قېرى قىز 22- قىسىم | ياسىمەن

文摘   2024-11-21 11:01   新疆  

قېرى قىز


ئايگۈل ناسىر ياسىمەن

22- قىسىم


-مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن زىبا، شۇ قېتىم سەن كەتكەندىن كېيىن بەكلا ئازابلاندىم، سېنى سېغىندىم، نەچچە قېتىم سېنى ئىزدەپ كېلەي دېدىم، ئەمما لالە دېگەن ساراڭ ئىت يالىقى كۆزۈمگە كىرۋېلىپ،ھىچ ئاراملىق بەرمىدى. بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ، شوڭا نېمە كۆرسەم كۆرۈپ، تۇغۇلغان كۈنۈڭدە يېنىڭدا بولاي دەپ كەلدىم، مەندىن قاچما زىبا، چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلا، بۈگۈن ساڭا ھەممە گېپىمنى ئېيتىمەن...

*** *** ***

ئارمان بىر سۇلياۋ خالتىدا لىققىدە ئەكىرگەن ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى دېرىزە يېنىدىكى ئۈستەلگە تىزىۋاتقاندا ياتاقنىڭ ئىشىكى يەنە چېكىلدى. ھۇدۇققىنىمدىن شۇ ھامان ئارمانغا قارىدىم. ئۇ خاتىرجەم ھالدا ئىشىك تەرەپكە ماڭدى.

-ئىشىكنى چەككەن كىمىدۇ ئارمان؟

-ئەنسىرىمە، ھىچ ئىش يوق.

ئۇ بېرىپلا ئىشىكنى ئاچتى، ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى ئادەمنى ئارماننىڭ ئىگىز گەۋدىسى توسۇۋالغان بولۇپ، مەن پەقەت ئىشىكتىن كىرىۋاتقان چوڭ بىر تورت بىلەن بىر دەستە گۈلنىلا كۆردۈم.

-تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن زىبا، مەڭگۈ ھازىرقىدەك چىرايلىق ھەم ساغلام تۇرۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئارمان قولىدىكى چوغدەك قىزىل ئەتىرگۈلنى ماڭا سۇنغىنىدا قەلبىمدە نۇرغۇنلىغان ئەتىرگۈللەر ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئەتراپىم گۈل ھىدىغا تولغان ئىدى.

ئاجايىپ چوڭقۇر ھاياجان ئىچىدە ئارمانغا تىكىلدىم.

-ساڭا قانچىلىك ئۇۋال قىلغىنمىنى بىلىمەن، سېنىڭ ماڭا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ساداقەت بىلەن ئەقىدە قىلغىنىڭغا، سەۋرچانلىق بىلەن مېنى سۆيگىنىڭگە رەھمەت زىبا، بۇنىڭدىن كېيىن سېنى ۋە ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭنى چوقۇم قەدىرلەيمەن، ماڭا ئىشەنگىن ھەم مېنى كەچۈرگىن، بولامدۇ؟

-رەھمەت ساڭا ئارمان، لىكىن سېنىڭ ئائىلەڭ...

-مەن ئاجىرىشىمەن، لىكىن ھازىر ئەمەس. لالە بىلەن ھىچ بولمىغاندا ئىككى-ئۈچ يىل بولسىمۇ ئۆي تۇتۇشۇم كېرەك، چۈنكى ھازىر دادامنىڭ تىزگىنىمۇ قېيىنئاكامنىڭ قولىدا. مەن نېمە بولسام مەيلى، ئەمما دادام ياشىنىپ قالغاندا ھازىرقى ئورنىدىن چۈشۈپ كەتسە ياخشى بولمايدۇ، يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن دادام پىنسىيىگە چىقىدۇ. دادام پنىسىيىگە چىقىپلىۋالسا لالەنىڭ خېتىنى بېرۋېتىمەن، ئۇنىڭغىچە مېنىڭ خىزمىتىممۇ مۇقىملىشىپ بولىدۇ، ئەگەر شۇ ۋاقىتتىمۇ قېيىنئاكام ھازىرقى ئورنىدا ئولتۇرۇپ، ماڭا تەھدىت سېلىش ئېھتىمالى بولسا، ئۇنىڭغىمۇ مەيلى، بەك قىلسا مەكتەپكە ئاپىرىۋىتىدۇ شۇ! مەكتەپتە ئىشلەشمۇ يامان ئىش ئەمەس، پەقەت داداملا ھازىرقى ئىناۋەت-ئابرۇيىنى ساقلاپ پىنسىيەگە چىقىۋالسا ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى ئويلىشىمەن. مېنىڭ سېنى ئالغۇم بار زىبا، ماڭا بىرمەزگىل ۋاقت بەرگىن، بۇ چاغقىچە ماڭا بولغان ساداقىتىڭنى ساقلىدىڭ، يەنە نەچچە يىل ساقلىغىن بولامدۇ؟

-راست دەۋاتامسەن ئارمان؟ بۇ گېپىڭ راستمۇ؟

-راست دەۋاتىمەن، ماڭا ئىشەنگىن!

ئارمان ئۆز قولى بىلەن بېشىمغا كىيدۈرۈپ قويغان تۇغۇلغان كۈن تاجىسىنى تاقاپ، ئۇ قەيەرلەردىندۇر تېپىپ كەلگەن ئالقانچىلىك چوڭلۇقتىكى ئۈنئالغۇدىن چىقىۋاتقان تانسا مۇزىكىسىغا ماسلىشىپ، ئارماننىڭ مەن ئۇزۇندىن بېرى بىر كۆرۋېلىشنى ئارزۇ قىلغان كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ تانسىغا چۈشتۈم. ياتاق ئىچى ھەقىقەتەن رومانتىك تۈسكە كىرگەن ئىدى. ئۈستەل ئۈستىدىكى ئىككى دانە قىزىل شام، بىردەستە چوغدەك قىزىل ئەتىرگۈل، بىر پوتۇلكا قىزىل ھاراق ،ئىككى ئىستاكان، ئەتراپىغا ماسلاشتۇرۇپ تىزىلغان ئۇششاق يىمەكلىكلەر، دېرىزىگە تارتىلغان چىلانرەڭلىك قېلىن دۇخاۋا پەردىلەر، پەردىنىڭ رەڭگىدە كىرلىك سېلىنغان قوش كىشلىك چوڭ كارىۋات... يەنە ئارمان بايا سوۋغا قىلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويغان ئوتقاشتەك قىزىل كېچىلىك كىيىم ئىچىدىكى مەن...

قەلبىدىكى چوڭقۇر سۆيگۈنىڭ ئېتراپ قىلىنىشى ۋە ئۆزى سۆيگەن كىشى تەرىپىدىن ئەتۋارلىنىش ئادەمنى تۇلىمۇ بەختىيار تۇيغۇغا چۈمدۈرىدىكەن. مەن شۇتاپتا ئەزەلدىن ئېرىشىپ باقمىغان ئەتۋارلىنىشقا ئېرىشكەن ئىدىم، ئەزەلدىن ھس قىلىپ باقمىغان،ئەمما ئۇخلىسام چۈشۈمدە، ئويغانسام خىيالىمدا ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن سۆيگۈ بەختىگە ئېرىشكەن ئىدىم!

ئاھ ھايات، ئاھ ياشلىق، سەن نېمىدىگەن گۈزەل ھە! ئەسلىدە مېنىڭ كۆڭلۈم تۇيۇپتىكەن، قەلبىم ھەممىنى ھېس قىلىپتىكەن، شوڭا مېنىڭ ئارماننى ئىزچىل ساداقىتىم بىلەن، ئۆزگەرمەس سۆيگۈم بىلەن كۈتۈشۈمگە سەۋر قىلىپتىكەن. گەرچە يۈرىكىم پارە-پارە بولغان بولسىمۇ، ئىچىمدىكى ھېلىقى مەن قايتا-قايتا توسۇپ تۇرسىمۇ، مېنىڭ بۇ قەلبىم ئارماندىن زادىلا ۋاز كەچمىگەن ئىكەن. كۆڭۈل تۇلىمۇ تۇيغۇن بولىدۇ دېيىشكىنى شۇ بولسا كېرەك...

-سېنى پەقەتلا يولغا سېلىپ قويغۇم يوق زىبا...

-مېنىڭمۇ سەندىن ئايرىلغۇم يوق ئارمان.

-مۇنداق قىلايلىمۇ يە؟

-قانداق؟

-بۈگۈن تەتىلگە چىقىدىكەنسەنغۇ؟

-ھەئە.

-ھازىر سېنى مەكتىپىڭگە ئاپىرىپ قويسام، سېنى قويۇپ بەرگۈچە مەن شەھەرگە كىرىپ، خىلۋەتراق يەردىن ياتاق ئېلىپ قويۇپ تۇرسام، مەن بىلەن ئىككى كۈن تۇرۇپ ئاندىن قايتامسەن يە؟

-شۇنداق قىلساق بولارمۇ سېنىڭچە؟

-ھىچنىمە بولمايدۇ، ماقۇل دېگىنە، سېنى بەك كۆرىۋالاي.

-ئاتا-ئانامغا بۈگۈن كەچتە يولغا چىقىمەن دەپ قويۇپتىكەنمەن.

-بېلەت ئالمىغان بولغىيتىڭ.

-ياق تېخى. چۈشتىن كېيىن بېكەتكە بېرىپلا ئالماقچى ئىدىم.

-ئاتا-ئاناڭ بىلەن قانداق ئالاقىلىشىسەن؟

-دادامدا تېلفۇن بار.

-ئۇنداقتا ئىش ئاسانكەنغۇ؟ داداڭغا تەتىل ئىككى كۈن كەينىگە سۈرۈلدى دەپ تېلفۇن قىلىسەن، ئىككى كۈندىن كېيىن سېنى مەن يولغا سېلىپ قويىمەن.

-ئۇنداق دېسەم بولمايدۇ، دادامدا ئېھساننىڭ دادىسىنىڭ تېلفۇن نومۇرى بار، ئېھساننىڭ ئىنىسى مېنىڭ سىنىپىمدا ئوقۇيدۇ، ئىككىسى تاسادىپى پاراڭلىشىپ قالسا، دادام ھەممە ئىشنى بىلىپ قالىدۇ.

-بەك ساددا سەن ھە زىبا؟ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم بىركۈندە تەتىلگە چىقامدىكەن؟ داداڭغا ئازراق يالغان گەپ قىلىپ قويساڭ بولىدىغۇ؟ نېمىشقا ئۇ ئوقۇغۇچۇڭنىڭ دادىسنىڭ تېلفۇن نومۇرى داداڭدا بولىدۇ راست؟

-ئالدىنقى قېتىم دادام مېنى يوقلاپ كەلگەندە ئۇلار كۆرۈشكەن، دادام شۇلارنىڭ ئۆيىدە بىر كېچە قونغان تېخى!

-مۇنداق دېگىن، جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دەپ ، ئاۋۇ ئاداشنىڭ ئىسىمىنى نېمە دېدىڭ، ئاشۇ ئاداشنىڭ كۆزى سەندە ئوخشىمامدۇ؟ توي قىلغان ئاداشمۇ يا ئۇ؟

-كىمنى دەۋاتىسەن؟ ئېھساننى دەۋاتامسەن؟

-ھەئە، شۇ بولماي كىمنى دەيمەن ئەمىسە؟

-ساراڭ كۈنلەۋاتامسەن؟

-سېنى كۈنلىمەي كىمنى كۈنلەيمەن؟ مەندىن باشقا ھىچقانداق ئەركىشىگە قارىشىڭغا رۇخسەت يوق جۇمۇ! سەن مېنىڭكى...

چەكسىز بەخت تۇيغۇسى ئىچىدە، ئارمانغا مەھكەم يېپىشىپ ئولتۇرۇپ ئىش ئورنۇمغا كەلدىم. خىيالىمدا ئۇنىڭ بىلەن بولىدىغان كەلگۈسىدىكى تويۇمنىڭ تەييارلىقىنى قىلماقتا ئىدىم.

-مەن قايتقاچ تۇراي ئەمىسە، ئىشتىن چۈشۈپلا تېلفۇن قىلغىن ئومۇقۇم.

-ماقۇل تاتلىقىم...

مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئارمان بىلەن پىچىرلىشىپ خوشلاشتىم. ئۇ بىزنى شەھەردىن ئەكەلگەن ماشىنىغا چىقىپ قايتىپ كەتتى.

-ئاخشامقى يىگىت ئوغۇل دوستۇڭما ئاداش؟

-ھەئە.

-بەك كېلىشكەن بالا ئىكەن جۇمۇ! تەلىيىڭ باركەن گۈلزىبا، مۇشۇ يۇرتلۇق بالىما ئۇ؟

-ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم، ئىسىمى ئارمان. بۇ يۇرتتىن ئەمەس ئاداش، كېيىنچە مېنى يۆتكەپ ئەكەتمەكچى، يۆتكىيەلمەي قالسا ئۆزى كېلىدۇ مۇشۇ يەرگە!

-ئاخشام نەگە باردىڭلا شۇنداق قىلىپ؟

-شەھەرگە كىرىپ دىسكوخانىدا ئوينىدۇق، ئاندىن مېنى ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇپ، ئۆزى چىقىپ كەتكەن، ئەتىگەندە شوپۇر تېپىپ كەپتۇ، بايا مېنى ئەكىلىپ قويۇپ قايتىپ كەتتى.

-ھەي گۈلزىبا! سېنىمۇ دوستۇم دەپ يۈرۈپتىمەن جۇمۇ! مۇشۇ كەمگىچە ئوغۇل دوستۇڭ توغىرلىق تىنىپمۇ قويماپسىنا! بايا مەكتەپنىڭ ئالدىغا سېنى ئەكىلىپ قويغان بالا ئوغۇل دوستۇڭما؟

-ھەئە ئاينۇر، سەن بىلەن بۇ تېمىدا پاراڭلاشقۇدەك پۇرسەتمۇ بولماپتۇ، تەتىلدىن كېيىن تازا مۇڭدىشايلى جۇمۇ ئاداش!

-شۇنى دەيمەن، كارامەت كېلىشكەن بالىكەن ئۇ، شوڭا ئەتراپىڭدا قانات سۆرەپ يۈرگەنلەرگە كۆز قىرىڭنىمۇ سېلىپ قويماپتىكەنسەن ھە سەن ئاقسا!

-ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە ئەمدى، شۇ توي قىلىمىز دەپلا تۇرىۋاتىمىز، ئىككىمىز ئىككى يۇرتتىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمىتىمىزمۇ ئىككى يەردە بولغاچقا ئىشلار سەل ئىزىغا چۈشمەيۋاتىدۇ، ئەتە-ئۆگۈن تويۇم بولۇپ قالسا، سەن قۇلداش بولمىساڭ بولمايدۇ جۇمۇ!

-ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ دە! ئوغۇل دوستۇڭنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش كېلىشكەن ئاغىنىسى بولسا بىزگىمۇ تونۇشتۇرۇپ قوي جۇمۇ...

قار قېلىن ياغقان بۇ قىش ھاياتىمدىكى ئەڭ ئېللىق، ئەڭ سۈيۈملۈك، ئەڭ گۈزەل قىش بولغان ئىدى. قەلبىمدە تەكرار-تەكرار شەكىللەنگەن ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىپ، ئارماننى كۈتۈپ خاتا قىلمىغىنمدىن خۇشال بولماقتا ئىدىم. ئۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتتى، دادىسى ئۈچۈن بىر مەزگىل لالە بىلەن مەجبۇرى ئۆي تۇتۇپ تۇرىدىكەن، دادىسى پىنسيىگە چىقىۋالسىلا مەن بىلەن توي قىلىدۇ، بۇچاغقىچە شۇنچە ئىشلارغا سەۋر قىلىپ ئۇنى كۈتكەن مەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كۈچى بىلەن يەنە قانچىلىك دېسە شۇنچىلىك كۈتكىچىلىكىم بار!

ئازاپ ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلەردە ۋاقىتنىڭ چەكسىز ئۇزىراپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغىنىمىزدەك، بەخت ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلەردىمۇ ۋاقىتنىڭ بەكمۇ مىس-مىس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالىدىكەنمىز، بولۇپمۇ كۈتكەنلىرىمىزنىڭ يولىغا باققىنىمىزدا، ياكى ئۇ بىزنىڭ يولىمىزغا باققىنىدا.

بۇ يېرىم كۈن ۋاقىتنى شۇنچىلىك تەستە ئۆتكۈزدۈمكى، ئارمانغا «ئىشتىن چۈشتۈم »دېگەن تېلفۇننى ئۇرۇپ بولغىچە كۆزۈم تۆت بولۇپ كەتتى.

-سەن قەيەردە زىبا؟

-ھازىر ئىشتىن چۈشتۈم.

-دەل ئۈلگۈرۈپ كەپتىمەن دە! چىقە، مەن مەكتىپىڭنىڭ ئالدىغا سېنى ئالغىلى ماڭدىم.

-راسما؟ ئەجەپ ياخشى!

چامادانىمنى سۆرەپ دەرۋازا ئالدىغا چىققىنىمدا ئارمان ھەقىقەتەن مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن، ئۇ چاققان كېلىپ قولۇمدىكى چاماداننى ئالدى ۋە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۋېتىپ، مېنىڭ چىقىۋېلىشىم ئۈچۈن ماشنىنىڭ ئىشكىنى ئېچىپ بەردى.

-ئىككى ئادەم ساقلىماي ماڭايلى ئۇستام، بىز سەل ئالدىرايمىز!

-ماقۇل، كىرانى تولۇق ئالىمەن.

-بىلىمەن، ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ!

يولدا كېتۋېتىپ دادامغا تەتىل قويۇپ بېرىدىغان ۋاقتنىڭ ئىككى كۈن كەينىگە سۈرۈلگىننى، بۈگۈن يولغا چىقالمايدىغىنىمنى، شوڭا ئەتە يولۇمغا قارىماسلىقىنى ئېيتىپ تېلفۇن قىلۋەتتىم.

-بالىلارنى تەتىلگە قويۇپ بەردى دەۋاتاتتى، يەنە ئىككى كۈن بارما مۇئەللىم؟

شوپۇر ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن قارىغىنىچە مەندىن سورىدى.

-بالىلارنى قويىۋەتتۇق، ئوقۇتقۇچىلار ئىككى كۈندىن كېيىن تەتىل قىلىمىز.

-ھە، مۇنداقكەن دە!

ئارمان ئۆزىنىڭ ئېيتقىندەك شەھەرنىڭ خىلۋەت بۇلۇڭىدىن ياتاق ئېلىپ قويغانكەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ھەربىر مىنۇت ۋاقتىمنىمۇ بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭغا تويماي قارايتىم، ئەركىلەيتىم، كۆپ، ناھايتىمۇ كۆپ سۇئاللارنى سورايتىم.

-تۈنۈگۈنكى ۋاقىت بەكلا تېز ئۆتۈپ كەتتى زىبا، ئۆگۈنلۈككە ئەتىگەندە سېنى يولغا سېلىپ قويىمەن، بۈگۈن بىر كۈنلا ۋاقتىمىز قالدى، ئەسلىدە سەن ئالدىرىمىغان بولساڭغۇ سېنى بىرەر-ئىككى ھەپتە، ھەتتا مەڭگۈ يېنىمدا تۇتۇپ قالغۇم بارتى، ئەمما بەزى ئىشلارغا تېخى بالدۇر، شوڭا بۈگۈن قەيەرگە بارغۇڭ كەلسە، نېمە قىلغۇڭ كەلسە ماڭا ئېيت، سېنى خوشال قىلىشقا تىرىشىمەن.

-ماقۇل، رەھمەت ساڭا ئارمان، ھىچيەرگە بارمىساممۇ، ھىچنىمە قىلمىساممۇ سېنى كۆرۈپ تۇرساملا مەن ئۈچۈن يىتەرلىك.

-قار تېيىلىغىلى ئاپىرايمۇ ئەمىسە؟

--ماقۇل.

بىركۈن كەچكىچە ئۇنىڭ بىلەن قانغۇدەك ئويناپ، كەچ بولغاندا ھېرىپ ھالىمىزدىن كېتەي دېگەندە ياتاققا قايتىپ كەلدۇق. ئەتە سەھەردە يۇرتۇمغا قاراپ يولغا چىقىمەن، شوڭا ئۇنىڭ بىلەن ئوبدان مۇڭدىشۋېلىشىم كېرەك.

-ئۆيۈڭگە قايتقاندىن كېيىن كۈندە تېلفۇن قىلىمەن، چوقۇم ئال جۇمۇ!

-ماقۇل.

-تەتىلدىن كېيىن ئىككى كۈن بۇرۇن كېلەمسەن، يەنە ھازىرقىدەك بىر-ئىككى كۈن بىللە تۇرىۋالايلى، ئاندىن ئىشقا چۈشكىن.

-ماقۇل.

ئۇنىڭ شېرىن گەپلىرىنى ئاڭلاپ يېتىپ قاچانلاردا ئۇيقۇغا كەتكىنىم ئېسىمدە يوق، تۈن كېچىدە نېمىلەردىندۇر قورقۇپ،چۆچۈپ ئويغانغىنىمدا ئۇ يېنىمدا يوق، ياتاقتا ئۆزۈم يالغۇز قالغىنىمنى بايقىدىم.


داۋامى بار.




BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章