ئانىلىق ھورمۇن كەم بولسا بەدەندە بۇ5خىل ئالامەت كۆرۈلىدۇ......

文摘   2024-11-29 11:01   新疆  

ئانىلىق ھورمۇن ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى«قوغداش ئىلاھى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ بىزنىڭ تېرىمىزنى، بەدىنىمىزنى،  سالاپىتىمىزنى ناھايىتى ياخشى ھالەتتە ساقلايدۇ.

ئەگەر بەدەندە ئانىلىق ھورمۇن كەمچىل بولسا، تېرىمىز يىرىكلىشىپ، دانىخورەك چىقىپ، ئاسانلا بىئارام بولۇپ، بەدەن قىياپىتىمىز ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. يەنە بىر قاتار ساغلاملىق مەسىلىسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

01

ئانىلىق ھورمۇن

ئانىلىق ھورمۇن ئاياللارنىڭ يېتىلىش ۋە كۆپىيىش جەريانىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ، ئۇنىڭ قوبۇل قىلغۇچى تەنچىسى بالىياتقۇ، جىنسىي يول، ئەمچەك، داس بوشلۇقى ۋە تېرە، دوۋساق، سۈيدۈك يولى، سۆڭەك قاتارلىق كۆپ جايلارغا تارقالغان بولۇپ، كەڭ ھەم مۇھىم فىزىيولوگىيەلىك رولغا ئىگە.

ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرى ۋە ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ساقلاشتا فىزىيولوگىيەلىك رول ئويناپلا قالماستىن، يەنە ئىچكى ئاجرالمىلار، يۈرەك قان تومۇرى، مېتابولىزم سىستېمىسى، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېتىلىشى، تېرە قاتارلىقلارغا روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىتالىيە پەن تەتقىقات خادىملىرى 20-30 ياشقىچە بولغان 300 نەپەر ئايالنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەدەن سۈپەت كۆرسەتكۈچى، بەل ئايلانمىسى ۋە كۆكرەك ئايلانمىسى قاتارلىقلارنى ئۆلچىگەن.

5 نومۇر تۈزۈمى بويىچە ئۇلارنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىش دەرىجىسىگە نومۇر قويغان،تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بەدەن شەكلى، تاشقى قىياپىتى مۇكەممەل بولغان ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئانىلىق ھورمۇنمۇ مۇناسىپ ھالدا يۇقىرى بولىدىكەن.

ئۇنداقتا ئانىلىق ھورمۇن قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.

ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيەسى فىزىيولوگىيەلىك دەۋرىيلىكىگە ئەگىشىپ داۋالغۇپ تۇرىدۇ.

ئادەتتە ھەيىز كېلىشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيەسى 50 ~ 70 مىللىلىتىر بولۇپ، تۇخۇم پۈۋەكچىسىنىڭ يېتىلىشى ۋە يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئەڭ يۇقىرى قىممىتى 300 ~ 500 مىللىلىتىرغا يېتىدۇ.

كېيىن تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، سېرىق تەن مەزگىلى (ھەيىز كېلىشتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن) دە، ئانىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيەسى 100مىللىلىتىر بولىدۇ.

زىيادە كۆپ ۋە زىيادە ئاز بولۇش سالامەتلىككە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.

02

ئانىلىق ھورمۇننىڭ كەمچىل بولۇشىنىڭ بەش چوڭ ئىپادىسى

ھامىلىدارلىق، كىلىماكتېرىيە دەۋرى قاتارلىق فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر، تەشۋىشلىنىش، جىددىيلىشىش قاتارلىق روھىي غىدىقلىنىش، ياغلىق يېمەك-ئىچمەك، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان يىغىندى ئالامىتى، ھىپوفىز كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىق كېسەللىك ئامىللىرى، ئۇزۇن مۇددەت سىنتېزلانغان ئانىلىق ھورمۇن قاتارلىقلار بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەدەندە ئانىلىق ھورمۇن كەمچىل بولغاندا، ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئىپادىلەر بولىدۇ:

01

ھەيىز قالايمىقانلىشىش

ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىتىلىشى يېتەرلىك بولمىغاندا، تۇخۇمدان ئادەتتە ئىقتىدارىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەپ، ھەيىز دەۋرىيلىكىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا جىنسىي يول مۇھىتى ناچارلىشىپ، قۇرغاقلىشىش، ئېلاستىكلىقى ناچارلىشىش، ئاجرالمىلار ئاز بولۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

02

تېرە ناچارلىشىش

ئانىلىق ھورمۇن ئاياللارنىڭ تېرىسىنى تېخىمۇ سىلىق، سۈزۈك، ئېلاستىكلىققا ئىگە قىلىدۇ، ئاياللىق ھورمۇننىڭ ئاجرىتىلىشى يېتەرلىك بولمىغاندا، ئاياللارنىڭ تېرىسى ئاسانلا ناچارلىشىپ، داغ چۈشۈش، پارقىراقسىزلىق، زىيادە سەزگۈرلۈك قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.

03

ئىچى تىتىلداپ ئاسان ئاچچىقلىنىش

تېخىمۇ ئاسان بىئارام بولىدۇ، خامۇشلىشىدۇ، تەشۋىشلىنىدۇ، دائىم كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبىدىن ئاچچىقلىنىدۇ، كەيپىياتىنى كونترول قىلالمايدۇ.

04

بەل تېلىپ ئاغرىش

ئاياللارنىڭ ھەيىز توختاش مەزگىلىدە قاندىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيەسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.  بۇ تەبئىيلا بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5

ھۆل ئىسسىق ئوغرى تەر

ياتاق ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى زىيادە يۇقىرى بولغاندىن سىرت، ئەگەر ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بەك ئىسسىق ھېس قىلسا ۋە تەر چىقسا، ئانىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيەسى تۆۋەن ۋە تۇخۇم چىقىرىشى ئازىيىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

03

ئانىلىق ھورمۇننى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

 نورمال ئەھۋالدا ئانىلىق ھورمۇننىڭ كۆرۈنەرلىك ئازىيىشى ھەيىز توختىغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردا ئانىلىق ھورمۇننى تولۇقلاش كېرەك.

ئانىلىق ھورمۇن تولۇقلاش ئارقىلىق كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئىسسىق-سوغۇق تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ھەيىز توختىغاندىن كېيىنكى ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىپ، ھەيىز توختىغاندىن كېيىن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئەگەر ئېغىر دەرىجىدە كىلىماكتېرىيە دەۋرى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسا، يەنە باشقا ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ يېشى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇناسىپ ھورمۇن مىقدارىنى تولۇقلاش كېرەك.

يېشى 50 تىن كىچىك ئاياللارغا قارىتا، ھورمۇن سەۋىيەسىنى فىزىيولوگىيەلىك مىقدارغا تولۇقلاش، يەنى ھورمۇن ئالماشتۇرۇپ داۋالاش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

 

يېشى 50 تىن ئاشقان ئاياللارغا ئەڭ تۆۋەن ئۈنۈملۈك مىقداردىكى ھورموننى، يەنى ھورمون تولۇقلاپ داۋالاشنى تەۋسىيە قىلىمىز، پەقەت ئادەم بەدىنىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئېھتىياجىنى قاندۇرسىلا بولىدۇ.

ئانىلىق ھورمۇن تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى تەبىئىي ئانىلىق ھورمۇن مول يېمەكلىكنى يېيىش.

مەسىلەن، 17 ئېسترادىئول ياكى ۋالېرات ئېسترادىئول قاتارلىقلار، بۇ تەركىبلەر دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپلىق دورىلاردا، مەسىلەن، بۇگائېل، فېنياتۇڭ، ئەن جىنيى، كېلىڭمېڭ قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى ئانىلىق ھورمۇنغا يېقىنلىشىدۇ، باھاسى ئەرزان، ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق.

ئەلۋەتتە، ئارتۇقچە تولۇقلاشقىمۇ بولمايدۇ. ئانىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيەسى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى، سۈت بېزى راكى، قان نۆكچىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەردىن باشقا، ھازىر يەنە بىر خىل قاراش بار، يەنى« پۇرچاق سۈتى ئىچىشكە بولمايدۇ، پۇرچاق سۈتى تەركىبىدە ئانىلىق ھورمۇن بار مول بولۇپ، سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ».

بۇ ئەمەلىيەتتە خاتا.

پۇرچاق سۈتىدىكى ئانىلىق ھورمۇن ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمۇنى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئادەم بەدىنىدىكى ئانىلىق ھـورمۇنى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. لېكىن، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئانىلىق ھورمۇنىنى قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارى ناھايىتى تۆۋەن.

ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمۇنىنىڭ ئانىلىق ھورمۇننى قوش يۆنىلىشلىك تەڭشەش رولى بولۇپ، ئانىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيەسى يۇقىرىلارغا قارىتا ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاكتىپلىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئانىلىق ھورمۇن سەۋىيەسى تۆۋەن كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاكتىپلىقى نامايان بولىدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىك دادىللىق بىلەن پۇرچاق سۈتى ئىچسە بولىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىككە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويدىغىنىمىز:

ئادەتتىكى كىشىلەر ئۆز ئالدىغا ئانىلىق ھورمۇن تولۇقلايدىغان تېببىي بىلىمگە ئىگە ئەمەس، مۇناسىپ كېسەللىك ئالامەتلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزى خالىغانچە تولۇقلىسا بولمايدۇ.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章