ئەتىياز كىرگەندىن كېيىن، قېلىن چاپاننى سېلىۋېتىپ، يېنىك، نېپىز چاپان كىيگەندە بىر قىش سەمىرىش ئارقىلىق بەدىنىمىزدىكى گۆشلەرنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز، بۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن دوستلار ياز كېلىشتىن بۇرۇن ئورۇقلىماقچى بولىدۇ، ئورۇقلاش ئۈچۈن مايسىزراق كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە ياكى ماي ۋە ياغنى سىرىيدىغان شورپا ئىچىپ بەرسە ئۈنىمى ياىشى بولىدۇ.
بۈگۈن كۆپچىلىككە بىر خىل ئالاھىدە شورپا يەنى ئالما، چىلان، ئالقات شورپىسىنى ئىلىپ كەلدۇق، بۇ شورپا تاتلىق ئەمەس، چۈچۈمەل تاتلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچسە سەمرىمەيدۇ، يەنە ماي قىرىپ ئۈچەينى سىلىقلاش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق، پەقەت دائىم ئۇچرايدىغان ئۈچ خىل يېمەكلىك ماتېرىيالى: ئالما، چىلان ۋە ئالقاتنى ياخشى قاينىتىش ئارقىلىقلا تەييارلىغلى بولىدۇ، ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ھەممىسى ئىچەلەيدۇ؛
ئالما، چىلان، ئالقات شورپىسى نېمە ئۈچۈن ياغنى سىرىپ ئورۇقلىتىدۇ؟
چۈنكى، ئالمىنىڭ تەركىبىدە مول سېللۇلوزا بار بولۇپ، ئالمىنى سۇدا پىشۇرغاندىن كېيىن، يۇمشىغان تاماق تالاسى ۋە پېكتىن ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن تېخىمۇ ئاسان پايدىلىنىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق رولى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇلىدۇ، پېكتىن تەرەت قىلىشقا پايدىلىق، شۇڭا پىشۇرۇلغان ئالما ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق زەمبۇرۇغلارنىڭ ئۆسۈشىنى تېخىمۇ ياخشى غىدىقلاپ، ئۈچەي يولىدا سۇ سۈمۈرۈپ، تەرەتنى يۇمشىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا چىقىرىۋېتىدۇ؛
ئالما شورپىسىنىڭ ماي قىرىپ ماينى ئازايتىشتىن باشقا، « ئۈچ يۇقىرى» غىمۇ ناھايىتى پايدىسى بار بولۇپ، ئالمىنىڭ قان بېسىمى، قاندىكى ماي، قان شېكىرىنى تەڭشەش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، چۈنكى ئالمىنى پىشۇرغاندىن كېيىن، ئالما تەركىبىدىكى پولىساخارىد ھەمدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار ئادەم بەدىنىگە تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىشۇرۇلغان ئالمىنىڭ تەمى ياخشى، تېخىمۇ يۇمشاق بولۇپ، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ يىيىشىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ؛
بۈگۈن تەييارلىغان ئالما، چىلان، ئالقات شورپىسىنىڭ ئىچىدە ئالما بىلەن چىلاننىڭ تاتلىق تەمى بولىدۇ، پىشقاندىن كېيىن شېكەر قوشمىساقمۇ بولىدۇ، بۇنداق يېگەندە تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ، ئەگەر تاتلىق تەمنى ياخشى كۆرسىڭىز، شورپىنى قايناتقاندىن كېيىن، ئازراق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە بولىدۇ.
ئالما، چىلان، ئالقات شورپىسى
خام ماتېرىيال:
ئالما.......................بىر تال
چىلان.............سەككىز تال
ئالقات.......مۇۋاپىق مىقداردا
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. ئاۋۋال كېرەكلىك خام ماتېرىياللارنى تەييار قىلۋالىمىز، ئادەتتە بىر قېتىمدا بەك كۆپ بولمىسىمۇ بولىدۇ، مىقدارى ئازراق بولسۇن، ھەر قېتىمدا بىر تال ئالما، ئازراق چىلان ۋە ئالقات بولسىلا بولىدۇ.
2. تەييار قىلۋالغان ئالمىنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئۇششاق توغرايمىز، ياكى يالپاقلاپ توغرىساقمۇ بولىدۇ، چىلان ۋە ئالقاتنى سۈزۈك سۇدا يۇيۇپ، چىلاننى ئوتتۇردىن كىسىپ پارچىلۋەتسەكمۇ بولىدۇ، بۇنداق دۈملەپ پىشۇرغاندا تەمىنى تېخىمۇ ياخشى چىقارغىلى بولىدۇ.
3. تەييار بولغان ئالما ۋە چىلاننى قازانغا تۆكۈپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، سۇ مىقدارى تەخمىنەن 800ml ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ، كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ، قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى پەسەيتىپ بەش مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز.
4. دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن، پاكىز يۇيۇلغان ئالقاتنى سېلىپ، سۇس ئوتتا ئىككى مىنۇت قايناتسا تەييار بولىدۇ. ئالما بىلەن چىلاننىڭ تەمى تاتلىق شۇڭا بۇنىڭغا يەنە شېكەر قوشمىسىمۇ بولىدۇ.
5. مانا شۇنداق قىلىپ بىر چىنە ئاددىي، ئىچىشلىك، يەنە ماي سىرىيدىغان ئالما، چىلان، ئالقات شورپىسى تەييار بولىدۇ، تەمى چۈچۈمەل، شۇنداق ئىچىشلىك؛
6. ئىچكەن ۋاقىتتا سۈيىنى مىۋېسىنى بىراقلا يىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
7. ئەتىگەندە مۇشۇ شورپىدىن بىر قاچا تەييارلاپ، سۇلۇ ۋە ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان مېۋىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ۋە تاتلىق ياڭيۇ قوشۇپ ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭدا ئەتىگەندە ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرى تولۇق بولغان بولىدۇ.
خۇلاسە:
1. بۇ شورپىغا ئازراق ئاق مور قوشسا بولىدۇ. ئاق مورنى بالدۇرراق پىشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا يېلىم ماددىسىنى تېخىمۇ ياخشى پىشۇرغىلى بولىدۇ.
2. ئالما، چىلان، ئالقات شورپىسىنى بىر-ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئىچسە، ماينى قىرىپ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ