بەزىدە يۈزنىڭ سارغۇچ ھەم نۇرسىز بولىشى ، يۈزگە توكسىن يىغىلىپ قالغانلىقىتىن ، كەچ ئۇخلىغانلىقتىن ، خىزمەت قىلىپ چارچاپ كەتكەنلىكتىن ، ئۆگىنىش بېسىمى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ . تۆۋەندە يۇقىرىقى مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان يۈزدىكى توكسىننى ھەيدەش گىمناستىكىسىنى ئۆگىنىمىز :
بىرىنچى باسقۇچ : ئىڭەكنىڭ ئىزنا سىزىقى (轮廓线) نى بويلاپ كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ ئىككىنچى بوغۇمىنىڭ يان تەرىپى بىلەن ئۈستىگە ئىتتىرىمىز ، سەل كۈچەپ ئىتتىرگەندە قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ .
ئىككىنچى باسقۇچ : بارماقنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ يۈزنى ئۇۋۇلاپ بەرسە ، تېرە مۇسكۇللىرى چىڭايغاندىن سىرت ، يەنە يۈزدىكى توكسىننى ھەيدەيدۇ .
ئۈچىنچى باسقۇچ : بارماقنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ پېشانىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە ، توكسىننى ھەيدىگەندىن سىرت ، يەنە كۆز ئەتراپىدىكى ئىششىقنى ياندۇرىدۇ .
تۆتىنچى باسقۇچ : كۆز ئەتراپىدىكى پەللىلەرنى بېسىپ بەرسە ، كۆز ئەتراپىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ، يەنە بىر جەھەتتىن كۆز ئەتراپى تېرىسىنى ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
ئاخىرىدا ، ئالقان بىلەن ئۈستىدىن تۆۋەنگە لىمفانى يىنىك ئىتتىرىپ ئۇۋۇلاپ بەرسە يۈزدىكى توكسىننى ھەيدەيدۇ .
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ