مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز94-قىسىم - ياخشى كۆرەمسىز؟

文摘   小说   2024-09-06 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  16  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786


939291






 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

94-قىسىم

  


 


94-قىسىم 

مېنى راستتىنلا ياخشى كۆرەمسىز؟


زىلالە دورا ساندۇقىنى كۆتۈرگەن پېتى كەينىگە بۇرۇلۇپ، چۈشەنمىگەندەك ئېغىز ئېچىپ:

  -  سىز ... ئۇ كۈنى مال تەمىنلىگۈچىنى ئىزدەپ باردىڭىز؟   - دەپ سورىدى. 

جەسۇر  ئۇنىڭ ئالدىدا كېلىپ توختاپ:

  -  ئۇ يەر سەھراكەن، قارشى تەرەپ بىزنىڭ ئۇنى ئىزدەۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلاپ،  ساقچى ئوخشايدۇ دېدىمۇ، قورققىنىدىن دەرىزىدىن سەكرەپ قاچتى، مەنمۇ دەرھال كەينىدىن سەكرىدىم،  ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ كەينىدە  پاكار دۆڭ بار ئىكەن،  يىقىلىپ چۈشۈپ بىلىكىم دەرەخ شېخىغا ئۇرۇلۇپ كەتتى.   -  دېدى ئۆزىنى ئەيىبلەپ پەسكە قاراپ،   - كەچۈرۈڭ، زىلالە، ھەممىسى مېنىڭ  ئالدىراقسانلىقىمدىن بولدى، ئەگەر  ئەنۋەرنى كۆپرەك ئادەم باشلاپ كېلىڭ دېگەن بولسام،  قېچىپ كېتەلمەيتتى، - دېدى.

زىلالەنىڭ نەزىرى بىلىكىدىكى داكىنى سىيپاپ ئۆتۈپ،  يۈزىگە چۈشتى.

دېمەك،  ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالدىمۇ؟

- بىراق،  خوتۇن  ئالدىرماڭ!   -  دېدى جەسۇر زىلالەنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تەسەللىي بېرىپ،    - نەچچە كۈندىن بۇيان  بۇ ئىشنى تەكشۈرۈۋاتىمەن، مال تەمىنلىگۈچىنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلىدىم. ئۇنىڭ بىر ئوغلى شەھەردە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن، ئايالى بالىسىغا قاراش ئۈچۈن شەھەردە تۇرىدىكەن. مەن ئەنۋەرگە كېلەر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە يەنە بىر نەچچە ئادەمنى مەكتەپنىڭ ئالدىدا ساقلاشنى ئېيتتىم، بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ ئايالىنى تاپقىلى بولىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە،  پىلەكنى بويلاپ ، مال تەمىنلىگۈچىنىمۇ تاپالايمىز.   -  دېدى.

 زىلالەنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئىختىيارسىز تېزلىشىپ:

- شۇڭا...  نەچچە كۈندىن بۇيان،  مېنى ئىزدەپ كەلمىگەنلىكىڭىز مۇشۇ ئىش ئۈچۈنمۇ؟   -  دەپ سورىدى.

  -  سىزنىڭ مەندىن ئەنسىرىشىڭىزنى، مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىشىڭىزغا تەسىر يېتىپ قېلىشىنى خالىمىدىم ، - دېدى جەسۇر قولىنى كۆتۈرۈپ،  چاچلىرىنى سىيلاپ، كۆزىنى چىمچىقلىتىپ،  - بىراق، ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەن ئىش يوق، - دېدى. 

زىلالە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىپ:

- كەلدىڭىزمۇ؟   -  دەپ سورىدى.

  - ئەلۋەتتە، بولمىسا ... - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىنى چىمدىپ تۇرۇپ،   -  مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان مۇزىكىڭىزنى قانداق بىلىمەن؟ـ  دېدى. 

 زىلالە گاڭگىراپ قېلىپ:

- لېكىن...  نېمىشقا سىزنى كۆرۈپ باقمىدىم؟   -  دېدى.

  -   ساز چېلىشنى شۇنچە ياخشى مەشىق قىلغىنىڭىزنى كۆرۈپ،  ئاۋارە قىلمىدىم. - دېدى جەسۇر كۆزىنى يېرىم قىسىپ قويۇپ،  -  ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەندىن كېيىنكى ھېلىقى <دېڭىز ساداسى> دېگەن مۇزىكىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم، راست... بەك گۈزەل، تەسىرلىك چىقىپتۇ!   -  دېدى.

ئۇنىڭ مۇسابىقە مۇزىكىسىنى بىلىدىغانلىقى، يەنە ئۇنىڭ مۇزىكىنىڭ ئاۋاز ئورنىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن.

ئەسلىدە، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان،  ئىزچىل ئۈن-تىنسىز ھەمراھ بولۇپ كەپتۇ.

 ئېنىقلا  ئاكىسىغا گۇۋاھچى تېپىپ بېرىش ئۈچۈن يارىلىنىپتۇ، لېكىن ... ئۇ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈردى؟!

زىلالە ھەم ئۆزىنى ئەيىبلىدى، ھەم گۇمانلىنىپ:

  - جەسۇر،  نېمىشقا ماڭا بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز؟   -   دەپ سورىدى.

 كالۋا قىز!

ئۇ شۇنچە چۈشىنىشلىك، بىۋاستە ئىپادىلىسىمۇ،  تېخىچە پەرەز قىلالمىدىمۇ؟

  -  نېمە ئۈچۈنلىكىنى سىز دەپ بېقىڭە؟ - دېدى جەسۇر ھەم كۈلكىلىك، ھەم ئامالسىز قىلىپ،   - ئەلۋەتتە، ئايالىمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ، ماڭا كۆپرەك كۆيىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ بولمامدۇ!   -  دېدى.

  زىلالە لېۋىنى چىشلەپ:

- ئەمما...  بىز ھەقىقىي ئەر-خوتۇن ئەمەس.   -  دېدى.

  - ھەقىقىي ئەر-خوتۇن دېگەن نېمە؟   -  دېدى جەسۇر سول قولىنى كۆتۈرۈپ، بارمىقىنى ساناپ:

  - باشقا ئەر-خوتۇنلارنىڭ تويلىشىش خېتى بار، بىزدىمۇ بار!   - دېدى  يەنە بىر بارمىقىنى ئىگىپ،  - باشقا ئەر-خوتۇنلار بىر ياستۇققا باش قويىدۇ، بىزمۇ ئوخشاش! مەيلى قانۇندا بولسۇن، ياكى ئەمەلىيەتتە بولسۇن، بىزدە بولۇشقا تېگىشلىك ھەممە نەرسە بار، ئۇنىڭدىن باشقا ... توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمىدۇق، بىزنىڭ باشقا ئەر-خوتۇنلار بىلەن پەرقىمىز بارمۇ؟   -  دەپ سورىدى.

  -  دېمەكچى بولغىنىم   -  دېدى زىلالە پەسكە قاراپ، بىردەم ئىككىلەنگەندىن كېيىن، ئاخىر غەيرەتكە كېلىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ:

  -    مېنى راستتىنلا ياخشى كۆرەمسىز؟   -  دەپ سورىدى.

 لېۋىنى چىشلەپ، دورا ساندۇقىنى كۆتۈرگەن قولى ئىختىيارسىز چىڭىدى.

بۇ مەسىلە  ئۇنىڭ قەلبىنى بىئارام قىلغىلى بەك ئۇزۇن بولدى.

 ئەمدى ئىچىگە سېلىپ يۈرۈشنى خالىمىدى، جەسۇرنىڭ ئېنىق جاۋابىنى بىلگۈسى كەلدى.

جەسۇر ئۇنىڭ جىددىيلىشىشىۋاتقانلىقىنى  يەنە كۆزلىرىنىڭ جىمىرلاپ تۇرغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ،  تۇيۇقسىز  ئىچى ئاغرىدى.

من ە  ئۇنى قورقۇتۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، كۆڭلىدىكى خىياللارنى بېسىپ،  ئاز-ئازدىن يېقىنلاشماقچى بولغانىدى.

ئەمما  ئۆزىنىڭ ئېھتىياتچانلىقىنىڭ ئەكسىچە گۇمانلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

  - خوتۇن، بىلىمەن، بىز ھەقىقەتەن باشقا ئەر-خوتۇنلارغا ئوخشىمايمىز، لېكىن مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىم باشقا ئەرلەرنىڭ ئۆز ئايالىغا بولغان مۇھەببىتىمدىن قېلىشمايدۇ! ئەمدى گېپىمنى ئېنىق ئاڭلاڭ... - دېدى ۋە سول قولىنى كۆتۈرۈپ، زىلالەنىڭ يۈزىنى يېنىك سىلاپ:

- زىلالە، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن!   - دېدى.  تەلەپپۇزىدا كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان تەنتەنە ۋە كەسكىنلىك بار ئىدى. 

مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن!

بۇ تۆت خەت خۇددى گۈلدۈرمامىدەك زىلالەنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلىدى.

ئاشۇ بارلىق پەرەز، گۇمان، ئېنىقسىزلىق...

ئاخىرى ھەقىقىي جاۋابقا ئېرىشتى.

زىلالە يەنىلا ھاڭۋېقىپ،  چۈشەنمەي:

  -   نېمىشقا مېنى ياخشى كۆرىسىز؟   -  دەپ سورىدى.

  - بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن يەنە سەۋەب كېرەكمۇ؟ - دېدى جەسۇر قايتۇرۇپ سوراپ.

زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ:

  -  بىلمەيمەن.   -  دېدى.

ئۇ چەكلىك ھاياتىدا پەقەت قەيسەر بىلەن مۇھەببەتلەشكەن.

دەسلەپتە قەيسەر  ئىزچىل قوغلاشقانلىقى ئۈچۈن ياكى پىسخىكا دوختۇرىنىڭ ئۇنىڭغا ئوغۇللار بىلەن ئۇچرىشىپ بېقىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا ماقۇل بولغانلىقىنى ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ.

ھازىر ئويلاپ باقسا، بەزى ئىشلارنى جەزىملەشتۈرەلمەيدۇ.

ئۇنىڭ قەيسەر بىلەن بىللە بولۇشى، راستىنلا مۇھەببەت ئۈچۈنمۇ ياكى  ئاشۇ خىل مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئارزۇ قىلىپ قالدىمۇ؟

 جەسۇر ئۇنىڭ ئېڭىكىنى يېنىك كۆتۈرۈپ، كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ:

- خوتۇن ماڭا پۇرسەت بەرسىڭىز، مۇھەببەتلەشسەك بولامدۇ؟   -  دېدى.

ئوخشاش سوئالنى ئەگەر باشقا ھەرقانداق  ئەر كىشى سورىسا، زىلالە رەت قىلىدۇ.

قەيسەر بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن كۈندىن باشلاپ، زىلالەنىڭ قايتا مۇھەببەتلىشىش ئويى يوق ئىدى.

بىراق، جەسۇر باشقا ئەر كىشى ئەمەس ...

ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئادەتتىكى  ئەر-ئاياللاردىن ئېشىپ كەتتى.

جەسۇر ئۇنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالدى،  ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىم مەڭگۈ ئۇنتۇلماس قەلب ئاتا قىلدى...

 ئۇنىڭغا بەك كۆپ ئادەمگەرچىلىك قەرز، ئۇنىڭ ئۈستىگە...

گەرچە ئاغزىدا ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسىمۇ،  ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى.

ئۇنىڭ ئۈچۈن،  قائىدىنى يەنە بىر قېتىم بۇزۇشنى خالايدۇ.

ھەرقانچە زىيان تارتقۇدەك بولسىمۇ، بەك بولسا يەنە بىر قېتىم يارىلىنىدۇ خالاس.

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ، زىلالە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ:

  - بولىدۇ، - دېدى.

جەسۇر كۈلۈپ قويۇپ، قولىدىكى دورا ساندۇقى بىلەن بىللە كۆتۈرۈپ، كارىدورنى ئىككى قېتىم ئايلىنىپ چىقتى.

 زىلالە ئالدىراپ  ئەسكەرتىپ:

   - يارىڭىزدىن ئېھتىيات قىلىڭ، مېنى قويۇۋېتىڭ!ـ دېدى . 

جەسۇر چىرايلىق كۈلۈمسىرەپ:

- ئۇنداقتا ...گېپىڭىزدىن يېنىۋالسىڭىز بولمايدۇ!   -  دېدى.

  - بىراق، مېنىڭ بىر شەرتىم بار. - دېدى زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ، - ئەگەر، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنى ياخشى كۆرمەي قالسىڭىز، ياكى باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز،  بىۋاستە دېسىڭىز بولىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە  تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئايرىلىپ كېتىمەن، ھەرگىز چاپلىشىۋالمايمەن. ئەمما مېنى ئالدىماڭ!   - دېدى.

قەيسەرنىڭ قىلغانلىرىدىن ئىبرەت ئالغاچقا، بۇ قېتىم  سەت گەپنى ئالدىدا دەپ قويماقچى بولدى.

ئۇنىڭ قەيسەر تەرىپىدىن بىر قېتىم ئازار يېگەنلىكىنى بىلىدىغان جەسۇر ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ، يۈرىكى بىر ئاز ئاغرىدى.

- ماقۇل،  سىزگە ۋەدە بېرەي. بىراق، سىزمۇ مېنىڭ بىر شەرتىمگە ماقۇل بولىسىز، - دېدى. 

  - قانداق شەرت ؟   -  دېدى زىلالە.

جەسۇر ئېڭىشىپ  قۇلاق تۈۋىگە كېلىپ:

  - بۈگۈن كەچ، ياتىقىڭىزغا كىرىپ ئۇخلىسام بولامدۇ؟ يارا ئېغىزىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشىدىن، كەچتە قىزىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن.   - دېدى.

  - يەنىلا بولدى قىلىڭ ، - دېدى زىلالە  ئۇنى ئىتتىرىۋېتىپ،  - بايا مېنىڭ كارىۋىتىم بەك كىچىك دېدىڭىزغۇ؟   -  دېدى.

جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ قولىدىكى دورا ساندۇقىنى ئېلىپ: 

 - ھېچقىسى يوق، قىشتا قىستىلىپ ئۇخلىساق ئىسسىق ياتىمىز، - دېدى.  

زىلالە ئۇنىڭغا  ئالايماقچى بولدى، جەسۇر بېشىنى تۆۋەن سېلىپ سۆيۈۋالدى.




..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章