ياڭاقنى قورۇپ يىگەندىكى 5 خىل ئاجايىپ ئۈنۈم

文摘   2024-11-26 11:01   新疆  

ياڭاق تۆت چوڭ قۇرۇق مېۋىلەرنىڭ بىرى . خام يېسە، قورۇپ يېسە، ياغ چىقارسا، پىشۇرۇقلارنى پىشۇرۇپ يېسىمۇ بولىدۇ. تەمى مەززىلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى . 

ياڭاق تىلغا ئېلىنسا كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ شەكلى مېڭىگە ئوخشىغاچقا مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ دەپ ئويلايدۇ . ئەمەلىيەتتە ياڭاق ھەقىقەتەن مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، لېكىن ئۇنىڭ شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتسىز . مېڭىنى قۇۋۋەتلىشىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئۇنىڭدىن باشقا ياڭاقنىڭ يەنە بىر قانچە رولى بار .

تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى - قاندىكى ياغنى تەڭشەيدۇ


ياڭاق تەركىبىدىكى ياغ كىسلاتاسى ۋە لىنولىك كىسلاتاسىنىڭ ھەممىسى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىغا كىرىدۇ . تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىگە چوقۇم كىرەكلىك بولغان ياغ كىسلاتاسىدۇر . خولېستېرىننى ياغلاشتۇرۇپ ، قاندىكى خولېستېرىن ۋە گىلىتسېرىن ئۈچ ئېستېرنى تۆۋەنلىتىدۇ . ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ياڭاق يەپ بەرسە ئۈچەي يولىنىڭ خولېستېرىننى سۈمۈرۈشىنى ئازايتىپ ، قان تومۇرلارنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ . ھەر كۈنى ياڭاق يەپ بەرسە ، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ .

ۋىتامىن E  - قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ


ياڭاقنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن E نىڭ سەۋەبىدىندۇر . ئەركىن رادىكاللار بەدىنىمىزدىكى ساغلام ھۈجەيرىلەرگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ، ھۈجەيرە ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ ، قورۇق ، داغلارنى پەيدا قىلىدۇ . ۋىتامىن E شۇ ئەركىن رادىكاللارنى تازلاپ ، ھۈجەيرىلەرنى ئوكسىدلىنىشتىن قوغداپ ، ھۈجەيرىنىڭ ئۆمىرىنى ئۇزارتىپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ .

فوسفولىپىد ، DHA  - مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ قۇۋۋەتلەيدۇ


ياڭاقنىڭ تەركىبىدە مول فوسفولىپىد بار ، فوسفولىپىد يەنە مېڭە توقۇلمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ، مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتى ۋە تەپەككۇر قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ . DHA چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتى نېرۋا پەردىسىنى ھاسىل قىلغۇچى مۇھىم ماددا . ئۇ چوڭ مېڭىدىكى ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغداپ ، مېڭىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى ئۆستۈرىدۇ . فوسفولىپىدتىكى خولىن جىگەر ھۈجەيرىسىدىكى ياغ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، جىگەرنى ياغ قاپلاپ كېتىش كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ .

مېلاتونىن - ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ


ئامېرىكىدىكى مەلۇم تەتقىقاتتا بايقىلىنىشىچە ، ياڭاق ئادەم بەدىنى ئاجىرتىپ چىقارغان مېلاتونىننى 3 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدىكەن .

پرۇۋىك كېسلاتا - ئۆتتە تاش بولۇشنى داۋالايدۇ


ياڭاق تەركىبىدىكى پرۇۋىك كېسلاتا يېپىشقاق ئاقسىل ۋە كالتىسىي ئىئونى ۋە بىلىرۇبىننىڭ بىرىكىشىنى توسۇپ ، ۋە ئۇنى ئېرىتىپ ، ياندۇرۇپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ئۆتتە تاش بار بىمارلار مۇۋاپىق مىقداردا ياڭاق يەپ بەرسە داۋالاشقا پايدىلىق .

مىكرو ئېلېمېنت - قان بىسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ


ياڭاق مېغىزىنىڭ تەركىبىدە كالىي ، مانگان ، خرۇم قاتارلىق ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان مىكرو ئىلمېنىتلار بار . كالىي تۇزنى كۆپ ئىستىمال قىلىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان قان بېسىم ئۆرلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يېنىك دەرىجىدىكى يۇقىرى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ. 

مانگان ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال شېكەر مېتابولىزمى ۋە ماي مېتابولىزمىنى ساقلايدۇ ؛ خرۇم گلكوزىنىڭ ئىشلىتىلىشى ، خولېستېرىن مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يۈرەك قان تومۇرلارنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ .

ياڭاق پاسىلى


ياڭاق پاسىلى دېگىنىمىز ياڭاقنىڭ شاكىلىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ، ياڭاق مېغىزى ئارىسىدىكى نېپىز پاسال . %90 ئادەم بۇنى يېيىشكە بولمايدۇ دەم قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇ ناھايىتى ياخشى دورا . ياڭاق پاسىلى مەركىزى نېرۋىنى تورمۇزلاپ ، تىنىچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . بېسىم ئېغىر ۋاقىتتا ، ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەس ، كۆپ چۈش كۆرىدىغان كىشىلەر ياڭاق پاسىلىنى چىلىغان سۇنى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ . 

ئۇسۇلى : - 3 گرام ياقاق پاسىلىنى سۇغا 10 مېنۇت چىلاپ ، ئەتىگەن كەچتە بىر ئىستاكان ئىچىپ بەرسە ، بولۇپمۇ كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچىپ بەرسە ، ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ .

بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ


بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ، سۈيدۈك قىستاش ، كىچىك تەرىتى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ياخشىلايدۇ . ئەرلەر كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىكى ياخشى ياردەمچى . 

ئۇسۇلى : - ياڭاق پاسىلىدىن 20 گرام ، شازاندىرادىن 10 گرامدىن 15 گرامغىچە ، ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ سۇغا چىلاپ ئىچسىڭىزلا بولىدۇ .


قاننى جانلاندۇرۇپ ، قان تولۇقلايدۇ - بەل ، پۇت ئاغرىقىنى ياخشىلايدۇ


ياشانغانلارنىڭ بەل ، پۇتلىرى ئاغرىسا، ياڭاق پاسىلىنى چىلىغان سۇنى ئۇزاق مەزگىل ئىچسە ، مەلۇم دەرىجىدە ئاغرىق پەسەيتىدۇ .

قىش پەسلىدە قول پۇتى ئىسسىمايدىغان قىزلار ياڭاق پاسىلى چىلانغان سۇنى ئىچىپ سىناب باقسا بولىدۇ . ھەيز قالايمىقانلىشىش ، ئاق خۇن كۆپ بولۇش قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ .

ئەسكەرتىش : - ياڭاق پاسىلىنى سوقۇپ ئۇۋۋاق ھالەتكە ئەكىلىپ، قايناقسۇ قۇيۇپ ئىچسىمۇ بولىدۇ. لېكىن ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان كىشىلەر يەنىلا پۈتۈن ياڭاق پاسىلىنى سۇغا چىلاپ ئىچكىنى ياخشى .


ياڭاق پوستى


كۆپلىگەن كىشىلەر ياڭاق پوستىنى ئەخلەت ئورنىدا تاشلىۋېتىدۇ . ياڭاق پوستىنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ زەھەر تازلاش رولى ، قان توختىتىش رولى بار . ئاشقازان يارىسى ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ . 

ئۇسۇلى : - 50 گرام (تەخمىنەن 10 تال ياڭاقنىڭ پوستى ) ئەتراپىدىكى ياڭاق پوستىنى سۇغا سېلىپ قاينىتىپ ئىچسە بولىدۇ .

ماس كەلمەيديغان كىشىلەر توپى : - ئىسسىقتىن كېلىپ چىققان سېرىق بەلغەم، قىزىپ دەم سىقىلىش، كۆڭلى ئېلىشىش، چوڭ تەرىتى سۇيۇق كېلىش، بۇرنى قاناش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن كىشىلەر ياڭاقنى ئاز ئىستىمال قىلىش ياكى ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك .

مىقدارلىق ئىستىمال قىلىش : -  ياڭاقنىڭ تەركىبىدە ياغ كۆپ ، كۆپ ئىستىمال قىلسا سېمىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەر ھەپتىدە قاتتىق پوستىلىق مېۋىدىن 50 دىن 70 گرامغىچە ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى ياڭاقتىن 10 گرام ئەتراپىدا ، يەنى 2 دىن 3 تالغىچە يەپ بەرسە بولىدۇ . ياڭاقنى ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئىستىمال قىلسا، ئوزۇقلۇق تولۇقلىغىلى بولىدۇ، ھەم ئېغىرلىقىڭىزنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ياكى 4 ئەتراپىدا ياڭاق يېسە قۇۋۋەت تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . 

ماسلاشتۇرۇپ يېيىشكە بولمايدىغان مەھسۇلاتلار : - ياڭاقنى قېنىق چاي ئىچكەندە يېيىشكە بولمايدۇ . ياڭاقنىڭ تەركىبىدە مول ئاقسىل ۋە تۆمۈر ماددىسى بار . چاينىڭ تەركىبىدە تاننىڭ كىسلاتاسى بار، بۇ خىل كىسلاتا ئاقسىل ۋە تۆمۈر ماددىسى بىلەن بىرىكىپ ئېرىمايدىغان كۆچمە ماددا ھاسىل قىلىدۇ، ھەزىم قىلىش تەس .

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章