سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن
جەمئىيەت ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، ئەرلەر سىرتقا، ئاياللار ئۆيگە مەسئۇل بولۇشتەك ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن دېھقانچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەندىزىسى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىشكە باشلىدى. جەمئىيەتتىكى ئىش تەقسىماتى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. ئاياللار ئەنئەنىۋى ئائىلە ئىشلىرىدىن بارغانسىرى ئازاد بولۇۋاتىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، جەمئىيەتنىڭ ئاياللار بىلەن ئەرلەرگە قويغان تەلىپى ئوخشىمايدۇ. ئەنئەنىۋىلىك ئىدىيىسى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئەرلەرگە نىسبەتەن، ئىشتىن قايتقىنىدا، ئۆيدە ئىسسىق بىر قاچا تاماقنىڭ بولۇشى دەل ئۇنىڭ ئايالىدىن كۈتىدىغان تەلىپى.
ئۇنداقتا، توي قىلغان ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا، تاماق ئېتىدىغان ئايال بىلەن تاماق ئەتمەيدىغان ئايالنىڭ قانداق پەرقى بار؟
ئالدى بىلەن، تاماق ئەتمەيدىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى «ھىيلىگەر» بولىدۇ، ئۇلار يەنە ئوقۇش تارىخى يۇقىرى، مائاشى يۇقىرى، ھەمدە «تېز رېتىملىق» تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان، كوماندىروپكىغا چىقىش ۋە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش نورمال ئەھۋالغا ئايلانغان، ئېسىل خىزمىتى بىلەن ئۇلارغا ئېرىشكەن، ماشىنا ۋە ئۆيى بار، شۇنداقلا ئالىي دەرىجىلىك ئىستېمال ئورۇنلىرىغا بارىدىغان ئاياللاردۇر.
شۇڭا، بۇنداق ئاياللار ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىن ئەنسىرىمەي، پوزۇر ھالدا ئۆزى ياقتۇرغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنى سېتىۋالالايدۇ. چۈشتىن كېيىنلىرى ئالىي دەرىجىلىك قەھۋەخانىلاردا ۋە چايخانىلاردا بىر ئىستاكان قەھۋە ۋە بىر ئىستاكان خۇشپۇراق چاي بىلەن تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.
ئۇلار ۋاقتىنى شورپا قاينىتىش ۋە تاماق ئېتىشكە سەرپ قىلمايدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەقىل بولۇپ، مەززىلىك تاماقلار بىلەن ئېرىنى خۇشال قىلىش خىيالىمۇ بولمايدۇ. بۇ يېڭى دەۋردىكى مۇستەقىل ئاياللارنىڭ ئۆلچىمى.
ئىككىنچىدىن،
تاماق ئېتىدىغان ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كىرىمى ئاز ياكى پەقەت مۇقىم خىزمىتىلا بار بولىدۇ، غەيۋەت قىلىشقا، تۇخۇم ۋە گۆش باھاسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا، رېتسېپ ئۆگىنىشكە ۋاقتى يېتەرلىك بولىدۇ.
ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى سىرتتا جاپالىق ئىشلەيدۇ، ئۇلار ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئايالى بىر قاچا ئىسسىق تاماقنى ئۈستەلگە ئېلىپ چىقىپ: «بېلىق مەززىلىك بولۇپتۇمۇ؟» دەپ سورايدۇ. كەچلىك تاماق ئۈستىلىدە، ئۇ ئەر بىلەن بالىلارنىڭ نەتىجىسى، تۇغقانلىرى ۋە باشقا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ ...، ئەمما ئەر بىزار بولۇپ، ئۇنىڭغا: «نېمانداق جىق كوتۇلدايسىز» دەيدۇ، ئارقىدىن ئايال گەپ قىلىشنى توختىتىدۇ.
ئۈچىنچىدىن،
تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيە. تاماق ئەتمەيدىغان ئاياللار تەبىئىي تۇرمۇش ھالىتىنى قوغلىشىدۇ. مۇھەببەتتە، ئۇلار مۇھەببەتنى قوغلىشىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ تەكىتلەيدىغىنى ئۇلارنىڭ يۈرىكى ئىللىغان شۇ پەيت.
شۇڭلاشقا، ئۇلار ھەمىشە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە «قېرى قىز» سانىلىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۇنداق ھېس قىلمايدۇ.
تاماق ئېتىدىغان ئاياللار ئۆز ئەرلىرى، بالىلىرى، قېيناتا-قېينئانىلىرى، ئاتا-ئانىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھايات لۇغىتىنىڭ بىرىنچى بېتىگە تىزغان بولۇپ، بەزىدە بىر تېلىفۇن بىلەنلا، ئۇلار ھەمىشە ھەممىنى تاشلاپ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەب كىشىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى ئۇلارنىڭ بالىلارنى كۈندە مەكتەپكە ئاپىرىشى ۋە مەكتەپتىن ئېلىپ كېلىشى، كۆكتات سېتىۋېلىشى ۋە ئاددىي كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈشى بولىدۇ.
تۆتىنچىدىن،
قېرىشنىڭ قىياپىتى ئوخشىمايدۇ. قۇياش كۆتۈرۈلۈپ ئاي پاتىدۇ، ھەرقانچە گۈزەل ياكى سەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاياللار ھامىنى قېرىيدۇ. تاماق ئەتمەيدىغان ئاياللار چىرايلىق قېرىيدۇ، ساياھەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى نەۋرىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدۇ، ئەكسچە پۇلغا بالا باققۇچى تەكلىپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، يېشى چوڭ بولغاندا، ئۇلار يالغۇز ياشاشنى تاللايدۇ. ھەتتا، ياشانلار ساناتورىيەسىگە بېرىشنىمۇ ئويلىشىدۇ.
تاماق ئېتىدىغان ئاياللار جاپالىق ئىشلەيدۇ، ئەمما ئاغرىنمايدۇ. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئۇ كۈتۈنۈش پۇلىنى قۇربان قىلىپلا قالماي، بالىلىرى ئۈچۈن تاماق ئېتىپ، نەۋرىلىرىنى باقىدۇ. ھەپتە ئاخىرى ۋە يېڭى يىل دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، بالىلىرىنىڭ بىر تېلىفۇنى بىلەن، كۆكتات بازىرىغا بىر نەچچە قېتىم بارىدۇ ۋە ياخشى تاماق ئۈستىلى تەييارلايدۇ، كۈلۈمسىرەيدۇ، بالىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كەچلىك تاماق يەيدۇ. پۈتۈن جەريان شۇنچە كۆڭۈللۈك ۋە بەختلىكلىككە تولىدۇ.
ئاياللار چوڭ بولغانسىرى، ئويلايدىغىنى كۆپ بولىدۇ ۋە يەتمەكچى بولغان نەزىرىدىكى كەلگۈسى بولىدۇ. ئۇنداقتا، سىزنىڭ تاماق ئېتىدىغان ئايال بىلەن تاماق ئەتمەيدىغان ئايالنىڭ قايسىسى بولغۇڭىز بار؟ ئىنكاس رايونىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى قالدۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ...