گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 9-قىسىم _ئارتىس

文摘   小说   2024-08-23 13:59   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  28  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21


876





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

9-قىسىم


 

 


9-قىسىم

ئارتىس

- مەن تېخى سىزنى بۇ خەۋەرنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاندىن ماڭا خەۋەر قىلدى دەپ ئويلاپتىمەن، قارىغاندا ئۇنداق ئەمەستەك قىلىدۇ.  - دېدى رەنا.

ئايرۇس يەنە بىر قېتىم كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ :

- مەن ئەزەلدىن سىزنى ئالدىمايمەن، ئەگەر مەن ھازىر كاللامدىن ئۆتتى دېسەم، سىز ئەمەس، ھەتتا ئۆزۈممۇ ئىشەنمەيمەن. ئەمما مۇيەسسەرنىڭ قورسىقىدىكى نۇردۇننىڭ بالىسى، كاتتا ئائىلىنىڭ پۇشتى. مەن يەنە قانداق قىلالايتتىم؟   - دېدى.

ئۇ سۆزلىگەنسېرى ئۇۋالچىلىققا قالغاندەك، ئاخىرى يەنە ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.

ئۇنىڭ گېپى ئاڭلىماققا ھەقىقەتەن يالغان ئەمەستەك قىلاتتى.

ئەگەر ئۇ راستتىنلا ئاسانلا كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلىگەن بولسا، ھازىرغىچە سۆرەپ يۈرمەيتتى.

ئايرۇسنىڭ ھازىرقى ئۇۋالچىلىقى ۋە چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان سۆزلىرى رەنانىڭ قەلبىنى سەل تەسىرلەندۈردى.

ئۇنىڭ گېپىنى رەنا ئاڭلاپ چۈشەندى، گەرچە قوبۇل قىلالمىسىمۇ، شۇنچە يىل قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، يەنىلا رېئاللىققا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولدى.

ئەگەر باشقا ئىش بولسا  مەيلىتى، لېكىن مۇيەسسەرنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقى، ئۇ ھەرقانچە قارشى تۇرسىمۇ ،ياكى جاھىللىق قىلىپ كەينىگە تارتسىمۇ توسۇپ قالالمايدىغان ئىش.

بۇ كاتتا جەمەتنىڭ پۇشتىغا، كېيىنكى ئىز - باسارىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش.

 - سىزنىڭ ھەقىقەتەن باشقا تاللىشىڭىز يوق،- دېدى رەنا ئورنىدىن تۇرۇپ،- مەن ئىلگىرى سىز ئۈچۈن نۇردۇننىڭ مۇيەسسەرنى قايتۇرۇپ كېلىش تەكلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەنىدىم. ھازىر...  مېنىڭچە سىزمۇ بۇ مۇقەررەر نەتىجە ئىكەنلىكىنى بىلدىڭىز!  - دېدى .

ئايرۇسنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى، ئۇ كۆزىنى يۇمدى، گەرچە خالىمىسىمۇ، يەنىلا بېشىنى لىڭشىتىپ:

- بىلىمەن. شۇڭا مەن بۈگۈن ئالدىڭىزغا كەلدىم. نەتىجىنى ئۆزگەرتكىلى بولمىغاندىكىن، مەن بەرداشلىق بەرسەممۇ، كەينىگە تارتساممۇ بىكار. شۇڭا نۇردۇننىڭ مۇيەسسەرنى ئېلىپ قايتىپ كېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، كاتتا جەمەتنىڭ پۇشتى سىرتلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرسە بولمايدۇ، ئۇلار قايتىپ كەلسۇن، مەن تاكى بالا تىنچ-ئامان تۇغۇلغۇچە ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن، ھەمدە ئۇنى ئۆز بالامدەك باقىمەن... - دېدى. 

رەنا بۈگۈن ئايرۇسنىڭ بۇنداق گەپ قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

لېكىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئويلاپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىم  ياۋاش بولۇۋالغانلىقىنى پەرەز قىلدى.

ئەسلى قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان ئىش بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ ياۋاش بولۇۋېلىپ، بۇرۇنقى ئىشلارنى  ئەپۇ قىلىشىنى ئۆتۈنمەكچى ئىكەن.

 چوت سوقۇشقا ئۇستىلىقىنى قارا.

دىلنار ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قولىدىكى ھۆججەتكە قاراپ، ئۈنسىز مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويدى.

ئايرۇسنىڭ مۇرەسسە قىلىشى رەنانىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزدى.

- ئۇنداقتا بۇ ئىشنى، رەشىدە تېخى بىلمەمدۇ؟ - دەپ سورىدى رەنا.

ئايرۇس بېشىنى چايقاپ:

- مەن ئۇنىڭغا قانداق دېيىشنى بىلمىدىم، بۇنداق ئىشنى ئۇنىڭغا قانداق ئېغىز ئاچالايمەن؟ - دېدى. 

رەنا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ سۈكۈتكە چۆكتى.

ھەقىقەتەن شۇنداق.

رەشىدە كىچىكىدىنلا ئاپىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولدى، دادىسىنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن بالىلىق بولغانلىقىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

- موما... ئاپا...

ئۆي ئىچى جىمجىتلىققا چۆمگەن چاغدا، رەشىدەنىڭ بوغۇق، ئاجىز ئاۋازى ئىشىك تۈۋىدىن ئاڭلاندى.

 - سىلەر مەندىن بىرەر ئىشنى يوشۇرىۋاتامسىلەر؟  - دەپ سورىدى رەشىدە ئىشىكتىن كىرىپلا.

دىلنارنىڭ ھۆججەت تۇتقان قولى بىردەم توختاپ قېلىپ، قەلەمنى قولىغا ئېلىپ، ئورۇندۇققا ئاستا يۆلىنىپ، ئۆي ئىچىدە  يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى كۆزەتتى.

ئايرۇسنىڭ بەدىنى قېتىپ قالدى، چىراي ئىپادىسىمۇ رەشىدەنىڭ ئاۋازنى ئاڭلىغان ھامان قېتىپ قالدى.

رەنانىڭ چىرايىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى:

- سىز نېمىشقا قايتىپ كەلدىڭىز؟   - دەپ سورىدى.

رەشىدەنىڭ يۈزىدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى بار ئىدى، ئۇ ئىشىك رامكىسىنى تۇتۇپ تۇرغان قولىنى بوشىتىپ، ئاستا ئۆيگە كىرىپ:

-  مىجەزىم يوق، دىلارە ئاچامنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ قايتىپ بېرىپ ئارام ئېلىڭ دېدى، ئۇ ئۆزى قورۇققا بېرىپ مومامغا يېڭى مېۋىلەردىن  ئۈزگىلى كەتتى... - دېدى. 

رەنا ئۇنىڭ توختاپ - توختاپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى.

- موما، ئاپا، بايا نېمە دېيىشىۋاتقانتىڭلار؟  - دېدى رەشىدە.

رەشىدە ئۆزىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىق ئىشىدا ئۇزۇن توختالماي، گاڭگىرىغان ھالدا ئۇ ئىككىسىگە قارىدى.

ئايرۇس كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدىكى يېشىنى سۈرتۈپ، چوڭقۇر نەپەس ئالدى ۋە خۇددى چوڭ قارار چىقارغاندەك كۆزىنى يۇمۇپ:

- بولدىلا، ئىشقىلىپ ھامان بىر كۈنى سىزمۇ بىلىپ قالىسىز...  دادىڭىز بىلەن مۇيەسسەرنىڭ ئىشىنى بىلىپ بولدىڭىز ھەقىچان...  ھازىر ...  مۇيەسسەر ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ، نېمىلار بولسۇن جەمەتىمىزنىڭ پۇشتى، بىز چوقۇم مۇيەسسەر ھەدىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلىشىمىز كېرەك ... - دېدى.

رەشىدە قاتتىق چۆچۈپ:

- دادام ئۇ... - دېدى.

ئايرۇس يۈزىنى يانغا بۇراپ:

- شۇنداق... سىزنىڭ ئىنىڭىز بولىدىغان بولدى  ... - دېدى.

ئۆي ئىچى يەنە بىر پەس جىمجىتلىققا چۆكتى.

رەشىدە خېلىغىچە جىمىپ قالدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن قاتتىق قايغۇرۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى، ئاخىرىدا ئاران تەستە كۈلۈمسىرەپ ، پەس ئاۋازدا :

- بۇ... ياخشى ئىش ئىكەن، سىزنى تەبرىكلەيمەن موما، ئائىلىمىزنىڭ  ئاخىرى ئىزباسار بار بولدى. - دېدى.

دېگەن گەپلىرى ئاڭلىماققا ئېنىقلا زورىغا دەپ قويغاندەك چىقتى.

 ئەگەر ئۇنىڭ ئىپادىسى ئازراقمۇ كارى بولماي، پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلغاندەك چىققان بولسا، ئۇنداقتا بەك ساختا بولۇپ قالاتتى.

ھازىرقى ھالىتى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچىنى سېرىپ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ.

ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ <ھەقىقىي ئىنكاسى> ھەقىقەتەن رەنانى سەل خىجىل قىلدى.

نېمىلا دېگەن بىلەن جىيەنىنىڭ قىلغان بىمەنە ئىشى ...

ئۆي ئىچىنىڭ كەيپىياتى سەل غەلىتە بولۇپ قالدى.

رەنا بېشىنى كۆتۈرۈپ دىلنارغا قارىدى، ئەمما ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا  ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۈن-تىنسىز ئۇلارغا قاراۋاتقانلىقىنى كۆردى.

رەنا  كۆڭلىدە بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئېغىز ئېچىپ:

- دىلنار، سىز ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنسىز، قايتىپ كېلىپلا، يەنە ھامما بولىدىغان بولدىڭىز، -  دېدى. 

ئايرۇس بىلەن رەشىدەمۇ ئۇنىڭغا ئاستا قارىدى.

دىلنارنىڭ  ئوچۇق-يورۇق چىرايىدا بىر قەۋەت سۇس كۈلكە جىلۋىلەندى، ئۇنىڭ بىر جۈپ جىمجىت كۆزى ئايرۇس ئانا - بالا ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، تېخىمۇ روشەن كۈلكە جىلۋىلەندى.

رەنانىڭ سۆزىدىن كېيىن، قاشلىرىنى سۈزۈپ، سۇس كۈلۈمسىرەپ:

- مېنىڭ بۇ يېشىمدا، ھاممام بولۇشۇم نورمال ئىش ئەمەسمۇ؟  - دېدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايرۇس تۇرۇپ قالدى، ئۇ ئېغىز ئېچىپ، ئەمەلىيەتتە رەشىدەمۇ ئۇنىڭ جىيەن قىزى ئىكەنلىكىنى دېمەكچى ئىدى، لېكىن ...

ئۇ قانداقمۇ ئېغىزىدىن چىقىرالىسۇن؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە، دىلنارنىڭ گېپىدىن ئېنىقلا رەشىدە بىلەن گۈلشەننى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

بۇنچىلىك مەسخىرىنى ئاڭلاپ چۈشەنگۈچىلىكى بار.

- سىلەرنىڭ تۇرقۇڭلارغا قارىغاندا، بۇنداق ئىش يۈز بەرگەنلىكىدىن ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىۋاتقان ئوخشىمامسىلەر؟  - دېدى دىلنار ئىككى قولىنى ئورۇندۇقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۇتقۇچقا قويۇپ، بىر قولىدا  قەلەمنى، يەنە بىر قولىدا  قەلەمنىڭ ياپقۇچىنى تۇتۇپ تەبىئىي ھالدا يېپىپ قويدى.

بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆزلىرى ئايرۇسنىڭ بەدىنىگە چۈشتى، ئەمما ئايرۇس نەپەس ئالالماي قالدى.

-بۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ، شۇنچە چوڭ ئائىلىدە   بىر نەچچە ئاچا-سىڭىللار ئۆي ئىشلىرىنى بىللە قىلىشىپ،   ياخشى ئۆتسە بۇنىڭ بولمايدىغان يېرى يوققۇ.ئائىلىمىزدىكى   ئەرلەرنىڭ ھەتتا بىر ئايالنىڭ ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىش ھوقۇقىمۇ يوققۇ؟  - دېدى.

 بۇ چاغدا رەنانىڭ چىرايى بىر ئاز ئوڭايسىزلىنىپ قالدى.

ئەگەر بۇ ئىشنى چوقۇم دېيىشكە توغرا كەلسە، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ نۇردۇنغا يول قويغانلىقىدىن بولدى.

ئايرۇس لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ:

- گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، لېكىن مەن ... - دېدى. ئاندىن دىلنارنىڭ بۇ سۆزىدىن ئۆكۈنۈپ؛

- ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ، سىز ئېرىڭىزنىڭ باشقا ئايالى بولۇشىنى قوبۇل قىلالامسىز؟ !   - دېدى.

- قوبۇل قىلالمايمەن، شۇڭا مەن ئۇنداق ئەرگە ياتلىق بولمىغان. - دېدى دىلنار. 

ئايرۇس گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدى،  ھاياتىدىكى ئېغىر ئازاب ھېسابلانغان ئىشنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىدى. 

دىلنارنىڭ بۇنداق دېيىشى بىلەن، كۆڭلىدىكى غەزەپ بىر ئاز ئۇلغايدى.

 سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:

- گەپنى بەك يېنىك قىلدىڭىز، ئەگەر ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئەرگە ئۇچراپ قالسىڭىز، ۋاز كېچىمەن دەپلا ۋاز كېچەلەمسىز؟ ! - دېدى.

ئۆي ئىچى بىردەم جىمجىت بولۇپ قالدى.

ھەممە ئادەم دىلنارنى ئايرۇسنىڭ سۆزىدىن گەپ تاپالماي قالدى دەپ ئويلاپ تۇرغاندا، ئۇ يەنە ئاستا ئېغىز ئېچىپ:

- شۇنداق قىلىمەن.  ئۇ مېنىڭ بىردىنبىر ئادىمىم بولمىغاندىكىن، ماڭا ئېلىپ كەلگىنى بەخت ئەمەس، پەقەت ئازابلا بولىدۇ، مەن بۇنداق ئەرنى كېرەك قىلمايمەن. مېنىڭ بۇ  ئۆمۈرۈمدە ئۇ بولمىسا بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنى يوق، - دېدى.

ئۇ يەنە بىر سېكۇنت سۈكۈتكە چۆمدى، قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ، گېپىدە تۇيۇقسىز بۇرۇلۇش بولۇپ:

- بۇرۇنلا  ئۇ خانىمنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك ئىدى، چۈنكى سىز بۇ خىل تۇرمۇشنى ئۆزىىز خالاپ تاللىغان. تاللىغان ئىكەنسىز كەلگەن بارلىق ئىشلارنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك.   بۇ يەرگە كېلىپ بىر تەرەپتىن ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىسىڭىز، يەنە بىر تەرەپتىن  كەڭ قورساقلىقىڭىزنى كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىسىز...  كۈلكىلىك ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟ يىغىپ كەلسەك،  ئائىلىمىز ئۆز پۇشتىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن سىزنىڭ ماقۇللىقىڭىزغا ئېرىشىشى، يەنە تېخى سىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى كېرەك، شۇنداقمۇ؟ 

ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، ئەگەر سىز بولمىسىڭىز، بۇ چاققىچە ئارتۇق بىر نەچچە بالىنىڭ ھاممىسى بولۇپ قالار ئىدىم؟ - دېدى. 

دىلنار قولىدىكى  قەلەمنىڭ ئاغزىنى چاككىدە يېپىپ قويدى-دە، بۇرۇلۇپ رەناغا قاراپ:

- مېنىڭ ھامما  بولۇشۇم ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس،  بۇ  ئادەمنى خۇش قىلىدىغان خەۋەركەن، - دېدى. 

بۇ گەپلەر ئايرۇسنى سۆزسىز قالدۇرۇپلا قالماي، يەنە رەنانىڭ يۈزىنىمۇ قىلمىدى.

ئۇ دىلارە ئەمەس،  دىلارە ئۇنى موما دەپ چاقىرىدۇ،  ئارىلىقتا بىر ئەۋلاد پەرقى بار، دىلارە ھەر قانداق سەۋەبنى ئويلىسۇن ، مومىسىغا كۆپرەك كەڭ قورساق ۋە كۆيۈمچان بولۇشى كېرەك.

ۋەھالەنكى، دىلنار رەنانىڭ ئۆز قىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەگەر ئاپىسىنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرمىسە،  ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا ھېچكىم ئۇنىڭغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.

ئىنسان بولۇپ تۇغۇلغاندىكىن، ھەرخىل رەھىمسىزلىكلەرگە ئۇچرايدۇ.

ئايرۇسنىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە يىل ھەمراھ بولغانلىقى راست، ئەمما ئايرۇسنىڭ  رەنا بىلەن  بولغان ئانا - بالىلىق مۇھەببىتىنى دەستەك قىلىپ، ئۈن-تىنسىز يېتىلەپ ماڭغانلىقىمۇ يالغان ئەمەس. رەنانىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىدىن ۋە خىجىللىق ھېس قىلىش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ مۇشۇ چاغقىچە نېمە ئىشلانى قىلمىدى. بۇنى بىر ئۆزى بىلىدۇ.

شۇڭا دىلنار ئاپىسىنى مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تېخىمۇ سەگەكلەشتۈرۈشى كېرەك!

رەنا دىلنارنىڭ بايىقى گېپىدىن خىجىل بولدى.

لېكىن ئەمەلىيەتنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتى، ئۇ شۇنچە يىللاردىن بېرى ئايرۇسنى زىيادە ياخشى كۆرۈپ ئەتىۋارلاپ، بەزى ئىشلارنى ئاشۇرۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى

 رەنا  تېخى  ئايرۇسنىڭ بۇ ئىشلارنى قايتا-قايتا بىر ياققا قايرىپ قويغانلىقىنى ئۇنتۇپ، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ <ئىش ئۇقىدىغان>  بولىدىغانلىقىدىن كۆڭلى خېلى ئارام تېپىپ قاپتۇ. ئەسلى ئايرۇسنىڭ يەنە مۇنداق مەقسىتىمۇ باركەندە ....

مۇشۇنداق بىر نەرسىگە كۆنۈپ قېلىش...  ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق ئىكەن.

بايا ئايرۇس رەنانىڭ ئالدىدا بەزى ياخشى تەسىراتلارغا ئېرىشكەن ئىدى، مانا ئەمدى دىلنارنىڭ بىر نەچچە ئېغىز سۆزىدىن كېيىن، ياخشى تەسىراتتىن قىلچە ئەسەرمۇ قالمىدى، ئەمدىلىكتە تېخى خاتا ئىش قىلغان بولۇپ قالدى، ئايرۇس ئۆچمەنلىك بىلەن چىشىنى غۇچۇرلاتتى.

لېكىن، رەشىدە دىلنارغا خېلىغىچە تىكىلىپ قاراپ چىرايى بارغانسېرى تەمكىن تۈسكە كىردى.

ئۇ بۇ يەردە ھەمىشە بىر ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلدى، ئەمما نېمىلىكىنى بىلەلمىدى.

دىلنار دېگەن بۇ ئايال  زىيادە ئەقىللىك، ئىشلارنى بەك چوڭقۇر ئويلاپ كېتەمدۇ ياكى ئۇ بۇ ئىشلارغا پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەمدۇ...

نېمە ئۈچۈن... ئۇ مۇيەسسەرنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىدىن ئازراقمۇ ھەيران قالمايدۇ؟

ھەتتا ھېچقانداق ئارتۇقچە كەيپىياتتىمۇ بولمايدۇ؟  دەپ ئويلىدى.


 

 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章