بىز دائىم يىلنىڭ بىشى باھاردىن، ئىشنىڭ بىشى سەھەردىن دەيمىز، ئەتىگەنلىك تاماق بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ ھالقىلىق بىر ۋاخ تاماق بولۇپ، ئەتىگەنلىك تاماقنى ياخشى يېيىش-يېيەلمەسلىك بىر كۈنلۈك روھىي ھالەتكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەتىگەنلىك تاماقنى تاللىغاندا مانتا، تۇخۇم، قۇيماق قاتارلىقلار داستىخىنىمىزدا كەم بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ دائىملىق مېھمىنى دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن تەھرىر سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بەزى مانتا، گۈرۈچ ئۇنى تاماقلىرى قارىماققا ئادەمنى جەلپ قىلسىمۇ، لېكىن چوڭ مېڭىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، جىگەر ۋە بۆرەكنى زەخىملەندۈرۈپ، بەدەننى بارغانسېرى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
01
بەك ئاق، بەك چوڭ كۆرۈنىدىغان مانتىنى ئەڭ ياخشىسى يېمەڭ
ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئاپئاق مانتا بۇرۇندىن بىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان تامىقىمىز، ئۇ ئەزەلدىن كۆپچىلىكنىڭ ئەتىگەنلىك تامىقىنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ كەلگەن، لېكىن بىلەمسىز، بۇنداق مانتىنى ھەرگىز يېيىشكە بولمايدۇ!
ئەمەلىيەتتە قارىماققا بەك ئاق، بەك چوڭ كۆرۈنىدىغان مانتىنىڭ سېلىشى ياخشى بولسىمۇ بىراق بۇنداق مانتىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاليۇمىن بار.
ئەسلىدە ئادەتتىكى ئۇسۇلدا خېمىر يۇغۇرۇپ تەييارلانغان مانتىنىڭ رەڭگى سارغۇچراق بولىدۇ. قارا نىيەت سودىگەرلەر مانتىنىڭ تېخىمۇ ئاق، تېخىمۇ يوغان، كۆرۈنۈشكە تېخىمۇ يىيىشلىك بولۇشى ئۈچۈن، ئادەتتە خېمىرغا« ئاليۇمىن كۆپتۈرگۈچ» قوشىدۇ، دائىم بۇ خىل« ئاليۇمىن كۆپتۈرگۈچ» قوشۇلغان مانتىنى يېگەندە، ئادەم ئاسانلا ھەددىدىن ئارتۇق ئاليۇمىن قوبۇل قىلىپ، جىگەر، بۆرەك، سۆڭەك ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش، بوغۇم ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىلدىكى مانتىنىڭ بالىلار، ياشانغانلارغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
ھەر يىلى ئاليۇمىن كۆپتۈرۈش پاراشوكىنىقانۇنسىز ئىشلەتكەن قارا نىيەت سودىگەرلەر قانۇننىڭ تورىغا چۈشىدۇ، مەسلەن، بۇلتۇر 7-ئايدا، شاڭچيۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يېمەكلىك ۋە دورىنى ھالقىسىمان رازۋېدكا قىلىش تارماق ئەترىتى« ئاليۇمىن مانتا» دېلوسىدىن ئۈچنى پاش قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق ئۈچ جىنايەت گۇماندارى مانتا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش جەريانىدا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەركىبىدە ئاليۇمىن بار خۇرۇچلارنى قانۇنسىز ئىشلىتىپ، زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتىگە چېتىلغاچقا، جىنايى ئىشلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان.
بۇنى كۆرگەن بەزىلەر تېڭىرقاپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا مانتىنىڭ تەركىبىدە ئاليۇمىن بار يوقلىقىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟
02
تەركىبىدە ئاليۇمىن كۆپتۈرگۈچ بار بولغان مانتىنىڭ 3 چوڭ ئالاھىدىلىكى
1. بۇنداق مانتا ئىنتايىن يۇمشاق بولۇپ چاينىغاندىمۇ ئادەمگە باشقىچە تەسىر بىرىدۇ.
2. بۇ خىل مانتىنى پارچىلىغاندىن كېيىن، ئېچىغان تۈشۈك ئىنچىكە ھەم تەكشى ھالەتتە بولىدۇ، بىراق بىز ئادەتتە ئۆيدە ئەتكەن مانتىنىڭ بۇنداق بولمايدۇ.
3. كۆپتۈرگۈچ، ئاقارتقۇچ قاتارلىق خۇرۇچلار قوشۇلغان موما، مانتىلارنىڭ رەڭگى ئاپئاق ھەم بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، چىمدىسىلا ياپىلاق بولۇپ، ئاسانلىقچە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
ئەلۋەتتە، « ئاليۇمىن مانتىسى» نى يېيىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يەنىلا مەنبەسىدىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك، كۆپچىلىكنىڭ كۆچمە يايمىچىلاردىن مانتا سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىپ، مۇنتىزىم تاللا بازىرى، دۇكانلارنى تاللىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇنداق بولغاندا مانتىنىڭ بىخەتەرلىكى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ