گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 18-قىسىم _ سەۋەبى تېپىلدى

文摘   小说   2024-08-27 13:59   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  33  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211



1716





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

18-قىسىم




18-قىسىم


  سەۋەبى تېپىلدى

دىلارە سۇس كۈلۈمسىرەپ، رەنانىڭ يېنىغا كېلىپ نۇردۇن ئىككىيلەنگە سەپسېلىپ  قاراپ قويۇپ، يېنىك ئاۋازدا:

- رەشىدە خانقىز توغرا دەيدۇ، مۇيەسسەر خانىمغا چوقۇم ھېچ ئىش بولمايدۇ.  - دېدى.

نۇردۇننىڭ سۈرلۈك كۆزلىرى ئۇنىڭ يۈزىگە سانجىلدى، ئۇ يەنىلا پەرۋاسىز تەمكىن قىياپەتتە خۇددى ھېسسىياتسىز تاشتەك قاراپ تۇراتتى.

سىرتتا ئولىشىۋالغان كىشىلەر تارقىلىپ كەتمەي، ئەكسىچە بارغانسېرى كۆپىيىۋاتاتتى.

لېكىن نەق مەيدان ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىت ئىدى.

كۆپچىلىكنىڭ نەزىرى مۇيەسسەرنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنىغا تىكىلدى، ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققان ئازابلىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، يۈرىكى ئىختىيارسىز  سوقۇپ، تەرلەپ كەتتى.

بىراق دوختۇر ماشىناغا چىقىپ ئىشىكنى تاقىغاندىن تارتىپ يەنە ماشىنادىن چۈشكىچە ئىككى مىنۇتمۇ كەتمىدى.

ھەممە ئادەم ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە قىزىقىپ قاراپ، نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەلمىدى.

رەنا بىلەن نۇردۇن ئالدىراپ-تېنەپ:

-  نېمە بولدى؟ ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداقراقكەن؟ - دەپ سورىدى.

دوختۇر قاپىقىنى تۈرۈپ، ئەستايىدىل تەلەپپۇزدا:

- مۇيەسسەر خانىمدا   بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپتۇ!  - دېدى.

ھەممە ئادەم سوغۇق نەپەس ئالدى.

- مۇمكىن ئەمەس! - دېدى نۇردۇن تۇيۇقسىز قاتتىق ۋارقىرىپ، - مەن قۇرۇقتىن ئايرىلىغىلى ئۈچ سائەتلا بولدى، ئۇ ئۆيدىكى چاغدا بىر ئوبدان قالغانىدى، بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ... - دېدى .

بۇ چاغدا رەشىدە تۇيۇقسىز نەزىرىنى دىلارەگە ئاغدۇرۇپ:

- دىلارە! ئەمدى چۈشەندۈرۈش بەرسىڭىز بولىدىغاندۇ؟ نېمىشقا قۇرۇقتا بىر ئوبدان تۇرغان ھامىلدار ئايال سىز بىلەن بىللە مېڭىپ، تۇيۇقسىز بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟ !  - دېدى.

دىلارە يەنىلا تەمكىن قىياپىتىنى ئۆزگەرتمەي:

- مەن ئۇنىڭ نېمىشقا تۇيۇقسىز بۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن.  ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاداۋىتىم يوق، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ مېنىڭ ھاممام، ئۇنىڭ بالىسى تېخى مېنى كىچىك ئاپا دەپ چاقىرىدۇ، نېمىشقا ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بالىسىغا زىيانكەشلىك قىلغۇدەكمەن؟  - دېدى.

- چۈنكى بۇ بالا سىزنىڭ قارا نىيىتىڭىزگە توسقۇنلۇق قىلدى! - دېدى رەشىدە كەسكىنلىك بىلەن.

دىلارە ئۈن-تىنسىز ئۇنىڭغا قارىدى، چىرايى سۈرلۈك بولسىمۇ، لېكىن گەپ قىلمىدى.

ئۇنىڭ سۈكۈت قىلىشى بىلەن، رەشىدە پۇرسەتنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ :

-  جەمەتىمىزنىڭ ئايال خوجايىنلىق ئورنىنى تالىشىش سەۋەبىدىن بولدى، ھەممەيلەن مومامنىڭ ئورنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلىدۇ، ھازىر نامزات تاللاۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ، سىز يېڭىلا قايتىپ كەلدىڭىز، ئەمما سىزنىڭمۇ بۇ ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىڭىز بار، بىراق ھازىر  دادامنىڭ ئىزباسارى بار بولدى، يەنى مۇيەسسەر ھەدەمنىڭ قورسىقىدىكى بالا، سىز  بۇ بالىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئايال خوجايىنلىق ئورنىغا ئوڭۇشلۇق چىقىشىڭىزغا  تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەيسىز شۇنداقمۇ؟ ! - دېدى. 

 سۆزلىگەنسېرى غەزەپكە كەلدى، ياڭراق ھاياجانلىق ئاۋازى مەيداندىكى ھەممە ئادەمنىڭ قۇلىقىغا دېگۈدەك يېتىپ باردى.

كۆپچىلىكنىڭ كۆزلىرى ئارقا-ئارقىدىن دىلارەنىڭ ئۈستىگە چۈشتى، بىر مەھەل كۆزلىرىنى چەكچىيىپ ، نېمىلەرنىدۇر دېيىشىپ كەتتى.

لېكىن، دىلارە سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:

- سىز نېمىشقا مېنىڭ ئايال خوجايىنلىق ئورنىغا نىسبەتەن غەرىزىم بارلىقىنى جەزىملەشتۈرىسىز؟ رەشىدە خانقىز، سىز بەكلا قۇرۇق خىيال قىلىدىكەنسىز.  - دېدى.

- ئەلۋەتتە ئېتىراپ قىلمايسىز، لېكىن قۇرۇقتا بىر ئوبدان تۇرغان ئادەمنىڭ سىز بىلەن بىللە ماڭغاندا تۇيۇقسىز بۇنداق ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ ئەگەر  ھېچنېمە قىلمىدىم دېسىڭىز كىم ئىشىنىدۇ؟  - دېدى رەشىدە دىلارەنى چىشلەپ قويۇپ بەرمەي.

دىلارە ئىككى قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ،  سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ:

- سىزنىڭچە مەن شۇنداق دۆتلۈك قىلارمەنمۇ؟ ئەگەر مېنىڭ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىم بولغان بولسا، ئۇ مەن بىلەن بىللە ماڭغاندا ئاندىن بىرەر ئىش قىلىشىم مۇمكىنمۇ.  بىكاردىن-بىكار سىلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەرسەم، قانداق بولىدۇ؟ سىزنىڭچە مەن شۇنچىلىك دۆتمۇ؟  - دېدى.

رەشىدەنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا تۇتۇلۇپ، بىر ھازاغىچە زۇۋان سۈرمىدى.

بۇ چاغدا دىلارەنىڭ كەينىدە تۇرغان ئايرۇس تۇيۇقسىز ئېغىز ئېچىپ:

- دىلارە، ئۈستىڭىزدىكى قانداق پۇراق؟ - دېدى.

دىلارە كۆڭلىدە سوغۇق كۈلۈپ قويدى،  كۆزلىرىدىن دەررۇ نۇر چاقنىدى، بۇرۇلۇپ ئايرۇسقا قاراپ:

- بەدىنىمدە قانداق پۇراق باركەن؟ - دېدى. 

ئاندىن ئىككى بىلىكىنى كۆتۈرۈپ پۇراپ، يېنىكلىك بىلەن:

-  ئەگەر بۇ بەدىنىمنىڭ پۇرىقى بولمىسا، ئۇنداقتا ماشىنىغا قويۇلغان خۇشپۇراق ماتېرىيالنىڭ پۇرىقى بولىدۇ، ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار؟  - دېدى.

ئايرۇس دوختۇرغا بىر قاراپ قويدى،  دوختۇر دەرھال كېلىپ، دىلارەنىڭ يېنىنى پۇراپ بېقىپ، چىرايى ئۆزگىرىپ:

- رەنا خانىم، مۇيەسسەر خانىمنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب تېپىلدى! - دېدى.




رەنا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

-  زادى نېمە بوپتۇ؟ - دەپ سورىدى. 

- دىلارە خانقىز...نىڭ بەدىنىدىكى پۇراق ماشىنادىكى خۇشپۇراق ماتېرىيالغا ئوخشايدىكەن،  لېكىن ئىچىدە قويۇق ئىپارنىڭ پۇرىقىمۇ بار ئىكەن ... - دېدى.

- ئىپار؟ !   - ئايرۇسنىڭ ئاۋازى بىردىنلا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى، - ئىپار بالا چۈشۈرۈش دورىسى ئەمەسمۇ؟ !  ھامىلىدار ئاياللار بۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك!  - دېدى.

يەرلىك كىشىلەر قاتتىق ھەيران قېلىشىپ،  كۆزلىرىنى يوغان ئېچىشىپ دىلارەگە تىكىلدى.

رەشىدە بىردەم توختىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن دىلارەگە غەزەپ بىلەن :

- سىز راستتىنلا مۇيەسسەر ھەدەمنىڭ قورسىقىدىكى بالىغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدىڭىزمۇ؟ ھەقىقەتەن زەھەرخەندە ئىكەنسىز، ئۇ سىزنىڭ ئۆز تاغىڭىزنىڭ بالىسى، سىز... ئايال خوجايىنلىق ئورنىغا چىقىش ئۈچۈن تەلۋىلىشىپ كېتىپسىز، مۇشۇنداق نومۇسسىز ئىشنى قىلىپسىز! - دېدى.

بۇ چاغدا ئايرۇسمۇ تېخىمۇ كۈچەپ:

- دىلارە، بۇ قېتىم بەك ئاشۇرۇۋەتتىڭىز! ئۇ دېگەن   ئائىلىمىزنىڭ ۋارىسى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟  - دېدى.

دىلارە چىرايىنى ئۆزگەرتمەي،  سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ:

- ئۇنداقتا سىز دەپ بېقىڭە، كاتتا ئائىلىنىڭ ۋارىسىنى قەستلىگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟  - دېدى.

ئايرۇس لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈردى، كۆزلىرىدىن مەغرۇرلۇق چاقناپ، يۇقىرى ئاۋازدائاڭلىسا ئادەم قورقۇتىدىغان بىر مۇنچەگەپلەرنى قىلدى.

دىلارە سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، بېشىنى لىڭشىتىپ:

- ھىم...ھەقىقەتەن ئاقىۋتى ئېغىر  ئىش ئىكەن - دە. - دېدى. 

رەشىدە ئۇنىڭ   قەتئىي پىسەنت قىلمايدىغان پوزىتسىيەسىدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ :

-  شۇنداق،  ھازىر شۇنچە كۆپ ئادەم قاراپ تۇرۇپتۇ، سىزنىڭ مەسئۇلىيەتتىن قېچىش پۇرسىتىڭىز يوق، بولمىسا كاتتا ئائىلىمىز بۇ كىشىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟ دىلارە، ئۆزىڭىزنى مومىڭىزنىڭ ئۆز نەۋرىسى ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ قالماڭ.  ھەر قانداق ئىش ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدۇ... - دېدى.

دىلارە ئۇنىڭ گېپى تۈگىگىچە جىممىدە ساقلاپ تۇردى، ئاندىن ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ قويدى، ئاخىرىدا پەرۋاسىزلىق بىلەن :

- دەپ بولدىڭىزمۇ؟  - دېدى.

رەشىدە بوغۇلۇپلا قالدى، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قاراپ، قوشۇمىسى تۈرۈلدى.

ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىرىماي،  ھودۇقماي تۇرۇشلىرى، يول بويى يىغىلىپ قالغان خاتىرجەمسىزلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.

ئۇ دىلارەنىڭ ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈن بۇنداق چېچىلاڭغۇ پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىدى.

ئايرۇس گەپ قىلمىدى، دىلارە ئۆز-ئۆزىگە:

- قارىغاندا  سۆزلەپ بولغان ئوخشايسىز.  - دېدى.

ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا، بېشىنى بۇراپ، يېنىدا تۇرغان ئايرۇسقا قاراپ يەنە بىر قېتىم:

-  يەنە دەيدىغان گېپىڭىز بارمۇ؟  - دەپ سورىدى.

ئايرۇس قوشۇمىسىنى تۈردى، ئەمما بىر ھازاغىچە گەپ قىلمىدى.

دىلارە كۈلۈپ قويۇپ، يەنە بىر ئايلىنىپ، ئەتراپتا توپلىشىپ قالغان بارلىق كىشىلەرگە قاراپ:

- ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ گېپىنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ - دەپ سورىدى. 

ئۇنىڭ تۇرقى كەسكىنمۇ ئەمەس، ئەمما بوشاڭ ئەمەس ئىدى .

ئۇنىڭ سوئالىغا، كۆپچىلىك كېلىشىۋالغاندەكلا بېشىنى لىڭشىتتى.

دىلارە يەنە كەينىگە بۇرۇلۇپ، نەزىرىنى ئايرۇسنىڭ بەدىنىدىن رەشىدەنىڭ بەدىنىگە يۆتكەپ:

- سىلەر نېمىگە ئاساسەن مېنىڭ بەدىنىمدە ئىپار پۇرىقى بار دەيسىلەر؟  - دەپ سورىدى.

رەشىدە دەرھال:

- بايا دوختۇر پۇراپ باقتى، ئەگەر ئىپارنىڭ پۇرىقى بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ نېمىشقا باشقا نەرسە دېمەي، ئىپار  دەپلا تۇرۇۋالىدۇ؟ - دېدى.

دىلارە سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، بىر چەتتە تۇرغان دوختۇرغا قاراپ:

- دوختۇر سىزنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىلى قانچە يىل بولدى؟ مېنىڭچە بۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىڭىز قىسقا بولمىسا كېرەك ،   لېكىن مەن جەزملەشتۈرەلەيمەنكى، بەدىنىمدە ئىپار يوق، سىز نېمىشقا ماڭا بۇنداق تۆھمەت قىلىسىز؟ - دېدى.

دوختۇر دىلارەنىڭ تۇيۇقسىز تىغ ئۇچىنى ئۆزىگە قارىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ئەنسىزلىك چىقىپ تۇراتتى.

-ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان نەرسىلەر مېنىڭ تەتقىق قىلىشىمنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، پىششىق بىلىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇنداق  ئادەتتىكى ئاساسى بىلىملەرگە  يەنىلا ئۆزۈمنى پىششىق دەپ ماختاشقا جۈرئەت قىلالايمەن. گەرچە باشقا پۇراق بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن پەرق ئېتىش يەنىلا ئاسان.  مەيلى سىز نېمىلا دېمەڭ،  بەدىنىڭىزدە ھەقىقەتەن ئىپارنىڭ پۇرىقى بار. بولمىسا ئايرۇس خانىمنىڭ بۇ پۇراققا دىققەت قىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، - دېدى دوختۇر.

دىلارە  سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:

- مەن خەلقئارادا ئېتىراپقا ئېرىشكەن ئەتىر تەڭشەش چېمپىيونى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پۇراققا بولغان سەزگۈرلۈكۈمنى خېلى ياخشى دەپ قارايمەن، لېكىن بەدىنىمدە روشەن ئىپار پۇرىقى بارلىقىنى بىلەلمىدىم. - دېدى. 

دوختۇر كۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى ئايرۇس تەرەپكە قارىتىپ سىنچىلاپ قارىدى، ئايرۇس ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويدى، ئۇ دەرھال نەزىرىنى قايتۇرۇپ، كۆزىنى چىمچىقلىتىپ، كۆزلىرىدىكى كەيپىياتنى يوشۇرۇپ :

- بەلكىم كۆپ خىل پۇراق ئارىلىشىپ كەتكەن بولغاچقا  پۇراش سېزىمىڭىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئىپارنىڭ پۇرىقى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تارقىلىپ كېتىدۇ، ئەگەر كۆپ مىقداردىكى ئىپار پۇرىقىدا ئۇزۇن تۇرۇپ قالمىسا، مۇيەسسەر خانىمنىڭكىدەك بۇنداق ئېغىر ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس... - دېدى. 

دىلارە قېشىنى ئېتىپ قويۇپ:

-  شۇڭا... سىز زادى نېمە دېمەكچى؟   - دېدى.

دوختۇرنىڭ پېشانىسىدىن ئازراق تەر چىقىپ كەتتى، نېمىلا دېگەن بىلەن شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا دىلارە خانقىزنىڭ بەدىنىنى ئاختۇرۇشنى ئەسكەرتمەكچى بولسا، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاشمىسا بولمايدۇ. ئۇنىڭدا  مۇشۇنداق ئوي بولسىمۇ، جۈرئىتى يوق.

ئايرۇس چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقىنىچە، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان ئەبلەخكە قاراپ، يېڭىلگىنىگە تەن بەرگۈسى كەلمەي،  ئىلاجىسىز  ئالدىغا بېرىپ :

- ئەلۋەتتە يېنىڭىزنى ئاختۇرغاندىلا  ئاندىن ئىشلارنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. - دېدى. 

ئەمما، دىلارە بېشىنى يېنىك چايقاپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:

- قوشۇلمايمەن. - دېدى.

- نېمىشقا قوشۇلمايسىز؟  ۋاقتى كەلگەندە بەدىنىڭىزدىن ئىپارنىڭ تېپىلىپ قېلىشىدىن راستتىنلا قورقۇمسىز؟ - دېدى.

دىلارە ئۇنىڭغا سوغۇققىنە قاراپ:

-  بۇ تەلەپپۇزىڭىزدىن قارىغاندا، بەدىنىمدە شۇنداق بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى بۇرۇنلا  جەزملەشتۈرۈپ بولغان ئوخشىمامسىز... - دېدى.

- ئۇنداق بولسا، نېمىشقا يېنىڭىزدا زادى بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايسىز؟  - دېدى رەشىدە قاپاقلىرىنى تۈرۈپ، قارىماققا ئاچچىقى كەلگەندەك قىلاتتى، مۇيەسسەرنىڭ قورسىقىدىكى بالىغا  ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغاندەك كۆرۈندى.


- مەن    ئەتىۋارلىق خانقىزى تۇرۇپ، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا يېنىمنى ئاختۇرۇشقا ماقۇل بولسام،  ئائىلىمىزنىڭ يۈزىنى نەگە قويغان بولىمەن؟ مەن يوق دېدىممۇ يوق. ئەگەر سىز مېنىڭ بەدىنىمدە ھەقىقەتەن شۇنداق نەرسىنىڭ بارلىقىغا، شۇنداقلا چوقۇم تاپالايدىغانلىقىڭىزغا  قەتئىي ئىشەنسىڭىز، ئۇنداقتا مەن... ئۇۋالچىلىق ھېس قىلساممۇ ماقۇل بولسام بولىدۇ...  لېكىن سىز شۇنداق دېيىشكە جۈرئەت قىلالامسىز؟  - دېدى دىلارە.

رەشىدە قىلچە ئىككىلەنمەستىن:

- ئەلۋەتتە جۈرئەت قىلىمەن! ئىپار سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە!  - دېدى.

دىلارە ئاستا-ئاستا بېشىنى لىڭشىتىپ، بېشىنى يانغا بۇراپ، قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ، قارىداپلا كەتكەن رەناغا قاراپ، سۇس كۈلۈپ قويۇپ، قولىنى بوينىغا قويۇپ، سىيرىتمىنى چىڭ تۇتتى، لېكىن يېرىم سانتىمېتىر تارتماي تۇرۇپلا، رەنا نۇردۇننىڭ قولىنى قويۇۋەتتى.

 پۇتىنى كۆتۈرۈپ ئاستا-ئاستا دىلارەغا قاراپ ماڭدى.

رەشىدە بىلەن ئايرۇس شۇ تاپتا جىددىيلىشىپ ساراڭ بولايلا دېدى،   ئەڭ ئاخىرقى پەيت كەلدى، دىلارە ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن ئۈزۈل-كېسىل يوقىلىدىغان بولدى. 


 

 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章