دۇفۇ باھاسى ئەرزان، يۇقىرى ئاقسىللىق ھەم تەمى ئىنتايىن ياخشى بولغان يېمەكلىك. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۇفۇنىڭ قىممەتلىك يېرى ئۇ كىشىلەرنى گۆشتىن باشقا تېخىمۇ ئەرزان ئاددىي ئۇسۇلدا ئاقسىلغا ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىدا، بۇنىڭدىن دۇفۇنى «ئەڭ قالتىس مەززىلىك تائام كەشپىياتى» دەپ ماختاشنىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ.
01
دۇفۇ ھەققىدە
دۇفۇنىڭ بارلىققا كېلىشى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بولۇپ، رىۋايەتتە 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى خۇەينەن بېگى ليۇ ئەن باگۇڭ تېغىدا دورا تاۋلىغان، دورا مايسىلىرىنى يېتىشتۈرگەندە مەقسەتسىزلا ئىجاد قىلغان، ھەتتا كېيىنكى بىر قىسىم شېئىر-ماقالىلەردىمۇ «خۇەينەن تېخنىكىسى» ئارقىلىق دۇفۇ ياساش ھۈنىرىنى كۆرسەتكەن.
دۇفۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى خېلى ياخشى بولۇپ، كۆپىنچە ئېچىتىشنى ئاساس قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى خام ماتېرىيالنىڭ ئۆزىدىن كېلىدۇ، دۇفۇنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى سويا پۇرچاقتىن كېلىدۇ. شۇڭا، دۇفۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل، ماي ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولىدۇ، شۇڭا ئۇ بىرقەدەر ياخشى، باھاسى ئەرزان، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. گەرچە سويا پۇرچاق ئاقسىلىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن دۇفۇ ياسىغاندىن كېيىن بۇ خىل ئەھۋال زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، دۇفۇ تەركىبىدە يەنە كالتسىي، كالىي، فوسفور، ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ھەمدە ۋىتامىن E، B تۈردىكى ۋىتامىنلار قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بار. شۇڭا، دۇفۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، گەرچە گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىقلارغا سېلىشتۇرغاندا ناچارراق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەرزان باھاسىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا دۇفۇنى« تاناكانىڭ گۆشى»، «ئۆسۈملۈك كالا سۈتى» دېگەن چىرايلىق ناملار بىلەن ئاتاشقا ئەرزىيدۇ.
02
دۇفۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
1. زەھەرنى تازىلاپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ
دۇفۇ ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، بەدەندىكى توكسىنلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى ئاق ھەم سىلىق، پارقىراق قىلىدۇ.
2. كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى« قوغدىغۇچى»
سۆڭەك شالاڭلىشىش، سۈت بېزى راكى ۋە مەزى بېزىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.
3. ئىشتىھانى ئاچىدۇ
پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى مىنېرال ماددىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار ئىشتىھانى ئېچىشقا پايدىلىق، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.
4. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ
تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى قان تومۇر دىۋارىغا يېپىشىۋالغان خولېستېرىننى پارچىلاپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، بۆرەكنى قوغداش رولىغا ئىگە.
5. كالتسىي تولۇقلايدۇ
دۇفۇ كالتسىي تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش، كالا سۈتىگە سېلىشتۇرغاندا، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ياكى پۇرچاق سۈتى جۇڭگولۇقلارنىڭ بەدەن سۈپىتىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ، چۈنكى جۇڭگولۇقلار ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى لاكتوزىغا چىدامسىز كېلىدۇ.
03
دائىم دۇفۇ يېسە بولمايدىغان كىشىلەر
1. ئارتېرىيە قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار
تومۇزنىڭ قېتىشى بىلەن ئارتېرىيە قېتىشىش ھاياتلىقنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مۇھىم ئامىل، ئارتېرىيە قان تومۇرى پۈتۈن بەدەنگە تارقالغاچقا، ئارتېرىيە قېتىشىش كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ پۈتۈن بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزالار سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، مېڭە ئارتېرىيە تىقىلمىسى مېڭىگە قان چۈشۈش ياكى مېڭە تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۆرەك ئارتېرىيەسى قېتىشىش بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۇفۇ يېيىشنىڭ زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.
2. ئاشقازان-ئۈچىيى ساغلام بولمىغان كىشىلەر توپى
دۇفۇ يۇمشاق بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئاسان ھەزىم بولىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭا يېمەك-ئىچمەكتە كۆپرەك دۇفۇ يېيىشنى تاللايدۇ. ئاشقازان، ئۈچىيى ساغلام بولمىغان بەزى بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دائىم پۇرچاق ئۇيۇتمىسى يېيىش بىر خەتەرلىك ئىش.
دۇفۇ سويا پۇرچاقتىن ياسىلىدۇ. پۇرچاق ياسالمىلىرى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا پۇرىن تەركىبى بولىدۇ. بۇ خىل ماددا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاشقازان يارىسى بار بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپ مىقداردا ئاجرىلىپ چىقىشى يارا يۈزىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندۈرۈپ، كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
3. بۆرەك كېسەللىكلىرى بىمارلىرى
دۇفۇ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بولۇپ، بۇ ماددىلار ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن بەدەندە ماددا ئالماشتۇرۇپ، ئازوتلۇق بىرىكمىلەرگە ئايلىنىدۇ، ئاندىن بۆرەك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغان بىمارلارنىڭ ئورگانىزم ئىقتىدارى ئەسلىدىنلا تۆۋەنلەش ھالىتىدە تۇرىدۇ، بۆرەكنىڭ كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىش ئىقتىدارىمۇ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدۇ. بۇ چاغدا ئەگەر دۇفۇ يېسە، بەدەندىكى ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنىڭ زىيادە كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۆرەككە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدۇ.
شۇڭا، بۆرەك كېسەللىكلىرى بار بەزى بىمارلارنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىق پۇرچاق ياسالمىلىرىنى ئاز ئىستېمال قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، دۇفۇ تەركىبىدە يەنە كالتسىي مول بولۇپ، ئادەم بەدىنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا پارچىلانماي چۆكمە ھاسىل قىلىپ، تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. زىيادە سېزىمچان كىشىلەر توپى
زىيادە سەزگۈرلۈك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەتىجە يېنىك بولسا تېرە قىچىشىپ ئاغرىش، ئىچى سۈرۈپ بىئارام بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، ئېغىر بولغاندا نەپەس قىيىنلىشىش، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا دادۇر ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملارغا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر چوقۇم دۇفۇ يېسە بولمايدۇ. لېكىن، خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى ئاز يۈز بېرىدۇ، دۇفۇ ئەسلىدىنلا ئاسان رېئاكسىيە قىلىدىغان يېمەكلىك ئەمەس.
يەكۈن: دۇفۇ سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان، سۈپىتى يۇقىرى، لېكىن ئۇ ئەسلىدىنلا بىر خىل ئادەتتىكى يېمەكلىك ماتېرىيالى، شۇڭا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان، رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەر توپىدىن باشقا، باشقىلار ئارتۇق ئەنسىرمىسىمۇ بولىدۇ.