ئۇسۇلى : - پەمىدۇرنى پاكىز يۇيۇپ، مېۋە سىقىش ماشىنىسىدا سىقىپ، سۈيىنى چىقىرىۋالىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەلنى ئارىلاشتۇرىمىز (ئازراق ئۇن قوشىۋەتسەكمۇ بولىدۇ)، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزگە سۈركەپ، 20، 30 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز يۇيىۋەتسەك بولىدۇ.
بۇ يۈز چاپلىقىنىڭ داغنى يوقىتىش، تېرىنى ئاقارتىش، يۇمران قىلىش، تېرىنىڭ قېرىشقا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، دانىخورەك يوقىتىشتەك كۆپ خىل رولى بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە بولۇپمۇ قوڭۇر داغ، قېرىلىق دېغى، ئاپتاپتا كۆيگەن داغ، ياشلىق دانىخورىكى قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ.
2. پەمىدۇر، ئۆرۈك مېغىزى تالقىنى يۈز چاپلىقى. كېرەكلىك ماتېرىياللار: پەمىدۇردىن بىر تال، ئۆرۈك مېغىزى تالقىنى ئۈچ قوشۇق.
ياساش ئۇسۇلى: ئاۋۋال پەمىدۇرنىڭ پوستىنى ئاقلاپ ئېلىۋىتىپ، ئېزىپ ئۇماچ ھالەتكە ئەكىلىۋالىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۆرۈك مېغىزى تالقىنىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، يۈزگە سۈركەپ، 15 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئىلمان سۇ بىلەن يۇيىۋەتسەك بولىدۇ. بۇ يۈز چاپلىقى ئۆلگەن تېرىلەرنى تازىلايدۇ ، تېرىگە سۇ تولۇقلايدۇ.