زەھەر ئىشلەپ چىقىرىدىغان گۈللەر - ھەرگىز باقماڭ

文摘   2024-11-22 11:01   新疆  

كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئائىلىدە گۈل ئۆستۈرگەن ۋاقىتتا ئاۋۋال ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولغان ئۆسۈملۈكلەرنى تاللاپ ئۆستۈرۈش لازىم. مەسىلەن،تىكەنلىك يالمانقۇلاق، سۆگەتگۈل قاتارلىق زەھەرلىك گۈللەرنى ئۆيدە بېقىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈش جەريانىدىكى فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق كاربون تۆت ئوكسېدنى سۈمۈرۈپ ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆي ئىچىدىكى مەنپىي ئېئوننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداشتا مەلۇم دەرىجىدە رولى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

بىز بۈگۈن كۆپچىلىككە ئۆيدە بىقىشقا ئەسلا بولمايدىغان ۋە باقسا بولدىغان  گۈللەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

01

تىكەنلىك يالمانقۇلاق

تىكەنلىك  يالمانقۇلاقنىڭ شاخچىسى ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، سۇيۇقلۇق تەركىبىدە،زەھەرلىك ئاقسىل، بىئولوگىيىلىك ئىشقار قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلاربار، ئىھتىياتسىزلىقتىن تىرىگە چاپلىشىپ قالسا، قىزىرىپ ئىشىش ۋە قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ئىغىر بولغاندا دوختۇرخانىغا بىرىش كىرەك.

02

ئۇياتچان ئوت


03

تاش سامساق

04

سۆگەتگۈل

سۆگەتگۈل ئەڭ زەھەرلىك گۈل دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى

ماددا بار، بۇ خىل زەھەرلىك ماددا ئادەمنىڭ ھاياتىغان زىيانكەشلىك قىلىدۇ، ئەگەر ئىھتىياتسىزلىقتىن تىگىپ  كىتىپ قالسا تىرىدە تارتىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. يەۋىلىپ قالسا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، ئىچى سۈرۈپ قورسىقىى ئاغرىش، ھەتتا قىزش ئەھۋانلىر كۆرۈلىدۇ.

تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئۆيدە بېقىشقا بولىدىغان بىر نەچچە خىل گۈلنى تونۇشتۇرىمىز.

ئۆيدە بۇ ئۈچ خىل گۈلنى باقسىڭىز كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مىكروپ ئۆلتۈرىدۇ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ياخشىلايدۇ، ئۆيدىكى ياشانغانلار ۋە چوڭلار ئاسانلىقچە ئاغرىپمۇ قالمايدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن كىشىلەر تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماستىن يەنە تۇرمۇشنىڭ ۋە بەدەننىڭ ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. بولۇپمۇ شەھەرلەردە، ھەربىر ئائىلىدە دېگۈدەك تەشتەككە تېرىلغان بىر قىسىم يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرىدۇ. 

01

تاشيارغان


02

 سىرىقى گىرۋەكلىك ئاسما گۈل

سېرىق گىرۋەكلىك ئاسما گۈل ئۆيدە ئۆستۈرۈشكە ماس كىلىدىغان مەنزىرە ئۆسۈملۈكى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ياخشى بولغان ھاۋا تازىلايدىغان گۈل. ئاسما گۈلنىڭ كۈچلۈك بولغان زەھەر سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بولۇپ ،ئادەتتە ئۆيدە بىر-ئىككى تەشتەك ئاسما گۈل ئۆستۈرسەك ئۆينبنڭ ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇپلا قالماي يەنە، زەھەرلىك ماددىلارنى  سۈمۈرىدۇ، شۇڭا ئاسما گۈلنىڭ «يىشىل رەڭلىك ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچى ماشىنا» دىگەن نامى بار. ئاسما گۈلنى ئۆستۈرۈش ئاسان،ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ ،ئەڭ ئەنئەنىۋى بولغان ئۆيلەردە ئۆستۈرۈشكە ماس كىلىدىغان گۈللەرنىڭ بىرى.ئۇنىڭ يوپۇرمىقى ئۇزۇن ھەم يۇمشاق بولۇپ ،تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرىدۇ.


03

 قىزىل ئاسما گۈل

04

ئۇستىقۇدۇس

ئۇستىقۇددۇسنىڭ قىممىتى ئادەملەرنىڭ ئىھتىياجى ۋە ئۇستىقۇددۇسنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇستىققۇددۇس كىشىلەرنىڭ ئۆيىنى گۈزەللەشتۈرۈش، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش، تەن سالامەتلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئىھتىياجلىرىنى قاندۇرالايدۇ، ئۆيىڭىزنى ھەشەمەتلىڭ ۋە چىرايلىق  قىلماقچى بولسىڭىز ئۈستىقۇددۇسنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.


05
پاشا يوقىتىدىغان شۇمشا
بۇ ئىسمىدىنلا گۈلخۇمار دوستلار ئۇنىڭ رولى ۋە ئۈنۈمىنى بىلەلەيدۇ. ئۇ بىر خىل كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆسۈش جەريانىدا بىر خىل مىكروپ ۋە ۋىرۇسلارنى ئۆلتۈرىدىغان ئۇچۇشچان ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ؛ بولۇپمۇ ئۇنىڭ پاشىنى ھەيدەش، يوقىتىش ئىقتىدارى بولۇپ، ئۆيدە ئۆستۈرسىڭىز ھاۋانى ساپلاشتۇرۇپلا قالماي يەنە باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈپ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
پاشا يوقىتىدىغان شۇمشىنى بېقىش بەكلا ئوڭاي. ئادەتتە ئۇ كەڭلىكى 10 سانتىمېتىر كېلىدىغان تەشتەكتە، ھاۋا ھەم سۇ ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان مۇنبەت قۇمسىمان توپىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. تەشتەكنى كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان زال ياكى ياتاق ئۆيگە قويۇپ تۇپراقنى نەم ھالەتتە ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلسىڭىزلا نورمال ئۆسۈۋېرىدۇ. زال ياكى ياتاق ئۆيگە قويسىڭىز ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش رولى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. 
06
يالپۇز
تەشتەككە تىرىلغان يالپۇزنى گۈلخۇمار دوستلار ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە يالپۇز ئۆسۈز جەريانىدا زەھەر قايتۇرىدىغان، باكتېرىيە ئۆلتۈرىدىغان خۇشپۇراق ئۇچۇشچان ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيەسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيەسى، يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋىرۇسى قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. تەشتەككە تىرىلغان يالپۇزنى ئۆيدە ئۆستۈرگەندە قاراپ ھوزۇرلانغىلى بولۇپلا قالماي يەنە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئۆيدە تەشتەككە تىكىلگەن يالپۇزنى ئۆستۈرگەن چاغدا تېمپېراتۇرا بىلەن كۈن نۇرى بەك مۇھىم. ئادەتتە چوقۇم مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ 15 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندا يالپۇز نورمال ئۆسەلەيدۇ. ئۇنى كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان دېرىزە تەكچىسىگە ياكى زالغا قويۇپ قويغاندا يالپۇزنىڭ غوللىرىدىن يۇمران يېشىل يوپۇرماقلار ئۆسۈپ چىقىدۇ.
ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل مۇۋاپىق يورۇقلۇققا ئېرىشەلمىسە يالپۇزنىڭ بويىغا زورلاپ ئۇزۇن ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا يورۇقلۇق بەك مۇھىم. كۈن نۇرى ياخشى چۈشسىلا ئۆسۈملۈك ساغلام ئۆسەلەيدۇ، يۇمران يېشىل يوپۇرماقلارنى چىقىرالايدۇ، مىكروپ ئۆلتۈرىدىغان ماددىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاجرىتالايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ .
07
ئالۇي
ئالۇينىڭ تۈرلىرى بەك كۆپ. مەسىلەن، ياغاچ غوللۇق ئالۇي، كەچ بولماس ئالۇي، بۇرمىلىق ئالۇي، جۇڭخۇا ئالۇيى دېگەندەك. بىراق ئالۇينىڭ ھەممىسى دېگۈدەك باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار ئالۇي تىنىكتۇراسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ مىكروب ۋە كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىنىڭ مېھمانخانىسىدا تەشتەككە تىكىلگەن ئالۇينى ئۆستۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ھاۋانى ياخشىلاپلا قالماي يەنە ئوكسىگېن چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىكروب ئۆلتۈرۈش، دېزىنفېكسىيەلەش رولىمۇ بار. ئەلۋەتتە ئالۇينى ئۆيدىكى تېلېۋىزور، كومپيۇتېر قاتارلىقلارنىڭ يېنىغا قويۇپ قويغاندا يەنە رادىياتسىيەدىن ساقلاش رولىنىمۇ ئوينايدۇ.
ئۆيدە ئالۇي ئۆستۈرگەندە ئادەتتە بەك چوڭ تەشتەكنىڭمۇ ھاجىتى يوق. تەشتەكنىڭ دىئامېتىرى 10 سانتىمېتىردىن 20 سانتىمېتىرغىچە بولسىلا ساغلام ھەم قويۇق بولغان ئالۇينى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
ئالۇينى بېقىپ ئۆستۈرۈشتە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى بىلەن سۇغۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ھەممىدىن مۇھىم. ئادەتتە تۇپراقنىڭ ئازراقلا نەم ھالەتتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلساقلا بولىدۇ. زىيادا كۆپ سۇ قۇيغاندا ئالۇي يىلتىزىنىڭ سېسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنى كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان دېرىزە تەكچىسى ياكى مېھمانخانىغا قويۇپ قويساقلا فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالايدۇ، تېز ئۆسەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھاۋانى ساپلاشتۇرۇپ مۇھىتنىمۇ گۈزەللەشتۈرەلەيدۇ. بۇ ئۈچ خىل ئۆسۈملۈكنى ئۆيدە باقسىڭىز مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي يەنە ھاۋانى ساپلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈش جەريانىدا مىكروب، باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرىدىغان ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولغاچقا ئۈنۈملۈك ھالدا كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章