قېرى قىز26-27-قىسىم | تۈگىدى

文摘   2024-11-25 11:15   新疆  

قېرى قىز


ئايگۈل ناسىر ياسىمەن

26-قىسىم

ئىككى يىلدىن كېيىن ئېھساننىڭ تويى بولدى، داداملار تويغا كەلمىدى، مەن ئۇنىڭ تويىغا بېرىپ، چىرايلىقچە تويغا قاتنىشىپ كەلدىم. بانىكىدىن ئارمانغا ئېلىپ بەرگەن قەرزىم تۈگەپ ،قولۇم پۇل كۆرگەن ئىدى. ئارمان بىلەن توي قىلىپ قالسام ئىشلىتىش ئۈچۈن پۇل يىغۋاتاتتىم.  تەتىلگە يېقىن مەكتەپتىن مېنى ئىككى يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.  ئارمانغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېلفۇن قىلغىنىمدا تېلفۇننى بىر ئايال ئالدى.

-ۋەي! كىمنى ئىزدەيسىز؟

-ۋەي ئارماننى ئىزدەيتىم.

-سىز كىم؟

-ساۋاقدىشى.

-گۈلزىبامۇ سىز؟

-سىز كىم؟

-مەن لالە! كەچۈرۈڭ، ئارمان يوق، ئۇ تۈرمىگە كىرىپ كەتتى!

***                ***                  ***

ئادەم ئادەمگە ھەممە نەرسىنى ئۆگىتىدۇ؛ مۇھەببەتنى، نەپرەتنى، ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەتنى...

ئەڭ ئاخىرقى تىنىققا بولغان قىيالماسلىق- ئادەمنىڭ بارلىق ئۆگەنگەنلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت مۇھەببەتنىڭلا مەڭگۈلۈك تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

مەن لالەنىڭ يامان سۈپەتلىرىنى پەقەت ئارماننىڭ ئېغىزىدىنلا ئاڭلاپ باققان، ئەمما كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدىمۇ مېنىڭ كۈچلۈك رەقىبىم بولغان بۇ كۈندىشىمىنىڭ ھېلىقى ۋاقىتتا، شەرقى كۆلدە ئارمانغا قاراپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، خاپا چىراي كېتىپ قالغىنىنى كۆرگىنىمدىن باشقا چىرايىنىڭ بىرەر قېتىم  تۇتۇلۇپ قالغىنىنى، قاپىقىنىڭ تۈرۈلۈپ قالغىننى، ياكى ئۈنلۈكرەك ئاۋازدا گەپ قىلغان ھالىتىنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. قاچانلا قارىسام ئۇنىڭ سۇس كۈلۈمسىرەپ، نازۇكلۇق بىلەن مېڭىۋاتقىننى كۆرەتتىم.  مانا ھازىرمۇ ماڭا بىر ئېغىزمۇ قوپال گەپ قىلمىدى، تېخى ئارماننىڭ تېلفۇنىنى ئېلىپلا «سىز گۈلزىبامۇ» دېيشى قىزىق!  ئەجىبا، ئۇ مېنىڭ ئارمان بىلەن بولغان ھېلىقى ئىشىمنى بىلەمدىغاندۇ ؟ ھازىرغىچە ئىزدىشىپ، خۇپىيانە كۆرۈشۈپ يۈرگىنىمىزدىن خەۋرى بارمىدۇ يا؟  ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا، ئۇ ئارمانغا ماسلىشىپ مېنى ئەخمەق تېپىپ، بانكىدىن ئارمانغا قەرز ئېلىپ بەرگەن پۇلۇمنى قايتۇرماسلىقنىڭ كويىغا چۈشكەنمىدۇ يا؟

ئارمان بىلەن ئۈچ كۈن ئاۋۋال ئازراق تەگىشىپ قېلىپ، بىر-بىرىمىزگە قېيداپ تېلفۇن قىلىشمىغان ئىدۇق، نەچچە كۈن ئالاقىلەشمىگەنگە بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلىسام قانداقمۇ ئىشەنگۈم كەلسۇن؟

مەن خىياللىرىمنى سۈرۈپ بولغۇچە قارشى تەرەپ تېلفۇننى ئۈزىۋەتكەن ئىدى. جايىمدا قانچلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن، لالەنىڭ بايىقى گېپى

بارلىق خىياللىرىمنى، تەپەككۇرۇمنى قالايمىقان قىلۋەتكەن ئىدى. ئۇلار ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ھەمكارلىشىپ مېنى قىلتاققا چۈشۈرگەن-چۈشۈرمىگىنىدىن گۇمانلىنىپ قېلۋاتاتتىم. ئارمان ماڭا ئەزەلدىن ھەركىملەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ ئالدىدىمۇ مەيدەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ«ئۇ ماڭا مۇنداق قىلمايدۇ، ئۇ ئۇنداق ئادەم ئەمەس»دېيەلگۈدەك ئىشەنچ بېرىپ باقمىغان ئىدى! مەن ئۇنىڭ قولىدىن ھەرقانداق ئىشنىڭ چىقىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتىم يۇ، ماڭا ياخشى بولىدىغان بىرەر ئىشنى خالاپ قالدىغانلىقىغا ئىشىنەلمەيتىم. بۇ بەلكى لالەنىڭ مېنى ئارماندىن يىراق قىلىش ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان ئەقلىدۇر، ياكى ئارماننىڭ مەندىن ئۈزۈل -كېسىل قۇتۇلۇش ئۈچۈن خوتۇنىغا ئۆگەتكەن ئەقلىدۇر، ئەمما نەچچە كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ تۈرمىگە كىرىپ قالغىنىغا ئىشىنەي دېسەممۇ ئىمكانىم يوق ئىدى!

تۇلىمۇ ئۇزۇن ئويلانغاندىن كېيىن ئارمانغا يەنە تېلفۇن قىلدىم.

-ۋەي گۈلزىبا!

-تېلفۇننى ئارمانغا بېرىڭە لالە!

-مەن سىزگە دېدىمغۇ، ئارمان يوق، تۈرمىگە كىرىپ كەتتى!

-سەككىز يىل ئاۋۋال مەن ئارمانغا بانكىدىن قەرز ئېلىپ بەرگەن، شۇ پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەرسە بولاتتى! بولمىسىغۇ ئارماننى ئىزدەيدىغان ئىشىممۇ يوق ئىدى!

-بۇنىڭدىن مېنىڭ خەۋرىم يوقكەن.

لالەنىڭ ئاۋازىدىكى تەمكىنلىك، پوزىتسىيسىدىكى بىپەرۋالىقتىن ئۇنىڭ ئارمان ھەققىدە ئېيتقانلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى بىلىنىپلا تۇراتتى.

بەزىدە قۇلاق بىلەن ئاڭلىغانغا ئەمەس، كۆز بىلەن كۆرگەنگىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدىغان ۋاقتلار بولىدۇ. مەن بۇ ئىشنىڭ زادى قانداقلىقىنى بىلىشىم كېرەك، ئەمما قايتا-قايتىلاپ ئۇرغان تېلفۇننى ئىزچىل لالە ئېلىپ كېلۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ئاشۇ بىر ئېغىز گەپتىن باشقا گەپ چىقمايۋاتاتتى. تولا تېلفۇن ئۇرۇپ ئۇنىڭ سەۋر قاچىسىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماقتا ئىدىم. سوغۇق تەگمەيتى، تېرىكمەيتى، غەزەبلەنمەيتى، ھەر قېتىمدا ئوخشاش پوزىتسىيە بىلەن ئوخشاش گەپنى تەكرارلايتى، بۇ خۇددى كۆچمە خەۋەرلىشش شېركىتىنىڭ ماشىنا مۇلازىمەت ياردەمچىسىنىڭ سېستىمىسىغا كىرگۈزۈپ قويۇلغان گەپلەرگە ئوخشاش تەكرار گەپلەر ئىدى.

ئېھسان مېنى بىر نەچچە قېتىم ئاپىرىپ-ئەكىلىپ قويغان، ئىككى ناھىيە ئارىسىدىكى ھېلىقى يول كېڭەيتىلىپ ياسلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇ يوللاردا قاتناش چەكلىنىپ، يول پۈتكىچە باشقا يول بىلەن مېڭىپ تۇرۇش ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئىدى. ئۇلار كۆرسەتكەن باشقا يول تۆت يۈز كىلومىتىردىن ئارتۇق بولۇپ، ئاسانلىقچە قاتناشمۇ تېپىلمايتى تېخى! دەل مۇشۇ سەۋەبلەر بىلەن ئارماننى ئىزدەپ بېرىپ، بۇ ئىشنىڭ غېزى بىلەن ئۆردىكىنى ئايرىۋېتشتىن ئىبارەت غەزەبلىك پىلانىم يوققا چىققان ئىدى!

بىردىنلا كاللام ئىشلەپ قالدى ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىششتىن بىرتال كارتا بىجىرىپ ئارمانغا تېلفۇن قىلدىم. يەنە لالە ئالدى. بۇنىڭغىمۇ زادى تاقەت قىلىپ بولالماي ئىشخانىدىكى خىزمەتداشلارنىڭ تېلفۇنىدا تېلفۇن ئۇرۇپ باقتىم، قارشى تەرەپتىن ئاڭلىنىدىغىنى يەنىلا لالەنىڭ ئاۋازى ئىدى!

مەن ئارماننىڭ يۇرتىغا بېرىپ ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇساپىلىق ۋاقىتىلىق يولدا مېڭىپ ۋاقىتىم ھەم پۇلۇمنى خورىتىشىم، ياكى يېڭى يولنىڭ پۈتۈشىنى كۈتۈپ تۇرۇشۇم ئىدى! ئەمما، كېڭەيتىپ ياسلىۋاتقان يولنىڭ پۈتۈشىنى ساقلاشقا تاقىتىم يەتمەيدىغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان ئىدى!

ھەپتىنىڭ ئۈچىنجى كۈنى كەچتە ، بىكەتتە ماشنا ساقلاش، بېرىش-كېلىش ، ئارماننى ئىزدەپ تېپىش، ۋە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ، پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئېيتىش...قاتارلىق ئىشلارغا كېتىدىغان ۋاقىتنى مۆلچەرلەپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئىككى كۈنلۈك رۇخسەت سورىدىم.

-تۆت كۈن ۋاقىت نۇرغۇن ئىشلارغا يىتىدۇ ئۇكام، ئىككى كۈنلۈك رۇخسەتكە ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىشىڭىزنى قوشۇپ، ئىشلىرىڭىزنى ئوبدان تۈگىتىپ، ھەپتىنىڭ بىرىنجى كۈنى ئىشقا كىچكمەي كېلىڭ ئەمىسە!

-بولىدۇ مۇدىر، رەھمەت.

تاڭ سەھەردە يولغا چىقىپ، نەق تۆت سائەت ماڭغاندىن كېيىن ئارماننىڭ يۇرتىغا يىتىپ كەلدىم. ئاۋۋال كەچتە تۇرىدىغانغا ياتاق ئالدىم ۋە تېلفۇنۇمغا توكنى توشقىچە قاچىلاپ سىرتقا چىقتىم. ھاۋا تۇتۇق بولسىمۇ ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان بىر دىمىقچىلىق بولۇپ، يۈز-كۆزلىرىم، بوينۇم تەرلەپ ئېچىششقا باشلىدى.  مەن يىللاردىن بۇيان بۇ يەرگە ئارماننى ئىزدەپ نەچچە قېتىملاپ كەلگەن  بولساممۇ،  ئۇنىڭ بىرەر قېتىم مېنى بىر قاچا سۇيۇقئاش بىلەن مېھمان قىلغىنىنى بىلمەيتىم. شوڭا بۈگۈنمۇ ئاچ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال تاماق يەۋېلىشىم كېرەك!

ئاشخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتتۇم ۋە ئارمانغا تېلفۇن قىلدىم.

--ۋەي، گۈلزىبا!

-ۋەي! مەن ئارماننى ئىزدەيتىم، خاپا بولماي تېلفۇننى ئۇنىڭغا بەرسىڭىز بوپتىكەن!

-ئارمان يوق دېدىمغۇ گۈلزىبا، نېمانداق ئىشەنمەيسىز؟

-مەن سىلەرنىڭ يۇرتتا ، بايا كەلدىم، سىرتقا چىقامسىز؟ ئارمان بولمىسا ئىككىمىز پاراڭلاشساقمۇ بولىدۇ!

-بولىدۇ، قەيەردە ساقلاۋاتىسىز؟

«ئەزىز دىيار تېز تاماقخانىسى»دا.

-ماقۇل، مەن ھازىر باراي!

سەل جىددىيلەشتىم ھەم سومكامدىن كىچىك يۇمۇلاق ئەينىكىمنى چىقىرىپ ئۆزۈمنى ئارزاق تۈزەشتۈرگەن بولدۇم. تەخمىنەن يىگىرمە مىنۇتلاردىن كېيىن لالە كەلدى. ئۇنى كۆرۈپلا ۋۇجۇدۇمدا پەيدا بولغان يېڭىلىش تۇيغۇسى مېنى كونتىروللىقىغا ئالدى ۋە ئىختىيارسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. شۇ دەقىقىدە ئويلىغىنىم ۋە ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى، لالە كېلىشتىن بۇرۇن ھېلىغۇ بىرەر مىنۇت كىچىك ئەينەككە قاراش ئىكەن، نەچچە كۈنلەپ ئەينەك ئۆينىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ ياسانساممۇ چىراي ۋە بەدەن قۇرۇلمىسى جەھەتتە ئۇنىڭغا يىتەلمەيدىغانلىقمنى بىلەتتىم. مانا ئەمدى ئۇنىڭدا پەيدا بولغان پىشقان ئاياللارغا خاس سالاپەت ۋە تەمكىنلىك مېنى ھەسسىلەپ ھۇدۇقتۇرماقتا ئىدى...

-ياخشىمۇسىز گۈلزىبا؟ سالامەت كەلدىڭىزمۇ؟

-ياخشىمۇسىز لالە؟

-ئەسلىدە بۈگۈن كەچتە باشقا ئىشىم بار ئىدى، سىزنىڭ ئاتايىن كەلگىنىڭىزنى ئاڭلاپ، ۋاقتىنى بىرسائەت ئارقىسىغا سۈردۈم. بىز نېمىلا دېمىگەن بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇغان. ناتونۇشلاردىن ئەمەسمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارمانغا بىرمۇنچە پۇل بەرگەننىڭ گېپىنى قىلىۋاتىسىز، شوڭا سىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. ئارماننى تۈرمىگە كەتتى دېسەم، ماڭا زادىلا ئىشەنمىدىڭىز، بەلكى بۇ ئىشەنچىسىزلىكىنى سىزگىمۇ  ئارمان ئاتا قىلغان بولسا كېرەك، مەن بۇ خىل تۇيغۇنى چۈشىنىمەن،ھەم ئارماننىڭ ئەتراپىدا يۈرگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئارمان تەرىپىدىن ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، كېيىن باشقا ئادەملەرگىمۇ ئىشەنمەس بولۇپ قالدىغىنىنى بىلىمەن. بۇنداق دېسەم مېنى ئېرى تۈرمىگە كىرىپ كېتىش ھامان ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ، سىزنىڭ ئارماننى ھازىرغا قەدەر ياخشى كۆرۈپ كەلگىنىڭىزنى، شۇ سەۋەبتىن توي قىلمىغىنىڭىزنى، ھەتتا ھازىرغا قەدەر ئارمان بىلەن باردى-كەلدىڭىزنى توختاتمىغانلىقىڭىزنىمۇ بىلىمەن!  لىكىن سىزدىن ئاغرىنمايمەن ھەم سىزنى تىللاپمۇ يۈرمەيمەن، چۈنكى ئارماننىڭ ئەتراپىدا سىزدەك قىزلار كۆپ، ھەممىسىگە ئاچچىقىلىنىۋەرسەم ياشمىسام بولىدۇ. ئەمما مېنىڭ بۇ گۈلدەك گۈزەل  ھاياتىمنى ماڭا ئارمان ئەمەس،  ئاتا-ئانام بەرگەن.  شوڭا ئاتا-ئانام ئۈچۈن، ئۆزۈم ئۈچۈن، ۋە كەلگۈسۈم ئۈچۈن خۇشال ھەم ياخشى ياشىشىم كېرەك. ئارمان ئۈچۈن ئۆزۈمنى تۈگەشتۈرۋالسام ئاتا-ئانامغا يۈز كېلەلمەيمەن، ئۇلارنىڭ مەن ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىنى ئېتراپ قىلمىغان بولۇپ قالىمەن، شوڭا مەن ئارماندىن ئاللىقاچان ۋاز كەچكەنمەن. ئۇنداق ئەر بىر مۇكەممەل ئايالغا ماس كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ ماڭا!  مانا بۇ ئارماننىڭ قولغا ئېلىنىش ئۇقتۇرۇشى، مانا بۇ ئىككىمىزنىڭ ئاجىرىشىش خېتىمىز، كۆرۈپ بېقىڭ...

-لالە! ئارمان قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇنلا سىز ئۇنىڭ بىلەن ئاجىرىشىپ كەتكەنما؟

-ھەئە. مەن ئۇنىڭ ئاكامدىن پايدىلىنىپ يۇقىرىغا يامىشىپ ئەمەل تۇتقىننى بىلىپ تۇردۇم، ئۇنىڭدىن كېيىن مالىيە ئىدارىسىنىڭ پۇللىرىغا خىيانەت قىلۋاتقانلىقىنى ھەم باشقىلاردىن پارا ئېلۋاتقىننىمۇ سىزىپ قالدىم. ئۇنىڭغا چىرايلىق تەربىيە قىلدىم، ئۆتۈندۈم، يالۋۇردۇم، لىكىن ئارمان ھىچكىمنىڭ گېپىنى ئىلىك ئالدىغان ئادەم ئەمەس، مەن ئوغلۇمنى يىتىم قىلماسلىق ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم، نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرمەسكە، بىلمەسكە سېلىۋالدىم، ئەمما ئۇنىڭ كۈندىن -كۈنگە يوغىناپ كەتكەن نەپىسى مېنى ھەقىقەتەن ئەنسىرىتىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇم ئىككىمىزنىڭ قولىمۇ ئۇ ئارقىلىق بولغانمىسۇن دەپ ئاجرىششنى ئىلتىماس قىلدىم، كىم بىلسۇن، بىز ئاجىرىشىپلا ئۇ قولغا ئېلىنىپ كەتتى.

-لالە، ئەمىسە سىز...

-ئوغلۇم بىلەن بىللە ياشايمەن!   قايتا ياتلىق بولۇشنى ئويلىشىپ باقمىدىم. سىز ئەھۋالنى ئېنىق بىلدىڭىز، ئارمان بىلەن كۆرۈشمەكچى بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، مەن بۇ يەردىكى ئىشلارنى راۋانلاشتۇرۇپ بەرسەم بولىدۇ. ئارمان بىلەن ئېلىم-بېرىم، ۋە ھەرخىل مۇناسۋەتلىرى بار ئادەملەر ئىزدەپ قالسا، مېنىڭ جاۋاب قايتۇرۇپ قويۇشۇمنى تاپىلاپ، ئارمان  تېلفۇنى بىلەن سىز بىلىدىغان كونا نومۇرىنى ماڭا قالدۇرۇپ قويغان ئىدى. ئەمدى بۇ نومۇرنىڭ ئىشىمۇ تۈگىدى.  مېنىڭچە بولسا سىز ئارمان بىلەن كۆرۈشۈڭ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سىز ئارمانغا قەرز بېرىپ تۇرغان پۇللارنى قايتۇرۇپ بەرگۈچىلىكى بار، پەقەت ئارمان ئۆيدىكىلىرىگە ئېيتسىلا، ئۇلار پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

-ماقۇل لالە، رەھمەت سىزگە، مەن قايتاي...

ياتاققا قايتىپ، تورۇشقا قاراپ يېتىپ قانچىلىك خىيال سۈرىۋەتكىنمنى بىلمەيمەن. لالەنىڭ بايىقى سۆزلىرى كۆڭۈل ئېكرانىمدىن نەچچە رەت ئۆتۈپ بولغان ئىدى. بىر ۋاقىتتا سائەتنىڭ قانچە بولغانلىقىغا قاراپ بېقىش ئۈچۈن تېلفۇنۇمغا قاراپ ئارماننىڭ ھازىر لالە ئىشلىتىۋاتقان نومۇرىدىن ئۇچۇر كەلگىننى كۆردۈم.

-مېنىڭ تېلفۇن نومۇرۇم، ساقلىۋېلىڭ، ئەمدى ئارماننىڭ كونا نومۇرىنى ئىشلەتمەيمەن.

-رەھمەت لالە.

ئەسلىدە ئارمان بىلەن بىر-ئىككى كۈن بىللە يۈرۈيمەن دەپ پىلانلاپ، ئىككى كۈن دەم ئېلىشقا ئىككى كۈنلۈك رۇخسەتنى قوشۇپ ئالغان ئىدىم. مانا ئەمدى بۇ ئىشلىرىم يېرىم كۈندىلا ئاياقلاشتى. ئېشىپ قالغان ئۈچ يېرىم كۈنۈمدە يۇرتۇمغا قايتىپ ئاتا-ئانامنى كۆرۈپ كەلمەك بولۇپ يولغا چىقتىم.

**               **                **

يىللار مېنىڭ ياشلىقىمنى، ئاتا-ئانامنىڭ قىرانلىقىنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، مېنىڭ مۇھەببەتكە بولغان قىزغىنلىقىمنى ۋە ئاتا-ئانامنىڭ مېنىڭدىن كۈتىدىغان ئەڭ ئاددى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئېلىپ كېتەلمىگەن ئىدى!

-سەن خىزمەتكە چىققىلى ئون يىلدىن ئاشتى قىزىم، ئۇنداق قىلماي ئەرگە تەگ، داداڭ ئىككىمىزنىڭ يۈزىمىزنى يورۇق قىل، غەمدىن خالاس قىل، بىزنى بۇنداق قىينىما ھەي ئادەم بالىسى!

ئاپامنىڭ دەسلەپكى يالۋۇرۇش، ئۆتۈنۈش ئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلدىغان يۇمشاق ،چىرايلىق گەپلىرى قوپاللاشقان بولۇپ، ھەر قېتىم ئۆيگە كەلگىنىمدە، تېلفۇن ئۇرغانلىرىمدا قۇلىقىمغا بۇخىل گەپلەر كىرىپ تۇراتتى، كېيىنچە ھەتتا ئاپام بىرەر قېتىم مۇشۇ گەپنى دەپ چېچىلۋالمىسا مەن نورمال ھېس قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.

مۇشۇ يېقىندىن بېرى نۇرغۇن ياش بالىلارنىڭ تېلفۇننى بۇرنىنىڭ ئۇچىغا توغىرلاپ سۆزلەيدىغان ئادەتنى مودا قىلۋالىغىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، بۇ ئىش خىزمەتداشلىرىم ئارسىدىىكى ياش بالىلاردىمۇ بار ئىدى.

- گۈلزىبا مۇئەللىم، تېلفۇنىڭىزغا ئۈندىدار چۈشۈرۈپ بېرەيمۇ؟

- قانداق نەرسە ئۇ ئۇكام؟

- بەك قولاي سېستىمىكەن ئۇ ، قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلىششقا ئىشلىتىمىز، يەنە سۆرەت، مۇزىكا يوللاش ئىقتىدارىمۇ بار ئىكەن!

-ماقۇل، ئۇنداق ياخشى نەرسە بولسا مەنمۇ خەۋەرسىز قالماي ئۇكام، بولسا چۈشۈرۈپ بېرىڭە!

-ماقۇل، تېلفۇنىڭىزنى ئەكىلىڭ!

ئۈندىدارئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىپ،خىزمەتداشلىرىمنى قوشۇپ، مەنمۇ تېلفۇننى بۇرنۇمغا تۇتۇپ سۆزلەشكە خېلى كۆنۈپ قالغان كۈنلەرنىڭ بېرىدە بىرەيلەندىن قوشۇش ئۇچۇرى كەلدى.

-كىم بولىسىز؟

-زىبامۇ سەن؟ مەن ئارمان...

داۋامى بار.

داۋامىنى بۇ يەردىن  كۆرۈڭ


27-قىسىم



BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章