جۇخار گۈلى بىلەن ئۇ بەك ماس كېلىدۇ. دائىم سۇغا چىلاپ ئىچسە، جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ ھەم ئۈچەينى سىلىقلايدۇ، يەنە مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈپ كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ!
«ئوت-چۆپلەر دەستۇرى» دا جۈخار گۈلى دورىلارنىڭ ئەڭ ئېسىل بۇيۇمى قىلىنغان بولۇپ، « ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلىنسا قان قۇۋۋىتىگە پايدىلىق ھەم قېرىشنى كىچىكتۈرىدۇ» دەپ قارالغان. قەدىمكى زاماندا ئوردىدىكى نۇرغۇن خانىشلارمۇ جۈخار گۈلىنى ئىستېمال قىلىپ، ئۇنى قۇۋۋەت بۇيۇمى قىلغان.
01
جۇخار گۈلى چېيىنىڭ پايدىسى
جۇخارگۈلنىڭ تەمى ئاچچىق، تەبىئىتى سەل سوغۇق بولۇپ، ئۆپكە، جىگەر تومۇرلىرىغا تەۋە. ئۇ يەلنى تارقىتىپ ئىسسىقنى ھەيدەش، جىگەرنى ياخشىلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە.
ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىدىن قارىغاندا، جۇخارگۈلنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي، جۇخار گلۇكوزىدا، ئادېنىن قاتارلىق تەركىبلەر بار بولۇپ، كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارغا قارشى تۇرىدۇ، ئىسسىقلىقنى تىنچلاندۇرۇپ، قىل قان تومۇرلارنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭ گۈل بەرگىدە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى، ۋىتامىن ۋە تۆمۈر، سىنك، مىس قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق.
يازدا ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەردە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش دائىم كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، جىگەردىكى ئىسسىقنى ۋاقتىدا يوقىتىش كېرەك. جۈخار گۈلى چېيىنى ئىچسە جىگەردىكى ئىسسىقنى قايتۇرۇش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، جۈخار گۈلىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇشتۇر. ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن ئادەم ئاسان تەرلەيدۇ، ئاسان چىچىلىدۇ، جۈخار گۈلىنى دەملەپ ئىچكەندىن كېيىن، ناھايىتى ياخشى بولغان تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندە پەيدا بولىدىغان تىت-تىت بولۇشنى تۈگىتىپ، ئادەم راھەتلىنىپ قالغاندەك ھىس قىلدۇرىدۇ، شۇڭا يازدا جۈخارگۈل چېيى ئىچسە ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
02
جۇخار گۈلىگە بۇلارنى قوشۇپ ئىچسە كۈتۈنۈش ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ
جۈخار گۈلىدە چاي دەملىگەندە، پۇرىقى ساپ بولۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، بەدەننى راھەتلەندۈرىدۇ، ئەگەر باشقا يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى قوشۇپ ئىچسە ئۈنىمى ھەسسىلەپ ئىشىپ، كۈتۈنۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرىدۇ.
1. ئالقات قوشۇش
جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش
جۇڭگو تېبابىتىدە جىگەردە قان بولىدۇ، جىگەر ياخشى بولمىسا، كۆز ئوزۇقلىنالمايدۇ، ئاسانلا كۆز قۇرغاقلىشىپ، كۆز چارچايدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
جۇخار گۈلى بىلەن ئالقاتنىڭ ھەممىسى جىگەرگە كىرىدۇ، جۇخار گۈلى جىگەرنى تازىلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، كۆز چارچاشنى پەسەيتىدۇ؛ ئالقات جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، شۇنداقلا تەركىبىدە كۆزنى ساغلاملاشتۇرىدىغان، يورۇق كاروتىن قاتارلىق زۆرۈر ئوزۇقلۇق ماددىلار مول. ئادەتتە دائىم كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان، يانفون ئوينايدىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاق جۇخار گۈلى 10 گىرام، ئالقاتنى 10 گىرام قايناق سۇغا چىلاپ چاي ئورنىدا ئىچسە بولىدۇ.
2. ئۈژمە يوپۇرمىقى قوشۇش
قوشۇمچە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش
ئاستانىدىكى تۆت داڭلىق تېۋىپنىڭ بىرى، شى جىنمو ئىلىم ۋارىسى شى لاۋرېن ئۆزى ھەر كۈنى ئىچىۋاتقان ئىچىملىكنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولدى. بۇ ئىچىملىكنىڭ يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا نىسبەتەن قوشۇمچە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولى بار، يۇقىرى قان بېسىم خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر (تال قۇۋۋىتى جىددىي، تۇرمۇش رىتىمى تەرتىپسىز، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى، ھەرىكىتى كەمچىل، ئۇزۇن مۇددەت تۈنەيدىغان كىشىلەر) مۇ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىچسە ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ.
بۇ دەل جۇخار گۈلى، ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن تەييارلانغان ئىچىملىك.
تەييارلاش ئۇسۇلى: جۇخار گۈلى 10 گىرام، ئۈجمە يوپۇرمىقى 5 گىرام، لۇڭجىڭ چېيى 10 گىرام تەييارلاپ قايناق سۇدا دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىش.
3. تۇخۇمەك گۈلى قوشۇش
قان تومۇر قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
تۇخۇمەك گۈلىنىڭ قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش رولى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ، تۇخۇمەك گۈلىنىڭ تەبىئىتى سەل سوغۇق، قان توختىتىش، قاننى سوۋۇتۇش رولى بار. يەنە ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلاردىكى سەكتە ۋە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر جۇخار گۈلى بىلەن تۇخۇمەك گۈلىنى بىللە سۇغا چىلاپ ئىچسە، ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، دائىم ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.
تەييارلاش ئۇسۇلى: جۇخار گۈلىدىن 10 گىرام، تۇخۇمەك گۈلىدىن 5 گىرام، قايناق سۇدا دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچسە بولىدۇ.
4. دولانە قوشۇش
ماينى سىرىپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش
دولانەنىڭ ئاساسلىق ئۈنۈمى قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، قېتىشمىلارنى ئېرىتىشتىن ئىبارەت. جىگەرنى ماي قاپلاش بىمارلىرى ۋە قاندىكى ماي تەركىبى يۇقىرى كىشىلەر، دولانە بىلەن جۇخار گۈلىنى دەملەپ ئىچىپ سىناپ باقسا بولىدۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى: 15 گىرام دولانا، 15 گىرام جۇخارگۈلنى قايناق سۇغا سىلىپ دەملەپ ئىچىش.
5. پونۇس ئۇرۇقى قوشۇش
قەۋزىيەتنى پەسەيتىش
نۇرغۇن ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان دوستلار قەۋزىيەتنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ، ئەمما نۇرغۇن قەۋزىيەت قۇرغاق ھەم ئۈچەينىڭ ئىسسىقى ئىشىپ كىتىش بىلەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەڭگىل قەۋزىيەت بىمارلىرى ئۈچۈن، جۈخارگۈل چېيىغا ئازراق پونۇس قوشۇپ ئىچسە ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىيالايمىز.
تەييارلاش ئۇسۇلى:10 گرام جۇخار گۈلى، 15 گرام پونۇس ئۇرۇقىنى قايناق سۇغا سىلىپ دەملەپ ئىچىش.
03
جۇخار گۈلى چېيى ئىچىشتە بۇ بۇ بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ
1. جۇخارگۈل تۈرى
جۇخارگۈلنىڭ تۈرى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىقى مەنزىرە جۇخارگۈلى، دورىلىق جۇخارگۈل ۋە يېمەكلىك جۇخارگۈل دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە خىل جۇخارگۈلنىڭ ئۈنۈمىدە ئازراق پەرق بار.
سېرىق جۈخارگۈل ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ، دائىم زۇكام بولۇش، شامالدارىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ ئاق جۈخارگۈل تاتلىق جۈخارگۈل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ جىگەرنى تىنچلاندۇرۇپ، مۇسبەتلىكنى پەسەيتىش رولى بار، باش قېيىش ۋە يۇقىرى قان بېسىمنى قوشۇمچە داۋالايدۇ؛ جۈخارگۈل كۆزنى ئاسراپ، روشەنلەشتۈرىدۇ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، كۆز تورلىشىشنى پەسەيتىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
1. جۈخار گۈلىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، سوغۇقى ئېشىپ، ئاسان ئىچى سۈرىدىغان كىشىلەر جۈخار گۈل چېيىنى دائىم ئىچمەسلىكى كېرەك، قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەرمۇ ئىچمەسلىكى كېرەك.
2. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن جۈخۇا گۈلىدە چاي دەملەپ ئىچمەڭ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن جۈخۇا گۈلىنى تاشلىۋېتىشكە كۆزىڭىز قىيماي، چىلاپ ئىچىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئاشقازان ئۈچەي ۋە جىگەر، بۆرەكنى زەخمىلەندۈرۈشى مۇمكىن.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ