ئاياللار بىلىشى زۆرۈر بولغان 5 تۈرلۈك ئاياللار كېسەللىكلىرى ساۋاتلىرى. ئەڭ ئاخىرقىسى ئىنتايىن مۇھىم.
01
قارا شېكەر ۋە زەنجىۋىل چېيى ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشكە پايدىلىق
ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.
بىرلەمچى ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش ياش ئاياللاردا كۆپ يۈز بېرىدۇ، ھېچقانداق كېسەللىك ئۆزگىرىشى يوق، پەقەت نوقۇل ئاغرىق خالاس، قارا شېكەر ۋە زەنجىۋىل چېيى بىرلەمچى ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىدۇ.
ئىككىلەمچى ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش ئاياللار كېسەللىكلىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالىغاندا ئاندىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. قارا شېكەر ۋە زەنجىۋىل چېيى كار قىلمايدۇ.
02
پات-پات يۇيۇنۇپ تۇرغاندا تېخىمۇ ساغلام بولامدۇ؟
كېسەللىك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەرقانداق شەخسىي ئورۇنغا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
جىنسىي يولنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇ ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، دائىم يۇيۇپ تۇرسا، جىنسىي يولنىڭ ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، ياللۇغنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
پەقەت ھەر كۈنى كەچتە سۇ بىلەن سىرتقى جىنسىي ئەزانى يۇيسا ھەمدە قۇرغاقلىقنى ساقلىسا، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە سىرتقى جىنسىي ئەزانى يۇيسا يېتەرلىك بولىدۇ.
03
كۆپ«ھەيىز قانۇنىيەتسىز» بولامدۇ؟
ھەيز دەۋرى 21-35 كۈن ئىچىدە بولسا نورمال بولىدۇ، ھەيز مەزگىلىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ 2-8 كۈن ئىچىدە بولسا نورمال بولىدۇ. ھەيىز مەزگىلىدىكى قائىدىلەرنىڭ قانۇنىيەتسىز بولۇشىنىڭ ئۆلچىمى ئۆزىگە قاراش، توغرا كۈن سانىنى قەستەن قوغلاشماسلىق كېرەك.
ئەگەر راستتىنلا ھەيىز مەزگىلى قانۇنىيەتلىك بولمىسا، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بايقىغان ھامان خالىغانچە دورا ئىچىش ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى يېيىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
كۆزىتىش، خاتىرىلەشتىن ئىبارەت ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش، مەسىلە بولسا دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.
04
بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش ئېغىركېسەلمۇ؟
بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ئەمەس، بالىياتقۇ بوينى راكىمۇ ئەمەس، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنى مەخسۇس داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق.
بىر يامان ئىسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتا تارقىتىش، ھەقىقەتەن ئۇزۇن ۋاقىت تەسىر كۆرسىتىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر«شەلۋەرەش» دېگەن سۆزنى ئاڭلىسىلا كاللىسىدا«ئېغىر كېسەللىك» دېگەن بەلگىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش بالىياتقۇ بوينىدىكى ھۈجەيرىلەر سىرتقا ئۆسۈپ چىققان بولۇپ، قارىماققا«سېسىپ كەتكەن» دەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ماھىيەتتە نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە.
05
داس بوشلۇقىغا سۇيۇقلۇق يىغىلىش، داس بوشلۇقى ياللۇغى
داس بوشلۇقى، قورساق بوشلۇقىدىكى ئەزالار ئەسلىدىنلا بىر قىسىم سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ سىلىقلاش ۋە قوغداش رولىنى ئوينايدۇ، بۇ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئىپادە بولۇپ، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە كۆرۈلىدۇ.
ئەگەر كىچىك قورساق ئاغرىش، ئاق خۇن نورمالسىز بولۇش ۋە قىزىش قاتارلىق داس بوشلۇقى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، داس بوشلۇقىغا سۇيۇقلۇق يىغىلغاندا ئاندىن ياللۇغلۇق سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىپ، داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.
ئادەتتىكى ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈتكەندە قايسى تۈرلەر تەكشۈرۈلسە بولىدۇ؟
1. بەدەن تەكشۈرۈش
ئۇ سىرتقى جىنسىي ئەزا، جىنسىي يول، بالىياتقۇ بوينى ۋە بالىياتقۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، شەكلى، ئورنى، شۇنىڭدەك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، تۇخۇمداننى تەكشۈرۈش، سىيلاپ تەكشۈرۈش ۋە كۆرۈپ تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. ئاق خۇننى قائىدىلىك تەكشۈرۈش
بۇ زەمبۇرۇغ، تامچە قۇرت، جىنسىي يولنىڭ پاكىزلىق دەرىجىسى ۋە باكتېرىيىلىك جىنسىي يول كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3. ئاياللار بۆلۈمىدە B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈش
بالىياتقۇ ئىچكى پەردە كېسەللىكى، بالىياتقۇ بوينى كېسەللىكى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، تۇخۇمدان ئۆسمىسى قاتارلىقلارنى بايقىغىلى بولىدۇ.
4. بالىياتقۇ بوينىنى قىرىۋېلىش ياكى TCT دا تەكشۈرۈش
بالىياتقۇ بوينىنى قىرىپ تەكشۈرۈش ۋە TCT دا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالىياتقۇ بوينىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى بايقىغىلى بولىدۇ، بۇ بالدۇر بايقاش، بالياتقۇ بوينى راكىنى بالدۇر داۋالاشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.
تېخنىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا، TCT بالىياتقۇ بوينىدىن قىرىۋېلىنغان ياپراقچىغا قارىغاندا تېخىمۇ توغرا بولۇپ، بىنورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ تەكشۈرۈپ چىقىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
5. سۈت بېزىنى تەكشۈرۈش
مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرى سۈت بېزىنى كۆرۈپ ۋە تۇتۇپ تەكشۈرگەندىن باشقا، سۈت بېزى مولىبدېن نىشانىنى تەكشۈرگەندە، تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىيالمىغان سۈت بېزى ئىچىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى بايقىغىلى بولىدۇ.
6. ھەيزنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش.
ئەگەر ھەيىز تەرتىپسىز بولسا، ھەيىز مۇددەتتىن بۇرۇن ياكى يەتتە كۈندىن كېيىن كۆرۈلسە، ئاياللارنىڭ ھەيىز توختاش مەزگىلىگە كەلگەنلىكىنى ياكى بەزى ئۆسمىلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئەسكەرتىشى مۇمكىن. شۇڭا ھەيىز قانۇنىيەتسىزلىكىنىڭ سەۋەبىنى ۋاقتىدا بايقاپ، كېسەلگە قاراپ داۋالاش كېرەك.