پەي تارتىشىش بىر خىل داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان، كۆپ ساندىكى كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى.
پەي تارتىشىشنىڭ ئىلمىي نامى مۇسكۇل تارتىشىش، ئۇ مۇسكۇللارنىڭ تۇيۇقسىز قىسقىراپ قېتىپ قېلىش ھادىسىسىدۇر.
ئۇ مۇسكۇل قېتشىش، ئاغرىققا چىداپ تۇرالماسلىق، قىمىرلىيالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، پەي تارتىشىش كۆپىنچە ھەرىكەتتىن كېيىن كۆرۈلىدۇ.
پۇتىڭىز داۋاملىق تېلىپ ئاغرىپ، پېيڭىز تارتىشسا بۇ تۆۋەنكى مۈچە ۋىنالىرى ئەگرى بۈگرى كۆپۈشتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن.
1. دەرھال پۇتنى يەرگە تەگكۈزۈش- پەي تارتىشىش كۆپىنچە كېچىلىرى ئۇخلىغاندا يۈز بېرىدۇ،پەي تارتىشىپ قالغاندا كارۋاتتىن چۈشۈپ يەرگە دەسسەپ تۇرۇپ بېرىڭ ياكى تۈز يېتىپ پەي تارتقان پۇتىڭىزنى تامغا تىرەپ بېرىڭ.
2. پۇت قايرىش- ناۋادا پاقالچىقىڭىزنىڭ پېيى تارتىشىپ قالسا پاقالچىقىڭىزنى يۈرىكىڭىز تەرەپكە قارىتىپ تۇرۇپ، ئاستا ئوشۇق قىسمىدىن باشلاپ ئايلاندۇرۇپ ھەرىكەت قىلىپ بەرسىڭىز، ئوڭايلا پەسىيىدۇ.
3. ئۇۋۇلاش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش- پەي تارتىشقان ئورۇننى ئاستا ئاستا ئۇۋىلاپ بەرگەندە ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، ناۋادا ئۇزاققىچە پېيى تارتىشىپ قويۇپ بەرمەي بىر قىسىم مۇسكۇللار تېلىپ ئاغرىسا، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسىڭىزمۇ ياكى قىزىق سۇغا پۇتىڭىزنى چىلاپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
4. داۋاملىق پۇت ھەرىكىتى ئىشلەپ بېرىش-
بۇ خىل ھەرىكەت پۇتنىڭ ئاخىرقى پەللىسىنى غىدىقلاپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرە تېمپېراتۇرىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، مۇسكۇل كۈچىنى كۈچەيتىپ، پاچاق تارتىشىشنى يوقتىدۇ، شۇنىڭدەك پۇت مۇسكۇلى، تىز ئۈگىسىدە چېنىقىش رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ