ئىككى ئاي ئىچىدە ئۈچ بالا ئۆلۈپ كەتتى! بۇئىشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ

文摘   2024-11-23 11:00   新疆  

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، گۇاڭدۇڭدىكى بەش ياشلىق بىر بالا مېڭە-يۇلۇن سۇيۇقلۇقىدا نوقۇل قاپارتما ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان.

قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېسەللىك ئەھۋالى جىددىي يامانلىشىپ، قىزىش، تارتىشىش، يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش، ھەتتا مېڭىسى ئۆلگەنگە قەدەر بەش كۈنلا ۋاقىت كەتكەن.


بۇ يىلقى خەۋەرلەرگە قارايدىغان بولساق، پەقەت قوقاق ۋىرۇسى بىلەن بەختكە قارشى قازا قىلغان بالىلارنىڭ سانى خېلى كۆپ ئىكەن.

قۇرامىغا يەتكەنلەرنى ئىلىپ ئىيىتساق ئۇلاردىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىك شۇكى، جاۋغاي قاپىرىپ كىتىدۇ، ھەم يەنە بىر دۆۋە-بىر دۆۋە ھالەتتە بولىدۇ.

ئاددىي قوقاق ۋىرۇسى دېگەن نېمە، نېمە ئۈچۈن بۇنداق خەتەرلىك؟ بۈگۈن مۇشۇ توغرىسىدىكى بىلىم بىلەن ئورتاقلىشىپ باقايلى؛

01

قوقاق ۋىرۇسى دېگەن نېمە؟

ئاددىي قوقاق ۋىرۇسى تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىدۇر، ئىنسانلار بولسا بىردىنبىر پارازىت ئىگىسى، يۈزەكى ئانتىگېننىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئاددىي قوقاقنى ئىككى خىل تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ: يەنى HSV-1 ۋە HSV-II

بۇنىڭ ئىچىدە HSV-1 نىڭ يۇقۇملىنىشى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ .

گەرچە ئىسىمدا نوقۇل ئىككى خەت بار بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋىرۇس ئاددىي ئەمەس.

ئۇ ئېغىز بوشلۇقى، نەپەس يولى ۋە تېرە شىللىق پەردىسى زەخىملەنگەن جاي ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، شىللىق پەردە، قان، نېرۋا ۋە كۆپ خىل ئەزالارغا يوشۇرۇنىدۇ.

بىر قەدەر قورقۇنچلۇقى شۇكى، كۆپ ھاللاردا كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ، بۇ نۇرغۇن ئادەمنى يۇقۇملاندۇرۇپ ئېلىپ يۈرگۈچىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، تەخمىنەن% 70 ~% 80 قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، روشەن ئالاھىدىلىكى جاۋغاي قاپىرىپ قالىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ھېچ ئىش يوق دەپ سەل قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان.

02

قوقاق ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟

ئادەتتىكى ئاددىي قاپارتمىلىق يۇقۇملىنىش يۈزەكى تېرە ياكى شىللىق پەردىگە چېتىلىدۇ، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاددىي قاپارتمىلىق يۇقۇملىنىش ئالامىتى قاپارتمىلىق چىش مىلىكى ئېغىز ياللۇغى ياكى يۇتقۇنچاق ياللۇغىدىن ئىبارەت.

كونكرېت ئىپادىسى يۇتقۇنچاق ۋە كالپۇك ئاغرىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۇلۇق قاپارتقۇسىمان كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا قىزىش، بىئارام بولۇش، قىسمەن لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن پەسىيىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاددىي قاپارتما كۆز قىسمىدا پەيدا بولۇشى، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى ياكى بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا جىددىي خاراكتېرلىك كۆرۈش تور پەردىسى نېكروزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياكى كۆپىيىش ئەزاسى ۋە قول قىسمىدا يۈز بېرىپ، مۇناسىپ ئورۇندىكى ئاغرىش ۋە سۇلۇق قاپارتمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

03

ئاددىي خاراكتېرلىك قوقاق بىلەن يۇقۇملانسا، ئاقىۋىتى قانچىلىك ئېغىر بولىدۇ؟

كۆپ ساندىكى ئەھۋاللاردا، ئاددىي قوقاقنىڭ ئالامەتلىرى تېرە ياكى شىللىق پەردە بىلەنلا چەكلىنىدۇ، لېكىن ئاز ساندىكى ئەھۋال ئاستىدا، ئاددىي قوقاق ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش جانغا زامىن بولىدۇ.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقاق پەيدا بولىدىغان ئەجەللىك مېڭە ياللۇغىدا، ئاددىي قاپارتمىلىق 1 تىپلىق مېڭە ياللۇغى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبتۇر. بۇ كىلىنىكىلىق يىغىندى كېسەللىكنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالاھىدىلىكى: جىددىي خاراكتېرلىك قىزىش، باش ئاغرىش، تۇتقاقلىق قوزغىلىش ۋە ئەس-ھوشى زىيانغا ئۇچراش.

گەرچە ھازىر ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما HSV-1 مېڭە ياللۇغى يەنىلا بىر خىل ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ ماقالىنىڭ بېشىدىكى مىسال بويىچە، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى.

داۋالانمىغان ئۆلۈش نىسبىتى% 70 كە يېتىدۇ، سىستېمىلىق داۋالانغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا% 30 بولىدۇ.

ئاددىي قوقاق ۋىرۇسلۇق مېڭە ياللۇغىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمى بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەردە كۆرۈلىدۇ، تېرە شىللىق پەردىلىرى زەخىملىنىپ بىرلەمچى يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئۈچلۈك نېرۋا ياكى پۇراش نېرۋا دەستىسى ئارقىلىق چوڭ مېڭە مەركىزىگە بىۋاسىتە كىرىپ، مېڭە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ خىل مېڭە ياللۇغىدا قىزىش، باش ئاغرىش قاتارلىق جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن باشقا، دەسلەپكى مەزگىلدە بەزى نېرۋا ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، يېنىك قۇتراش كېسىلى، بۇ چوڭ مېڭە چېكە ياپراقچىسى ياكى گىرۋەك سىستېمىسىدىكى ياللۇغلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

04

ئاددىي قوقاق ۋىرۇسى، ھەممە ئادەمگە يۇقامدۇ؟

ئاددىي قوقاق ۋىرۇسى كىشىلەر توپى ئارىسىدا كەڭ مەۋجۇت بولۇپ، ئاسانلا تېرە شىللىق پەردىسىنىڭ ئۇششاق جاراھەتلىرى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ يوشۇرۇنۇۋالىدۇ.

ئەمما، ھەممىلا ئادەم يۇقۇش مەنبەسى ئەمەس، كۆپ ساندىكى ئادەم بەدىنىدىكى ئاددىي قاپارتمىلار ئۆز ئىممۇنىتېت كۈچى تەرىپىدىن بېسىلىپ، يوشۇرۇن يۇقۇملىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ.

مۇبادا ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئەگەر كالپۇكنىڭ تېرىسىدە سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولسا، باشقىلارنى سۆيگەندە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بولۇپمۇ نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى قولىدىن چۈشۈرمەي كۆتۈرۈپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەم بەزىدە بالىسىنىڭ ئوماق قىلىقلىرىنى كۆرۈپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بىر-ئىككىنى سۆيۈپ قويىدۇ.

دوختۇر ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئائىلە باشلىقلىرى چوقۇم نوقۇل قوقاق ۋىرۇسىدىن ھوشيار بولۇشى، بولۇپمۇ بالىلارنى خالىغانچە سۆيمەسلىكى، ۋىرۇسنى بالىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

چۈنكى بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن مۇكەممەل بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى قېتىم يۇقۇملانغاندا كېسەللىك ئالامىتى يوشۇرۇن يۇقۇملانغاندىن كېيىن قايتا قوزغالغانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

سۆيۈشۈش ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەردىن يەنە يۇقۇملۇق تاق يادرولۇق ھۈجەيرە كۆپىيىش كېسىلىمۇ بار:

سۆيۈشۈش ئارقىلىق تارقىلىدىغان EB ۋىرۇسى بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە ئەسۋە چىقىرىدۇ ھەمدە لىمفا تۈگۈنى يوغىنايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئېغىز بوشلۇقىدىكى بەزى باكتېرىيەلەرمۇ سۆيۈش ئارقىلىق تارقىلىدۇ.

سۆيۈش كېسىلىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تارقىلىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

سۇلۇق قاپارتما چىقىپ قالغان ئەھۋالدا بالىنى سۆيۈشتىن ساقلىنىش، شەخسىي تازىلىقنى ياخشى قىلىپ، قولنى دائىم يۇيۇپ تۇرۇش، بالىنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ئومۇميۈزلۈك تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

05

ئەگەر يۇقۇملىنىپ قالسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

تېرە شىللىق پەردىسىدىكى ئاددىي قاپارتمىغا نىسبەتەن، ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنى تۈگىتىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساسلىق ۋاسىتە قىلىدۇ، ۋىرۇسقا قارشى مەلھەم، مەسىلەن: ئاشلوۋېي ياكى پۈركۈمە لوۋېي سىرتتىن ئىشلىتىلىدۇ، ئانتىبىيوتىكلار بىلەن بىرىكتۈرۈلگەن مەلھەم، مەسىلەن: موپېلوشىڭ ئېرىترومىتسىن قاتارلىقلار، كېسەللىك ئالامىتىنى ياخشى كونترول قىلىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

يەرلىك ئورۇندا سۇلۇق قاپارتما ياكى سىرغىپ چىققان كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىگە قارىتا، سۇلۇق قاپارتمىنى ئۆزلۈكىدىن يېرىۋەتمەسلىك، تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى بورات كىسلاتا ئېرىتمىسى بىلەن سوغۇق ئۆتكۈزۈپ، تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، ئاغرىقنى پەسەيتىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

ئەگەر بىر قەدەر ئېغىر بولغان سىستېما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بولۇپمۇ دەسلەپكى مەزگىلدە قۇسۇش، روھىي ھالىتى ئۆزگەرسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ كېسەللىك سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەمدە كېسەلگە قاراپ داۋالاش كېرەك.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章