مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز81-قىسىم - لەۋ سۇرۇخ ئىزى

文摘   小说   2024-08-28 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  2  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776






 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

81-قىسىم

  


 


81-قىسىم 

لەۋ سۇرۇخ ئىزى (1)


 مۇسابىقە مەسئۇللىرى تاللانغان ماھىرلارنىڭ تىزىملىكىنى ناھايىتى تېزلا ئەنۋەرنىڭ پوچتا ساندۇقىغا ئەۋەتتى، نېمىلا دېگەن بىلەن جەسۇر دەل ئاشۇ  <پۇلنى پاخالدەك خەجلەيدىغان >  ياردەم بەرگۈچى .

ھۆججەتنى تاپشۇرۇۋالغان ئەنۋەر دەرھال رەتلەپ بېسىپ چىقىرىپ، ئۆزى قولى بىلەن جەسۇرنىڭ ئۈستىلىگە قويۇپ :

 - جەسۇر دىرېكتور، بۇ بارلىق ماھىرلارنىڭ تىزىملىكى.   بۇ قېتىم جەمئىي 600 دىن ئارتۇق ئادەم تىزىمغا ئالدۇردى، 19 ئادەم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، خانىم 99 نومۇر بىلەن بىرىنچى بولدى، ھەقىقەتەن قالتىسكەن! -  دەپ ئالايىتەن قوشۇپ قويدى.  

 - ئەلۋەتتە!  -  دېدى جەسۇر  قىلچە يوشۇرماستىن مەغرۇر تەلەپپۇزدا،  - 99 نومۇر قانچىلىك ئىشتى، نەچچە يىل ئىلگىرى  بىزنىڭ زىلالە تولۇق نومۇر ئالغان.  - دېدى.

بىزنىڭ زىلالە؟

ئەنۋەر يوشۇرۇنچە كۈلۈپ قويدى.

قارىڭە  كۆرەڭلەپ كەتكىنىڭىزنى!

جەسۇر ماتېرىيالنى ئەستايىدىل كۆرۈشكە باشلىدى، تىزىملىككە ئېرىشكەن نەتىجە تەرتىپى بويىچە يېزىلغان، بىرىنچى بولغىنى زىلالە، ئىككىنچى بولغىنى نىگارە.

نىگارەنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ قوشۇمىسى تۈرۈلدى.

قەيسەرنىڭ سايىسى ھەقىقەتەن نەگىلا بارسا ئۇچراپ ئادەمنى بىسەرەمجان قىلدى.

 - چۈشتىن كېيىن جىددىي خىزمەت يوق، سىزگە ئاشخانا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەيمۇ؟ - دېدى ئەنۋەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ بېرىپ، -  نېمىلا دېگەن بىلەن، خانىم بىرىنچى بولدى، ياخشى تەبرىكلەش كېرەك.  -  دېدى.

گەرچە تاللاش مۇسابىقىسى بولسىمۇ، لېكىن تىزىمغا ئالدۇرغان نەچچە يۈز ماھىرنىڭ ئىچىدە، ھەممىنى ئارقىدا قالدۇرۇشتەك نەتىجىگە ئېرىشىش، زىلالەنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

 -   ھاجىتى يوق.  -  دېدى جەسۇر بېشىنى كۆتۈرۈپ،  خانىمغا مېنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.  - دەپ ئەسكەرتىپ  قويدى.

ھازىرغىچە زىلالە ئۇنىڭغا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئىشنى ئېيتمىدى. ئەگەر ئالاھىدە تەبرىكلىسە، چېنىپ قالمامدۇ؟

ۋاقتى كەلگەندە زىلالە مۇسابىقە نەتىجىسىنى نەدىن بىلگەنلىكىنى سورىسا قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟

 - بىلدىم.  - دېدى ئەنۋەر بىر ئاز تەن بەرمەسلىك تەلەپپۇزىدا، -  جەسۇر دىرېكتور،  راستتىنلا چۈشەنمىدىم،  مۇسابىقىنى قوللاپ خانىمىڭىزغا بىلدۈرمىسىڭىز،  زادى نېمىنى كۆزلەۋاتىسىز؟  -  دەپ سورىدى.

ئىلگىرى 500 كۈچلۈك كارخانىنى سېتىۋېلىش تۈرىدىمۇ ئەنۋەر جەسۇرنىڭ بۇنداق باش قاتۇرغانلىقىنى كۆرمىگەنىدى.

ئەر كىشى پۇل خەجلەپ خوتۇنىنى خۇش قىلسا، بۇنى چۈشىنىدۇ.

بىراق، جەسۇرنىڭ بۇنداق قىلغىنى نېمىگە ھېساب؟

بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ قارشى تەرەپكە بىلدۈرمىسە،  خوجايىنىنىڭ قانداق ئويلىغانلىقىنى زادىلا كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىدى.

جەسۇر ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە يۆلىنىپ  ئۇنىڭ قاپقارا كۆزلىرىگە چوڭقۇر قاراپ:

 - خىزمەت ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز ئۇدۇللا دەڭ.  -  دېدى.

نېمە ...  ئېنىقلا ياخشى نىيەتتە سوراپ باقتى!؟

بۇنداق تېپىلغۇسىز يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئەنۋەر ئىشخانىدىن ياۋاشلىق بىلەن ئايرىلدى.

ئەنۋەرنىڭ قالغان گېپىنى  ئاڭلىماسقا چىقىرۋەتسە بولىدۇ، لېكىن بىر ئېغىز گېپى خاتا ئەمەس.

ئېرىشكەن نەتىجىنى تەبرىكلەش كېرەك!

جەسۇر قولىدىكى تىزىملىككە بىردەم قاراپ تۇرۇۋېتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، پەلتوسىنى ئېلىپ ئىشخانىدىن چىقتى.

ماشىنىنى ھەيدەپ تاللا بازىرىغا بېرىپ، ئازراق يېمەكلىك ماتېرىيالى سېتىۋالدى.

تاللا بازىرىدىن چىقىپ، ياندىكى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى دۇكىنىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىغا كۆزى چۈشۈپ قەدىمىنى توختاتتى.

ئېلاندا زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى دۇكىنىغا يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن زىننەت بۇيۇملىرى ئىچىدىكى  زەنجىر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى.

ئىنچىكە زەنجىرگە بىرنەچچە تال كۆك ياقۇت قويۇلغان.

جەسۇر ئېلاندىكى رەسىمگە  قاراپ، ئىختىيارسىز زىلالەنى ئويلىدى.

زىلالەنىڭ تېرىسى سۈزۈك ھەم ئاق، ئەگەر بۇنى  تاقىسا، چوقۇم مودېلدىنمۇ چىرايلىق بوپكېتىدۇ.

جەسۇر بۇرۇلۇپلا ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكىنىغا كىرىپ، ئېلان تاختىسىنى كۆرسىتىپ:

- ماڭا ئاشۇ پاسوندىكىسى لازىم.  -  دېدى.

 - ئۇ بىزنىڭ يېڭىدىن كىرگۈزگەن پۇت زەنجىرىمىز، بۇ يىلقى ئەڭ يېڭى پاسوندىكى زەنجىر،  كۆزىڭىز ھەقىقەتەن مال تونۇيدىكەن،  -   دېدى مال ساتقۇچى  پۇت زەنجىرىنى ئېلىپ پوكەيگە قويۇپ.

پۇت زەنجىرى؟

جەسۇر سەل ئاڭقىرالماي قالدى.

بىر قاراپلا بىلەيزۈك ئوخشايدۇ دەپ قاپتۇ، بىراق ... ئالدىنقى قېتىم زىلالەنىڭ ئىنچىكە پۇتىنى ئالىقىنىدا چىڭ تۇتقانلىقىنى ئويلاپ يېنىك كۈلۈمسىرەپ:

- مۇشۇ بولسۇن، ئوراپ بېرىڭ.  - دېدى.

پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ۋە كىچىك قەغەز خالتىلارنى ئېلىپ، ئولتۇراق رايونغا قايتتى.

كورپۇس ئىشىكى ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان زىبارە ئۇنى كۆرۈپ، دەرھال يۈگۈرۈپ ئالدىغا كېلىپ:

 - جەسۇر ئاكا!  -  دېدى.

جەسۇر سەل ھەيران بولۇپ:

  - مېنىڭ بۇ يەردە تۇرىدىغانلىقىمنى قانداق بىلدىڭىز؟  -  دەپ سورىدى.

 - ئەلۋەتتە ئاكام دەپ بەردى، -  دېدى زىبارە قولىنى سوزۇپ،  مال سېتىۋېلىش خالتىسىنى ئالماقچى بولۇپ، -  بىر قىسمىنى ماڭا بېرىڭ، كۆتۈرۈشۈپ بېرەي.  -  دېدى.

 -   ھاجىتى يوق. - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ قولىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ،  - بىرەر ئىش بارمىتى؟  -  دەپ سورىدى.

 - نېمە،  زىلالە ئىككىڭلارنىڭ كۆرگىلى كەلسەم، بولمامدۇ؟  - دېدى زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ ئوڭ قولىدا چاچلىرىنى قۇلىقىنى كەينىگە ئۆتكۈزۈپ، ـ ئاخشام بەك خىجىل بولدۇم، شۇڭا  ئالايىتەن شاكىلاتلىق تۈرمەل تەييارلاپ ، زىلالەدىن كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن كەلدىم.  - دېدى.

 - زىبارە. ـ  دېدى جەسۇر يېنىك يۆتىلىپ، ـ  بۇرۇنقى ئىشلارنى  خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، مېنىڭ نەزىرىمدە سىز ئىزچىل ئۆز سىڭلىمغا ئوخشاش.  -  دېدى.

 - بىلىمەن، سىز ھازىر توي قىلدىڭىز. - دېدى زىبارە بېشىنى كۆتۈرۈپ، بىچارىلەرچە  قاراپ،  - ئەجەبا بىز  ئادەتتىكى دوستمۇ بولالمامدۇق؟  -  دېدى.

كۆز ئالدىدىكى زىلالەغا ئوخشايدىغان چىرايغا قاراپ، جەسۇرنىڭ كۆڭلى  يۇمشاپ:

 -  پەقەت سىزلا خالىسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاكىڭىزغا ئوخشاش ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمەن.  - دېدى .

- جەسۇر ئاكا، رەھمەت سىزگە! - دېدى زىبارە ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ،  مۈرىسىدىن قۇچاقلاپ، ـ  سىزنىڭ مېنى تاشلىۋەتمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم!  - دېدى.  

ئانچە يىراق بولمىغان يولىدا، زىلالە ماشىنىنى ھەيدەپ قايتىپ كەلدى.

يىراقتىن  <قۇچاقلىشىپ> تۇرغان ئەر-ئايالنى كۆرۈپ،  پۇتى بىلەن تورمۇزنى دەسسىدى.

جەسۇر ماشىنا يولىغا كەينىنى قىلىپ تۇرغاچقا، زىلالەگە دىققەت قىلمىدى.

قولىدىكى نەرسە - كېرەكلەرنى كۆتۈرۈپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

 - زىبارە، بۇنداق قىلماڭ.  -  دېدى.

لېكىن زىبارە كەلگەن ماشىنىنى كۆرۈپ، قەستەن يۈزىنى كۆتۈرۈپ، لېۋىنى جەسۇرنىڭ ياقىسىغا سۈركەپ، ئاندىن قويۇۋەتتى.

دەل شۇ چاغدا كەينىدىن كەلگەن ماشىنىلار، يولنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىغا چىداپ تۇرالماي،  گۈدۈك باستى.

زىلالە ئېسىنى يىغىپ ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىپ، ئىككى ئادەمنىڭ يېنىدا توختىدى.

 زىلالەنىڭ ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى تونۇغان جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ:

 -  خوتۇن قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟  -  دېدى.

زىبارەمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىپ، زىلالەغا ياردەملىشىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىپ:

- زىلالە، ئاخشام بەك سەت بولدى، سەل مىجەزىم يوق، ئارام ئالىمەن دەپ، سىلەرنى ئۇزىتالمىدىم.  -  دېدى.

  زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقاپ:

- ھە... سىزگە ھېچ ئىش بولمىغان بولسا بولدى.  - دېدى.  

  زىبارە ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، شاكىلاتلىق تۈرمەل قاچىلانغان قاپنى سۇنۇپ:

 ـ بۇنى سىزگە سوۋغا قىلاي،  بايىلا پىشۇرغان، جەسۇر ئاكام ئىككىڭلار ئىسسىقىدا يەڭلار، بۇ مېنىڭ سىزدىن ئەپۇ سورىغىنىم.  - دېدى.  

 - رەھمەت! - دېدى زىلالە زىبارەنىڭ قولىدىكى قاپنى ئېلىپ، ـ  ھىم ... ئۈستىگە چىقىپ پاراڭلىشايلى،  -  دېدى.

زىبارە ياۋاش بالىغا ئوخشاش جەسۇرنىڭ چىرايىغا تەلمۈرۈپ:

 - سىلەرنى ئاۋارە قىلىپ قويماسمەن؟  -  دېدى.

 - نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز، - دېدى زىلالە سومكىسىدىن ئاچقۇچنى چىقىرىپ، -  ماڭايلى!  -  دېدى.

جەسۇر بىر نېمە دېيەلمەي، ئامالسىز ئىككى قىز بىلەن بىللە لىفىتقا چىقتى.

ئۈچەيلەن بىرلىكتە ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىققاندا، زىلالە ئىشىكنى ئېچىپ، زىبارەنى ئۆيگە باشلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىسسىق چاي قۇيۇپ:

 -   سىلەر  پاراڭلاشقاچ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ سەي - كۆكتاتلارنى يىغىشتۇرۋېتەي.  -  دېدى.

زىبارە ئېنىقلا جەسۇرنى دەپ كەلدى، زىلالە بۇ يەردە مىڭ ۋاتلىق لامپۇچكا بولۇشنى خالىمايدۇ.

تەشەببۇسكارلىق بىلەن  سەي كۆكتات قاچىلانغان خالتىنى كۆتۈرمەكچى بولدى.

 - بۇ ئېغىر، مەن ئالاي، بۇنى سىزنى كۆتۈرۈڭ.  -  دېدى جەسۇر ئالدىراش  كېلىپ، ئۇنىڭ قولىدىن ئېغىر مال سېتىۋېلىش خالتىسىنى ئېلىپ،  كەينىدىن ئاشخانىغا كىردى.

زىبارە كىرىسلۇدا ئولتۇرۇپ ئەتراپقا قاراپ، كۆزى چاي ئۈستىلىنىڭ يېنىدىكى  كىچىك خالتىغا چۈشتى.

ئاشخانىنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ قويۇپ، كىچىك خالتىنى ئېلىپ، ئىچىدىكى زىبۇ-زىننەت قۇتىسىنى  ئاچتى.

ئىچىدىكى چىرايلىق  پۇت زەنجىرىنى كۆرۈپ، زىبارەنىڭ كۆزلىرىدىن باشقىچە نۇر چاقنىدى.

ئاشخانا تەرەپكە قاراپ،  ئالدىراش قولىدىكى زەنجىرنى جايىغا قويۇپ، يالغاندىن چاي ئىچكەن قىياپەتكە كىرىۋالدى.

زىلالە بىلەن جەسۇرنىڭ قايتىپ چىققانلىقىنى كۆرگەن زىبارە ئىستاكاننى قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ:

- ھە راست، مەن تېخى سىزنى تەبرىكلىمىدىم، زىلالە!  -  دېدى.

 - نېمىنى تەبرىكلەيسىز؟ - دېدى زىلالە سەل گاڭگىراپ.

- ئەلۋەتتە   دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى مەيدان تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن! - دېدى زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ،  - باھالىغۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى داۋۇت مېنىڭ ئۇستازىم،  بايا ئۇ سىزنى  بارلىق مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئىچىدىكى ئەڭ ھەيران قالارلىق ماھىر دەپ ئالاھىدە ماختىدى، - دېدى. 

جەسۇر قولىنى سوزۇپ، زىلالەنىڭ مۈرىسىدىن چىڭ قۇچاقلاپ:

 -  خوتۇن سىز نېمانچە قالتىس !  -  دېدى.

 - پەقەت بىر قېتىملىق تاللاشتىن ئۆتتۈم، - دېدى زىلالە كۈلۈپ قويۇپ،  - تېخى رەسمىي مۇسابىقە باشلانمىدى.  -  دېدى.

ئەسلىدە، بۈگۈن كەچتە جەسۇرغا ئېيتماقچى بولغان، ئويلىمىغان يەردىن زىبارە ئۇنىڭدىن بۇرۇن دەۋەتتى.

 - كەمتەرلىك قىلماڭ بولامدۇ، تولۇق نومۇر 100 نومۇر، سىز 99 نومۇر ئالدىڭىز، بۇ  قالتىس نەتىجە، باشقا مۇسابىقە رايونلىرىدا بۇنداق يۇقىرى نومۇر ئالغانلار يوق. - دېدى زىبارە يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، -  مەن ئاكامغىمۇ تېلېفون قىلاي، ئۇمۇ كەلسۇن،  تۆتىمىز ياخشى تەبرىكلەيلى.  -  دېدى.

جەسۇر كۆڭلىدە زىلالەنى يالغۇز تەبرىكلىمەكچى بولۇپ، ئالدىراپلا:

 - بۇنداق ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەكبەر شۇنچە ئالدىراش تۇرسا، چوقۇم ۋاقتى چىقمايدۇ.  -  دېدى.

 - قانداقمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولىدۇ؟  - دېدى زىبارە قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇنى يېنىك ئىتتىرىپ، ـ ھېلىمۇ سىز  ئۇنىڭ يولدىشى بوپقالغانلىقىڭىز، بۇنداق چوڭ ئىشتىمۇ ئايالىڭىزنى تەبرىكلەپ قويمامسىز؟  -  دېدى.

زىلالە ياندا سۇس كۈلۈپ قويۇپ كۆڭلىدە :  

ئەگەر بۈگۈن نەتىجىگە ئېرىشكەن ئادەم زىبارە بولغان بولسا، ئۇ چوقۇم خۇشال-خۇرام تەبرىكلەيتتى، شۇنداقمۇ؟





..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章