مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز78-قىسىم - مەن ھازىر توي قىلىپ بولدۇم

文摘   小说   2024-08-25 14:08   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 100-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271



7776


 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

78-قىسىم

  


78-قىسىم 

مەن ھازىر توي قىلىپ بولدۇم


زىلالە  <ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز؟>  دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.

ئەگەر تۈنۈگۈن بىرەرسى ئۇنىڭدىن بۇ سوئالنى سورىغان بولسا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن < ياق >   دەپ جاۋاب بېرەلەيتتى.

بىراق، ھازىر ئېغىز ئاچالماي سەل ئىككىلىنىپ قالدى.

 ـ  زىلالە!  ـ    جەسۇرنىڭ ئاۋازى يېقىنلا يەردىن ئاڭلاندى.

ئىككىيلەن تەڭلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ،  ئۇنىڭ مېھمانخانىغا كىرىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

زىبارە ئالاقزەدە بولغان ھالدا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، زىلالەنىڭ تۇتۇۋالغان بىلىكىنى بوشىتىپ:

- جەسۇر ئاكا، نېمە بولدى؟  ـ دەپ سورىدى.   

بايا جەسۇر ... زىلالەنى چاقىرمىدىمۇ؟

ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىغان زىلالە بولۇۋاتقان ئىشلاردىن چۆچۈپ كەتتى.

 جەسۇر مۈرىسىنى قىسىپ تۇرۇپ:

  ـ  ئۆيىڭىزدە ئۈگرە بارمۇ،  بىر قاچا چۆپ پىشۇرۇپ يېگۈم كېلىۋاتىدۇ؟ - دېدى.

 ـ  ئەلۋەتتە بار، - دېدى زىبارە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، ئۇنى ئاشخانىغا باشلاپ كىرىپ، توڭلاتقۇدىن بىر خالتا ئۈگرە ئېلىپ، ـ   سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چۆپ، - دېدى.    

جەسۇر ئۇنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، توڭلاتقۇغا قاراپ، قولىنى سوزۇپ پەمىدۇر بىلەن تۇخۇمنى ئالدى.

زىلالە ئەمدىلا بېرىپ ياردەملەشمەكچى بولغاندا، زىبارە تەشەببۇسكارلىق بىلەن:

 ـ    مەن سىزگە ياردەملىشەي، ماڭىمۇ بىر قاچا  بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، سىز ئەتكەن پەمىدۇر، تۇخۇم چۆپنى يېمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ، ئاكامنىڭ ئەتكىنى بىلەن سىز ئەتكىنىڭىزنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.  ـ دېدى.   

بىر ئەر، بىر ئايالنىڭ ئاشخانىسىنىڭ مەشغۇلات سۇپىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشى،  خۇشال گۈزەل بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئوبرازىنى ئەسلىتەتتى.

زىلالە لېۋىنى چىشلەپ، بۇرۇلۇپ مېھمانخانىدىن چىقتى.

جەسۇر قولىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇرۇلۇپ ئاشخانىنىڭ ئىشىكىگە قارىدى.

زىلالە بولمىغاچقا ئىختىيارسىز قوشۇمىسى تۈرۈلدى.

 ـ    يۇيۇپ بولدۇم. - دېدى زىبارە يۇيۇلغان پەمىدۇرنى سۇنۇپ،  ـ  يەنە نېمە قىلىشىپ بېرەي، - دەپ سورىدى.  

 ـ    ھاجى يوق. - دېدى جەسۇر قىڭراقنى ئېلىپ،- سىرتقا چىقىپ ساقلاپ تۇرۇڭ، - دېدى.     

- باشقا ئىشىممۇ يوق، مۇشۇ يەردە سىزگە ھەمراھ بولاي، - دېدى زىبارە يانغا سۈرۈلۈپ،  كۈلۈمسىرەپ، ـ  ناۋادا بىرەر نەرسە كەم بولۇپ قالسا، نەدىكىنى دەپ بېرەلەيمەن، - دېدى.   

جەسۇر بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئاشخانىنىڭ دېرىزىسىدىن گۈللۈككە قاراپ:

 ـ   زىلالەنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىنى خالىمايمەن.  ـ دېدى.    

زىبارە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ پەرتۇقنى ئېلىپ تاقاپ قويماقچى بولۇپ:

  ـ  بىراق...  ئىلگىرى بىز مۇشۇنداق ئىدۇققۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە... - دېدى.   

جەسۇر ئوڭ قولىنى  سوزۇپ، ئۇنىڭ قولىدىكى پەرتۇقنى تۇتۇۋېلىپ جىددىي تەلەپپۇزدا :

 ـ  ھازىر بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، مەن ھازىر توي قىلدىم، - دېدى.

   زىبارەنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭ ئۈزۈك تاقاپ پەرتۇقىغا ئېسىقلىق تۇرغان سول قولىغا چۈشكەن شۇ دەقىقىدە ئاستىنقى كالپۇكىنى چىشلەپ، بۇرۇلۇپ ئاشخانىدىن  چىقىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتكە قاراپ يۈگۈردى.

جەسۇر يېنىك ئۇھ تارتىپ، پەرتۇقىنى تاقاپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن چۆپ پىشۇردى.

گۈللۈككە چىققان زىلالە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئاشخانا تەرەپكە قاراپ قويدى.

ئاشخانىنىڭ دېرىزىسىگە پەردە ئېسىلغان بولۇپ، ئۇ تۇرغان يەر بىلەن بىر بۆلەك ئارىلىق بولغاچقا،  ئىچىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى.

بىراق، ئۇ تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ.

ئاشخانىدىكى ئەر-ئايال چوقۇم ناھايىتى خۇشال ھالدا پاراڭلىشىپ، ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەمىدۇر تۇخۇم چۆپىنى پىشۇرىۋاتىدۇ.

 جەسۇر بىلەن توي قىلغىلى شۇنچە ئۇزۇن بولدى،  ئەزەلدىن ئۇنىڭغا بىرەر قېتىم چۆپ پىشۇرۇپ بېرىپ باقمىدى.

 ـ    زىلالە؟ -  قارشى تەرەپتىن ئەكبەرنىڭ ئاۋازى كۆتۈرۈلۈپ،  ـ  نېمە ئويلاۋاتىسىز؟ ـ   دەپ سورىدى.    

- ھە، ھېچنېمە بولمىدى. - دېدى زىلالە يوشۇرغان ھالدا كۈلۈپ قويۇپ، -  سىلەر جەسۇر بىلەن تونۇشقىلى خېلى ئۇزۇن بولدىمۇ؟  ـ دەپ سورىدى.   

 ـ    ئون يىلدەك بولغاندۇ.  ـ    دېدى ئەكبەر شامپاننى ئىچىۋېتىپ، بۇرۇنقى كونا ئىشلارنى تىلغا ئالغىنىدا  كۆزىلىرى قىسىلىپ،  ـ  ئۇ چاغدا زىبارە ئەمدىلا ئون نەچچە ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئەسكى ئادەملەرگە ئۇچراپ قالغان. مەن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، جەسۇرنىڭ پۈتۈن بەدىنى قىپقىزىل بويۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، مېنى قاتتىق قورقۇتىۋەتتى  ـ   دېدى.

زىلالە ئەنسىرىگەن ھالدا:

  ـ   يارىلىنىپتىمۇ؟  ـ   دەپ سورىدى.

  ئەكبەر يان قوۋۇرغىسى تەرەپنى كۆرسىتىپ:

- بەل قىسمى،  قارشى تەرەپ رەھىمسىزلىك بىلەن يارىلاندۇرۇپتۇ،  بەختكە يارىشا ھاياتىغا خەۋپ يەتمىدى، بولمىسا  ئاكا-سىڭىل ئىككىمىز بىر ئۆمۈر خاتىرجەم بولالمايتۇق.  ـ  دېدى.  

زىلالەنىڭ كاللىسىغا جەسۇرنىڭ بېلىدىكى يارا كەلدى.

دېمەك، ئۇ تاتۇق زىبارەنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قاپتۇ.

 ـ  كېيىن بىلىسەم، ئۇ مەن بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى ئىكەن. - دېدى ئەكبەر كۈلۈپ تۇرۇپ،  ـ    بۇرۇن بىر شەھەردە تۇرۇپمۇ ئۇچرىشىپ قالماي، يىراق ئەلدە تونۇشۇپ قالدۇق،  ـ    دېدى.

سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئەكبەر توختاپ قىلىپ، يىراقتىن زىلالەغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كۈلۈمسىرەپ :

 ـ  جەسۇر ياخشى ئەر،  بەك تەلەيلىك ئىكەنسىز.  ـ    دېدى.

زىلالە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يالغاندىن مېۋە شەربىتى ئىچكەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، گەپ قىلمىدى.

ئەگەر مۇشۇنداق ئەر تەرىپىدىن ھەقىقىي ياخشى كۆرۈلسە، چوقۇم تەلەيلىك بولىدۇ.

ئەپسۇس... جەسۇرنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن ئادەم ئۇ ئەمەس.

 ـ  چۆپ كەلدى!  ـ    

جەسۇر پىشۇرغان چۆپنى كۆتۈرۈپ، زىبارەنىڭ بوش ئورنىغا قاراپ قويدى.

ئەمما يەنىلا چاندۇرماي كۈلۈپ تۇرۇپ بىر قاچا چۆپنى بىرىنچى بولۇپ زىلالەنىڭ ئالدىغا قويۇپ:

 ـ    قېنى، خوتۇن مېنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرىمنى تېتىپ بېقىڭە.  ـ دېدى.   

بۇ ئۇنىڭ بۈگۈن كەچتە  تۇنجى قېتىم <خوتۇن> دەپ چاقىرىشى بولۇپ، زىبارە يوق چاغنى تاللىدى.

زىلالە كۆز ئالدىدىكى مەززىلىك تاماققا قاراپ، قورسىقى ئېچىپ تارتىشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئازراقمۇ ئىشتىھاسى ئېچىلماي:

 ـ  زىبارەچۇ؟  ـ    دەپ سورىدى.

 ـ  ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس، چوقۇم ھېرىپ كېتىپ ئۈستىگە چىقىپ ئارام ئالدى. - دېدى ئەكبەر ئىككىنچى قەۋەتتىكى ياتاق ئۆيگە بىر قاراپ قويۇپ،-  ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، تاماق يەيلى، - دېدى. 

زىلالە ئۆزىنى زورلاپ بىر نەچچە چوكا چۆپ يەپ، چوكىنى  قويۇپ:

- مەنمۇ ھېرىپ قالدىم، بىزمۇ قايتايلىمۇ؟ - دېدى.    

ئىككىيلەن ئەكبەر بىلەن خوشلىشىپ،  ماشىنىغا چىقتى.

زىلالەنىڭ ئاشقازىنى ھېلىھەم ئاغرىۋاتاتتى،  ئالدىدىكى يولغا تىكىلىپ، پۈتۈن زېھنىنى ماشىنا ھەيدەشكە قاراتتى.

جەسۇر ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرۇپ، قولىدىكى بىر تال تاماكىغا ئوت ياقماي، بارماقلىرى ئارىسىدا ئويناۋاتاتتى.

ئۇ تاكى  ئۆيى بار ئولتۇراق رايونغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، تاماكىنى يانچۇقىغا سالدى.

جەسۇر ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ، زىلالەنىڭ ئارقىسىدىن قۇچاقلاپ:

 ـ    كۈندەشلىك قىلىۋاتامسىز؟  ـ    دەپ سورىدى.

زىلالە سۇس كۈلۈپ قويۇپ:

 ـ    كىمدىن كۈنلەيمەن؟  ـ  دېدى.  

جەسۇر يان تەرەپتىن ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلدى.

قىزنىڭ كۈلكىسى ناھايىتى سۇس، چىرايىدىكى چىراي ئىپادىسىمۇ ئوخشاش ناھايىتى سۇس  بولۇپ، زىبارە ئىككىسى بىلەن كارى بولمىغاندەك قىلاتتى، قارىغاندا  كۆپ ئويلاپ كەتتىمۇ قانداق.

جەسۇر خاتىرجەم بولۇپ، ئېڭىشىپ ئۇنىڭ چېچىغا سۆيۈپ قويۇپ:

 ـ   كەچلىك تاماقنى كۆپ يېمىدىڭىز... بولمىسا ئازراق يەيدىغان نەرسە تەييارلاپ بېرەي،  شاكىلاتلىق سۈت بولامدۇ؟  ـ  دەپ سورىدى.  

 ـ     ھاجىتى يوق.- زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ رەت قىلىپ، - ئىسكىرىپكا مۇسابىقىسىگە تىزىملاتتىم، بېرىپ ئىسكىرىپكا مەشىق قىلغۇم بار.  ـ  دېدى.  

 ـ    شۇنداقمۇ؟ - دېدى جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ، ‐ ئۇنداقتا خوتۇن، غەيرەت قىلىڭ!  ـ    دېدى.

- سەل كەچ قالىمەن، مېنى ساقلىماڭ.  ـ  دېدى زىلالە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ، ساز چېلىش ئۆيىگە كىرىپلا ئىشىكنى ياخشى تاقاپ،ئىسكىرىپكىنى چىقاردى.

قۇلاق تۈۋىدە جەسۇرنىڭ ئاۋازى يەنە بىر قېتىم ياڭرىدى.

 ـ    كۈندەشلىك قىلىۋاتامسىز؟ ...    

 كامانچىنى چىڭ تۇتۇۋالغان زىلالەنىڭ يۈرىكى قاتتىق سوقۇپ كەتتى.

شۇ چاغدىلا، ئۆزىدىكى غەلىتە كەيپىياتىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.

توغرا!

ئۇ كۈنلەۋاتىدۇ.

 ھەسەت قىلىۋاتىدۇ.

خاپا بولۇۋاتىدۇ.

ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنداق تىنچ تۇرالمىدى.

 ئىزچىل جەسۇر بىلەن زىبارەنىڭ بىللە تۇرغانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولدى.

بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمگە كۆڭۈل بەرمەيمەن، ياخشى كۆرۈپمۇ قالمايمەن دەپ ئويلىغان.

لېكىن خاتالاشقاندەك قىلىدۇ،  ئۆزىنى يۇقىرى چاغلاپ قاپتۇ.

ئۇ ... راستتىنلا جەسۇرنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك قىلىدۇ!





 

 

..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章