قېرى قىز
ئايگۈل ناسىر ياسىمەن
24- قىسىم
ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم كۈلۈپ تۇرغان يۈزلىرىگە تارام-تارام تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرى بىلەن مېنى قارشى ئالدى. ئېھساننىڭ ئاتا-ئانىسى ئەۋەتكەن سوۋغاتلىقلارنى كۆرگەن دادام بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ گېپى بولۇنىۋاتقاندا ئاپامنىڭ چىرايىنىڭ باشقىچە ئېچىلىپ، خۇش بولۇپ كېتىۋاتقىنىدىن ئاللىقانداق مەنالارنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم.
مەن ئۆيۈمگە كېلىپ نەق ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئارماندىن تېلفۇن كەلدى.
*** *** ***
-ۋەي زىبا، ياخشى تۇردۇڭمۇ؟!
-ياخشى ئەمەس! ...
-نېمە بولدۇڭ، ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ سەن نەدە؟
-يەنە نېمە بولسام بولاتتى ئارمان؟ ھېلىقى كۈنى كېچە مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇل قەيەرگە كەتتىڭ؟ نېمىشقا تېلفۇننى ئىتىۋالدىڭ؟ سەن ماڭا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن؟
گەپلىرىمنى دەپ بولغىچە نەپىسىم بوغۇلۇپ، ئاۋازىم تىترەپ ئارانلا چىقتى.
-يىغلىما زىبا، سەن يىغلىساڭ كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ؟
-شۇ كۈنى نەگە باردىڭ ئەمىسە؟
-دەپ كەلسەم گەپ جېق، ئۆزۈممۇ بىلىپ-بىلمەيلا بىر قانۇنسىز سودىغا چېتىلىپ قالدىم، شۇ كۈنى كېچىدە ساقچىلار تېلفۇن ئۇرۇپتۇ، ساڭا قارىسام بەكمۇ تاتلىق، خاتىرجەم ئۇخلاپ كېتىپسەن، بىردەمدىلا قايتىپ كېلىدىغان ئىش بولغاندىكىن دەپ ئويلاپ، سېنى ئويغاتمايلا چىقىپ كېتىپتىمەن، لىكىن ئۇلارنىڭ مېنى تا بۈگۈنگە قەدەر تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى نېمە بىلىمەن؟ بىر دوستۇم تېخى بايا مېنى كېپىللىككە ئېلىپ چىقتى، چىقىپلا ساڭا تېلفۇن قىلدىم. ئاتا-ئانام بىلەنمۇ كۆرۈشمىدىم تېخى، ماڭا سېنىڭ ياردىمىڭ كېرەك، قاچان قايتىپ كېلىسەن زىبا؟
-مەن ئۆيگە كەلگىلى ئەمدى ئاران ئىككى ھەپتە بولدى. بۇيېقىندا قايتىپ بارالمايمەن، ساڭا قانداق ياردىمىم كېرەك؟
- ھازىرچە مەن ئۆزۈم ئامال قىلىپ تۇراي، قالدى گەپلەرنى سەن قايتىپ كەلگەندە دېيىشەيلى، ماڭا كۈندە تېلفۇن قىلىپ تۇرغىن، كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس، ھالىم خاراپ...
-ماقۇل، نېمىلا ئىش بولسۇن كەيپىياتىڭنى ياخشى تۇتقىن، مەن قايتقان ھامان يېنىڭغا باراي،ماقۇلمۇ ئارمان؟
-ماقۇل، ئامال قىلالىساڭ، ھەپتە بۇرۇن كېلەلەرسەنمۇ؟
-ماقۇل، مەن ئامال قىلاي.
گەرچە ئارماننىڭ قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغىنىنى بىلمىسەممۇ، ھەرھالدا ئۇنىڭ خەۋرىنى بىلگىنىمدىن كۆڭلۈم تەسكىن تېپىپ، خاتىرجەم بولۇپ قالدىم.
نەۋرە سىڭلىمنىڭ تويىدا قىز قولداش ۋەزپىسى ماڭا يۈكلەنگەن بولۇپ، توي بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ قاتىنىشىشى بىلەن بەكمۇ قىززىپ كەتتى. نەۋرە سىڭلىم ھەدېگەندىلا يىگىت قولداش سىراجىدىنغا مېنى چېتىپ چاقچاقلارنى قىلىپ، ئىككىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇپ قويۇشقا ئورۇنماقتا ئىدى. توي تۈگىگەندىن كېيىن مەن ئۇنىڭ پەقەت نەۋرە سىڭلىمنىڭلا ئويى ئەمەس، ئاتا-ئانامنىڭمۇ ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭمۇ شۇنداق ئويى بارلىقىنى ئاچامدىن ئاڭلاپ قالدىم.
-سىراجىدىن ئالىيەنىڭ يولدىشىنىڭ نەۋرە ئىنىسىكەن سىڭلىم، بىز ئۇلارنى تونۇمىغان بىلەن چوڭلار ئوبدان تونۇشىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىراجىدىنمۇ سېنى تونۇيدىكەن، سەن داشۆدىكى ۋاقىتتىلا شۇنداق خىيالى باركەنتۇق، ئالىيەنىڭ تويىنىڭ باھانىسىدە ئۇلار كۆڭلىدىكى گېپىنى چوڭلارغا ئېيتىپتۇ، مەن سۈرۈشتە قىلسام سىراجىدىن ئېسىل يىگىتكەن، ئويلىشىپ باقامسەن يا؟
-مېنىڭ يىگىتىم بار ئاچا، بولدىلا ئويلاشمايلا قوياي.
-گەپنى بۇنداق ئۈزىۋەتمىگىن، دادام-ئاپاملارنىڭ سېنى بىر ئامال قىلىپ يۆتكەپ ئەكىلۋېلىش خىيالى بار، ئەگەر سىراجىدىن بىلەن كېلىشىپ قالساڭ، مۇشۇ توينىڭ باھانىسىدە سېنى يۆتكەپ ئەكىلۋالغىلى بولاتتى.
- مېنىڭ ۋەدىلەشكەن يىگىتىم بار دېدىمغۇ ئاچا!
-ماقۇل ئەمىسە...
توي كۈنى ئارماندىن كەلگەن نەچچە قېتىملىق تېلفۇننى ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئېلىپ پاراڭلاشقىنىمنى كۆرۈپ، قىزارغىنىچە جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتكەن ياۋاش چىراي يىگىت لەپپىدە كۆز ئالدىمغا كەلدى ۋە ئارماننىڭ تۇلىمۇ قاملاشقان، تۈرگۈن ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرما بولۇپ بار-بارا سۇسلاپ غايىب بولدى.
ۋاقىت بەكلا تېز ئۆتكەن بولۇپ، تەتىلدىن يىغىلىدىغان ۋاقتىمىزغا ئون كۈن قالغان ئىدى.
-قاچان يولغا چىقاي دەيسەن زىبا؟
-ھەپتىدىن كېيىن چىقسام بولامدۇ؟
-ئۈچ كۈندىن كېيىن چىقساڭچۇ؟
-ئۇنداق بالدۇر بېرىۋېلىپ نەدە تۇرىمەن؟
-مەن سېنى تەكلىپ قىلغان ئادەم سەن تۇرغۇدەك جاي تېپىپ بېرەرمەن!
-مەيلى ئەمىسە.
-يولۇڭغا قارايمەن جۇمۇ!
-ماقۇل.
بىر كۈن ئويلىنىش ئارقىلىق زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ياخشى ئامالدىن بىرنى ئويلاپ تاپتىم.
-تەتىل يىغىلىش ۋاقتىمىز بىر ھەپتە ئالدىغا سۈرۈلۈپتۇ دادا، ئىككى كۈندىن كېيىن ماڭسام بولغۇدەك.
-ۋاي، نېمانداق تېز؟ مەن يەنە بىرھەپتە بار دەپ خىرامان ئولتۇرۇپتىمەن ئەمەسمۇ بالام! ئاپىڭىزغا دەي، تەييارلىق قىلسۇن.
-ئەجەپ ئالدىراپ ماڭىدىكەنسەن ئاچا، بىزنىڭ بۇيەردە تەتىل يىغىلىشقا يەنە ئون نەچچە كۈن بارغۇ؟
--مەن ھازىرلا بېرىپ، ماشىنچىنى سۈيلەپ قوياي، ئەڭ ئاۋۋال گۈلزىبانىڭ كىيىمنى پۈتتۈرۋەتسۇن ھە ئاپا!
نېمىلەر بىلەندۇر ئالدىراش يۈرگەن ئاپام پات-پاتلا كۆزىگە ياش ئالاتتى.
-كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭە ئاپا، ئالدىمىزدىكى بايرامدا قويۇپ بەرسە يەنە كېلىمەن.
-سىزگە كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم قىزىم، مۇشۇ يۇرتقا، يېنىمىزغا توي قىلسۇنمىكىن دېگەنتىم، شوڭا سىراجىدىننىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئۈمىد بېرىپ قويۇپتىكەنمىز. دادىڭىزدىن ھېلىقى ئېھسان دېگەن يىگىتنىڭ تەرىپىنىمۇ ئاڭلىدىم، ئاتا-ئانىسىدىن تارتىپ بوۋا-مومىسىغىچە بەك ئېسىل كىشىلەر ئىكەن . قايسى كۈنى ئاچىڭىزغا بەرگەن جاۋابىڭىزنى ئاڭلىدىم، قەيەرلا بولسا سىز خاتىرجەم، خۇشال ياشىسىڭىزلا بىز خاتىرجەم بولىمىز، قىزبالا يات شەھەردە بەك ئۇزۇن بويتاق يۈرۈپ كەتسە بولمايدۇ، بىزگە تېزراق خۇشخەۋەر يەتكۈزەرسىز بالام جۇمۇ!
-ماقۇل ئاپا، خاتىرجەم بولۇڭ.
دادامنىڭ ئېھساننىڭ ئۆيدىكىلەر بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسى ھەممەيلەننى خاتا چۈشەنچىگە ئەكىلىپ قويغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەتىل جەريانىدا ئارماندىن كۈندە كەلگەن تېلفۇنلارنىمۇ ئۇلار ئېھساندىن كەلدى دەپ چۈشەنگەن ئىدى.
دادام-ئاپاملارنىڭ ئېھساننىڭ ئۆيدىكىلەرگە تەييارلاپ بەرگەن بىرمۇنچە سوۋغاتلىرىنى ئېلىپ ھەپتە بۇرۇن يولغا چىقتىم. ئاپامنىڭ مەڭزىگە يۇمۇلاپ چۈشكەن شەبنەمدەك سۈزۈك تامچىلارنى چاندۇرماستىن سۈرتكىنىچە بىكەتتە قالغان ھالىتى خېلى بىر ۋاقىتقىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەي، قانداقتۇر بىر تۇيغۇ ئىچىمگە پاتماي، مېنى سوراققا تارتماقتا ئىدى.
-مەن ماڭدىم ئارمان.
-ئۇدۇللا بىزنىڭ يۇرتقا كېلەمسەن؟
-مەن بېلەتنى k ناھىيىسىگە ئالغان تۇرسام، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇمتۇغراققا ئاپىرىدىغان بىرمۇنچە نەرسىلىرىم بار.
-ئەمىسە ئەتە سەھەردە مەن سېنى k ناھىيىسىدە ساقلاپ تۇراي.
-ماقۇل.
نەچچە سائەتتىن كېيىن ئېھساننىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.
-ياخشى تۇردىڭىزمۇ مۇئەللىم؟ ئەتە سىزنى بىكەتتە ساقلايمەن.
-ياخشى تۇردىڭىزمۇ ئېھسان؟ مېنىڭ ماڭغىنىمنى قانداق بىلدىڭىز؟
-تاغام دادام بىلەن تېلفۇندا كۆرۈشۈپتىكەن، مومام بۇنى ئاڭلاپ بەك خۇشال بولۇپ كەتتى.
- ئۆگۈنلۈككە x ناھىيىسىدە بىر ساۋاقدىشىمنىڭ تويى بار ئىدى، شوڭا ئالدىراپ مېڭىپ قالدىم، ئەمىسە ئەتە بىكەتتە كۆرۈشسەك، مەن نەرسە-كېرەكلىرىمنى سىزگە بېرىپ قويۇپ، بىكەتتىنلا x ناھىيىسىگە قاراپ ماڭسام بولغۇدەك.
-بولىدۇ، سىزنى x ناھىيىسىگە مەن ئاپىرىپ قوياي!
-ماقۇل، ئەتە كۆرىشەيلى.
بىرھېسابتا ئارمان بىلەن ئېھساننىڭ بىكەتتە ئۇچىرىشىپ قېلىشىمۇ مەن ئۈچۈن ياخشى ئىش ئىدى. بۇ ئارقىلىق ئارماننىڭ كۈندەشلىكىنى قوزغاپ، ئۆزۈمگە تېخىمۇ ئامراق قىلۋالسام، يەنە بىرتەرەپتىن ئېھسانغىمۇ لايىقىدا جاۋاب بېرەلەيتىم.
تاڭ سەھەردە بىكەتكە كىرگەن ئاپتۇبۇس سوزۇپ-سوزۇپ سىگنال بېرىپ ھەممىمىزنى ئويغاتتى.
-تۇرۇڭلار-تۇرۇڭلار! مەنزىلگە كەلدۇق!
يولۇچىلار بىردىنلا ئۇۋىسى چۇۋۇلغان چۈمۈلىلەردەك پاتپاراق بولۇشۇپ، بىرپەس قاينام-تاشقىنلىقتىن كېيىن ھەممە ئۆزىنىڭ يۈك-تاقلىرىنى تېپىشىپ، تەرەپ-تەرەپكە تاراشتى.
-مۇئەللىم! گۈلزىبا مۇئەللىم!
يىراقتىن ماڭا قاراپ قول پۇلاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ئېھساننى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدۇم.
- سالامەت كەلدىڭىزمۇ مۇئەللىم؟ يۈك-تاقلىرىڭىزچۇ؟
-ئەنە
-ماقۇل، ماشىنىغا باسقاچ تۇراي ھە؟
-ماقۇل.
ئەتراپىمغا سىنچىلاپ قارىدىم، ئارمان ھىچيەردە كۆرۈنمەيتى. ئېھسان يۈك-تاقىلارنى توشۇۋاتقان پەيتتە ئارمانغا تېلفۇن قىلدىم.
-ۋەي!
-ۋەي ئارمان، مەن كەلدىم!
-ۋوي ئاپلا! ئۇخلاپ قاپتىمەن دېسە! سەن نەدە؟
-بىكەتتە.
-بىردەم ساقلا، ھازىرلا بارىمەن !
-ماقۇل.
-يۈك-تاقىڭىزنى بېسىپ بولدۇم مۇئەللىم، ماشىنىغا چىقڭە، ئاۋۋال ناشتا قىلىپ كېلەيلى، سىزنى ئاندىن ئاپىرىپ قوياي.
-رەھمەت ئېھسان، ھازىر بىر ساۋاقدىشىم مېنى ئالغىلى بىكەتكە كېلۋاتىدۇ، سىز ئېغىر كۆرمەي ماۋۇ نەرسىلەرنى بوۋام-موماملارغا يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز، بۇ دادام-ئاپاملارنىڭ ئۇلارغا ئەۋەتكەن سوۋغىتى ئىدى، ئاندىن مېنىڭ بۇ نەرسىلىرىم سىزدە تۇرۇپ تۇرسا، مەن توينى تۈگىتىپلا كېلىپ ئېلۋالسام بولارمۇ؟
-بولىدۇ، ساۋاقدىشىڭىز كەلگۈچە ناشتا قىلغاچ تۇرامدۇق يە؟
-رەھمەت، ئۇنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى، سىز مېڭىۋېرىڭ.
-ماقۇل ئەمىسە، ئىشىڭىز تۈگىگەندە تېلفۇن قىلىڭ.
-ماقۇل.
-گۈلزىبا!
ئېھسان ماشنىسغا چىقىپ تۇرۇشىغا ئارمان پەيدا بولدى ۋە كېلىپلا ماڭا قول تەڭلىدى.
-سالامەت كەلدىڭمۇ گۈلۈم؟
-ساراڭ! ئەرەنچە كۆرۈشەمدۇق؟
-ئاز گەپ قىل،سېنى بەكمۇ سېغىندىم.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە مۈرەمدىن قۇچاقلاپ تۇتتى ۋە مېنى ئېلىپ ماڭدى. ئۇدۇلىمىزدىن ماشنىسىنى ئايلاندۇرۇپ، ئاستا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئېھساننىڭ كۆزىدىكى ئەلەملىك ئۇچقۇنلارنى تاسادىپى كۆرۈپ قالدىم.
-ساڭا قانداق ياردىمىم كېرەك بولۇپ قالدى ئارمان؟
-يۈر، ئاۋۋال ناشتا قىلايلى.
-گەپ قىلغاچ ماڭە ئادەمنى ئەنسىرەتمەي!
-مەن ساڭا ھېلقى قانۇنسىز سودىغا چېتىلىپ، قېلىپ ساقچىخانىدا ئون كۈنچە تۇرۇپ چىقتىم دېدىمغۇ؟
-ھە.
-شۇ ئىشقا چېتىلىپ قېلىپ ئۈچ يۈز مىڭ يۇەن قەرز گەدىنىمگە ئارتىلىپ قالدى، ئۆزۈم يېرىمىنى ھەل قىلدىم، يېرىمىنى بىريەردىن تاپاي دەپ بەك يول ماڭدىم. لىكىن زادىلا تاپالمىدىم، ئۆيدىكىلەرگە ئېيتاي دېسەم دادام-ئاپاملار ياشىنىپ قالغاندا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتەرمىكىن دەپ ئەنسىرىدىم. لالە دېگەن كۆزۈمنىڭ سەتىگە بۇ گەپنى دېگىلى ھەرگىزمۇ بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھازىر يامانلاقتا، پات ئارىدا ئاجىرىشىمىز دەپ تۇرىۋاتىمىز، دادامنىڭ پىنىسىيىگە چۈشىدىغان ۋاقتىمۇ ئاز قالدى، شوڭا ئۇنىڭغا بۇ ئىشنىڭ ئىس-بۇسىنىمۇ چىقارمىدىم، سەن ماڭا ئازراق ياردەم قىلىپ تۇرالارسەنمۇ؟
-لىكىن مەندە ئۇنچىلىك كۆپ پۇل يوق ئارمان.
-سەندە ئۇنچىلىك كۆپ پۇل يوقلىقىنى بىلىمەن ھاڭۋاقتى، سەن بىلەن بىز يېڭىدىن خىزمەتكە چىقتۇق، ئەلۋەتتە ھىچقايسىمىزدا ئۇنچىلىك كۆپ پۇل يوق. ئەمما ئۇنچىلىك كۆپ پۇلنى ھەل قىلىشنىڭ بىر يولى بار.
-قانداق؟
دەرھال قولۇمدىكى چوكىنى قويۇپ ئۇنىڭ ئاغزىغا قاردىم.
-مائاش كارتىمىزنى رەنىگە قويۇپ، بانكىدىن مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغانغا قەرز بىجىرسەك بولىدۇ.
-يولىنى بىلەمسەن؟
-بىلىمەن، سەن قەرز چۈشۈرسەڭ، مەن ساڭا كېپىل بولسام بولىدۇ. ئۆزۈم چۈشۈرسەممۇ بولاتتى، لىكىن لالە دېگەن ئىشپىيۇن مېنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىمنى بىلىدۇ، ناۋادا بۇنچە كۆپ قەرز چۈشۈرگىنىمىنى بىلىپ قالسا مەن بىلەن ئاجراشقىلى ئۇنماسمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم.
-ماقۇل، قاچان بىجىرىمىز؟
-بۈگۈنلا بىجىرەيلى، ئەمما سەن خىزمەت ئورنۇڭدىن ئىسپات ئالىدىكەنسەن.
-ماقۇل، مەن مەكتەپ مۇدىرىغا تېلفۇن قىلاي.
ئىككى كۈن ئىچىدە بارلىق رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ، بەش يىللىق مۇددەتكە بۆلۈپ ئارمانغا قەرز بىجىرىپ بەردىم. ئۇنىڭ خاتىرجەم بولغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم تەسكىن تاپتى. ئۇ ئەمدى پۈتۈنلەي مېنىڭ ئادىمىم بولغان ئىدى. ئارمان ئىككىمىزنىڭ بارلىق ئۈمىدىمىز لالەنىڭ ئۇنىڭدىن تېزراق خېتىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىدىلا قالغان ئىدى.
** **
يازلىق تەتىلگە يېقىن مۇختەرنىڭ تويى بولدى. بارلىق خىزمەتداشلار قاتنىشىپ، ئۇنىڭ تويىنى بەكمۇ قىزىتىۋەتتۇق. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، مۇختەرنىڭ ئايالى- خىزمەتدىشىمىز گۈلپىيە ماڭا تەتۈر قاراپ، كۆرگەنلا يەردە تۈكۈرۈپ، تىللايدىغان بولىۋالدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلەلمەي، ئىچىم سىقىلىپ يۈرگەن بۇ كۈنلەردە ئېھسان كۈندە مېنى ئىزدەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
-ياخشى تۇردىڭىزمۇ مۇئەللىم؟ بۈگۈن تاماققا تەكلىپ قىلسام چىقالارسىزمۇ؟
-بولىدۇ ئېھسان، سىز نەدە؟
-مەن مەكتەپنىڭ ئالدىدا.
-ھازىر چىقاي.
دەرۋازا ئالدىدا مېنى ساقلاپ تۇرغان ئېھساننىڭ ماشىنىسىغا چىقىۋاتقانلىقىمنى كۆرگەن گۈلپىيەنىڭ يەنە ئاغزى ئېچىلغان بولۇپ، ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن مېنى تىللاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. قانچىلىك غەزىپىم تېشىشىدىن قەتئىنەزەر ئېھساننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا رەددىيە بېرەلمەيتىم. ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ياپتىم ۋە ئالدىمغا قاراپ ئولتۇردۇم.
-ئاۋۇ تەرەپتە يېڭىدىن بىر تاماقخانا ئېچىلىپتۇ، شۇيەرگە بارايلى ھە؟
-ماقۇل.
يېڭىچە پاسوندا بېزەلگەن تاماقخاننىڭ بۇلۇڭدىكى ئۈستىلىگە بېرىپ بىر-بىرىمىزگە قاراپ ئولتۇرۇشتۇق.
-ئۇزۇندىن بېرى سىزگە بىر گەپنى ئېيتالماي كېلىۋاتىمەن گۈلزىبا مۇئەللىم، بۈگۈن شۇ گېپىمنى ئېيتىشقا رۇخسەت قىلسىڭىز...
-بولىدۇ، قۇلىقىم سىزدە.
-سىز بىلەن توي قىلىش ئارزۇيۇم بار، ئىككى ئۆيدىكى چوڭلارنىڭ ئارزۇسىمۇ شۇنداق، تەكلىپىمگە قوشۇلىسىڭىزكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن!
-لىكىن، مېنىڭ يىگىتىم بار ئېھسان...
-ھېلىقى يىگىتمۇ؟ ئارمان ئىسىملىك ھېلىقى ساۋاقدىشىڭىز؟
-قانداق بىلدىڭىز؟
-ئۇنىڭ ئايالى باركەنغۇ؟
داۋامى بار.