ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ، ﻳﯩﺮﯨﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘ «ﺗﻪﻣﺴﯩﺰ» ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﯓ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ «ﺗﻪﻣﺴﯩﺰ» ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ!
1. ﻳﯩﺮﯨﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ- ﺑﯘ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺳﯘﺩﺍ ﺋﯧﺮﯨﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻻﻻﺭ ﻣﻮﻝ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ، ﻛﻪﺭﻩﭘﺸﻪ ﻏﻮﻟﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﺴﯩﯟﯨﻠﻪﻙ ﻏﻮﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﺑﯘ ﺗﺎﻻﻻﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺸﯩﮕﻪ، ﻣﯧﺘﺎﻝ ﺋﯩﻴﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ، ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺯﻩﮪﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ،
ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﺳﻪﻣﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯘ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﻪﻳﺖ.
2. ﭼﯜﭼﯜﻣﻪﻝ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ-ﻗﯘﻡ ﻣﯧﯟﻩ، ﺩﻭﻻﻧﺎ، ﭼﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﻪﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﭼﯜﻣﻪﻝ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﻟﯩﻤﻮﻥ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ، ﺋﺎﻟﻤﺎ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﻚ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﻻﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﻣﯩﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ ﭼﯜﭼﯜﻣﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ Cﻧﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻨﻤﯘ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﭼﯜﻣﻪﻝ ﺗﻪﻡ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﭖ، ﮪﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻓﯧﺮﻣﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ.
3. ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ چۈچۈك ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ- ﻟﯩﻤﻮﻥ ﭘﻮﺳﺘﻰ، ﭼﺎﻱ، ﻗﺎﺭﺍ ﺷﺎﻛﯩﻼﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮔﻠﯘﻛﻮﺯﯨﺪﻻﺭ، ﺗﯧﺮﭘﯧﻦ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﯞﻩ ﭘﻮﻟﯩﻔﯧﻨﻮﻝ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻟﯩﻤﻮﻥ ﭘﻮﺳﺘﻰ ﯞﻩ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﯧﻠﺴﯩﻦ ﭘﻮﺳﺘﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﻜﺘﻮﻧﯩﺪ، ﭼﺎﻱ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﻱ ﭘﻮﻟﯩﻔﯧﻨﻮﻝ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮪﺎﺭﺍﻕ، ﺷﺎﻛﯩﻼﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻮﻟﯩﻔﯧﻨﻮﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﮪﻪﻡ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻗﯩﺮﺗﺎﻕ ﺗﻪﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻛﺎﯞﺍ. ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻛﺎﯞﺍ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺯﻩﮪﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ، ﻗﺎﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﺗﺎﻟﻨﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻛﺎﯞﺍ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ Cﻧﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻥ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﻩ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ، ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪ ﺑﻮﺗﻘﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﻗﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﻣﻨﯩﯔ ﺳﯧﺰﯨﻤﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ.
4. ﻗﯩﺮﺗﺎﻕ ﺗﻪﻣﻠﯩﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ- ﭘﯩﺸﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺑﻨﯘﺱ، ﺳﯚﺳﯜﻥ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﭘﻮﺳﺘﻰ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﯩﺮﺗﺎﻕ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺮﺗﺎﻕ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻧﻨﯩﻦ، ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻛﺴﺎﻟﯩﻚ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯨﻴﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻱ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﺑﯘﻻلا ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﯧﯟﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺮﺗﺎﻕ ﺳﻮﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ-ﭼﯜﭼﯜﻙ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﭼﻮﯓ ﮪﻪﻡ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﻗﯩﺮﺗﺎﻕ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﻧﻨﯩﻦ (ﭘﻮﻟﯩﻔﯧﻨﻮﻝ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﻪ)ﻧﯩﯔ ﮪﯚﺳﻦ ﺗﯜﺯﻩﺵ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻪﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ ﺗﻪﺭ ﺗﯚﺷﯜﻛﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﺶ، ﺗﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﺵ، ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ، ﻗﻮﺭﯗﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺷﯘﯕﺎ ﻗﯩﺮﺗﺎﻕ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻛﻪﻡ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﯚﺳﻦ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
5. ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ- ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺗﻪﻣﻨﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭺ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻥ ﮔﯜﯕﮕﯜﺭﺕ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻣﯘﭼﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ، ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ، ﻣﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﺵ، ﺋﻮﺭﯗﻗﻠﯩﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﻗﯩﭽﺎ ﺗﺎﻟﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺗﻪﻣﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﺵ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﺎﺟﺮﺍﺗﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﭖ، ﻳﯜﺯﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻗﯩﭽﺎ ﺗﺎﻟﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻱ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ، ﻗﺎﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﭙﯩﺸﻘﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ.
6. ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺗﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ- ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﺑﯘ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺗﯩﺌﻮﺯﯨﺪ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻠﯩﻞ ﺩﯨﺴﯘﻟﻔﯩﺪ ﺑﺎﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ «ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﯩﺴﻰ». ﺑﯘ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺧﺎﺳﯩﯔ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ، ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﯞﻩﺗﺴﻪ، ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻣﻨﻰ ﺳﯘﺳﻼﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
7. ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﭘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ- ﺑﻪﺯﻯ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﮔﻪﺭﭼﻪ «ﺧﯘﺷﭙﯘﺭﺍﻕ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻪﻣﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻳﯘﻣﻐﺎﻗﺴﯜﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﻳﯘﻣﻐﺎﻗﺴﯜﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺑﻮﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، 40 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﯓ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻳﯘﻣﻐﺎﻗﺴﯜﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭ، ﻛﺎﻟﺘﺴﯩﻲ، ﻛﺎﻟﯩﻲ، ﺳﯩﻨﻚ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦA ﯞﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦC ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻥ ﺷﯧﻜﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ.
8. ﺳﯧﺴﯩﻖ ﭘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ- ﺩﯗﺭﻳﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺗﺎﻳﻼﻧﺪﺗﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﯗﺭﻳﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺳﻮﻏﯘﻗﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ، ﮪﻪﻳﺰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺪﯗ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﮪﻪﻳﺰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﭖ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯧﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺑﯘ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ