كىندىكىڭىزدىكى « كىر» نى خالىغانچە ئېلىۋەتسىڭىز بولامدۇ ؟

文摘   2024-11-24 11:01   新疆  

تۇغۇلغاندىن كېيىن كىندىكنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن تاتۇق قالىدۇ ، بۇ كىچىككىنە تارتۇققا ھەرگىزمۇ سەل قارىماڭ ، ئۇ گەرچە ھاياتلىقتىكى ئەڭ مۇھىم رولىنى ئويناپ بولغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇن ھېسابلىنىدۇ .



ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرى كىندىكتىن بىر قىسىم ئوكسىگېىنغا ئېرىشەلەيدۇ ، ئىشەنمەمسىز ؟ ئەگەر سىز پىلاستىر بىلەن كىندىكىڭىزنى چاپلاپ قويسىڭىز ، قەۋزىيەت ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ .

ئۇنداقتا كىندىكىڭىزدىكى « كىر »نى ئېلىۋەتسىڭىز بولامدۇ ؟

كىندىك قورساقتىكى باشقا يەرلەردىكى تېرە بىلەن قورساق بوشلۇقىنى باغلاپ تۇرىدۇ ، شۇڭلاشقا ئەگەر يۇيۇش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا ، ئىچكى ئەزالارغا نىسبەتەن غىدىقلاش ھاسىل قىلىپ ، ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ ئارامسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، يەنى قورساق ئاغرىيدۇ .



شۇڭلاشقا كىندىكتىكى « كىر » نى تازىلىسا بولمايدۇ ئەمەس ، بەلكى پاكىز تۇتۇش كېرەك ، لېكىن كىندىكنى يۇيغاندا بەكرەك دىققەت قىلىش كېرەك .

قۇلاقنى كوچىلىغانغا ئوخشاش بەك كۈچەپ كەتسىڭىز بولمايدۇ ، بەلكى پاختىلىق پەلكۈچتەك يۇمشاقراق نەرسىلەرنى سوپۇن سۇيۇقلۇقىغا چىلاپ ، ئازراق - ئازراقتىن يۇيسىڭىز بولىدۇ .



كىندىكنى قانداق ئاسراش كېرەك؟

سوغۇقتىن ساقلاشقا دىققەت قىلىش ، ئىسسىق ساقلاش كېرەك . ئەتىگەن كەچتە ، ياكى ھاۋا بىر قەدەر سوغۇق چاغلاردا ، ئەڭ ياخشىسى قورساق ئېچىلىپ قالىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك كېرەك ، كىندىكنى ئوچۇق قويۇپ موتسىكىلىت مىنگەندە سۈرئەت بەك تېز بولۇپ كەتمەسلىكى ، ئۇخلىغاندا قورساققا نېپىزرەك نەرسىلەرنى يېپىپ قويۇش ، ئوچۇق قويماسلىق كېرەك .

كىندىكىڭىزنىڭ زەخىم يېيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىڭ .

كىندىك ئەتراپىنى ئوچۇق قويغاندا ئاسانلا ئېھتىياتسىزلىقتىن زەخىم يېيىش كېلىپ چىقىدۇ . مەسىلەن ، كۆيۈپ قېلىش ، سۈرۈلۈپ كېتىش دېگەندەك . شۇڭلاشقا ، كۈندىلىك تۇرمۇش ياكى خىزمەت جەريانىدا دىققەت قىلىش كېرەك .

ھازىر بەزى قىزلار چەتئەللىكلەرنى دوراپ كىندىكىدىن تۆشۈك ئېچىپ ھەرخىل زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىۋالىدۇ ، بۇنىڭدا تېرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىغا توسالغۇ بولۇپ ، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章