كۆكتاتنى قايناق سۇدا چالا پىشۇرۇپ يىيىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

文摘   2024-11-29 11:01   新疆  


دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قايناق سۇدا ئېرىشچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، كۆكتاتلارنى قايناق سۇدا چالا پىشۇرغاندىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنى چىقىرىۋېتىش ئۈنۈمى سوغۇق سۇغا قارىغاندا ياخشى. تاماق ئېتىشتىن بۇرۇن كۆكتاتلارنى قايناق سۇدا چالا پىشۇرساق كۆكتاتلارغا پۈركۈلگەن ئورگانىك فوسفورلۇق دېھقانچىلىق دورىلىرىنى چىقىرىۋېتىش ئ‍ۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.


قايناق سۇدا چالا پىشۇرۇش دەسلەپكى پىششىقلانغان يېمەكلىك ماتېرىيالىنى قايناق سۇدا يېرىم ياكى تولۇق پىشقىچە قىزىتىپ، ئاندىن سۈزۈپ تەييارلاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تاماق ئېتىشتە دائىم قوللىنىلىدىغان بىر ئىش تەرتىپى. ئۇنداقتا قايسى يېمەكلىكلەرنى قايناق سۇدا چالا پىشۇرۇش كېرەك؟ قايناق سۇغا بېسىشنىڭ قانداق رولى بار؟


1. رەڭگى تېخىمۇ ئوچۇق بولىدۇ

مەسىلەن: قىچا، چېچەكسەي، ئەمەن، يازلىق يېسسىۋېلەك، كەرەپشە قاتارلىقلار. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، قايناق سۇغا چىلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا خىلوروفىلنىڭ قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كۆكتاتلارنىڭ رەڭگىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇنداقلا سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىن C، Bلارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.


2. ئ‍وكسالىك كىسلاتا(草酸)نى يوقىتىش

پالەك، بۇغداش، سېمىز ئوت، يېڭى بامبۇك نوتىسى، ئاچچىق كاۋا، قاپاق ھۇررىكى قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىكى ئوكسالىك كىسلاتاسى قىرتاق تەمگە ئىگە بولۇپ، قوبۇل قىلىش مىقدارى ئېشىپ كەتسە، بەدەندىكى كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا بۇ كۆكتاتلارنى قايناق سۇدا چالا پىشۇرغاندا ئوكسالىك كىسلاتا مىقدارىنى %30-%87كىچە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.


3. دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنى تۆۋەنلىتىش

دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قايناق سۇدا ئېرىشچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، قايناق سۇنىڭ دېھقانچىلىق دورىلىرىنى چىقىرىۋېتىش ئۈنۈمى سوغۇق سۇغا قارىغاندا ياخشى بولىدۇ. شۇڭا تاماق ئ‍ېتىشتىن بۇرۇن كۆكتاتلارنى قايناق سۇدا چالا پىشۇرغاندا، كۆكتاتلارغا پۈركۈلگەن ئورگانىك فوسفورلۇق دېھقانچىلىق دورىلىرىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

5. غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش

چۇپۇرشاڭ، تۇرۇپ، قىچا قاتارلىق كۆكتاتلاردا بىر قىسىم قىچا مېيى گىلىكوزىد ماددىسى بار بولۇپ، ئاچچىق ۋە غىدىقلىغۇچى پۇراققا ئىگە، بۇلارنى قايناق سۇدا چالا پىشۇرساق تەركىبىدىكى غەيرىي پۇراقلارنى يوقىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، موگۇنىڭ سېسىق پۇرىقىنىمۇ قايناق سۇدا چالا پىشۇرۇش ئارقىلىق يوقاتقىلى بولىدۇ.

6. نىتراتلارنى چىقىرىپ تاشلاش

تونا قاتارلىق كۆكتاتلاردا نىترىت كىسلاتا تۇزىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، كۆكتاتلارنى قايناق سۇدا چالا پىشۇرغاندا نىترىت تۇزلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.


7. زەھەر يوقىتىش

سەي پۇرچاق، يېسسىمۇق قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ئۆسۈملۈك قان ئۇيۇتقۇچى ماددىسى بار بولۇپ، تولۇق پىشمىسا ئاسانلا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، پۇت-قولى ئۇيۇشۇش قاتارلىق يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چېچەكسەي تەركىبىدىكى كولچىتسىن ئاسانلا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا قايناق سۇدا بەش مىنۇت چىلاپ چالا پىشۇرغاندىن كېيىن ئاندىن تولۇق پىشۇرۇش كېرەك.


ھازىر بىز يېشىل كۆكتاتلارغا قايناق سۇغا بېسىلغاندىن كېيىن رەڭگى تېخىمۇ ئوچۇق بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق، لېكىن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، كۆكتاتلارغا قايناق سۇغا بېسىلغاندىن كېيىن رەڭگى قوڭۇر سېرىق، كۆرۈمسىز ھەم تەمسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا قايناق سۇدا چالا پىشۇرغاندىن كېيىنكى كۆكتاتلارنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك :

(1) كۆپ مىقداردا سوغۇق سۇ ياكى سوغۇق شامال بىلەن تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش. سوغۇق سۇغا سېلىشتۇرغاندا، سوغۇق شامال كۆكتاتتىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ، شۇڭا سوغۇق شامال بەكرەك ماس كېلىدۇ.


(2) قايناق سۇدا چالا پىشۇرۇلغاندىن كېيىنكى كۆكتات ئەگەر دەرھال ئىشلەتمىگەندە، كۆكتات ئۈستىگە ئۆسۈملۈك مېيى قوشۇپ قويۇش كېرەك. چۈنكى ماي تۈرىدىكىلەر يېپىشقاق بولغاچقا، كۆكتاتلارنىڭ سىرتقى يۈزىدە نېپىز بىر قەۋەت ماي پەردىسى ھاسىل قىلىپ، سۇ تەركىبىنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆكتاتلارنىڭ چۈرۈك، يۇمران تەمىنى ساقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل ئۇسۇلدا كۆكتاتلارنىڭ ئوكسىدلىنىپ رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ۋىتامىن Cنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章