كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
88 | 87 | 86 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
89-قىسىم
89قىسىم
ئاجايىپ ماسلىشىش!
بىرىنچى بۆلەكنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئۇدارنى چېلىپ بولغاندىن كېيىن، جەسۇر بېشىنى بۇراپ، زىلالە تەرەپكە قارىدى.
ئەمدى، ئىسكىرىپكا ئاۋازى ئەگىشىپ چىقىشى كېرەك، ئۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش ئۈچۈن، جەسۇر ئالاھىدە ئەڭ ئاخىرقى بىر نوتىنى ئېغىرلاتتى.
زىلالە بۇ مۇزىكىنى قانچە قېتىم مەشىق قىلغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ، بۇرۇنلا پىششىق ئىگىلەپ بولغان.
گەرچە بۇ جەسۇر بىلەن تۇنجى قېتىم رىپىتىس قىلىشى بولسىمۇ، ئەمما كۆڭلىدە سەل ھەيران قالدى، ئەمما بارمىقى ۋە مېڭىسى يەنىلا چېلىش ئىقتىدارىدا تايىنىپ ھەرىكەتكە كەلدى.
كامالچە تارىدىن سىيرىلىپ ئۆتكەندە، ئىسكىرىپكىنىڭ ئاۋازى پىيانىنونىڭ ئاخىرقى ئاۋازىغا ناھايىتى ياخشى جىپسىلاشتى.
ئارقىدىنلا پىيانىنو ئاۋازىمۇ تەڭلا ياڭرىدى، خۇددى دېڭىز شامىلى چايكىنىڭ پەيلىرىنى سىيپاپ ئۆتكەندەك، تەبىئىي ھالدا ئىسكىرىپكا ئاۋازى بىلەن گىرەلىشىپ كەتتى.
ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل چالغۇنىڭ بىرى يۇقىرى، بىرى تۆۋەن ، مۇكەممەل ماسلاشتى.
نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار ۋە باھالىغۇچىلار ئىككىيلەننىڭ مۇزىكىسىدىن تەسىرلىنىپ، مۇزىكا كەيپىياتىغا تەبىئىي ھالدا چۆكۈپ كېتىشتى.
سەھنىدە نومۇر ئورۇنلاۋاتقان زىلالەمۇ مۇسابىقىنىڭ نېمىلىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، بارلىق ماھارىتىنى مۇزىكىغا بېغىشلىدى.
ئىسكىرىپكىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى چايكىغا ئوخشاش يىراقلارغا ياڭرىسا، پىيانىنو ئاۋازى دېڭىز شامىلىدەك ئېگىز-پەس دولقۇنلىدى.
مۇزىكا ئاخىرلىشىش ئالدىدا، زىلالە ئىختىيارسىز بېشىنى بۇراپ، پىيانىنو تەرەپكە قارىدى.
جەسۇرمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بارماقلىرىنى كۇنۇپكا تاختىسىدا ئوينىتىپ، كۆزلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا تىكتى.
بۇ بىر مەيدان ماسلىشىپ ئورۇنلاش بولۇپلا قالماي، يەنە ئىككى روھنىڭ مۇزىكا ئارقىلىق سۆزلىشىشى بولدى.
جەسۇرنىڭ ئىپادىسى ئۇ ئىلگىرى تەكلىپ قىلغان مۇزىكانتتىمۇ ئېشىپ چۈشتى.
ئەزەلدىن بىللە رەپىتىس قىلىپ باقمىغان تۇرۇقلۇق مۇشۇنداق تەڭكەش قىلالىدى.
ئاخىرقى نوتىنى چېلىپ بولغاندىن كېيىن، زىلالە پىيانىنو ئالدىدىكى ئادەمگە تىكىلىپ، ئىختىيارسىز كۈلۈپ قويدى.
گۈلدۈرمامىدەك ياڭرىغان گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ئىچىدە جەسۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ قولىدىن تۇتتى.
ئىككىيلەن بىرلىكتە سەھنە ئالدىغا كېلىپ، بىرلا ۋاقىتتا سالام قىلدى.
ھەممە نەرسە خۇددى سانسىز قېتىم رېپېتىتسىيە قىلىنغاندەك، ھەتتا تىلىمۇ لازىم بولمايدىغان دەرىجىدە ماسلاشتى.
- پاھ،- رىياسەتچى كۈلۈپ تۇرۇپ سەھنىنىڭ ئالدىغا كەلدى،-بىزنىڭ بۇنداق ئېسىل نومۇرنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. ئەمدى باھالىغۇچىلارنىڭ بەرگەن نومۇرىنى كۆرۈپ باقايلى. - دېدى.
مەيدان ئىچى قايتىدىن جىمجىتلىققا چۆكتى.
ھەممە ئادەم باھالىغۇچىلارغا تىكىلدى، جەسۇرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
پەقەت زىلالەلا بېشىنى بۇراپ، يېنىدىكى جەسۇرغا تىكىلىپ قاراپ ھەممىنى ئۇنتۇدى.
كۆڭلىدە بىر ئاز ھەيران قېلىش ۋە ھاياجانلىنىش، تېخىمۇ كۆپ گۇمان پەيدا بولدى.
ئەينى چاغدا بۇ مۇزىكا بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى قارار قىلغاندا، ئالاھىدە تەڭشەش ئېلىپ بارغان.
ئايرىم كىچىك يەرلەرنىڭ رىتىمىنى ئورۇنلاشتا، جەسۇر ئۆزى تەكلىپ قىلغان پىيانىنو چالغۇچىغا قارىغاندىمۇ ئۇستىلىق بىلەن چالدى.
قانداق قىلىپ بۇ سەۋىيەدە چالالايدۇ؟
ئۆزگەرتكەن كىچىك تەپسىلاتلارنى قانداق بىلىدۇ؟
باھالىغۇچىلار ئارقا ـ ئارقىدىن بەرگەن نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.
- 1-نومۇرلۇق ماھىر زىلالە پىيانىنو بىلەن ئىسكىرىپكا تەڭكەش مەيدان مۇسابىقىسىدە... بارلىق باھالىغۇچىنىڭ 100 نومۇر بېرىشىگە ئېرىشتى، - دېدى رىياسەتچى يۇقىرى ئاۋازدا ئاخىرقى نەتىجىنى ئېلان قىلىپ، - زىلالەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئېرىشكەن نومۇرى 100! - دېدى.
- ۋاھ! -
پۈتۈن مەيداندا ئالقىش ساداسى يەنە بىر قېتىم ياڭرىدى.
زىلالە بېشىنى بۇراپ، بىر ئاز گاڭگىرىغان ھالدا قارىدى.
باھالىغۇچىلارنىڭ تاختىسىدىكى قىپقىزىل سانلارنىڭ ھەممىسى 100 بولۇپ، كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى.
ياندا تۇرغان جەسۇر بۇرۇلۇپلا ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ:
- زىلالە، يەڭدۇق... بىز يەڭدۇق! - دېدى.
ئىككىلا مەيدان مۇسابىقىدە، تولۇق نومۇر ئالدى.
مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ رەتكە تىزىشىنىڭ ھاجىتى يوق، زىلالە بۈگۈن كەچتىكى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى!
ئۇنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ بىر نەچچە قېتىم پىقىرىغان جەسۇر ئېھتىيات بىلەن توختىدى.
قولىنى كۆتۈرۈپ، زىلالەنىڭ يۈزىنى چىمداپ:
- بىلەتتىم سىز چوقۇم قىلالايتىڭىز! - دېدى.
- زىلالەنى تەبرىكلەيلى، بارلىق ماھىرلارنى تەبرىكلەيلى، ئەمدى مەن بۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىمەن. - دېدى رىياسەتچى خىزمەتچى خادىملار سۇنغان جەدۋەلنى ئېلىپ، - ھەر ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە 90 نومۇردىن يۇقىرى ئالغان ماھىردىن يەتتەيلەن بار، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 7- نومۇر ماھىر، تۆتىنچى نومۇرلۇق ماھىر، 11 - نومۇرلۇق ماھىر ئايگۈل، ئۈچىنچى نومۇرلۇق ماھىر، ئىككىنچى نومۇرلۇق ماھىر نىگارە، بىرىنچى نومۇرلۇق ماھىر زىلالە! ھازىر ئالدىنقى ئۈچ نەپەر غەلىبە قىلغۇچىنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىمىز! - دېدى.
- بىردەمدىن كېيىن كۆرۈشەيلى! - دېدى جەسۇر پەس ئاۋازدا ۋە ئارقىسىغا چېكىنىپ، سەھنىدىن چۈشتى.
نىگارەنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، ئۈچىنچى بولغان ماھىر بىلەن بىللە سەھنىگە چىقىپ، زىلالەنىڭ يېنىدا تۇردى.
مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئالدىنقى ئۈچ ماھىر ياردەم بەرگۈچى تەرەپنىڭ تەمىنلىگەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدۇ.
رىياسەتچى قولىدىكى بايا رېژىسسور بەرگەن كارتىغا قاراپ:
- تۆۋەندە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە دۆلەت ئىچىدىن ياردەم بەرگۈچى تەرەپ مەبلەغ سېلىش باش شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جەسۇر ئەپەندىنى سەھنىگە چىقىپ، ماھىرلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز. - دېدى.
زىلالە بۇرۇلۇپ، قايتىدىن كەلگەن جەسۇرغا تىكىلىپ تاڭ قېتىپ قالدى.
يەنە ئۇمۇ؟ !
سەھنە ئاستىدىكى تاماشىبىنلار ئارىسىدىمۇ غۇلغۇلا كۆتۈرۈلدى.
- ئۇ بايىقى پىيانىنو چالغان ئادەم ئەمەسمۇ؟ -
- جەسۇر ئەپەندى شۇكەندە، نېمانداق كېلىشكەن! -
- مۇسابىقىگە ياردەم قىلغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن، بۇ كىشى مۇزىكا ھەۋەسكارىدەك قىلىدۇ.
كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىۋالغان جەسۇر رىياسەتچىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ قولىدىكى مىكروفوننى ئېلىپ:
- مەن تۆت ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ پىيانىنو ئۆگىنىشنى باشلىغان، كىلاسسىك مۇزىكىلارنى ياخشى كۆرىمەن. مۇشۇنداق كاتتا مۇزىكا پائالىيىتىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. لېكىن... - دېدى جەسۇر سەھنىدىكى نىگارەگە بىر قاراپ قويۇپ، - بايا بىرسىنىڭ يامان غەرەزدە مۇسابىقە قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىدىم، شۇڭا مۇكاپات تارقىتىشتىن بۇرۇن، مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپتىن 2-نومۇرلۇق ماھىر نىگارەنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى سورايمەن. - دېدى.
جەسۇرنىڭ بىر ئېغىز سۆزى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
سەھنە ئاستىدىكى تاماشىبىنلار بىردىنلا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى.
- نېمە ئىش بولدى؟ -
- بىلمىدىم. -
- 2-نومۇرلۇق ماھىر ساختىلىق قىلمىغاندۇ؟ -
- مۇزىكا مۇسابىقىسىدە قانداق ساختىلىق قىلغىلى بولىدۇ! -
- كىم بىلىدۇ. -
تاماشىبىنلار غۇلغۇلا قىلىشىپ تۇرغاندا، بىر نەچچە باھالىغۇچىمۇ بىر - بىرىگە قارىشىپ، زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىدى.
باش باھالىغۇچى داۋۇت بۇرۇلۇپ، كەينىدىكى ياردەمچىگە قارىدى، ياردەمچى يۈگۈرۈپ كېلىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېيتتى.
نىگارەنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان داۋۇتنىڭ چىراي ئىپادىسى دەرھال كەسكىن تۈسكە كىرىپ:
- جەسۇر ئەپەندى، دېگىنىڭىز راستمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- داۋۇت ئەپەندى، ئۇنىڭ جۆيلۈشلىرىنى ئاڭلىماڭ. - دېدى نىگارە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، ـ جەسۇر، نېمىشقا ئاغزىڭىزغا كەلگەننى جۆيلۈيسىز، مەن ئىزچىل قائىدە ـ يوسۇنغا بويسۇنۇپ كەلدىم، قاچان مۇسابىقە قائىدىسىگە خىلاپلىق قىپتىمەن؟ قائىدىنى بۇزغانلار ئېنىقلا سىلەر، ئەسلى تەكلىپ قىلغان پىيانىنو چالغۇچى كەلمەي مۇسابىقىدىن چېكىنگەن، ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئىش بولسىمۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك! - دېدى.
جەسۇر مىكروفوننى تۇتۇپ كەينىگە بۇرۇلدى، بىر جۈپ ئۆتكۈر كۆزى نىگارەنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچرىشىپ:
- نىگارە خانقىزدىن سوراپ باقاي، سىز مېنىڭ زىلالەنىڭ ئەسلى پىيانىنو چالغۇچىسى ئەمەسلىكىمنى قانداق بىلىسىز؟ - دەپ سورىدى.
نىگارە گەپتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى بىلىپ ئالاقزادىلىك ئىچىدە ئاستىنقى كالپۇكىنى چىشلەپ:
- چۈنكى... بايا ئارقا سەھنىدە زىلالە ئۆز ئاغزى بىلەن پىيانىنو چالغۇچىسىنىڭ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. - دېدى.
- ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭ پىيانىنو چالغۇچىسىنىڭ ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويامسىز؟ - دېدى جەسۇر.
نىگارە ئەلۋەتتە ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ :
- ئۇنىڭ پىيانىنو چالغۇچىسىنىڭ كەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى مەن قانداق بىلىمەن؟ - دېدى ئاغزى قاتتىقلىق قىلىپ.
- جەسۇر!- دېدى نىگارەنىڭ ئاپىسى ئالدىراپ-تېنەپ سەھنىگە چىقىپ، قىزىنى قوغداپ، - ئۆزىڭىزنىڭ پۇلى ۋە كۈچىگە تايىنىپ، قىزىمنى بوزەك قىلماڭ ، - دېدى.
- بولىدۇ! ئۇنداقتا بىز قاراپ باقايلى، زادى كىم كىمنى بوزەك قىلدى! - دېدى جەسۇر سەھنىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قاراپ، - ئادەمنى باشلاپ كىرىڭلار ، - دېدى.
..................................
...........
...
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar