىزمەت قىلىدۇ. - دېدى زىلالە چۈشەندۈرۈپ.

جەسۇرنىڭ كۆزلىرىدىن باشقىچە نۇر چاقنىدى،  قولىنى سوزۇپ زىلالەنى قۇچاقلاپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ  لېۋىگە سۆيۈپ قويدى.

 - ۋاھ، ھو!  - 

 بىر نەچچە ياش قىزلار  چۇقان - سۈرەن سېلىشتى.

زىلالەنىڭ يۈزى قىزىرىپ، جەسۇرنى ئىتتىرىپ:

 - شۇنچە كۆپ ئادەم تۇرسا، نېمە قىلىۋاتىسىز؟  -  دېدى.

 -   خوتۇنۇمنى سۆيسەممۇ، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقامدىم؟ - دېدى جەسۇر قولىنى كۆتۈرۈپ چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قويۇپ، ـ بولىدۇ، ئەمىسە مەن ئىشقا باراي، كەچتە سىزنى ئالغىلى كېلىمەن.  -  دېدى.

لىفىت تەرەپتىن ئۆزلىرىگە قاراپ تۇرغان كىشىلەرگە قول پۇلاڭلىتىپ، بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.

زىلالە قەغەز خالتىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ كەينىدىن لېفىتقا چىقتى، بىر نەچچە ياش قىزچاق دەرھال كۈلۈشۈپ :

 -  ۋاھ، زىلالە ھەدە، سىلەر  بىر - بىرىڭلارغا  شۇنچىلىك ئامراق ئىكەنسىلەر-ھە؟    

 - شۇنداق، ئەگەر مېنىڭمۇ جەسۇر دىرېكتوردەك يىگىتىم بولسا،  ئون كىلو سەمرىپ كەتسەم مەيلى دەيتتىم.

 -  بەك ئاچكۆز ئىكەنسىز، ئەگەر مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم جەسۇر دىرېكتورنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كەلسىمۇ مەيلىتى.

كۆپچىلىك قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى، لىفىتنىڭ بۇلۇڭىدا تۇرغان زىبارەنىڭ ئىسكىرىپكا  تۇتقان قولى ئاستا-ئاستا چىڭىدى.

 - توغرا! - دېدى ئايگۈل يانغا بۇرۇلۇپ،  - زىبارە، سىزمۇ جەسۇر دىرېكتورنى تونۇمسىز؟  -  دەپ سورىدى.

- ھە، ئۇ ئاكام بىلەن يېقىن دوستلاردىن، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى.  - دېدى زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ.

 - ئۇنداق ئەمەستۇ، سىز جەسۇر دىرېكتور بىلەن تونۇشقىلى شۇنچە ئۇزۇن بولغان تۇرۇقلۇق، كۆڭلىڭىز چۈشۈپ قالمىدىمۇ؟ - دېدى  يەنە بىر مۇزىكانت تەسىرلەنگەن ھالدا،  - ئەگەر يېنىمدا مۇشۇنداق قالتىس ئەر بولسا،  باشقا ئاياللارغا پۇرسەت بەرمەيتتىم -  دېدى.   

- جەسۇر دىرېكتور ياخشى كۆرسە بولىدۇ! - دېدى ئايگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ.

زىبارەنىڭ يېنىدا تۇرغان ئايال مۇزىكانت بېشىنى لىڭشىتىپ:

  - ئۇغۇ شۇ، ھېسسىيات ئىشىدا ئىلگىرى-كېيىنلىك پەرقى بولمايدۇ.   

 -  ھە راست، زىلالە ھەدە! - دېدى يەنە بىر قىز قىزىقىپ،  - جەسۇر دىرېكتۇر بىلەن قانداق تونۇشقانتىڭىز؟ شۇنچە ياش تۇرۇپلا توي قىپسىلەر،  كىچىكىڭلاردىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلاردىنمۇ؟  -  دەپ سورىدى.

- شۇنداق، ئاچا، دەپ بېرىڭە!  

بىر نەچچە قىز بالىنىڭ ھەممىسى قىزىقىپ قالدى.

 - بۇمۇ؟... مەخپىي!  -  دېدى زىلالە بۇ تېمىدا پاراڭلاشقۇسى كەلمەي، چاقچاق قىلىپ بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا ئۆتكۈزۋەتمەكچى بولۇپ:

 - توغرا، كۆپچىلىك مۇزىكىنى پىششىق ئۆگىنىپ بولغانسىلەر، بۇ قېتىم بىز كىنونىڭ مۇزىكىسىنى چالىمىز، ئۈنگە ئېلىشتا سائەت بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ، بىز ئامال بار بىر قېتىمدىلا  ئۆتكۈزۋېتەيلى  -  دېدى .

 - خاتىرجەم بولۇڭ!    

 - شۇنداق، بىز مۇددەتتىن بۇرۇن مەشىق قىلىپ بولغان.  - دېيىشىتى قىزلار.

 دەل  مۇشۇ ۋاقتىدا، لىفىت مەنزىل قەۋەتكە يېتىپ كەلدى.

 - ئۇنداق بولسا ياخشى. - دېدى زىلالە باشلامچىلىق بىلەن لىفىتتىن چىقىپ، -  ئۇنداقتا  بېرىپ ئۈنگە ئالايلى.  - دېدى.

بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ خىزمىتى تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا مۇزىكا چېلىپ بېرىش ئىدى، قارشى تەرەپ زىلالەغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، ئايرىم ئورۇنلارنى ئۇنىڭ چېلىپ بېرىشىنى  تەلەپ قىلدى.

زىلالە تېخى تاماق يېمىگەچكە، ئايگۈل تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارنىڭ چالىدىغان قىسمىنى ئۈنگە ئېلىپ تۇرۇش تەۋسىيەسىنى بەردى.

ئۇ بىر نەچچە مۇزىكانتنى ئېلىپ ئۈن ئېلىش زالىغا كىردى، زىلالە كارىدوردىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدى.

 ئالدىدىكى بىر بۆلەك مۇزىكا زىبارەغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، شۇڭا ئۇمۇ زىلالەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ساقلىدى.

زىبارە زىلالەنىڭ ئىسسىق ساقلاش ئىستاكانىدىكى شاكىلاتلىق سۈتىنى كۆرۈپ، بۇرۇنىنى تارتىپ:

 -  بۇنى جەسۇر ئاكام تەييارلاپ بەرگەندۇ، پۇراپلا بىلىپ قالدىم، ئىلگىرى  دائىم ماڭا قىلىپ بېرەتتى ، - دېدى.

گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە زىبارە تۇيۇقسىز توختاپ ، خۇددى خاتا گەپ قىلىپ قويغاندەك زىلالەغا قاراپ قويۇپ، - كەچۈرۈڭ، زىلالە،  قەستەن قىلمىدىم،  كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ!  - دېدى.  

 -  بىلىمەن. - دېدى زىلالە بىر يۇتۇم ئىسسىق شاكىلاتلىق سۈتنى ئىچىپ، ـ جەسۇر ماڭا  ئىلگىرى ئىشلىرىڭلارنى دەپ بەرگەن، - دېدى .

 - كۆڭلىڭىزگە ئالمامسىز؟  -  دېدى زىبارە.

 - بۇنىڭ كۆڭلۈمگە ئالغۇدەك نېمىسى بار، - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ، - بىز توي قىلىپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ دوست تۇتۇش ھوقۇقى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توي قىلىشتىن بۇرۇنقى ئىشلار، تېخىمۇ مۇھىمى، ئاكىڭىز بىلەن جەسۇر يەنىلا ياخشى دوست -  دېدى. 

زىلالە ئۇنداق قاتمال ئادەم ئەمەس.

جەسۇرغا ئوخشاش ئەرلەرنى  قوغلىشىدىغان ئادەمنىڭ جىقلىقىدىن ساناپ بولالماسلىقى مۇمكىن.

ئەگەر  بىرەر قېتىممۇ مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان بولسا، بەلكىم غەلىتە ھېس قىلىدۇ.

بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈش،  ھازىر ئۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسىلا، جەسۇرنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى كۆڭلىگە ئالمايدۇ.

كىمنىڭ ئۆتمۈشى يوق!؟

ئىلگىرى ئۇمۇ قەيسەر بىلەن ئارىلىشىپ باققانغۇ!؟

زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ:

  - ئۇنداق بولسا ياخشى، مەن تېخى  سىز  خاتا چۈشىنىپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ كېتىپتىمەن!  -  دېدى.

 زۆھرەنىڭ  ئەسكەرتىپ قىلغان گېپىنى يادىغا ئالغان زىلالە ئاغزىدىكى شاكىلاتلىق سۈتنى يۇتۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ زىبارەغا قاراپ:

 - زىبارە، سىز راستتىنلا جەسۇرنى ياخشى كۆرمەيدىغانسىز، مەن بىلەن ئېرىمنى تالاشمايدىغانسىز؟  -  دېدى سۇس كۈلۈمسىرەپ.

 زىبارە كۆزلىرىنى ساڭگىلىتىپ، يوشۇرۇنچە كۈلۈپ قويۇپ:

-  بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن!  -  دېدى.

 - ئۇنداق بولسا ياخشى.  -  دېدى زىلالەمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،  -  جىددىيلەشمەڭ،  چاقچاق قىلىپ قويدۇم.  -  دېدى.

 - زىلالە ! -  يىراق بولمىغان ئۈن ئېلىش زالىدىن چىققان ئايگۈل ، - بىرىنچى كىچىك بۆلەكنى ئۈنگە ئېلىپ بولدۇق،  كېلىپ ئاڭلاپ باقامسىز؟  - دېدى.

 - بولىدۇ، ھازىر كىرەي!  -  دېدى زىلالە ئورنىدىن تۇرۇپ.

زىبارە كارىدوردا ئولتۇرۇپ، ھاۋادىكى قويۇق شاكىلاتلىق سۈتنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ، ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ كۈچەپ سىقتى.

 تىرنىقىنىڭ يۇمران گۆشىگە پېتىپ قانىتىۋەتكەنلىكىنىمۇ سەزمىدى.

زىلالە ئۈن ئېلىش زالىغا كىرىپ، تىڭشىغۇچنى ئېلىپ،  ئېلىنغان ئىسكىرىپكا تەڭكەش مۇزىكىسىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ:

 - يامان ئەمەس، داۋاملاشتۇرايلى!  -  دېدى.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوركېستىردىكى پىشقان مۇزىكانتلار بولۇپ، مول ئورۇنلاش تەجرىبىسىگە ئىگە، مۇزىكىنىڭ بىر قىسمى ناھايىتى تېزلا ئورۇنلىنىپ بولدى.

ئايگۈل زىبارەنى چاقىرىپ،  زىلالە بىلەن ئىككىسىنىڭ  چالىدىغان  قىسمىغا كەلگەننى ئېيتتى.

ئىككىيلەن بىرلىكتە ئۈن ئېلىش زالىغا كىرىپ، چالغۇلارنى تەييارلىدى.

زىبارەنىڭ بارمىقىدىكى قىزىل ئىزلارنى كۆرۈپ، زىلالە كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا:

 - زىبارە، قولىڭىزغا نېمە بولدى؟  -  دەپ سورىدى.

بارمىقىغا قاراپ،  ئالاقزادىلىك ئىچىدە :

 -   ھېچ ئىش بولمىدى!  -  دېدى زىبارە.

-  قانداقسىگە ھېچ ئىش بولمايدۇ، قاناپ كېتىپتۇ!  -   دېدى زىلالە ئىسكىرۇپكىنى قويۇپ.

 زىبارەنىڭ قىزىلغا بويالغان بارماقلىرىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى-دە، ئالدىراپ سىرتقا ئېلىپ چىقىپ:

 -  زىبارەنىڭ قولى يارىلىنىپتۇ، ئايگۈل، سىز ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ،  يارىسىنى بىر تەرەپ قىلىڭ.  -  دېدى.

ئىسكىرىپكىچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، قولنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆپ سۆزلەشنىڭ  ھاجىتى يوق.

زىبارە ئۆمەكنىڭ مۇزىكانتى، يەنە كېلىپ ئەكبەرنىڭ سىڭلىسى.

ئومۇم ئۈچۈن، شەخس ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ.

زىبارە ئالدىراپ - تېنەپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ:

  -  ھاجىتى يوق، ماڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ!  -  دېدى.

- ماقۇل، زىلالە، بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇرۇڭ!  -  دېدى ئايگۈل زىبارەنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ،  - يۈرۈڭ، بىز بىللە دوختۇرخانىغا بارايلى.  -  دېدى.

- زىلالە، مەن راستتىنلا  -   دېدى زىبارە يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولغاندا زىلالە ئۇنىڭ ئىسكىرىپكىسىنى ئېلىپ ئايگۈلنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ:

- چۈشتىن كېيىن ئۆمەكتىمۇ باشقا خىزمەت يوق، يارىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قايتىپ ئارام ئالسىڭىز بولىدۇ.  -  دېدى.

باشقا بىر نەچچە مۇزىكانتمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ نەسىھەت قىلدى، زىبارە ئامالسىز ئايگۈل بىلەن بىللە ماڭدى.

زىلالە قولىدىكى يۇقۇپ قالغان قىزىللىققا قاراپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ قويدى.

ئېسىدە قېلىشىچە، كۆپچىلىك لىفىتتىن بىللە چىققاندا، زىبارەنىڭ يارىلانغانلىقىنى بايقىمىغان، بىردەمنىڭ ئىچىدە نېمىشقا بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى پەقەتلا چۈشەنمىدى.

- زىلالە خانقىز، داۋاملاشتۇرساق بولامدۇ؟ - دېدى ئۈنگە ئېلىش  ئۇستىسى.

 - بولىدۇ، چاتاق يوق!  -  زىلالە بارمىقىنى سۈرتۈپ، ئۈن ئېلىش زالىغا قايتا كىردى.

بىر كۈن ئالدىراش ئىشلەپ، چۈشتىن كېيىن بىر نەچچە ئادەم ئاخىرى بارلىق ئۈنگە ئېلىشنى تاماملىدى.

بىر نەچچە مۇزىكانت بىلەن ئۈن ئېلىش زالىدىن چىققان زىلالە كۆپچىلىك بىلەن خوشلىشىپ، ئەمدىلا يول بويىغا كېلىشىگە ئەكبەر تېلېفون قىلىپ ئاكىسى ئۆمەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتىپ،  دېلو تەپسىلاتى توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن  پاراڭلاشقۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى.

زىلالە ۋاقىتقا قارىدى، سائەت ئەمدىلا تۆتتىن ئاشقان بولۇپ، كەچلىك تاماققا تېخى بالدۇر ئىدى.

- ماقۇل، ئەمىسە مەن  ئادۋوكاتلىق ئورنىغا بېرىپ سىزنى ئىزدەي.  -  دېدى زىلالە.

ئەكبەرنىڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىغا تاكسى توسۇپلا كەلگەن زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ  ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ:

- ئەكبەر ئاكا،  مەن بىلەن نېمە توغرۇلۇق پاراڭلاشماقچىسىز؟  - دېدى.

ئەكبەر ئۇنى كىرېسلوغا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزى ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا كەسكىن قىياپەتتە ئولتۇرۇپ:

 - زىلالە، ماڭا راست گەپ قىلىڭ، جەسۇر ئىككىڭلارنىڭ تويى زادى قانداق ئىش؟ - دەپ سورىدى.


 


..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章