قېرى قىز
ئايگۈل ناسىر ياسىمەن
25- قىسىم
يېڭىچە پاسوندا بېزەلگەن تاماقخاننىڭ بۇلۇڭدىكى ئۈستىلىگە بېرىپ بىر-بىرىمىزگە قاراپ ئولتۇرۇشتۇق.
-ئۇزۇندىن بېرى سىزگە بىر گەپنى ئېيتالماي كېلىۋاتىمەن گۈلزىبا مۇئەللىم، بۈگۈن شۇ گېپىمنى ئېيتىشقا رۇخسەت قىلسىڭىز...
-بولىدۇ، قۇلىقىم سىزدە.
-سىز بىلەن توي قىلىش ئارزۇيۇم بار، ئىككى ئۆيدىكى چوڭلارنىڭ ئارزۇسىمۇ شۇنداق، تەكلىپىمگە قوشۇلىسىڭىزكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن!
-لىكىن، مېنىڭ يىگىتىم بار ئېھسان...
-ھېلىقى يىگىتمۇ؟ ئارمان ئىسىملىك ھېلىقى ساۋاقدىشىڭىز؟
-قانداق بىلدىڭىز؟
-ئۇنىڭ ئايالى باركەنغۇ؟
*** ***
-سىز ئارماننى تونۇمسىز؟ بۇ ئىشلارنى قانداق بىلىسىز ئېھسان؟
- شۇنداق، مەن ئارماننى تونۇيمەن، تونۇپلا قالماي ئۇنىڭ ئىككى شەھەر ئارىسىدا قاتراپ يۈرۈپ ئوينايدىغان داڭلىق قىمارۋاز ئىكەنلىكىنىمۇ بلىمەن.
-بۇ... بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟
-ئەسلىدە بۇ گەپلەرنى سىزگە دېمىسەم ياخشى بولاتتى گۈلزىبا مۇئەللىم. ئارمان دېگەن ئاداش سىزنى مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئىزدەپ كەلگەندىلا مەن ئۇنىڭ بىرسىگە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. كېيىن سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن خېلى قويۇق ئالاقىڭىز بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم. مۇشۇ يېقىندا بىر توينىڭ مەسلىھەت ئىشى بىلەن x شەھرىگە بارغان، مېنى مەسلىھەت چايغا چاقىرىغان ئاغىنىمىز ئارمان بىلەن يېقىن ئىكەن، شۇ چايدا ئارمان بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالدۇق. ئۇنىڭ ئايالى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ x شەھرىدىكى داڭدار جەمەت ئىكەنلىكىنى، ئارماننىڭ سورۇن قوغلاپ قىمار ئوينايدىغىننى ئۇنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلىدىم. ئۇنى تۇنجى قېتىم قاچان، قەيەردە كۆرگەنلىكىمنى تازا ئەسلىسەم ئىلگىرى مەن ئۇنى بىر قېتىم كىرا قىلىپ x شەھرىگە ئاپىرىپ قويۇپتىكەنمەن، شوڭا مەكتەپنىڭ ئالدىدا سىز بىلەن بىللە تۇرغىننى كۆرگەن ۋاقتىمدىلا تونۇش كۆرۈنۈپتىكەن. دېمەكچى بولغىنىم ئۇنىڭ قىمار ئوينىشى ياكى باشقا ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى، لىكىن ئايالىنىڭ بارلىقى سىزنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىڭىزغا، ئۆمۈرلۈك بەختىڭىزگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىش، بەلكى سىز ئۇنىڭ ئايالى بارلىقىنى بىلمەيدىغانسىز، شوڭا سىزگە ئەسكەرتىپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتىم. ئەگەر مېنى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى ئەمەس دەپ قارىمىسىڭىز، تەكلىپىمنى ئويلىشىپ كۆرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. سىزگە «مۇھەببەتلىشىپ باقايلى، مىجەزىمىزنى بىلىشىپ، سىنىشىپ باقايلى» دېمەيمەن، قوشۇلسىڭىز توي قىلايلى، مەن سىزگە ئېللىق ئائىلە، خاتىرجەم، تىنىچ تۇرمۇش بېرىشكە تىرىشىمەن.
-ئارمان ئايالى بىلەن ياخشى ئەمەس، ئۇ پات ئارىدا ئاجراشماقچى، شوڭا مەن ئۇنى ساقلايمەن. سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئارمان ئىككىمىز ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتتىن باشلاپ ھازىرغىچە مۇھەببەتلىشىپ كېلىۋاتىمىز، ئارىمىزدا نەچچە يىللىق ھېسيات بار، بىز بىر-بىرىمىزدىن مۇنداقلا ۋاز كېچەلمەيمىز.
-ئۇنداق بولسا ئارمان نېمىشقا باشقا بىرى بىلەن توي قىلىدۇ؟ سىز ئۇنىڭ ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرمەيدىغىننى بىلەمسىز؟
-ئارمان بۇ توينى چوڭلارنىڭ زورى بىلەن ئامالسىز قىلىپ قالغان، ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ!
-شۇنداقتىمۇ ئائىلىسى بار بىر ئەر سىزنىڭ مۇنچىلىك قىلىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ مۇئەللىم.
-مەن ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن...
** **
شۇنىڭدىن كېيىن ئېھسان جىمىپ كەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ پات-پات قۇلىقىمىنى ئاغىرىتىپ تۇرۇشلىرىدىن قۇتۇلغىنىمغا خۇش ئىدىم. كىچىك ئارمانمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ناھىيىدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇشقا كەتكەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئېھساننىڭ ئۆيگىمۇ بارمايدىغان بولدۇم، دادامنىڭ ئۇلار بىلەن يەنە داۋاملىق ئالاقلىشىپ تۇرغان-تۇرمايۋاتقىننى بىلمەيتىم.
گۈلپىيە بىلەن بولغان زىدىيىتىمىز بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىپ، ھەتتا مەكتەپ رەھبەرلىرىمۇ بۇ زىدىيەتتىن قېچىپ، مۇختەر ئىككىمىزنى بىريىللىققا، بىر سىنىپقا دەرس تەقسىملەپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. گۈلپىيەنىڭ داۋاملىق بىشەملىك قىلىشىغا چىدىمىغان مەن ئاخىر ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە ئەرز سۇنۇپ، مېنى باشقا مەكتەپكە يۆتكەپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلدىم. نەتىنجىدە مەن يۆتكەلمەي، گۈلپىيە باشقا مەكتەپكە يۆتكىۋىتىلىدى، ئۇنىڭ ئېرى مۇختەر يەنە مەن بىلەن بىر مەكتەپتە قالدى، مۇشۇ ئىشنى ئويلىساملا قاتتىق كۈلگۈم كېلەتتى.
-قاچان توي قىلىسەن گۈلزىبا؟ سەن توي قىلساڭلا مۇشۇ تۆھمەت پاراڭلاردىنمۇ قۇتۇلاتتىڭ!
-شۇنى دەيمەن، تۆت-بەش يىل بۇرۇن «توي قىلىمەن» دەپ يۈرەتتىڭ، تېخى جىم تۇرىسەنغۇ؟
-ئاڭلىسام سېنىڭ ئۇ يىگىتىڭنىڭ ئايالى باركەنغۇ؟ ئايالىنى قويىۋەتسە ئاندىن توي قىلىمەن دەپ ساقلاۋاتامسەن؟
-بۇنداق قىلساڭ ياخشى بولمايدۇ جۇمۇ! خەقنىڭ ئۆيىنى بۇزساڭ، ئەخلاقىسىز سانىلىسەن!
بۇ پاراڭلارنىڭ قەيەردىن چىقىنىنى بىلمەيتىم. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى راست گەپلەر ئىدى!
بەزىدە مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسام ئارماننى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغۇم كېلەتتى.
-قاچان ئاجرىشسەن ئارمان؟ مەن سېنى يەنە قاچانغىچە ساقلايمەن؟ داداڭ پىنسىيىگە چىقىپ بوپتىغۇ؟
-دادامغۇ پىنسىيەگە چىقتى، لىكىن قېيىنئاكام دېگەن سامان قورساق ئوغرى ۋىلايەتكە ئۆسۈش ئالدىدا تۇرىدۇ زىبا، مەن ھازىر مالىيە ئىدارىسىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن، مۇشۇنداق شارائىتتا ئاجرىششنىڭ گېپىنى قىلسام، قېيىنئاكام مېنى يانپەشكە ئېلىپ ئاتىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئىككىمىزنىڭ ئىشىمىزمۇ يوق بولىدۇ زىبا!
-مەن ھازىرغىچە ئاتا-ئانامغا بىر تىيىن بېرىپ باقمىدىم، ئۆزۈممۇ تۇرمۇشتا قىيىنىلىپ قالدىم. سەن ماڭا قەرز ئالدۇرۇپ ئىشىڭنى بىجىرگەندە ئىككى يىلغىچە قايتۇرۇپ بېرىمەن دېگەنتىڭ، مانا تۆت يىلدىن ئاشتى، ئۇزۇنغا قالماي سېنىڭ شۇ قەرزىڭنى تۆلەپ تۈگىتىمەن، لىكىن ھازىرغا قەدەر ئۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدىڭ، مېنى بۇنچىۋالا قىيناپ كەتمىسەڭ بولاتتى ئارمان!
-خاپا بولما، خاپا بولما ھە گۈلۈم. شۇ دادام پىنسيىگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن كىرىمىمىز بۇرۇنقىدەك ئەمەس، ئاپام تولا قاخشاپ تۇرۋېلىپ، تاپقىنىمنى ئۆيگە كۆپرەك بېرىۋېتىپ قاپتىمەن. مەنمۇ ئاپامنى ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا تېزراق قوشۇلارمىكىن دەپ ئۇ پۇلنى سېنىڭ بەرگىنىڭىنى ئېيتىپ، ئاپامغا خۇشامەت قىلۋاتىمەن. سېنى قىيىنچىلىقتا قويغىنىم راست، سېنىڭ مەن ئۈچۈن ھىچنىمەڭنى ئايىمايدىغىنىڭىنى بىلىمەن، شوڭا ھازىرغا قەدەر قولۇڭنى قويىۋەتمەي كەلدىم. جاھاندا ئىككىمىزدەك ئاشىق-مەشۇقلار ئاز ئۇچرايدۇ جۇمۇ گۈلۈم. بۇ چاغقىچە مېنىڭ شۇنچە كۆپ ئېغىرىمنى كۆتۈرۈپ چىداپ كەلدىڭ، يەنە بىرمەزگىل چىدىۋەتكىن، ماڭا قىلغانلىرىڭنى ھەسسىلەپ قايتۇرىمەن، سېنى چوقۇم مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشتۈرىمەن ئومىقىم.
-ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن مەن تەڭتۈشلىرىمنىڭ ئالدىدا، خىزمەتداشلىرىم، يۇرتداشلىرىم، قېرىنداشلىرىمنىڭ ئالدىدا« قېرى قىز» بولۇپ قالدىم!
-مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئون سەككىز ياش سەن گۈلۈم، سېنى مەنلا قېرى قىز دېمىسەم بولدى، ئۇ خەق بىلەن نېمە كارىڭ! يۈرە، بىرەر قۇر كىيىم ئېلىپ بېرەي، چىرايلىق كىيىپ، ئاشۇ دۈشمەنلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتكىنە!
ئۇ ئېلىپ بەرگەن كىيىملىرىمنى كىيىپ، ئۇ ئېلىپ بەرگەن گىرىم بويۇملىرىمنى ئىشلىتىپ، ئۇ ئېلىپ بەرگەن زىننەتلىرىمنى تاقاپ، ئۇنىڭ ھەرۋاقىت يېنىمدا ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ، كۈنلىرىمنى كۈتۈش ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە ئىدىم.
-ياخشى تۇردىڭىزمۇ گۈلزىبا مۇئەللىم؟
-ياخشى تۇردىڭىزمۇ ئېھسان؟
-ياخشى تۇرىۋاتىمەن، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ.
-ھەئە، نەچچە ئاي بولۇپ قاپتۇ.
-بۈگۈن مەن بىلەن پاراڭلاشقىلى ۋاقتىڭىز چىقارمۇ؟
-بولىدۇ.
ئېھسان بۇرۇن كۆرگىنىمدەك شۇنچە تەمكىن ئىدى، پەقەت تەققى-تۇرىقى، قىياپىتىدە ئازراق پىشىپ-يېتىلگەنلىك ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
-مېنى بىرەر ئىش بىلەن ئىزدىگەنمىدىڭىز ئېھسان؟
-ئارمان بۇيىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدۇ، شوڭا ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ قويسىڭىز ياخشى بولاتتى، بىزمۇ ئىلھام- مەدەت بېرىۋاتىمىز، لىكىن سىزنىڭ مەدەتلىرىڭىز باشقىچە بولىدۇ.
-ماقۇل، ئارماننىڭ تېلفۇن نومۇرىنى كىرگۈزۋالايمۇ؟
-ئۆيگە بارمامسىز؟ قىشتا بوۋام ئۆلۈپ كەتكەندە بارغانچە ئۇ تەرەپلەرگە بېرىپ باقمىدىڭىز، مومام گېپىڭىزنى تولا قىلىپ كېتىۋاتىدۇ.
-مەن ۋاقىت تېپىپ باراي.
-ماقۇل.
بىردىنلا ئېھساننىڭ بوۋىسىنىڭ ئۆلۈم پەتسىگە كەلگەن دادام-ئاپاملار بىلەن شۇ چاغدا ئارىمىزدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشلەر ئېسىمگە كېلىپ مەيۈسلىنىپ قالدىم.
ئېھساننىڭ بوۋىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋرىنى دادامغا مەن يەتكۈزگەن ئىدىم. مەقسىدىم دادامنى تېلفۇن ئۇرۇپ، ئۇلارغا تەسەللىي بېرىپ قويۇشقا دەۋەت قىلىش ئىدى. ئەمما دادام بىلەن ئاپام ئاتايىن شەھەر ئاتلاپ قۇمتوغراققا كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيىدە مومايغا ھەمرا بولۇپ تۆت-بەش كۈن تۇرۇپ قالدى. شۇ جەرياندا ئىككى ئائىلىدىكى چوڭلار بوۋاينىڭ يىل نەزىرىسىدىن كېيىن ئېھسان ئىككىمىزنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇشنىڭ پىلانىنى تۈزۈشكەن ئىكەن. مەن ئاپامغا ئارماننى ساقلايدىغىنىمنى ئېيتقىنىمدا ئاپام قاتتىق خاپا بولۇپ كەتكەن، ھەمدە قۇمتوغراقتىن يۇرتقا قايتىپ كەتكىچە ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان ئىدى.
-سەندەك قىزىم يوق! ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىڭدا يۈزىمىزنى پوق قىلغىنىڭ يەتمىگەندەك، ئەمدى بىر ئوبدان يەردىن لايىق چىقسا، مۇشۇلار بىلەن قۇدا بولۇشۇپ، بېشىمىزنى ساقايتارمىز، بىزمۇ بىرەر ئاخشام بولسىمۇ خاتىرجەم ئۇخلارمىز دېسەم، يەنە شۇ ھېلىقى تايىنى يوق ساقلاندىنىڭ گېپىنى قىلۋاتامسەن؟ داداڭ بىلەن ئىككىمىزگە خاتىرجەملىك بەرمەمسەن سەن زادى؟ مۇشۇنچىۋالا كۈن كۆرگۈدەك، بىز قانداق خاتا ئىش قىلغان بولغىيتۇق؟ ئايال كىشى ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە ياخشى دەپتىكەن ،يۇرتتا ئەرگە بېرەيلى دېسەك ئەسلى ئۇنىمىساڭ، مانا ئەمدى بۇ يۇرتتىن بىر ئوبدان لايىق چىقسا، بۇنىڭغا ئەسلى ئۇنىمىساڭ، سېنىڭ نېمە خىيالىڭ بار زادى؟ مۇشۇ توينى قىلساڭمۇ قىلىسەن، قىلمىساڭمۇ قلىىسەن، بولمىسا مەن بىلەن ئانا-بالىلىقتىن كېچىسەن!
مانا مۇشۇ زىدىيەتلەر بىلەن ئاپام مېنىڭ تېلفۇنۇمنى ئالماي، ماڭا قېيداپ يۈرگىنىگە نەچچە ئاي بولغان ئىدى. بىردىنلا بۈگۈن بۇ زىدىيەتنى ئېھسان ئارقىلىق ھەل قىلسام ئەڭ ياخشى بولىدىغىننى، دادام-ئاپاملارنىڭمۇ مەندىن رەنجىمەيدىغىننى ھېس قىلىپ قالدىم.
-يەنە بىرگەپ، ئارماننى يەنە كۈتىۋاتامسىز ياكى باشقىچە خىيالىڭىزمۇ بارمۇ؟
-ئارماننى كۈتىمەن!
-لىكىن ئۇ تېخىچە ئاجراشمىدى، ئاڭلىسام ئوغلى ئۈچ-تۆت ياشلارغىمۇ كىرىپ قاپتۇ.
-نېمە؟ ئارماننىڭ ئوغلى بارمىكەن؟ مەن ئەجەپ بىلمەيدىكەنمەن.
-سىزگە ئېيتمىغاندۇ؟
-يالغان! ئۇ ھەممە گېپىنى ماڭا ئېيتىدۇ، ئۇنىڭ ئايالى يامانلاقتا تۇرسا، قاندىقىسىگە ئوغلى بولسۇن؟
-سىز ئىزچىل ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەپسىز مۇئەللىم، ئارمان بىلەن ئىككىڭلار بىر شەھەردە ئەمەس، سىز ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى قانداق بىلىسز؟
-مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، مەن ئارمانغا چوقۇم بىر قېتىم تېگىمەن ئېھسان!
-نېمىشقا؟ نېمىشقا بۇنداق ئويلايسىز؟
-چۈنكى مەن قىز ئەمەس! پاكلىقىم ئۇنىڭ قولىدا يوقالغان، شوڭا مەن بۇ ئۆمۈرۈمدە پەقەت ئۇنىڭغىلا تېگىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئەرگە ياتلىق بولمايمەن ھەم بۇ بۇلغانغان تېنىمنى باشقا بىر ئەرنىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈپ بېرىپ، ئەرلىك غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىشنى خالىمايمەن، بىلدىڭىزمۇ؟ ئارمان بۇ ئۆمىرىدە مېنى بىر قېتىم چوقۇم ئالىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا مەن ئۇنىڭغا ئۆلگىچە ئاراملىق بەرمەيمەن!
** **
ئىككى يىلدىن كېيىن ئېھساننىڭ تويى بولدى، داداملار تويغا كەلمىدى، مەن ئۇنىڭ تويىغا بېرىپ، چىرايلىقچە تويغا قاتنىشىپ كەلدىم. بانىكىدىن ئارمانغا ئېلىپ بەرگەن قەرزىم تۈگەپ ،قولۇم پۇل كۆرگەن ئىدى. ئارمان بىلەن توي قىلىپ قالسام ئىشلىتىش ئۈچۈن پۇل يىغۋاتاتتىم. تەتىلگە يېقىن مەكتەپتىن مېنى ئىككى يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئارمانغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېلفۇن قىلغىنىمدا تېلفۇننى بىر ئايال ئالدى.
-ۋەي! كىمنى ئىزدەيسىز؟
-ۋەي ئارماننى ئىزدەيتىم.
-سىز كىم؟
-ساۋاقدىشى.
-گۈلزىبامۇ سىز؟
-سىز كىم؟
-مەن لالە! كەچۈرۈڭ، ئارمان يوق، ئۇ تۈرمىگە كىرىپ كەتتى!
داۋامى بار.