تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان8 تەدبىر ۋە 4 گۆھەر يېمەكلىك

文摘   2024-12-01 11:00   新疆  

بىر خىل كېسەللىك بار، ئۇ گەرچە چوڭ كېسەل بولمىسىمۇ، ئەمما ئەممسە ئاغرىق ئازابىغا چىدىغىلى بولمايدۇ، مۇنداق بىر گەپ بار،  ئادەم بەدىنىدىكى ئۈچ چوڭ ئاغرىق: بۆرەك سانجىقى، ئۆت سانجىقى، تۇغۇتتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى تۈر دەل مۇشۇ كېسەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ كېسەللىك ـــ تاش چۈشۈش.

توغرا، بەدەندە ھەر خىل شەكىلدىكى تاشلار پەيدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ چوڭلىرىمۇ، كىچىكلىرىمۇ بولىدۇ، قاتتىقلىق دەرىجىسى، تىزىلىش ھالىتى ئوخشاش بولمايدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا پەيدا بولىدۇ، ئىسمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

01

ئادەم بەدىنىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۈچ خىل تاش چۈشۈش

1. ئۆتكە تاش چۈشۈش

كېسەللىك قوزغىلىش ئورنىغا ئاساسەن ئۆت خالتىسى تېشى ۋە ئۆت نەيچىسى تېشى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ئۆت خالتىسى تېشىدا ئۆت سانجىقى ۋە جىددىي خاراكتېرلىك ئۆت خالتا ياللۇغى ئالامەتلىرى بولىدۇ، ئۆت نەيچىسىگە تاش چۈشكەندە دائىم قورساق ئاغرىش، سېرىقلىق، قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

2.  سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تاش چۈشۈش

تاش بار ئورۇننىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، بۆرەككە تاش چۈشۈش، سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى تېشى، دوۋساق تېشى، سۈيدۈك يولى تېشى دەپ ئايرىلىدۇ. تىپىك ئالامەتلىرى: بەل-قورساق مۇجۇپ ئاغرىش، قان سىيىش ياكى پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىش قاتارلىق سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى توسۇلۇش ۋە يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

3.  ئاشقازانغا تاش چۈشۈش

كۆپىنچە ئىستېمال قىلىنغان مەلۇم ھايۋانات، ئۆسۈملۈك تەركىبى، ياكى بەزى مىنېرال ماددىلار ئاشقازاندا ھەزىم بولماي كاللەكلىشىۋالغانلىقتىن شەكىللىنىدۇ. كۆپ ساندىكى بىمارلاردا قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمى بىئارام بولۇش، قورساق كۆپۈش، كۆڭلى ئېلىشىش ياكى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

02

تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا بۇ سەككىز ئىشنى ئاز قىلىش كېرەك

1.  يۇقىرى قەنتلىك يېمەك-ئىچمەكتىن يىراق تۇرۇش

تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندا، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئىچىدىكى خولېستېرىن، ئۆت كىسلاتاسى، لېتسىتىن قاتارلىقلارنىڭ نىسبىتى بۇزۇلىدۇ، ھەددىدىن زىيادە كۆپ خولېستېرىن يەنە خولېستېرول تېشى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەر سۈيدۈكتىكى كالتسىينىڭ چىقىرىلىشىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بولۇپمۇ لاكتوزا ئاسانلا كالتسىي ئوكسالىك كىسلاتانىڭ بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىدۇ.

2.  يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى يىمەسلىك

ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، تۇخۇم سېرىقى، سېمىز گۆش، ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى، ھايۋانات تېرىسى قاتارلىقلارنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا، ئاسانلا ئۆت تۇزىنىڭ خولېستېرىننى ئېرىتىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىپ، خولېستېرىننىڭ ئاسانلا كىرىستاللىشىپ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تاش پەيدا قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەندىكى ماي مىقدارى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئۈچەيدىكى بىرىكەلەيدىغان كالتسىينى ئازايتىپ، ئوكسالات كىسلاتانىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تېزلىتىدۇ، بولۇپمۇ تەر كۆپ چىقىپ، سۇنى ئاز ئىچىپ، سۈيدۈك ئاز بولۇپ قالغاندا، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنى تېزلىتىدۇ.

3.  گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق

گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان، ھەتتا گۆشنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ  بەدىنىدە ئاقسىل ھەزىم قىلىپ ماددا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، سۈيدۈكنىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ سۈيدۈكنىڭ كىسلاتالىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئىشقارلىق كالتسىينى قويۇپ بېرىدۇ، كالتسىي بىلەن سۈيدۈك كىسلاتاسى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا قىلىدۇ.

4.  ساپ گۆشسىز يېمەك-ئىچمەكنى كۆپ يىمەسلىك

گەرچە كۆپچىلىكنىڭ بېلىق، گۆش يېيىشىنى تەۋسىيە قىلمىسىمۇ، لېكىن سىز گۆشسىز تاماق يېسە بولغۇدەك دەپ قالماڭ.

ئەمەلىيەتتە، تۆۋەن ماي بەدەننىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان سۈمۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ كەملىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆتكە تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ۋىتامىن E ۋىتامىن A كەمچىل بولغاندا خولېستېرىننىڭ ماددا ئالمىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تاش پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، يېمەك-ئىچمەكنى يەنىلا گۆشلۈك، گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

5.  تېز ئورۇقلىماسلىق

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تېز سۈرئەتتە ئورۇقلىغاندا ئۆتتە تاش پەيدا بولىدىكەن.

شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، زىيادە تېز ئورۇقلاش بەدەنگە زىيانلىق، بولۇپمۇ يېمەكلىكنى ئازايتىپ ئورۇقلىغانلارنىڭ ئۆت خالتىسىنىڭ قىسقىرىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاپ، ئۆت خالتىسىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق قويۇقلىشىپ، كالتسىى كۆپىيىپ، ئۆتتە تاش پەيدا قىلىدۇ.

6.  سۇنى بەك ئاز ئىچىش

بۆرەك ھەر خىل ئىقتىدارلارنى يۈرگۈزگەندە يېتەرلىك سۇ تەركىبىگە ئېھتىياجلىق، يېتەرلىك سۇ تەركىبىمۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاش چۈشۈش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

شۇڭا، تاش چۈشكەن بىمارلار ئادەتتە كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىشى، يېتەرلىك سۇ ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىشى، بىر كۈندىكى سۇ مىقدارى 2500 ~ 2000 مىللىلىتىردىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.

7.  يۇقىرى پورىنلىق يېمەك-ئىچمەكتىن يىراق تۇرۇش

پۇرىن تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر، مەسىلەن، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ھەمدە ھەر خىل گۆش شورپىسى، كالا گۆشى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە پۇرىن تەركىبى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، پۇرىن ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن مېتابولىزمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلى سۈيدۈك كىسلاتاسىغا ئايلىنىدۇ، سۈيدۈكتىكى سۈيدۈك كىسلاتاسى ھەددىدىن زىيادە كۆپ چىقىپ كەتسە، ئاسانلا سۈيدۈك كىسلاتا تېشى شەكىللىنىدۇ.

8.  قالايمىقان دورا ئىشلىتىش

ئۇزاق مۇددەت دورا ئىشلەتكەندە، تاش چۈشۈش مەسىلىسىگە ئاسانلا سەل قارىلىدۇ، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل دورا تېخىمۇ شۇنداق.

ئانتىبىئوتىكلار: سېفالوسپورىن، مېترونىدازول، سۇلفانىلامىد تۈرىدىكى دورىلار.

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى: ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئانىلىق ھورمون جىگەر، ئۆتنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ بىرىكىشىنى ئازايتىپ، خولېستېرىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۆپەيتىپ، ئۆت خالتىسىنىڭ قىسقىرىش ۋە چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ياللۇغقا قارشى دورىلار: ئۇزاق مۇددەت غەيرىي ستېروئىد تۈرىدىكى ياللۇغقا قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا، ئىندومېتاتسىن (ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىش) كىرىستاللىشىپ، ئۆتكە تاش چۈشۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

ھەزىم قىلىش دورىسى: چوڭ دولانا كومىلىچى قاتارلىق ھەزىم قىلىش دورىسى تەركىبىدە دولانا بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە تاننىن كىسلاتاسى بىر قەدەر كۆپ، ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن تەسىرلىشىپ سۇدا ئېرىمەيدىغان چۆكمە ھاسىل قىلىپ، ئاشقازاندا تاش پەيدا قىلىدۇ.

يۇقىرىقى دورىلارنى ئىچكەندە، كۆپرەك سۇ ئىچىپ، مېتابولىزم ھاسىلاتلىرىنىڭ چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. دورا ئىچىپ يېرىم يىلدىن ئاشقانلار، ھەر يېرىم يىلدا قەرەللىك ھالدا ئۆت خالتىسى، بۆرەك ۋە ئاشقازاننى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئاپپاراتتا تەكشۈرتۈشى كېرەك. تاش چۈشۈش كېسەللىك تارىخى بارلار دورا ئىشلىتىشتىن بۇرۇن دوختۇر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك.

03

تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۆت خىل يېمەكلىكنى كۆپ يېيىش كېرەك

1.  قارا مور

قارا مور ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش، دوۋساقتا تاش پەيدا بولۇش، چوڭ تەرەت تېشى قاتارلىق ئىچكى مەنبەلىك يات ماددىلارنى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك تۈگىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

قارا مور تەركىبىدىكى ئېچىتىش ۋە ئۆسۈملۈك ئىشقارى ھەزىم قىلىش يولى ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش يولىدىكى ھەر خىل بەزلەرنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەمدە بۇ ئاجرالمىلار بىلەن ماسلىشىپ، تاش چۈشۈشنى كاتالىزلاپ، نەيچىنى سىلىقلاپ، تاشنى چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2.  قىزىل پۇرچاق

قىزىل پۇرچاقنىڭ تەبىئىتى سەل سوغۇق، تەمى تاتلىق، چۈچۈمەل بولۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ھۆللۈكنى تۈگىتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.

3.  قارا پۇرچاق

قارا پۇرچاق سويا پۇرچاقنىڭ قارا ئۇرۇقى بولۇپ، تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، يەلنى ھەيدەپ، قاننى جانلاندۇرۇش، سۇنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە، پاقا يوپۇرماق، يۇمىلاق گۈرۈچ بىلەن تەڭ ئىستېمال قىلىپ، ھەر خىل تاشلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

4.  ياڭاق  

ياڭاق كۆپ خىل تاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە لىنولېئىك كىسلاتاسى ۋە كۆپ خىل مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ، بەدەندىكى خولېستېرىننىڭ شەكىللىنىشىنى تىزگىنلەپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خولېستېرىن، ئۆت پىگمېنتىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ياڭاق تەركىبىدە يەنە پىرۇۋىك كىسلاتا بولۇپ، يېپىشقاق ئاقسىل بىلەن كالتسىي ئىئونىنىڭ بىرىكىشىنى توسۇپ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章