قېتىق ئىچكەندە بۇلارنى قوشۇپ ئىچىڭ، مىڭ خىل كېسەلگە داۋا

文摘   2024-11-25 11:15   新疆  

جۇڭگو تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، «چۈچمەل تەم» كۆپ تەرلەش ھەم ئىچ سۈرۈشنى توختىتىپ، ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ، يەنە سۇيۇقلۇق ھاسىل قىلىپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ. شۇڭا، ياز كۈنلىرى كېسەللىككە قارىتا ئازراق« چۈچمەل» تىمەكلىك ئىشلىتىش كېرەك.

01

قۇۋۋەت تولۇقلاپ ئۇيقۇغا ياردەم بېرىشپ-شىزاندارا (五味子)

سەنشى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىنىڭ كېسەل داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن يەنچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېبابىتىدە شىزاندىرانىڭ تەمى چۈچۈمەل ھەم قىرتاق بولۇپ، ئۆپكىنى بوشىتىپ، قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ، بەلغەمنى بوشىتىپ، نەملىكنى سىڭدۈرۈپ، ئىسسىقلىقنى پەسەيتىدۇ، ئېغىز يارىسى يارىسىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە كۈندۈزى ئاسان تەرلەيدىغان ھەمدە بەدەندە كۈچ يوقتەك ھىس قىلىپ ماغدۇرسىزلانغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ يەنە بىر خىل ئەپچىل رولى بار، ئۇ بولسىمۇ شىزاندىرا بىلەن مۇۋەببەلسىپىت(麦冬)، ئادەمگىياھنى بىرلەشتۈرۈپ چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

مەسىلەن، خىزمىتى بىر قەدەر ئالدىراش بولغان ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر ئەگەر زېھنىي كۈچى يېتەرلىك بولمىغان، بىسىمى ئېغىر، ئاغزى، گېلى قۇرۇپ خىلىتلار يېتىشمىگەن چاغلاردا ئىچسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەك ئىسسىق بولغاندا، نۇرغۇن ياشانغانلار ماغدۇرسىزلىنىپ، دائىم تەرلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتىمۇ ئازراق ئىچىۋالسا سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ.

پەقەت شىزاندىرانىلا قايناق سۇغا سىلىپ چاي ئورنىدا ئىچسە، ئېغىزى، گېلى قۇرۇشنى پەسەيتىدۇ، بولۇپمۇ تېنى ئاجىز، ئۇزاققىچە يۆتىلىپ دېمى سىقىلىدىغان ياشانغانلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. خىزمەتچىلەر شىزاندىرا بىلەن پالما مەرىزى، سېرىق يۆگەينى ئارىلاشتۇرۇپ قايناتقاندىن كېيىن تىرىپىنى ئېلىۋېتىپ، يەنە ئازراق ھەسەل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىق ۋە يۈرەك سېلىپ ئۇخلىيالماسلىقنى پەسەيتىدۇ.

02

سۈيى ياقماسلىق __ قېتىق

جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ لىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھاۋا ئىللىشقا باشلىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، لېكىن يىراق سەپەرگە چىققاندا« سۈيى ياقماسلىق» تىن ئەڭ ئەنسىرەيدىكەن، بولۇپمۇ يىراق يەرگە بارسا ئاسانلا رېئاكسىيە قىلىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا ئازراق قېتىق ئىچىپ بەرسە، قېتىقتىكى پايدىلىق باكتېرىيە ئۈچەيدىكى تەڭپۇڭسىزلاشقان باكتېرىيە توپىنى تەڭشەپ، ئۈچەي ۋە ئاشقازاننى قوغدايدۇ. 

ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈچۈمەل تاتلىق تەمى ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ياز پەسلىدە چۈشتىن كېيىن ئاسانلا ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، بۇ بەلكىم قالقانسىمان بەز ياكى بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ئالامەت بولۇشى مۇمكىن، چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ~ 4 لەردە، مۇۋاپىق مىقداردا قېتىق ئىچىش ئارقىلىق ئېنېرگىيەنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

قېتىققا يەنە بەزى خۇرۇچلارنى قوشساق، تېخىمۇ كۆپ كۈتۈنۈش رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەردە تىت-تىت بولۇش، ھەتتا ئۇيقۇسىزلىق مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ، قېتىق ئىچكەندە ئازراق نېلۇپەر ئۇرۇقى سېلىپ ئىچسە قۇۋۋەت ۋە قان تولۇقلاپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، باش يازدىكى ئۇيقۇسىزلىق، تىت-تىت بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەسەيتىشكە ئۈنىمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.

03

ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش __قارا ئۆرۈك شورپىسى

جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى دۇڭ فېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قارىئۆرۈك شورپىسى بىر خىل ئەنئەنىۋى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنى تۈگىتىدىغان ئىچىملىك بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولۇپلا قالماي، يەنە تىل ۋە ئېغىز شەلۋەرەشنى پەسەيتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى ئىكەن.

قارا ئۆرۈك شورپىسىنى تەييارلاش تەس ئەمەس، قارا ئۆرۈك 240 گىرام، دولانا 160 گىرام، چۈچۈكبۇيا 18 گىرام تەييارلاپ ئۇلارنى سۇدا 40 مىنۇت قاينىتىپ، قاينىتىپ بولغاندىن كېيىن ئوتنى ئۆچۈرۈپ، 240 گىرام ناۋات قوشۇپ، ئۇنى ئاستا-ئاستا ئېرىتىپ، سۈيىنى سۈزۈۋېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە 30 گىرام ئوسمانتۇس گۈلى قىيامىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئىچىملىك ئورنىدا ئىچسەكلا بولىدۇ.

قارا ئۆرۈك شورپىسىنى بىر قېتىمدا ئىچىپ بولالمىسىڭىز، توڭلاتقۇدا بىر نەچچە كۈن قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. لېكىن ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا قارا ئۆرۈك شورپىسىنىڭ سۈپىتى ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ئەگەر سىرتقى يۈزىدە ئىنچىكە كۆپۈك پەيدا بولۇپ قالسا، بۇ سۈپىتى ئۆزگىرىپ، ئىچىشكە بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

قارىئۆرۈك ئاچچىق ھەم مۆتىدىل بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپ، ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ. دولانا چۈچۈمەل تاتلىق بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىپ،ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشتىھاسىزلىقنى ياخشىلايدۇ.

بۇ رېتسېپقا يەنە ئوسمانتۇس گۈلى قوشۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، ئاچچىق بولۇپ، يىغىلىپ قالغان يەلنى تارقاقلاشتۇرالايدۇ، يۈرەكنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن پەيدا بولغان ھەر خىل ئالامەتلەر تەبىئىي ھالدا تېخىمۇ تېز ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھەر خىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان يۈرەكنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، ئېغىز-تىلى شەلۋەرەشنى ناھايىتى ياخشى داۋالاش رولى بار.

04

تالنى ساغلاملاشتۇرۇش __پۇشۇرۇلغان ئاناناس

مېۋە-چېۋىلەر ئىچىدە تالنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بارلىرى كۆپ ئەمەس، ئاناناس بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدىغان تاللاش. ئاناناس تەركىبىدىكى ئاقسىل فېرمېنتى ئاقسىلنى پارچىلاپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاشۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. مېۋە ئېتى تاتلىق ھەم چۈچۈمەل بولۇپ، شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بالىلار ئاناناسنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ. ئەگەر ئادەتتە بالىلار بەك تويۇپ كەتسە، ھەزىم قىلىش قىيىن بولسا، تاماقتىن كېيىنكى بىر سائەتتە بالىلارغا ئاناناس بېرىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم قىلسا بولىدۇ.

نۇرغۇن بالىلار ئاناناسنى يېگەندىن كېيىن تىلى بىئارام بولىدۇ، تۇز سۈيىگە چىلىسا يەنىلا كار قىلمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاناناسنى پىشۇرۇپ يېيىش تەكلىپى بېرىلىدۇ، مەسىلەن، ئاناناس توخۇ گۆشى قورۇمىسى.

ئاناناستەك بۇ خىل قۇۋۋەت تولۇقلاش ھەم ھەزىم قىلىش رولىغا ئىگە يېمەكلىكىگە توخۇ گۆشىنى ماسلاشتۇرسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. باشقا گۆشلەرنى ھەزىم قىلىش تېخىمۇ تەس، كالا، قوي گۆشى تېخىمۇ ئىسسىق، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى توخۇ گۆشىنى ماسلاشتۇرۇپ يەپ بەرسە، ھەزىم قىلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق ھەم تەمى چۈچۈمەل تاتلىق بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ، ئىشتىھاسى ئانچە ياخشى بولمىغان بالىلارغا بەك ماس كېلىدۇ.

05

قۇۋۋەت تولۇقلاپ قاننى جانلاندۇرۇش__ دولانە

سەنشى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى داشۆسى قارىمىقىدىكى دوختۇرخانا كېسەل داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن يەنچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشى ياز كېلىشى بىلەنلا ئىشتىھاسىز بولۇپ قالىدۇ، بۇ چاغدا دولانە قوۋۇرغا شورپىسى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. دولانەنىڭ تەمى چۈچۈمەل، تاتلىق، تەبىئىتى سەل مۆتىدىل بولۇپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئىممۇنىت كۈچىنى كۈچەيتىش، يۈرەك قان تومۇرىنى قوغداش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.

دولانا بىلەن كەتىرادە چاي دەملەپ ئىچسە قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، قاننى جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، بولۇپمۇ ماغدۇرسىزلىق تىپىدىكى يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش، قان شېكىرى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. 20 گىرام كەتىرا، 10 گىرام دولانا، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇنى يۇيۇپ، ئىسسىق ساقلاش قاچىسىغا سېلىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئىچسە، ئىككى قېتىم دەملەپ ئىچسە بولىدۇ.

ئادەتتە كىشىلەر دائىم كەتىرا، دولانا چېيى ئىچىش ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، لېكىن سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى، نەپەس يولى قاتارلىق جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشقا گىرىپتار بولغان كىشىلەر، شۇنداقلا تىل گېزى قېلىن، ئىچى ئاچچىق بولغان بىمارلار ئىچىشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ.

06

پۇت تەمرەتكىسى-ئاچچىقسۇ

جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى دۇڭ فېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر پۇت تەمرەتكىسىدىن بىئارام بولىدىكەن، بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى ھەرىكەت مىقدارى ئېشىپ كەتسە، پۇت تەمرەتكىسى تېخىمۇ بىئارام قىلىدىكەن، ئېغىر بولغاندا پۇت بارماقلىرى ئارىسىدا يىرىڭداپ سۇ ئېقىپ كېتىدىكەن، ھەتتا تەمرەتكە باكتېرىيە ئەسۋىسى بەدەنلىرىدىكى تېرىلەرگە تارقىلىپ، ئاجايىپ قىچىشىش كىشىنى بىئارام قىلىدىكەن.

ئاچچىقسۇنىڭ غەلۋىرەكنى يوقىتىش، سۇنى تارقىتىش، زەھەرنى ھەيدەش، قىچىشىشنى توختىتىش رولى بار، شۇڭا ئاچچىقسۇغا چىلاپ يۇيۇش ئارقىلىق پۇت تەمرەتكىسىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. تاللا بازارلىرىدىن 2 ~ 3 خالتا ئەرزان ئاچچىقسۇ سېتىۋېلىپ، داسقا قۇيۇپ، قايناق سۇ قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىككى پۇتنى داسقا سېلىپ، ھەر كۈنى بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا يېرىم سائەت ياكى بىر سائەت تۇرغۇزۇپ، بىر ئاي داۋاملاشتۇرغاندا، يېنىك دەرىجىدىكى پۇت تەمرەتكىسىنى كۆرۈنەرلىك پەسەيتكىلى بولىدۇ. 

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章