كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
28 | 27 | 26 | ||
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
29-قىسىم
29-قىسىم
نەق مەيداندىن ئادەمنى ئېلىپ كېتىش
رەنا دىلنارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ:
- ئەمەلىيەتتە مەن بارا-بارا ئىگىلىكىمىز ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن قېلىشقا باشلىدىم، يېقىندىن بۇيان قىزىم ئىزچىل ماڭا ياردەملىشىپ بىر تەرەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئىلگىرى ناھايىتى كۈچلۈك خىزمەت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلەتتىم، يېقىنقى كۆزىتىشلەردىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئالاھىدە ئىقتىدارى بارلىقىنى ھېس قىلدىم! ئەگەر مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولسا، ئۇ چوقۇم مەندىن ئىقتىدارلىق ئايال خوجايىن بولالايدۇ ، شۇڭا كۆپچىلىك خاتىرجەم بولساڭلار بولىدۇ، ئىشىنىمەنكى، ئۇ ھەممىمىزنى باشلاپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، شانلىق نەتىجە يارىتىدۇ ... - دېدى.
دىلنار رەنا تەرىپىدىن ئاستا-ئاستا مىكروفونغا ئەڭ يېقىن جايغا ئېلىپ كېلىندى.
بۇ جاكارلاشقا، دىلناردا ھېچقانداق تاسادىپىيلىق كۆرۈلمىدى.
قوبۇل قىلىش تەييارلىقىنى قىلىپ بولغاندەك قىلاتتى.
بىر ئۆمرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈش، ھېچ ئىش قىلماسلىق ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەس.
لېكىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇ يەنىلا ھەقىقىي خۇش بولالمىدى، .
ئۇنىڭ ئىشەنچىسى يوق ئەمەس، پەقەت قالغان ئۆمرىدە ئۈزۈل-كېسىل باش قاتتۇرۇپ ئىشلەش قارارى ئۇنى گاڭگىرىتىپ قويدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ دىلنار بولالمايدۇ.
چوڭ ئىگىلىكنىڭ ئايال خوجايىنى بولىدۇ.
ئەگەر قوشۇلمىسا، ھاياتىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
ئۇ شۇ يەردە بىر ھازا جىم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ :
- كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، رەنا خانىم يەنى ئاپامنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە رەھمەت، ئۇنىڭ ماڭا شۇنچە ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت. بۇنىڭدىن كېيىن مەن، ئۇنىڭ ئارزۇسىنى، سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنى يەردە قويمايمەن، بۇ ئېغىر يۈكنى ئۈستۈمگە ئېلىپ، كۆپچىلىكنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيمەن، كۆپچىلىكنىڭ ماڭا بۇ پۇرسەتنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن... گەرچە سىلەر مەندىن گۇمانلانغان بولساڭلارمۇ، بۇنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ، لېكىن مەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە، سىلەرنى ئۆزۈمگە ئىشەندۈرىمەن، ... - دېدى.
مۇشتىمىنى يوشۇرۇنچە تۈگدى، ئۇ بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سەل زورۇققان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ :
- بۇ يەردە مەن ۋەدە بېرىمەنكى، مەن قالغان ئۆمرۈمنى بۇ ئىگىلىكنىڭ ئىشلىرىغا بېغىشلايمەن . بىز بىرلىكتە تەرەققىي ... - دېدى.
سۆزى بىردىنلا توختاپ قالدى، بىلىكى باشقىلار تەرىپىدىن چىڭ تۇتۇۋېلىندى، ئۈچىنچى بىر ئادەمگە تەۋە ئۇزۇن بىلەك سوزۇلۇپ، ئالدىدىكى مىكروفوننى ئېلىۋالدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ كەينىدىن پەس، ئەمما يوشۇرۇن غەزەپلەنگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، مىكروفون ئارقىلىق پۈتۈن مەيدانغا تارقالدى.
- ئۇ ئايال خوجايىنى بولالمايدۇ، قالغان ئۆمرىنى سىلەرگە بېغىشلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ...
بۇ ئېنىقكى ئەنسەر ئىدى.
دىلنار بېشىنى بۇرىدى، ئۇنىڭ تەمكىن ۋە پەرۋاسىز قىياپىتىدە شۇ تاپتا قاتتىق چۆچۈش كۆرۈلدى.
ئەنسەر مىكروفوننى تۇتۇپ، تەمكىنلىك بىلەن ئۇ يەردە تۇرۇپ، دىلنارنىڭ قولىنى كۈچەپ تۇتتى، دىلنارنىڭ تىكىلىپ قاراشلىرىدىن ئازراقمۇ تەۋرەپ قالمىدى.
ئۇنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇشىدىن دىلنارلا ئەمەس، ھەممەيلەن ھەيران قالدى.
مۇشۇنداق مۇھىم كۈندە، ئۇشتۇمتۇت ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇراسىمنى ئۈزۈپ قويغان بۇ ئادەم، كۆپچىلىكنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى.
- ئۇ كىم؟ بۇنداق ئەھۋالدا، مۇداپىئە ناھايىتى قاتتىق بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ، ئۇ زادى قانداق قىلىپ ئۈن-تىنسىز پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟
- مەنمۇ بىلمەيمەن، ئەگەر ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى خاتالىق بولمىسا بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا مەسئۇل خىزمەتچى بولۇشى مۇمكىن...
- قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ جېنىدىن تويغان ئوخشىمامدۇ؟ مۇشۇنداق ۋاقىتتا چىقىپمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلامدۇ؟ بۇرۇن نېمە ئىش قىلغان بولغىيتتى؟
- بىراق ئۇنىڭ تۇرقىغا قارىسام، خىزمەتچى خادىمغا ئوخشىمايدىكەن...
سەھنە ئاستىدىكىلەر بەس-بەستە مۇنازىرە قىلىشىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ بۇزغۇنچىلىق قىلغان بۇ ئەرنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى.
ھەتتا مېھمانلار بۇ كۆرۈنۈشتىن خېلى ئۇزۇنغىچە ئېسىنى يىغالمىدى.
بىر ھازادىن كېيىن بىرەيلەن ھېلىقى قاپ يۈرەك ئادەمگە قاراپ ھەيران بولغان ھالدا :
- ئەنسەر ئەپەندى، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
- ئەنسەر... ئەپەندىم؟ !
ئۇ B رايوندىكى مۇھىم شەخس ئەمەسمۇ؟
رەنا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ ئەرگە قاراپ، چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.
ئۇ ئەڭ مۇھىم كۈن دەپ قارىغان كۈندە، ئويلىمىغان يەردىن بىر ئادەم چىقىپ تەرتىپنى بۇزدى.
كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ خۇشال بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
- ئەنسەر ئەپەندى؟ سىزنىڭ بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟- رەنانىڭ ئاۋازى بوغۇق ۋە سۈرلۈك بولۇپ، چىرايىمۇ ياخشىلانمىدى.
ئەنسەر سالماقلىق بىلەن:
-دىلنار سىزنىڭ ئورنىڭىزغا ۋارىسلىق قىلمايدۇ، ئۇ كېيىنكى ئايال خوجايىن بولالمايدۇ. - دېدى.
رەنا ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ:
- ئەنسەر ئەپەندى، سەل ئاشۇرۋەتتىڭىزمۇ قانداق؟ - دېدى.
- شۇنداق، ئالدىڭىزدا خىجىلمەن، لېكىن، مەن ئۇنىڭ قالغان ئۆمرىنى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈشىگە يول قويالمايمەن. ئۇ بۇ ئۆمرىدە پەقەت مەن بىلەن بىللە ئۆتىدۇ، - دېدى ئەنسەر
ئۇ قولىدىكى مىكروفوننى چۈشۈرمىدى، قەتئىي تەۋرەنمەس ئاۋازى مىكروفوندىن ئۆتۈپ سەھنە ئاستىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ قۇلىقىغا يەتتى.
ھەممە ئادەم ئەنسەرنىڭ گېپىدىن يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدى.
مۇشۇنداق مۇھىم مۇراسىمدا بىر ئايالغا بۇنداق زومبۇلۇق قىلىدىغان گەپلەرنى قىلىشقا پېتىنسا، بەك كېلىشكەن بولۇپ كېتەمدىكەن قانداق؟!
پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك تېلېكامېرا مەيداندىكى غايەت زور چوڭ ئېكرانغا ئۇلانغان، بىرەيلەن ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى تونۇپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندى.
- ئۇ B رايوندىكى مۇھىم شەخس ئەنسەر ئەپەندى!
- ئۇنىڭ تۇيۇقسىز بۇ يەردە پەيدا بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن! ئەسلىدە مەخسۇس مۇراسىمىغا قاتناشقىلى كەلگەن مېھمان ئىكەن.
- بىراق رەنانىڭ ئۆز قىزى ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن ئەمەسمۇ؟ شۇنچە تېزلا ب رايوندىكى ئەنسەر ئەپەندى بىلەن ئالاقىسى چىقىپ قالدىغۇ؟
- مەن قارىسام ئۇنداق ئەمەستەك قىلىدۇ، قايتىشتىن بۇرۇنلا، ئىككىسى تونۇشىدىغاندەك قىلىدۇ؟
- ئۇ زادى قانداق قىلىپ ئەنسەر ئەپەندى بىلەن تونۇشۇپ قالغاندۇ ؟ خانقىزلىق سالاھىيىتى يوق ئەھۋالدا ب رايوندىكى كاتتا شەخس بىلەن ئالاقە باغلاپتۇ! ئەنسەر ئەپەندى بەكلا كېلىشكەنمۇ قانداق!
- تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئەنسەر ئەپەندى سورۇنغا قارىماي بۇنداق زومىگەرلىك قىلسا قانداق بولىدۇ.
كىشىلەر غۇلغۇلا قىلىۋاتاتتى.
ھەيرانلىقتىن ئاللىقاچان ئېسىگە كەلگەن دىلنارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، ئاندىن ئەنسەرنىڭ بىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان قولىنى كۈچەپ سىلكىۋەتمەكچى بولدى.
لېكىن، ئۇ قانچە مىدىرلىغانسېرى، ئەنسەر ئۇنى تېخىمۇ كۈچەپ تۇتتى.
دىلنار غەزەپلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا قارىدى!
ئەنسەرمۇ ئۇنىڭغا قاراپ پەس ئاۋازدا :
- قالايمىقان ھەرىكەت قىلماڭ، مېنىڭ سىزنى قويۇپ بەرمەيدىغانلىقىمنى بىلىسىز. يەنە تىركىشىپ يۈرسىڭىز، بىئارام بولىدىغىنى پەقەت ئۆزىڭىز بولىسىز. - دېدى.
دىلنارنىڭ گەپ قىلغۇسى كەلمەي، يېنىدىكى مىكروفونغا تىكىلىپ قاراپ، ئۈن-تىنسىز ھالدا ئۇنىڭدىن ئۆتۈنمەكچى بولدى، ئەمما ئەنسەر يەنىلا شۇنداق جاھىللىق قىلىۋاتاتتى.
دىلنار كۆزلىرىنى قىسىپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئېغىر غەزەپ بىلەن:
- ئەنسەر، ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ ! - دېدى.
ئەنسەر ئۇنىڭغا جىمجىت قاراپ قويدى، مۇشۇ كۈنلەردە قەستەن ئۆزىنى قاچۇرغان ئايالغا قاراشتىن يانمىدى.
- شۇنداق، شۇڭا سىز ئاپىڭىزنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىشىڭىز، بۇ ئىشنى قوبۇل قىلماسلىقىڭىز كېرەك. - دېدى ئەنسەر.
دىلنارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، يەنە بىر قېتىم تىركەشتى، بېغىشىدىن كەلگەن ئاغرىق بارغانسېرى روشەنلەشتى.
ئۇ يەنە بىر قولىنى چىقىرىپ، ئەنسەرنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسىنى كۈچەپ چىمدىدى!
ئەنسەرنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسىدىن شۇ ھامان قىپقىزىل سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقتى.
دىلنارنىڭ پېشانىسىدە بىلىنەر-بىلىنمەس كۆك تومۇرلار بۆرتۈپ چىقىپ:
- سىز مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرماقچىمۇ؟ - دېدى.
ئەنسەرنىڭ قاش - كۆزلىرى يەنىلا تەمكىن بولۇپ پەس ھەم سالماق ئاۋازدا:
- مەن بىلەن قايتىڭ. - دېدى.
ئۇنىڭ قەيسەرلىكىنى كۆرۈپ، دىلنارنىڭ چىڭقىلىپ كەتكەن بەدىنى ئاستا-ئاستا بوشىشاتتى، ئۇنىڭغا سوغۇق قاراپ، ئاددىيلا چۈشەندۈرۈپ:
- مەن نېمىگە ئاساسەن سىز بىلەن قايتىمەن؟ - دېدى.
سۆزلەۋېتىپ، ئەنسەر قولىدا تۇتۇپ تۇرغان بىلىكىنى كۈچەپ كۆتۈرۈپ، مەسخىرە قىلىپ:
- سىز بىلەن قايتقاندىن كېيىنچۇ؟ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئازابلىنىۋاتىمەن، سىزمۇ ئازابلىنىسىز، بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئېسىلىۋېلىپ، بىر-بىرىمىزنى قىينامدۇق؟ - دېدى.
ئەنسەر ئۇنىڭ كۆتۈرۈۋالغان قولىغا قاراپ، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىختىيارسىز بوشىشىپ كەتتى، دىلنار بۇنى سېزىپ، دەرھال تارتىۋالماقچى بولدى.
نەتىجىدە ئەنسەر سەزگۈرلۈك بىلەن سېزىپ قېلىپ، يەنە چىڭ سىقىمداپ تۇتۇۋېلىپ:
- مەن ئەمدى سىزگە زىيانكەشلىك قىلمايمەن... - دېدى.
- ئاللىقاچان زىيانكەشلىك قىلىپ بولدىڭىز، مەن نېمە ئۈچۈن سىز ئىلگىرى قالدۇرغان يارا ئىزىنى ئۇنتۇپ كەتكۈدەكمەن؟ ئەنسەر، بەزى گەپلەرنى بۇرۇنلا ئېنىق دېگەن، مەن ئەزەلدىن سىزگە ھېچقانداق ئىمكانىيەت قالدۇرغۇدەك ئىش قىلىپ باقمىدىم دەپ قارايمەن، مەن زادى سىزگە قانداق خاتا تۇيغۇ بېرىپ قويدۇم؟ - دېدى.
- ياق. مەن ئۆزۈم ... - دېدى ئەنسەر.
- بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. ھەممە ئىشتا ئىككى تەرەپ خالىشىشى كېرەك، مەن سىز بىلەن داۋاملىق ئارىلىشىشنى خالىمايمەن، چۈشەندىڭىزمۇ؟ مېنى قويۇۋېتىڭ! - دېدى دىلنار.
دىلنارنىڭ تۈز گەپلىرى ئەنسەرنىڭ يۈرىكىگە سانجىدى.
كۆزىلىرىدە ئالاقزەدىلىك پەيدا بولدى، ئەمما دىلنار ئۇنىڭ مۇشۇ ھالىتىنى چىڭ تۇتۇۋالدى.
سانجىلىپ ئاغرىدىمۇ؟
بۇ خىل ئازاب ئۇنىڭغا قانچىلىك تونۇش ئىكەنلىكىنى ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ...
- دىلنار... قولىڭىزنى ئەلۋەتتە قويۇۋەتمەيمەن. مەن ئەزەلدىن شەخسىيەتچى ئادەم، شۇڭا سىز مەن بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەربىر كۈنى ئازابلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلسىڭىزمۇ، لېكىن چوقۇم مېنىڭ يېنىمدا بولۇشىڭىز كېرەك، بىر-بىرىمىزنى ئازابلىساقمۇ ھېچقىسى يوق. پەقەت سىز يېنىمدا بولسىڭىزلا كۇپايە. - دېدى .
ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزى دىلنارنىڭ يۈرىكىنى بىردىنلا تىترىتىۋەتتى.
ئۇ ئېغىز ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ گەپلەرنى دېمەكچى بولدى، ئەمما ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە، ئەنسەرنىڭ ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدى.
ئەمەلىيەتتە، ئۇ خېلى بۇرۇنلا، مەيلى قانچىلىك رەھىمسىزلىك قىلسۇن،ۋە ياكى بارلىق ئاماللار بىلەن ئەنسەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلسۇن ئەنسەر ئەزەلدىن ۋاز كەچمىدى.
ئۇ خۇددى پەندى - نەسىھەتنى ئاڭلىمايدىغان، ئاغرىقنى بىلمەيدىغان قورقماس ئادەمگە ئوخشايتتى.
دىلنار ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئەسلا بىلمىدى.
ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى جىمجىتلىق كەيپىياتنى بىر مەھەل بىر ئاز قاتمال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.
ئىككى ئادەمنىڭ پارىڭىدىن، رەنامۇ ئاز-تولا ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ قالدى.
ئەنسەر بىلەن دىلنار ئىككىسىنىڭ ئىلگىرى بىر مەزگىللىك ھېسسىيات مۇناسىۋىتى باردەك قىلاتتى.
ئەنسەر ئىلگىرى دىلنارغا چوڭقۇر ئازار بېرىپتۇ.
چوڭقۇر، ئۇنتۇلماس زەخىم بەرگەنلىكى ئېنىق.
ئۇنىڭ قىزى، گەرچە قايتىپ كەلگىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن قىزنىڭ مىجەزى ئۆزىنىڭكى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، ئەڭ تونۇش ھەم بەك ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغان مىجەز.
دىلنار غەرەز ئۇقىدىغان ئايال، ئەگەر بەزى ئاددىي ئۇقۇشماسلىقلار بولغان بولسا، ئىشنىڭ ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلىشىغا يول قويمايتتى.
بىر ئەرنى بۇنداق سورۇندا ، پەس ئاۋازدا بۇ گەپلەرنى قىلىشقا قىستىغانلىقىدىن ئۇنىڭ ئەينى چاغدا قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئۇ مۇشۇنداق رەھىمسىزلىك قىلىۋاتىدۇ... تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا قاراپ تۇرۇۋاتىدۇ.
ۋەھالەنكى .. قارشى تەرەپكە ئازار بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان زىيىنى زادى قانچىلىك بىر ئۆزى بىلىدۇ.
ئەنسەرمۇ ئازابلاندى.
دىلنار تېخىمۇ ئازابلاندى.
بىر-بىرىنى قىينىدى، ھەقىقەتەن بىر-بىرىنى قىيناۋاتىدۇ.
مۇھەببەتتىن ۋاز كەچكىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئارىسىدىكى نەپرەت شۇنچىلىك كۈچلۈك.
بىر ئادەمنىڭ يۈرىكى ئاغرىدى، ياق ئىككى ئادەم تەڭلا ئاغرىدى.
نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟ ...
رەنا ئامالسىز ئۇھ تارتتى.
لېكىن، بۇ ئەنسەرگە ئىچ ئاغرىتىدىغان يېرى بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.
ئۇ دىلنارغا زىيانكەشلىك قىلدى، بۇ ئىشىنى ھەرگىز كەچۈرگىلى بولمايدۇ.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar