بۆرەكنىڭ زەھەر چىقىرىشىغا ياردەم بېرىدىغان 5 كاتتا يىمەكلىك

文摘   2024-11-21 11:01   新疆  

بۆرەك ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزا بولۇپ، ساغلام ھالەتنى ساقلىغاندا، بەدەندىكى ئارتۇقچە سۇ ۋە مېتابولىزم پەيدا قىلغان توكسىن، كېرەكسىز ماددىلارنى ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلاپ، بەدەننىڭ نورمال ئايلىنىشىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئەگەر كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلسە، توكسىن، سۇ ئېلېكترولىت تەڭپۇڭسىزلىقى، كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭسىزلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ئاسانلا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە بۆرەكنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇنداقتا قايسى يېمەكلىكلەر بۆرەكنىڭ زەھەرنى ھەيدەپ چىقىرىشىغا ياردەم بېرىدۇ؟


1. تەكىيە كاۋا (冬瓜)

تەكىيە كاۋا كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىك بولۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە. تەكىيە كاۋىسىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، ۋىتامىن قاتارلىق ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، ئۇنىڭدىكى شىرنىلەر ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، سۈيدۈكنى غىدىقلاپ، بەدەندىكى زەھەرنى چىقىرىۋېتىشكە ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن زەھەرنى تازىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تەكىيە كاۋىسىنى مۇۋاپىق سۈرسە بولىدۇ.

2. قارا قېرىنقۇلاق

قارا قېرىنقۇلاقنىڭ تەركىبىدە ئۆسۈملۈك يېلىمى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈك يېلىمى بىر قەدەر كۈچلۈك سۈمۈرۈش ئىقتىدارغا ئىگە. ئەگەر قارا قېرىنقۇلاق مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىنسا، ھەزىم قىلىش يولىدىكى ئەخلەت، كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا بەدەندىكى توكسىننىڭ مىقدارى ئازلايدۇ-دە، ئوخشاشلا زەھەر چىقىرىش يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئادەتتە قارا قېرىنقۇلاق بىلەن بەدەننى تەڭشەش كېرەك.مەزمۇن تېخى تۆگىمىدى ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى ئۇقۇشقا باشلاڭ رەھمەت 


3. تەرخەمەك

تەرخەمەك سۇ تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، تەرخەمەك ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق يېتەرلىك سۇ، ۋىتامىن، مېنېرال ماددىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئادەتتە تەرخەمەكنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، سۈيدۈكنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، بەدەندىكى ئەخلەت زەھىرىمۇ ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىلىدۇ، بۇ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق. ئەگەر زەھەرنى چىقىرىش يۈكىنى يېنىكلەتمەكچى بولسىڭىز، ئادەتتە تەرخەمەكنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

4. سەۋزە

سەۋزىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، سەۋزىدە مول كاروتېن بولۇپلا قالماي، يەنە مول مىقداردا مېۋە يېلىمىمۇ بار. سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى پېكتىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئېغىر مېتاللار بىلەن بىرىكىپ، قاندىكى سىماب ئىئونىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، سىماب ئىئونى تەن سىرتىغا ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىلگەندە، بۆرەكنىڭ يۈكىمۇ يېنىكلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سەۋزىنىڭ تەركىبىدە يەنە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل ۋىتامىنلار، مىنېرال ماددىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

5. ماش

ماش كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس، تومۇز ياز پەسلىدە ماش شورپىسى ئىچكەندە، ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە بەدەننىڭ توكسىننى چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بەدەندىكى ئەخلەت-توكسىنلار مېتابولىزم ئارقىلىق بەدەننىڭ سىرتىغا ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىلسە، كۆپ ھاللاردا بۆرەكنىڭ يۈكنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بەدەن ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بەدەندىكى زەھەرنى ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىشنى يېمەك-ئىچمەكتىن باشلاپ، مۇۋاپىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ بەدەننى تەڭشەپ، ساغلام ھالەتنى ساقلاش كېرەك.


بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章