كۆپچىلىك پاختىلىشىپ قالغان خاسىڭ ۋە گازىرنى ئېھتىياتسىزلىقتىن يەپ سالغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، تۈكۈرۋىتىشلا كۇپايە قىلمايدىكەن.
01
بىر تال پاختىلىشىپ قالغان خاسىڭنى يېيىشنىڭ زىيىنى قانچىلىك؟
ياز كۈنلىرى ھاۋا كۆپىنچە نەم بولىدۇ، بۇنداق مۇھىتتا بىرىنچى دەرىجىلىك راك پەيدا قىلغۇچى ماددا پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.
كۆپچىلىك ئافلاتوكسىن (ئافلاتوكسىن) نى ئانچە چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. 1993-يىلى، ئافلاتوكسىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىر تۈرلۈك راك پەيدا قىلغۇچى ماددا قىلىپ بېكىتىلگەن.
كۆپچىلىككە مەلۇم، مەرگىمۇشنىڭ ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك، لېكىن ئافلاتوكسىن زەھىرى مەرگىمۇشنىڭ 68 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
ئافلاتوكسىن غەيرىيلىكنى، راكنى پەيدا قىلىدۇ، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، جىگەرگە ناھايىتى كۈچلۈك بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پاختىلىشىپ قالغان بىر تال خاسىڭنىڭ ئىچىدىكى ھەممىسى ئافلاتوكسىن ئىكەن. بىر تال خاسىڭ ئېلىپ يۈرگەن ئافلاتوكسىن بەدەنگە كىرىپ كەتسە جىگەرنىڭ بۇ زەھەرنى تازلىشىغا 40 كۈن كىتىدۇ.
ئافلاتوكسىن ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلىنسا، جىگەر زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر مىقدارى مەلۇم دەرىجىگە يەتسە، ھەتتا بىۋاسىتە جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
02
ئافلاتوكسىن بۇ يېمەكلىكلەردە ئەڭ كۆپ ساقلىنىدۇ
ئافلاتوكسنى بىزدىن بەك يىراق دەپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىزگە بەك يېقىن، چۈنكى ئۇ ساقلاشقا ئەڭ ئامراق جاي ھەرخىل يېمەكلىك.
ئەگەر بىخەتەرلىك ئېڭى يۇقىرى بولمىغانلار بايقىيالماسلىقى مۇمكىن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئافلاتوكسىن بۇ بىرنەچچە جايغا يوشۇرۇنۇشنى ياخشى كۆرىدۇ:
1. پاختىلىشىپ قالغان خاسىڭ
خاسىڭنىڭ تەركىبىدە ماي مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە سالقىن، نەم يەرلەردە ئۆسۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا ئۇ سېرىق ئاسپېرگىللۇس زەمبۇرۇغى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان زىرائەتلەرنىڭ بىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئافلاتوكسىن يەنە مايدا ئېرىيدۇ، شۇڭا پاختىلشىپ قالغان خاسىڭدا ئافلاتوكسىن پەيدا بولىدۇ.
2. پاكىز يۇيۇلمىغان چوكا
چوكىدا ئەسلىدىنلا ئافلاتوكسىن پەيدا بولمايدۇ. ئەمما بىز چوكا ئارقىلىق قورۇما قىسقاندا، خاسىڭ، كۆممىقوناق قاتارلىق كراخمال مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى قىسىشتىنمۇ ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن پاكىز يۇمىغاندا ياكى چوكىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئالماشتۇرمىغاندا، چوكىنىڭ يوچۇقىدا كراخمال قېلىپ، پاختىلىشىپ، ئاخىرىدا ئافلاتوكسىن پەيدا بولىدۇ.
3. ئاچچىق بولۇپ قالغان قاتتىق پوستلۇق مېۋە
گازىر، ئۆرۈك مېغىزى، ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، ئەگەر ئاچچىق بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان بولسا چوقۇم ۋاقتىدا تۈكۈرۈش ھەمدە ئېغىزنى چايقاش كېرەك، چۈنكى ئافلاتوكسىن سپورا شەكلىدە تارقىلىدۇ، قاتتىق شاكاللىق مېۋىنىڭ ئاچچىق تەمى پاختىلىشىپ ئۆزگىرىش جەريانىدا پەيدا بولغان ئافلاتوكسىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
4. سۈپتى ناچار خاسىڭ مېيى
بەزىلەر ئەرزان خاسىڭ مېيى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما خاسىڭ مېيىنىڭمۇ ئافلاتوكسىن بىلەن بۇلغىنىشىدىكى بىر چوڭ يوشۇرۇن ئاپەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
بىر تەرەپتىن، پاختىلىشىپ قالغان خاسىڭ ۋاقتىدا چىقىرىۋېلىنمىسا ياكى ياغ تارتىش ماشىنىسى ئۇزاققىچە تازىلانمىسا پاختىلىشىپ قېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقسا، يەنە بىر تەرەپتىن، كىچىك دۇككانلارنىڭ تازلىشى ياخشى بولماي خام ماتېرىيالدىكى زىيانلىق ماددىلارنى پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتەلمەيدۇ-دە، ئافلاتوكسىن ئاسانلا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
5. كۆكىرىپ قالغان گۈرۈچ ۋە كۆممىقوناق
ئاشلىق زىرائەتلىرىنى يىغىش ۋە ساقلاش جەريانىدا ئاسانلا كۆكىرىپ قېلىپ، ئافلاتوكسىن بىلەن بۇلغىنىدۇ. ئەگەر سۈپىتى ئۆزگەرگەن، كۆكىرىپ قالغان دانىچىلارنى چىقىرىۋەتمىسەك، ئاسانلا خاتا يەپ قالىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆيدە پاكىز يۇيۇلمىغان دۆشە، سۈپەتسىز يەر ياڭىقى قىيامى ۋە كۈنجۈت قىيامى قاتارلىقلارنىڭ ئافلاتوكسىن پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
03
ئېھتىياتسىزلىقتىن يەپ بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئافلاتوكسىن بىلەن بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى يەپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئالىملار نۇرغۇن يېمەكلىك ۋە ماددىلارنى تەتقىق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر خىل ماددىنىڭ ئافلاتوكسىنغا مەلۇم دەرىجىدە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى، بۇ ھازىرغا قەدەر بايقالغان بىردىنبىر ئېتىراپ قىلىنغان ئافلاتوكسىن زەھىرىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغان ماددا!
بۇ خىل ماددا دەل خىلوروفىل!
ئۇنداقتا خىلوروفىل زادى قايسى يېمەكلىكلەردە مەۋجۇت؟
تەركىبىدە خىلوروفىل بولغان يېمەكلىكلەردىن قوناق،سەۋزە، شوخلا، پالەك، كاۋا، پىچەكگۈل، پۇرچاق، قارا مور، خەيدەي، ياڭاق، قارا كۈنجۈت، مايمۇن شاپتۇلى. چىلان، مانگو، ئۈزۈم قاتارلىقلار بار.