ﭼﯜﺷﺘﻪ ﺋﯘﺧﻼﺷﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﭼﯜﺷﺘﻪ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﻮﺭﻣﻮﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﭙﯘﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﻪ 20 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺧﻪﯞﭘﯩﻨﻰ %37 ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻕ ﻳﺎﻗﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ، ﭼﯜﺷﺘﻪ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﺋﯩﺠﺎﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ . ﭼﯜﺷﺘﻪ ﺋﯘﺧﻼﺷﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ1. ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﺧﻼﺵ . ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﺋﯘﺧﻼﻳﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ، ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﮕﻪ ﻗﺎﻥ ﻳﯩﺘﯩﺸﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. 2. ﻳﻪﻝ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﺎﺳﺘﯘﻗﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ . ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺴﯩﯟﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ . ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﭼﯜﺷﺘﻪ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﯕﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﯓ ﻳﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﺴﯩﭗ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . 3. ﻳﯩﭙﯩﻨﭽﺎ ﻳﯩﭙﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻳﺎﺯ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﻳﯩﭙﯩﻨﭽﯩﻐﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻼﺭ ﺑﻮﺷﺎﭖ ، ﻗﯩﻠﻘﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ ، ﺗﻪﺭ ﺗﯚﺷﯜﻛﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﭼﻮﯕﻼﻳﺪﯗ ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺯﯗﻛﺎﻣﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . 4. ﺋﻮﻳﻐﯘﻧﯘﭘﻼ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ . ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻏﯩﺮﻩ ﺗﯘﻳﻐﯘﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺳﻪﮔﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ .يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز