بۇ كۆكتاتنى كۆپ يىسە يۈزىگە قورۇق چۈشمەيدۇ، يۈزدىكى داغ ئازلايدۇ.
پالەكنىڭ قانداق كارامىتى بارلىغىنى بىلەمسىز؟
1. قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
پالەك تەركىبىدە تۆمۈر ئىلىمىنتى ئىنتايىن مول، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم داۋالايدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە پالەكنى كۆپ يىسە ئىنتايىن پايدىلىق.
2. ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ
يىمەكلىك تالاسىنىڭ ئۈچەي يوللىرىنىڭ لۆمىلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۈچەينى تازلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، قەۋزىيەتنى ياخشىلاش رولى ئىنتايىن ياخشى. يەنە بوۋاسىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم داۋالاشمۇ رولى بار
3. ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدۇ
پالەك ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرگۈچى ئون چوڭ يىمەكلىكنىڭ بىرى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئوكسىتلىنىشقا قارشى تۇردىغان ئېلىنىتلاردىن سېلىن ھەم ۋىتامىن K مول بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، مۇسكۇلنىڭ قىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4. داغ يوقىتىپ تېرىنى پارقىرىتىدۇ
ئەمدى سىلەرگە پالەكتە ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرىمىز، يۈزدىكى قورۇق ھەم داغنى يوقىتىشقا ياردەم بېرىدۇ.
يىڭى پالەكنى يۇيۇپ پاكىز قاچىغا ئىلىپ ئىزىپ، سۈيىنى ئېلىپ قالىمىز، يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى يۈزگە چاپىمىز ، بۇنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسىڭىز يۈز تېرىڭىز ئىنتايىن نۇرلۇق بولۇپ كىتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا پالەك پۇشۇرغان سۇدا يۈزنى يۇغاندا، تېرىنى ئۈنۈملۈك تازلايدۇ.
كىيىمنى تازلايدۇ
پالەك سۈيىدە مول مىقداردا ئوكسالىك كىسلاتاسى بار، ئۇنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بەك كۈچلۈك. شۇڭا كىر يۇغاندا كىرنى پاكىزە چىقىرىدۇ.
پالەكنى سۇدا ئۈچ مىنۇت قاينىتىپ ئاندىن ساغىرىپ قالغان كىيىمنى 15مىنۇت ئۇۋىلاپ يۇسىڭىز كىر يۇيۇش سۇيۇقلىقىدىنمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
بۇخىل ئۇسۇلدا چاي دىغىنىمۇ چىقارغىلى بولىدۇ.