كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
21 |
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
22-قىسىم
22-قىسىم
بۇرۇنلا پەرەز قىلىپ بوپتىكەن
رەنا ئەمدى بۇ يەردە تۇرۇشنى خالىماي، ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويۇپ، بۇرۇلۇپ بىر چەتتە تۇرغان ماشىنىغا قارىدى.
ماشىنا ئىچىدە شۇ تاپتا ھېچقانداق ئاۋاز يوق ئىدى، زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇمۇ ئېنىق بىلگەندەك بولدى.
كەينىگە بۇرۇلۇپ ماشىنىنىڭ يېنىغا بارماقچى بولغاندا، يېنىدىن بىر سۈرلۈك ئاۋازنى ئاڭلاندى.
- توختاپ تۇرۇڭ.. .
كۆپچىلىك دىققەت بىلەن قاراشتى.
گەپ قىلغان ئادەم ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرغان نۇردۇن ئىدى.
رەنا ئاستا-ئاستا قەدىمىنى توختاتتى، لېكىن دەرھال كەينىگە بۇرۇلمىدى.
ئۇمۇ نۇردۇن بۇ چاغدا ئۇنى چاقىرىپ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلسە كېرەك.
بولدى، ئۇ ئايرۇس ئۈچۈن شۇنچە يىل باش قاتۇردى، يېتەرلىك بولدى.
ئۇھ تارتىپ قويغاندىن كېيىن، ئاستا بۇرۇلۇپ، نۇردۇنغا تىكىلىپ قارىدى.
- شۇنچە يىللاردىن بۇيان، مەن ئىزچىل ئايرۇس بىلەن توي مۇناسىۋىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدۇم، ئارىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار، لېكىن ھازىر مەن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنى دېمەيمەن، بۈگۈنكى بۇ ئىش مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشىمغا يېتەرلىك سەۋەب بولالايدۇ. شۇڭا، ئەمدى مېنى توسماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ھامما. - دېدى.
ئايرۇس بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالدى، ئارقىدىنلا كۆزلىرى قىزىرىپ، ياشقا تولۇپ:
- ئاجراشمايمەن! ئاجراشمايمەن! شۇنچە يىللاردىن بۇيان سىرتتا پەشكەش خوتۇن بىلەن بىللە بولسىڭىزمۇ بىرەر نەرسە دېدىممۇ؟ ئىزچىل ئىناق - ئېجىل ئۆتۈپ كەلدىڭلارغۇ؟ نېمىشقا ئاجراشقۇدەكمەن؟ قوشۇلمايمەن! قوشۇلمايمەن! - دېدى.
نۇردۇن ئۇنىڭغا سوغۇققىنە قاراپ:
- ئاجراشقىنىم ئاجراشقان. مەيلى سىز قوشۇلۇڭ قوشۇلماڭ چوقۇم ئاجرىشىمەن. ئەگەر سىز بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشتىن نومۇس ھېس قىلسىڭىز، سۆرەلمىلىك قىلىڭ، ھاممام بۇ ئىشقا ھۆكۈم چىقارمىغان تەقدىردىمۇ، مەن يەنىلا مۇنتىزىم قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرۈپمۇ ئاجرىشالايمەن. مېنىڭ ئۆز پۇشتۇمغا قەست قىلماقچى بولغان بىر ئايال بىلەن داۋاملىق بىللە ياشاڭ دېسىڭىز... ھەرگىز مۇمكىن بولسۇن ... بۇ نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ، بۇ ئىشتا مەڭگۈ بۇرىلىش بولۇش ئىمكانىيىتى يوق. - دېدى .
- ياق... قوشۇلمايمەن ... ئاپا... ئاپا! ئۆتۈنۈپ قالاي، نۇردۇننى مەن ئاجراشقىلى قويماڭ، ئاجراشسام بولمايدۇ... - دېدى.
ئەگەر راستتىنلا ئاجراشسا، ئۇنىڭ راستتىنلا ھېچنېمىسى قالمايدۇ.
- ئالدى بىلەن بۈگۈنكى بۇ ئىشتىن قانداق ئۆتۈشىڭىز كېرەكلىكىنى ئويلاپ بېقىڭ، ئائىلىنىڭ ۋارىسىنى قەستلىدىڭىز ، سىزنىڭ سۆزىڭىز بويىچە ئېيتقاندا،ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدىڭىز. - دېدى نۇردۇن.
رەنا ئىككى سېكۇنت سۈكۈتتە تۇرۇپ، ئاخىرىدا تەمكىن تەلەپپۇزدا:
- مەن شۇنچە يىللاردىن بۇيان سىزنى بېسىپ كەلگەنلىكىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن، بۇ پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، ئۆزىڭىز قارار قىلسىڭىز بولىدۇ. مەن ئەمدى سىزنى توسمايمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنداق زەھەرخەندە، قارا نىيەت ئايالنى، ئائىلىىمىزمۇ قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ھەم قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ. - دېدى.
ئايرۇسنىڭ چىرايى تاتىرىپ، بېشىنى چايقىدى، ئەمما ھېچقانداق ئاۋاز چىقىرالمىدى.
- ئۇنداقتا رەھمەت سىزگە ھامما. - دېدى نۇردۇن.
- مەن مۇيەسسەر ئىككىڭلاردىن كەچۈرۈم سورىشىم كېرەك، - دېدى رەنا.
سۆزىنى تۈگىتىپ، پۇتىنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا قاراپ ماڭدى.
نۇردۇن ئۆز ئورنىدا بىردەم تۇرغاندىن كېيىن، ئۇمۇ مۇيەسسەرنىڭ ماشىنىسىغا چىقتى.
مۇيەسسەر سۈكۈتتە تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارىدى.
ئاندىن ئاستا تۈزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ‹ ‹ كەچۈرۈڭ › › دېدى.
ھېچقانداق چىراي ئىپادىسى يوق، قاش ـ كۆزى ئارىسىدا سۈكۈت بار ئىدى.
- گەرچە بۇ ئىشنى دىلارە ئىلگىرى ماڭا دېگەن بولسىمۇ، لېكىن مەن ئەزەلدىن ئايرۇسنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن ئۆكۈنۈش ھېس قىلمايمەن. - دېدى مۇيەسسەر بېشىنى يەنە بىر تەرەپكە بۇراپ، - بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ مېنى ۋە بالامنى قەستلەپ، دىلارەگە دۆڭگەپ قويماقچى بولدى، بۇنداق زەھەرخەندە ، قارا نىيەتنى ھەرگىز كەچۈرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۈگۈن دىلارە ئۇنىڭ مەقسىتى ۋە پىلانىنى ئالدىن پەرەز قىلمىغان بولسا، ئۇنداقتا سىز بۈگۈن قورسىقىمدىكى بالام بىلەن جەسىتىمنى كۆرگەن بولاتتىڭىز. - دېدى.
-كەچۈرۈڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق ئىش بولمايدۇ. - دېدى نۇردۇن.
مۇيەسسەر لېۋىنى چىڭ يۇمدى، كەيپىياتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى.
دىلارە ئايرۇس بىلەن رەشىدەغا قاراپمۇ قويماي، ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ، دىلنار تەرەپكە قاراپ ماڭدى، نەتىجىدە يېرىم يولدا بېلىدىن تارتىلىپ، كېيىنكى سېكۇنتتا تونۇش قۇچاققا كىرىپ قالدى.
ئۇ ئۆزىدىن خېلىلا ئېگىز ئىليارغا يانچە قاراپ كېلىشكەن چىرايىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.
ئۇ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى، ئويلاپ باقسا، بۇ كېلىشكەن ئېرىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويغاندەك ئىش قىپتۇ.
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئاسان ئەمەس.
بولمىسا ... ئۇنىڭغا قانچە يۇمۇر ئېيتىپ بەرسە قانداق بولار؟
ئەكرەم ناھايىتى تېزلا دىلنارنىڭ كەينىگە كېلىپ، چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ، ماشىنىغا يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، ھەتتا ئۇنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا سېلىپ قويدى.
ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىليار ئاندىن دىلارەنى ئېلىپ ماشىنىغا چىقتى.
دىلارەنىڭ كاللىسىدا شۇ تاپتا بۇرۇن بىلىدىغان يۇمۇرلار توختىماي كېلىشكە باشلىدى، لېكىن ... ھەممىسىنى تېخى پىششىق ياتقا بىلمەيتتى.
ئىلگىرى بۇنداق يۇمۇرلارغا قىزىقمىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلدى.
ئەكرەم ئەمدىلا ماشىنىغا چىقىشىغا، ئىليار ئېغىر ئاۋازدا :
- دوختۇرخانىغا بارايلى، - دېدى.
- بولىدۇ، - دېدى ئەكرەم.
- ھېچ ئىش يوق، دەسلەپتىلا بايقاپ قالدىم، چوڭ چاتاق چىقماسلىقى مۇمكىن، ئاتىكەممۇ يېنىمدا بار ئىدى. - دېدى دىلارە.
- دوختۇرخانىغا بارايلى، - دېدى ئىليار.
دىلارە ئەمدى گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
بېرىپ تەكشۈرۈپ كەلسەكمۇ مەيلى، ھېچ ئىش بولمىغانلىقىنى بىلسە، ياخشى ئەمەسمۇ.
ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ئايرۇس بىلەن رەشىدەنىڭ بىر نەچچە قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار تەرىپىدىن ماشىنىغا ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ، نەزىرىنى قايتۇرۇپ، سوغۇق كۈلۈپ قويدى.
نۇردۇننىڭ ئېيتقانلىرىمۇ توغرا، ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنى دېمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت مۇشۇ بىر ئىش ئۈچۈن، ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرىدىغان پۇرسىتى قالمىسىلا كۇپايە.
بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئانا ـ بالا ئىككىيلەن نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى.
شۇنچە كۆپ يىللىق قەدەممۇ-قەدەم قىستاش، ئاخىرى بىر ئىزدا توختايدىغان بولدى.
ئايرۇس بىلەن رەشىدەنىڭ جىنايىتى نۆۋەتتىكى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
رەنا بۇ قېتىم قىلچە ئىككىلەنمەي، شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ قىلغان خىلمۇ-خىل قىلمىشلىرىنى تەلتۆكۈس تەكشۈردى، ئارىلىقتا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتقان، ھەتتا ئادەم يالاپ دىلنار ۋە دىلارەگە زىيانكەشلىك قىلغان ئىشلىرىنىمۇ تەپسىلىي تەكشۈردى.
ھەر خىل قىلمىشلىرى ئايرۇس ئانا - بالا ئىككىسىنىڭ تەلۋىلىكىنى نامايەن قىلدى.
بۇ ئىشلار ئاز-ئازدىن ئاشكارىلانغاندا، كۆپچىلىك ھەيران قالدى ۋە قاتتىق چۆچۈپ كېتىشتى.
بىر ئادەم نېمە ئۈچۈن ياۋۇزلىشىپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ؟
كۆپچىلىك بەس-بەستە ئۇلارنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەسلىك كېرەك دېيىشتى.
خەۋەرلەردە ئايرۇس ئانا - بالا ئىككىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئېلان قىلىنىپ، رايون ئىچى-سىرتىنى ھەيران قالدۇردى.
مەركىزى شەھەردىكى ئىليارنىڭ بوۋىسىنىڭ داچىسىدا بوۋاينىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى بۇ ئىش بولمىدى...
دىلارە ھامىلدار بولۇپ قاپتۇ.
بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان بوۋاي ئۆزى يالغۇز داچىنىڭ مېھمانخانىسىدىكى ساپادا توپتوغرا بىر چۈشتىن كېيىن ئولتۇردى.
باشقىلار تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان كۆرۈنمە چاستوتا تېلېۋىزوردا توختىماي قويۇلۇۋاتاتتى.
ئۇ كۆرۈنۈشتىكى دىلارەگە، دىلارەنىڭ قورسىقىغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قويۇق مۇرەككەپ كەيپىيات چىقىپ تۇراتتى.
ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالا ئىليارنىڭمۇ؟
چوقۇم شۇنداق.
گەرچە دىلارەنى ياقتۇرمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۈجمە كۆڭۈل ئەمەسلىكىنى ، باشقا ئەرلەر بىلەن قالايمىقان ئىش قىلىدىغان ئايال ئەمەسلىكىگە ئىشىنەتتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ نەۋرىسى شۇنچە مۇنەۋۋەر تۇرسا، قايسى ئايال ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن، يەنە باشقا ئەر بىلەن تېپىشىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ؟
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىليارنىڭ ئۇ ئايالغا شۇنچە كۆڭۈل بۆلگىنىگە قارىغاندا، ئۇ ئايالنىڭ قورسىقىدىكى بالىدا ھېچقانداق تاسادىپىيلىق يوق، چوقۇم ئىليارنىڭ بالىسى.
ئۇنىڭ ...ئۇنىڭ ئەۋرىسى ...
بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئەۋرىسى بولۇشنى يىراق، خىيالىي ئىش دەپ قارايتتى، ئويلىمىغان يەردىن، ھازىر راستتىنلا ئەۋرىلىك بولۇپ قالدى.
ئەزىمەت شىركەتتىن ئىشتىن چۈشكەندە ھېرىپ ھالىدىن كەتكەنىدى، يېقىندا شىركەت ھەر تەرەپتىن باستۇرۇلدى، چوڭ-كىچىك ئىشلار بوشى مالىيە گۇرۇھىغا ئۇنچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما سۇ تامچىلىسىمۇ تاشنى تېشىپ قويالايدۇ.
ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىر يەرگە يىغىلىپ، كېلىپ چىققان زىيان ھەقىقەتەن ئادەمنى چارچىتىپ قوياتتى.
مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ بوشى مالىيە گۇرۇھىغا ئاز-ئازدىن بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئېنىق بولدى، لېكىن ئالدىنقى قېتىم مىڭلەن گۇرۇھىدىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن نەتىجىسى بولمىغاندىن كېيىن، ئالاقىلىشىدىغان پۇرسەتمۇ بولمىدى.
بۇ يىلقى خەلقئارا باشلىقلار يىغىنىدا، ۋاقتى كەلگەندە يىغىنغا قاتناشقان دۇنياۋى كارخانىچىلار بىلەن قانداق يۈز كۆرۈشسە بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايتتى.
جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چارچىغان ھالدا ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، بوۋايدىن ياردەم سوراپ ئازراق يول كۆرسىتىشنى، ئىلگىرى توپلىغان بەزى مۇناسىۋەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، يېقىن كەلگۈسىدە قانداق ھەمكارلىقلارنى كۆپەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى، ئازراق بولسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتماقچى بولغانىدى.
نەتىجىدە قايتىپ كېلىپ، بوۋاينىڭ ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ، تېلېۋىزورغا قاراپ خىيال سۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدى.
خىزمەتكار ئىشىك تۈۋىدە ئەزىمەتنى كۈتۈۋالدى ۋە پەس ئاۋازدا :
- بوۋاي بىر چۈشتىن كېيىن مۇشۇنداق ئولتۇردى. - دېدى.
ئەزىمەت قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ئايىغىنى ئالماشتۇرۇپ مېھمانخانىغا قاراپ ماڭدى، تېلېۋىزوردىكى خەۋەرگە بىر قاراپلا نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلدى.
دىلارە دېگەن بۇ ئايالمۇ Y رايوندا نۇرغۇن بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھەقىقەتەن ھەممە ئىشنىڭ مەنبەسى مۇشۇ ئايالدا ئىدى.
نەگىلا بارسا ئادەمنى خاتىرجەم قىلمايدىغان بۇ ئايال ھازىر قىزىق نۇقتىغا چىقىپ قالدى.
بىراق ياندىن كۆزىتىپ قارايدىغان بولسا، كۆزى ئۆتكۈر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئايرۇس بىلەن رەشىدە ئانا-بالىنىڭ توخۇ گۈرۈچ ئوغرىلىغاندەك ئىش قىلغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ.
پىلان ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقاندا، دىلارە قارشى مەيداندا تۇرۇپ ئاشكارىلاپ قويدى، ئەسلىدە دىلنار بىلەن دىلارە ئانا - بالا ئىككىسىنى بىراقلا ھالاكەت يولىغا قىستاپ كەلمەكچى بولغانىدى، نەتىجىدە ھالاكەت يولىغا ماڭغانلار دەل ئۆزلىرى بولدى.
ھەقىقەتەن ئەخمەقلىقتا چېكىگە يېتىپتۇ.
دىلنار ئانا-بالا ئىككىسىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بۇرۇنلا ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا دۈشمەنگە سەل قاراپ قالدى.
ئەزىمەت لەۋلىرىنى چىڭ يۇمۇپ قويدى، قارىغاندا بۇ قېتىم y رايوندىكى ئايرۇس دېگەن بۇ پېشكىمۇ كارغا كەلمەپتۇ.
ئەسلىدە بوشى مالىيە گۇرۇھىنى ئۆتكۈزۈۋالسا، كېيىنY رايوننىڭ بەزى مۇھىم سودىسىدا ئايرۇسنىڭ ھامىيلىقىغا ئېرىشىمەن دەپ ئويلىغانىدى، لېكىن تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىشىشقا ئۈلگۈرمەيلا، دىلارە بۇ يولنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ قويدى.
ھازىر ئويلاپ باقسا، دىلارە دېگەن بۇ ئايال، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىشىنى بۇزۇپتۇ.
ئەمدىلىكتە... ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ ھامىلىدار بوپتۇ.
ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەقىقەتەن چىڭ يوشۇرۇپ كەپتۇ.
ئۇنىڭ قۇشۇمىسى تۈرۈلۈپ، چىرايى تۇتۇلۇپ، كاللىسىدا يېقىندا يۈز بەرگەن ئىشلار ئاز-ئازدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar