مانا سىزگە ئەڭ لازىملىق ئاددىي قالتىس رېتسىپلار

文摘   2024-11-27 11:02   新疆  


1.پۇت قايرىلىپ كەتكەندە بىر كېسىم خام زەنجىۋېلنى ئېزىپ بىر قوشۇق ئاش تۇزى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قايرىلىپ كەتكەن جايغا چېپىپ، دورىلانغان داكا بىلەن مەھكەم تاڭسا ھەم بۇنى كۈندە بىر قېتىم يەڭگۈشلەپ، ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرسا، پۇت تېز ساقىيىدۇ.

2. تۈرلۈك سەۋەبلەردىن تېرە قىچىشىش پەيدا بولسا، ئازراق تاماكا كۈلىگە بىر نەچچە تېمىم سۇ تېمىتىپ مەلھەم ھالىتىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن قىچىشقان يەرگە چېپىپ بەرسە قىچىشىش توختايدۇ.

3. چىش قاماپ قالغاندا سامساق، غولپىياز ياكى يېڭى زەنجىۋېلنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېزىپ، قاماپ قالغان چىش ئارىسىغا قويۇپ بىر- ئىككى مىنوت چىشلەپ تۇرسا چىش قاماش يوقىلىدۇ.

4.ئورنىغا سىيىپ قويىدىغان بالىلار ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن 20 - 10 تال چىلان يەپ، بۇنى ئۇدا بىر ئاي داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ئورنىغا سىيىپ قويمايدىغان بولىدۇ.

5. بۇرۇندىن قان ئېقىپ توختىمىغاندا، كۈدە (يەنى جۈسەي)دىن ئازراق ئېلىپ ئېزىپ بۇرۇنغا تىقىپ ئوڭدا ياتسا، قان توختايدۇ.

6. ئادەتتە يۇيۇنغاندا، يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك 20 مىنوتتىن 30 مىنوتقىچە بولسا كۇپايە. چۈنكى، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنغاندا قان كۆپ مىقتاردا بەدەننىڭ سىرتقى يۈزىگە يىغىلىۋالىدۇ. ۋاقىت  ئۇزىراپ كەتسە، ئاسانلا ھارغىنلىق پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىچكى ئەزالارنى قان بىلەن تەمىنلەشكە ۋە ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ، ئاسانلا سۇسىزلىنىش ھارغىنلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章