تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: ئوزۇق بولۇش، قان كۆپەيتىش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، باھنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، مەنىي پەيدا قىلىش، قان توختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، لەقۋا، يۈرەك ئاجىزلىقى، بوۋاسىر قاناش، يۇقىرى قان بېسىمى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، بەل ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى، يۆتەل قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ ھەم ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بەلغەم مەنبەلىك تەپلەرگە ۋە بۆرەك، دوۋساقتىكى تاشلارنى پارچىلاشقا ئورۇقى قاينىتىپ ئىچىلىدۇ. ئورۇقلاپ كەتكەنلەرنى سەمرىىتىش ئۈچۈن يېڭى سېغىلغان سۈتكە خورمىنى سېلىپ قاينىتىپ ئۈستىگە يەنە ئازراق دورا سېلىپ ئىچىلىدۇ. يېڭى سېغىلغان سۈت بىلەن ئىچسە باھنى كۈچەيتىدۇ. پىششىق خورمىنىڭ ئۆزىنى داۋاملىق يېسە يۇقىرىقىدەك تەسىرلەرنى بېرىدۇ ياكى بۇنىڭ بىلەن مەجۈن تەييارلاپ بېرىلىدۇ.
خورما قاننى قۇيۇلدۇرىدۇ، ئۇرۇقى سوقۇپ بېرىلسە ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ. كۆيدۈرۈپ كۈلىنى سېرىق چاچلارغا سەپسە چاچنى قارا قىلىدۇ. ئورۇقلاپ كەتكەنلەرگە گۈرۈچ بىلەن بىرگە قاينىتىپ بېرىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 10-40 گرام
زىيانلىق تەسىرى: تەستە ھەزىم بولىدۇ، تال، جىگەردە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ، چىشنىڭ تۈۋىگە يىرىڭ ۋە ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ. خامراقى قورساقنى ئېسىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: سىركەنجىۋىل، ئانار سۈيى، كۈنجۈت يېغى، ئاقلانغان بادام بىلەن قوشۇپ بېرىلىدۇ. يەپ بولغاندىن كېيىن ئىسسىق سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاش، بىر قېتىمدا 50 گرامدىن ئارتۇق خورمىنى يېمەسلىك لازىم.
ئورۇنباسارى: پىشقان ئۆرۈكنىڭ گۈلىسى، ئەنجۈر، ھۆل زەنجىۋىل.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ