نۇرغۇن كىشىلەر گۆشكە ئامراق بولۇپ، تامىقىدا گۆش بولمىسا كۆڭلى يېرىم بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاماق ئۈستىلىدە ھەر خىل تەمدىكى گۆشلەر پەيدا بولىدۇ. سىز قايسى خىلدىكى گۆش سالامەتلىككە پايدىلىق، قايسى خىلدىكى گۆش سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
كىچىك ۋاقتىمىزدا، ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ كاللىمىزغا پەقەت گۆشنى كۆپ يېگەندىلا، سالامەتلىكىمىزگە تېخىمۇ پايدىلىق،-دېگەن ئىدىيىنى سىڭدۈرىۋەتكەن. ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى، بارلىق گۆشلەرنى چوقۇم يېيىشكە بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، تۆۋەندىكى تۆت خىل گۆشنى ئەڭ ياخشىسى ئاز يېيىش كېرەك.
بىرىنچىسى، تۇزلانغان (سۈرلەنگەن) گۆش: نۇرغۇن كىشىلەر تۇزلانغان گۆشنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق بۇنداق گۆشتە كۆپ مىقداردا تۇز بولۇپ، ئاسانلىقچە قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىپلا قالماي يەنە، تۇزدىكى نىترات ئاشقازانغا كىرىپ ھەزىم بولۇپ، نىترىتقا ئايلىنىدۇ، ئاندىن ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ نىتروزامىن ھاسىل قىلىدۇ، بۇ كۈچلۈك راك پەيدا قىلغۇچى ماددا.
ئىككىنچىسى، كاۋاپ قاتارلىق ئىسلانغان گۆشلەر: نۇرغۇن كىشىلەر ئىسلانغان گۆش يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما سىز ئامراق ئىسلانغان گۆشنىڭ ئالاھىدە تەمى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ راك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئىسلانغان گۆش تەركىبىدە كۆپ مىقداردا بېنزوپىرىن بولۇپ، بېنزوپىرىنمۇ ئېتىراپ قىلىنغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددا.
ئۈچىنچىسى، مايدا قورۇلغان گۆش: نۇرغۇن كىشىلەر گۆشنى ياغقا سېلىپ قورۇما قورۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خىل گۆشنىڭ قارىماققا رەڭگى چىرايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تەمى تاتلىق، بىراق قورۇلغان گۆشنىڭ ماي تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، قورۇلغاندىن كېيىن بېنزوپېرىننىڭ مىقدارى ئاشىدۇ، بۇمۇ راك پەيدا قىلغۇچى ماددا.
تۆتىنچىسى، مايلىق گۆش: ئەڭ ياخشىسى مايلىق گۆشنى يېمەسلىك كېرەك، چۈنكى بەك مايلىق گۆشتە دائىم تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى مول بولىدۇ، كۆپ مىقداردا تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى قاندىكى ماينى ئاشۇرۇپلا قالماي، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەركىتىنى تورمۇزلاپ، بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئۇنداقتا قانداق گۆشنى يېسەك بولىدۇ؟
نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئورۇق گۆش يېيىش سالامەتلىككە پايدىلىق. بېلىق گۆشى، راك گۆشى، ئورۇق كالا گۆشى، ئورۇق قوي گۆشى قاتارلىقلار بىزنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئادەتتە گۆشنى ئازراقلا قورۇش ياكى سۇدا پىشۇرۇپ يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ھەم تەمىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ ھەم سالامەتلىككە پايدىلىق.
گۆشكە ئامراق كىشىلەر پەقەت گۆشكىلا ئېسىلىۋالماي، يەنە بەزى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى يەپ تۇرۇشى كېرەك.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ