مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 2-قىسىم _ يەنە بىر ئادەم بىلىدۇ

文摘   小说   2024-09-10 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  26  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ






1












مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 





كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

2 -قىسىم

   

  


2-قىسىم

 تۆتىمىزدىن باشقا ، يەنە بىر ئادەم بىلىدۇ

                 

كارىدوردا،  جىددىي قەدەم ئاۋازى ياڭرىدى.

جەسۇر ئەنۋەرنى ئېلىپ چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن يۈگۈرۈپ كەلدى.

ئەكبەرنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جەسۇر زىلالە بىلەن قەيسەرنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال تيەننىڭ سارىيىغا يېتىپ كەلدى.

- جەسۇر دىرېكتور!  - 

ئۇنى كۆرگەن ئەتراپتىكى خىزمەتچىلەر تېز سۈرئەتتە ئىككى تەرەپكە چېكىنىپ،  يول ئېچىپ بەردى.

جەسۇر زىلالەنىڭ ھالىتىنى  كۆرۈپ كۆزلىرى يوغىناپ:

 - زىلالە! - دېگىنىچە چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ،  بىر قەدەم قالغاندا توختاپ، - ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، گېپىمنى ئاڭلاڭ!  -  دېدى.

ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان زىلالەنىڭ بۇرۇنى ئېچىشىپ:

 - ئاكام ئۇ ... -  دېدى.

 - بىلىمەن، سىزگە ۋەدە بېرەي، چوقۇم باشقا ئامال چىقىدۇ، - دېدى جەسۇر ئوڭ قولىنى سوزۇپ، مۈرىسىنى ئېھتىيات بىلەن تۇتۇپ،  - زىلالە، گەپ ئاڭلاڭ ... ئېرىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، قولىڭزدىكىنى تاشلاڭ!  -  دېدى.

زىلالە ئۇنىڭغا قاراپ، ئاخىرى قولىنى چۈشۈردى.

جەسۇر ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، ئۇنىڭ   قولىنى تۇتۇۋېلىپ،  چىڭ قۇچاقلاپ، قەيسەرگە  قاراپ:

 - تېز يوقالمامسەن؟ !  - دېدى. 

قەيسەر كەينىگە بۇرۇلۇپ، ياردەمچىسىنىڭ يۆلىشى بىلەن چوڭ قەدەم بىلەن قاچتى.

 -  بولدى. بولدى، - دېدى ئەنۋەر كۆپچىلىككە  قاراپ،  - تارقىلىپ كېتىڭلار، ھەممىڭلار قايتىپ ئىشىڭلارنى قىلىڭلار -  دېدى. 

كىشىلەر دەرھال تارقىلىپ كەتتى، جەسۇر زىلالەنى   لىفىتقا ئېلىپ چىقتى.

زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆزلىرى قىزارغان ھالدا جەسۇرغا تىكىلىپ:

 - نېمە ئۈچۈن...  زادى نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ، مەن نېمىنى خاتا قىلدىم؟  -  دېدى.

ئاكىسىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن،  شۇنچە تىرىشتى، ھەتتا ئۆزىنى دوغا تىكىشتىنمۇ يانمىدى، ئاران دېگەندە ئازراق ئۈمىدنى كۆرگەن.

ئەسلىدە ھەممە ئىشلار ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلغان، كىم ئويلىغان، بىر كېچىدىلا  يەنە ئەسلىگە كېلىپ قالدى.

ھەتتا، ئاكىسىنىڭ نارازىلىق ئەرزى بېرىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىمۇ يوق بولدى.

زىلالە ئازابلانماي قالاتتىمۇ؟

 - ياق، سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس. - دېدى جەسۇر ئازابلانغان ھالدا ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ،  - سىز ھېچقانداق ئىشنى خاتا قىلمىدىڭىز، سىزگە ۋەدە بېرەي، چوقۇم باشقا ئامالى بار، بىز چوقۇم ئامال تاپالايمىز -  دېدى. 

زىلالە بېشىنى ساڭگلىتىپ گەپ قىلمىدى.

ئاكىسى ئۆمەرنىڭ دېلوسى ئۈچۈن،  زۆھرەدىن قانۇن بىلىملىرىنى سوراپلا قالماي، يەنە بىر نەچچە پارچە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇپ چىققان.

دەۋالاشقۇچىلار نارازىلىق ئەرزى قىلىشتىن ۋاز كەچسە، سوت دېلونى ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

بۇنداق چاغدا، يەنە قانداق ئامال بولاتتى؟

لىفىت ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كەلگەندە، زىلالە ئېغىر قەدەملىرىنى تاشلاپ، لىفىتتىن چىقتى.

جەسۇر ئۇنى ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا ئولتۇغۇزغاندا  خۇددى روھى چۈشۈپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى.

جەسۇرنىڭ  ئىچى ئاغرىپ، دەماللىققا  قانداق تەسەللى بېرىشنى ئويلاپ تاپالمىدى.

ئۇ ئالدى بىلەن ئۇنى كونا داچىغا قايتۇرۇپ كېلىپ،  تاماق يېگۈسى يوقلىقىنى بىلىپ، ئۇدۇل ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ياتاق ئۆيىگە ئەپچىقتى، ئۆزى پەسكە چۈشۈپ بىر ئىستاكان ئىسسىق شاكىلاتلىق سۈت قاينىتىپ قولىغا تۇتقۇزۇپ:

 -  گەپ ئاڭلاڭ، بىر ئىستاكان سۈت ئىچىۋېلىڭ، بولامدۇ؟  - دېدى.

 - ئىچكۈم يوق. - دېدى زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ، -  ئۆزۈمنى... ھېچقانداق ئىشنى قىلالمايدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.  - دېدى.

 -  بىلىمەن،  ھازىر  بىئارام بولۇۋاتىسىز. ئاپام ۋاپات بولغاندا، مەنمۇ شۇنداق بولغان، ئۆزۈمنى  يارىماس، ھېچقانداق ئىشقا ياردەم قىلالمايمەن دەپ بىلەتتىم، ھەتتا مەن بولمىغان بولسام، ئاپاممۇ ئاغرىپ قالمىغان، ۋاپات بولمىغان بولاتتى، دەپ ئويلايتتىم.  - دېدى جەسۇر سۈت ئىستاكانىنى قويۇپ،  ئورۇندۇقنى تارتىپ زىلالەنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، - ئۇ چاغدا مەن ھەتتا ئاپام بىلەن بىللە كەتمەكچىمۇ بولدۇم. سىز مېنىڭ نېمە ئۈچۈن ھايات قالغانلىقىمنى بىلەمسىز؟  -  دېدى.

زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ:

  - نېمە ئۈچۈن؟  -  دەپ سورىدى.

 - چۈنكى ئەينى چاغدا بىرەيلەن ماڭا، ئەگەر  ۋاز كەچسەم، ئاپامغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىمنى ئېيتتى، كېيىن، مەن ئاپامدىن قالغان نەرسىلەرنى رەتلەۋاتقاندا، ئاپامنىڭ قالدۇرغان كۈندىلىك خاتىرىسىنى بايقاپ قالدىم. ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە، مېنىڭ ئۇنىڭغا قىلىنغان ئەڭ ياخشى سوۋغات ئىكەنلىكىمنى، ئەزەلدىن مېنى تۇغقىنىغا پۇشايمان قىلىپ باقمىغانلىقىنى يېزىپتۇ، - دېدى. 

زىلالە لېۋىنى چىڭ يۇمۇپ:

 - ئاپىڭىز چوقۇم سىزنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.  -  دېدى.

 - شۇنداق، ئەگەر مەن ئەينى چاغدا راستتىنلا ۋاز كەچكەن بولسام،  بۇلارنى بىلمەيتتىم. شۇڭا ... - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ  قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ،  - سىزمۇ ماڭا ماقۇل بولۇڭ، ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەڭ. ئاكىڭىز نارازىلىق ئەرزىدىن ۋاز كەچكەن تەقدىردىمۇ،  داۋاملىق دەلىل-ئىسپات ئىزدىسەك بولىدۇ، دەلىل-ئىسپات يېتەرلىك بولسىلا، تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلالايمىز، ھەتتا دېلوغا ئالاقىدار كىشىلەرنى ئەيىبلىسەك بولىدۇ.  -  دېدى.

 -  راستتىنلا شۇنداق قىلغىلى بولامدۇ؟ - دېدى زىلالە بىر ئاز ئىككىلىنىپ.

 - بىز پەقەت يېتەرلىك ئىسپات تېپىپ، دېلودا مەسىلە بارلىقىنى ئىسپاتلىساقلا بولىدۇ. ئەگەر ماڭا ئىشەنمىسىڭىز، زۆھرەدىن سوراپ بېقىڭ، - دېدى جەسۇر يانچۇقىدىن يانفونىنى چىقىرىپ، - ھازىرلا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلاي!  -  دېدى.

 -   ھاجىتى يوق. - دېدى زىلالە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ،  -  سىزگە ئىشىنىمەن.  -  دېدى.

جەسۇر سۈتنى ئېلىپ، قايتا سۇنۇپ:

- ئەمىسە سۈتنى ياۋاشلىق بىلەن ئىچىۋىتىپ، ياخشى ئارام ئېلىڭ، مەن چىقىپ  ئاكىڭىز تەرەپتە زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرەي، - دېدى.

زىلالە بېشىنى لىڭشىتىپ، سۈتتىن چوڭ بىر يۇتۇم ئىچتى.

جەسۇر زىلالەنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويدى، ئەمما ئۇ يەنە جەسۇرنىڭ يېڭىدىن تۇتۇۋېلىپ:

- بىراق، كەچلىك تاماقنى تېخى يېمىدىڭىز  -  دېدى.

 - تونۇش ئادەم تېپىپ ئىشنى بېجىرىپ بولغاندىكىن كىيىن چوقۇم تاماق ئورۇنلاشتۇرىمەن، ئەنسىرمەڭ ئېرىڭىز ئاچ قالمايدۇ. - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى سىيلاپ،  - ئوبدان بىر ئۇخلىۋېلىڭ، ئىشىنىمەنكى، ئىشلار تېزلا ئېنىقلىنىدۇ ، - دېدى. 

- يارىڭىز تېخى ساقايمىدى، ھاراق ئىچمەڭ.  - دېدى زىلالە. 

 - بىلدىم.  -  دېدى جەسۇر ئېڭىشىپ، پېشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپ ، چوڭ چىراغنى ئۆچۈرۈپ داچىدىن چىقتى.

ماشىنىغا چىقىپ، يان تېلېفونىنى چىقىرىپ ئەنۋەرگە تېلېفون قىلىپ:

 -  ئۇ  ئۆمەر تەرەپتىكى ئىشلار قانداق بولدى؟  -  دەپ سورىدى.

 - مەن ھازىر  كەلدىم.  -  دېدى ئەنۋەر.

- ماقۇل، ھازىرلا باراي.  -  دېدى جەسۇر ۋە  ماشىنىنى ھەيدەپ شەھەر رايونىدىن چىقىپ كەتتى. 

ئەنۋەر  ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ئۇنى ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، جەسۇرنىڭ ماشىنىسىنى كۆرۈپ، تېز قەدەملەر بىلەن  ئالدىغا كېلىپ، بىر پارچە خەتنى جەسۇرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ:

 - بۇ ئۆمەر تاپشۇرۇۋالغان خەت، خەت ئەۋەتىش ئادرېسى ساختاكەن.  -  دېدى.

كونۋېرت ئەڭ ئاددىي كونۋېرت بولۇپ، مۇشۇ شەھەردىن ئەۋەتىلىپتۇ.

ئۈستىدىكى ئەۋەتىش ئادرېسىنى بىر قاراپلا قالايمىقان يازغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى، بۇ شەھەردە بۇنداق ئادرېس ئەسلا يوق.

جەسۇر كونۋېرتنى ئېچىپ، ئىچىدىكى خەتنى ئالدى.

كونۋېرتنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر ۋاراق A 4  قەغەز بار بولۇپ، قەغەزنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا  زىلالە ئىككىسىنىڭ تويلىشىش كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى تۇراتتى.

ئاستىدا يەنە :

 - ئۆمەر ئەپەندى، سىڭلىڭىزنىڭ سىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، مۇشۇنداق ئۆزىنى سېتىشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟  - دەپ يېزىلغانىدى.

 - ئەبلەخ!  - جەسۇر قەغەزنى مىجىدى.

ئۆمەرنىڭ نارازىلىق ئەرزى قىلىشتىن ۋاز كېچىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن.

ئاكىسى سىڭلىسىغا كۆيۈنىدۇ، زىلالەنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى دوغا تىكىشىگە قانداقمۇ چىداپ تۇرالىسۇن.

 -  سىز كەلگۈچىگە مەنمۇ تەپسىلىي ئويلاپ باقتىم، بۇ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى پەقەت سىز، خانىم، مەن، يەنە شىركىتىمىزنىڭ قانۇن ئىشلىرىغا مەسئۇل  ئادۋۇكاتلا ئالالايدۇ، بىراق بىز تۆتەيلەننىڭ بۇنداق ئىشنى قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس؟ - دېدى ئەنۋەر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي، ـ  ئەجەبا راستتىنلا قەيسەر دېگەن ئەبلەخ قىلغانمىدۇ، لېكىن ئۇ بۇ ئىسپاتنى نەدىن تاپقاندۇ؟  -  دېدى.

جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، بىر ھازا ئويلىنىپ:

 - تۆتىمىزدىن باشقا يەنە بىر ئادەم بار.  -  دېدى.

 

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章