ئائىلىدە بەك ئەسقاتىدىغان 20 خىل ئاددىي شىپالىق رېتسىپلار

文摘   2024-11-25 11:15   新疆  

1. كاناي ياللۇغى- چوڭ پۇرچاق ئۇيۇتمىسى سۈيىنى بىر قانچە كۈن ئىستىمال قىلسىڭىزلا،  كىسەل يىلتىزدىن ساقىيىدۇ .
2. بەل ئاغرىقى- يېرىم كىلو كۈدە( جۈسەي) نى قاينىتىپ، ئاچچىقسۇقۇيۇپ ئىچسىڭىز 5-3 كۈنگىچە ياخشى بولۇپ قالىسىز،  تۇز،  ماي قوشمايسىز
3. قەنىت سىيىش كېسىلى-  سەي كاۋىسىنى قاينىتىپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ،  تۇز سېلىنمايدۇ.
4.  ئۇيقىسىزلىق- يەر ياڭىقىنىڭ يۇپۇرمىقىنى قاينىتىپ كەچلىكى ئىستىمال قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ،  ئۈچ كۈندە ئۈنۈمى كۆرىلىدۇ.
5.  زۇكام- زەنجىۋىلدىن ئون ياپراق،  ئاق تۇرۇپتىن ئون ياپراق،  قارا شىكەرنى قوشۇپ قاينىتىپ ئىستىمال قىلسا،  پۈتۈن بەدەندىن تەر چىقسا،  بىر كۈندىلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.


6. يۆتەل- ئاپلىسىننىڭ ئىچىگە پۇراقلىق ماي قۇيۇپ ئىسسىتىپ يىيىش،  ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم،  ھەر قېتىمدا 2-1 تال يەپ بەرسە،  ئۈچ كۈندە ئۈنۈمى كۆرىلىدۇ.
 7. دەم سىقىلىش- ئۆرۈك مىغىزىدىن ئازراق،  ھەسەلدىن ئازراق قىلىپ قاينىتىپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
8. يۇقىرى قان بېسىم - كۆمىقۇناق باشىقىنى قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىستىمال قىلسا،  يېرىم ئايدا ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ
9.  تولغاق- كۈنجىتتىن 120گىرام،  يېشىل پۇرچاق 120گىرام،  ئىككىسىنى ئىزىپ كۈنىگە 5-3قېتىمغىچە ئقستىمال قىلسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.


10. باش قېيىش،  باش ئاغرىش-   بۇدۇشقاق ئۇرۇقى،  ئازراق قار شىكەرنى قوشۇپ قاينىتىپ ئىستىمال قىلسا يەتتە كۈندە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ 
11. چىش ئاغرىقى- گەچ پاراشوكىدىن ئازراق،  چاكاندىدىن ئازراق قىلىپ قاينىتىپ ئىستىمال قىلسا، ئىككى باسقۇچتا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
بۇ كۆكتات،  مىۋە،  چايلارنىڭ ئەسلى مۇنداقمۇ ئاجايىپ رولى باركەن 


پىياز  يىسىڭىز - مىڭە يوللىرى بولار راۋان سامساق يىسىڭىز- قاندىكى ماي ئازلار موگو يىسىڭىز- قان نوكچىسى تۆۋەنلەر زەنجىۋىل يىسىڭىز- قاندىكى ماي بولۇر ساغلام مور  يىسىڭىز - ماي تېز تۈۋەنلەر جۇخۇرگۈل چېيى ئىچسىڭىز- قان بېسىمنى تۈۋەنلىتەر، ۋۇلۇڭ چېيى ئىچسىڭىز - ئورۇقلاشتا ئۈنۈمى بولار، كۆكمۇچ يىسىڭىز- مايلارنى سىرەر

ياڭيۇ يىسىڭىز - بەدەن زىلۋا بولۇر، ئۈزۈم يىسىڭىز - قان تولۇقلار، چىلان يىسىڭىز- قېرىشنىڭ داۋاسى بولۇر ، ھەسەل ئىچسىڭىز- تېرىڭىزنى گۈزەل قىلۇر، تۇرۇپ سۈيى ئىچسىڭىز- ئاشقازان، ئۈچەينى راۋان قىلۇر، ساغلام مىڭە ياڭاقتىن كىلۇر، ئالما يىسە بۆرەككە مەنپەئەت قىلۇر ساغلام بولسىڭىز،  بەخىت كىلۇر.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ


BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章