قېرى قىز
ئايگۈل ناسىر ياسىمەن
23- قىسىم
ئۇنىڭ شېرىن گەپلىرىنى ئاڭلاپ يېتىپ قاچانلاردا ئۇيقۇغا كەتكىنىم ئېسىمدە يوق، تۈن كېچىدە نېمىلەردىندۇر قورقۇپ،چۆچۈپ ئويغانغىنىمدا ئۇ يېنىمدا يوق، ياتاقتا ئۆزۈم يالغۇز قالغىنىمنى بايقىدىم.
*** *** ***
سۆيگۈنىڭ ئىنسان ئۈچۈن مۇھىملىقى راست، ئەمما ئۇ ھىچقاچان غۇرۇردىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. ھايات قەيەردىن ئۇرسا، شۇيەردىن تىك تۇرۇشنى بىلمەكتۇر سۆيگۈ دېگەن؛ سۆيگۈسىز بىر قەلىبتە ئۆزىنىڭ تۇرىدىغان ئورنىنى بىلمەكتۇر سۆيگۈ دېگەن...
تۈننىڭ بۇ قەدەر سوغۇق، بۇ قەدەر قورقۇنچلىق بولدىغىننى تۇنجى قېتىم ھېس قىلماقتا ئىدىم. دەرھال تېلفۇنۇمنى ئېلىپ ئارمانغا تېلفۇن قىلدىم، ئۇنىڭ تېلفۇنى ئىتىك ئىدى! تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا قانچە قېتىم تېلفۇن ئۇرغىنمنى بىلمەيمەن، ئەمما تېلفۇننىڭ توكى تۈگەپ زاپاس باتارىيىسىنى ئالماشتۇرۇپ، يولغا چىققۇچە توك قاچىلاپ قويۇش ئۈچۈن توكى تۈگىگەن باتارىيىنى زەرەتلىگىنىم راست. تاڭ پۈتۈنلەي يورۇپ، شەھەرنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى باشلانغاندا ئارمانغا يەنە قېتىم تېلفۇن قىلدىم ۋە ئۇنىڭ تېلفۇنىنىڭ ئىتىلىپ قالغىننى بىلىپ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياتاقنى قايتۇرۇپ سىرتقا چىقتىم. ئاسمان بەكمۇ تۇتۇق بولۇپ، شىكەر دانچىلىرىدەك ئۇششاق قار توزۇماقتا ئىدى. چامادان تۇتۇۋالغان قولۇم يۇڭ پەلەي ئىچىدىمۇ توڭلاۋاتاتتى. بىردىنلا بۇرنۇم ھەم قۇلاقلىرىمنىڭمۇ مۇزلاۋاتقىننى ھېس قىلىپ شارپامنى مەھكەم ئورىدىم ۋە ئاۋۋال بىلەت ئېلۋېتىش ئۈچۈن ناشتىمۇ قىلماي بىكەتكە ماڭدىم. بىلەت سېتىش كۆزنىكى ئالدىدا رەت-رەت تىزىلىپ كەتكەن ئادەملەرگە قاراپ «بۇلار كېچىدىن مۇشۇ يەرگە يوتقان-كۆرپە سېلىپ ياتقانمۇ-نېمە»دېگۈم كەلدى. ئىككى سائەت ئۆچرەتتە تۇرۇپ، چۈشتىن كېيىن ماڭىدىغان ئاپتۇبۇسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېلىتىنى سېتىۋالدىم. ئارقامدا تۇرغانلار بىلەت يېتىشمىگەنلىك سەۋەبى بىلەن سەپىرىنىڭ ئەتىگە كىچىككەنلىكىنى ئاڭلاپ غۇدۇرىغىنىچە يۈك -تاقىلىرىنى كۆتۈرۈپ زالدىن چىقىپ كېتىشتى.
ئۇف! ھەرھالدا تەلىيىم باركەن، ناۋادا ئەڭ ئاخىرقى مۇشۇ بىرتال بېلەتكە ئۈلگۈرمىگەن بولسام بۈگۈن كېچە بۇ سوغۇق شەھەرنىڭ قەيىرىدىمۇ يۈرەر بولغىيتىم؟
چامىدىنىمنى يۈك-تاق ساقلاش ئورنىغا بېرىۋېتىپ، ناشتا قىلغىلى چىقتىم. پات-پات قولۇمدىكى تېلفۇنغا قاراپ قويىمەن، ئارلىقتا دادامدىن تېلفۇن كەلگەندىن باشقا ھىچكىم ماڭا تېلفۇن قىلمىغان ئىدى.
ئاشخانىغا كىرىپ ناشتا قىلغاچ ئولتۇرۇپ ئارمانغا تېلفۇن قىلدىم. تېلفۇن يەنىلا ئىتىك ئىدى. ئۈمىدسىزلىك ئارلىشىپ كەلگەن ئەنسىرەش تۇيغۇسى يۈرىكىمنى قۇرتتەك غاجاپ ھىچ ئارام بەرمەيۋاتاتتى.
ئۇ يېرىم كېچىدە نەگە كەتكەندۇ؟ تېلفۇننى نېمىشقا ئالمايدىغاندۇ؟ تاڭ ئاتقاندىن كېيىن تېلفۇن نېمىشقا ئىتىلىپ قالغاندۇ؟ ياكى لالە ئۇنى ئىزدەپ كەلگەنمىدۇ؟ ھېلىقى باشلىق قېيىنئاكىسى ئىككىمىزنى بايقاپ قالدىمۇ يە؟
ئەجىبا ئارمان مېنى قوغداش ئۈچۈن جىمجىتلا كېتىپ قالغانمىدۇ...
ئاپتۇبۇس چۈشتىن كېيىن ماڭىدىغانلىقى ئۈچۈن چۈشلۈك تاماقنىمۇ مۇشۇ شەھەردە يىيىشىم كېرەك ئىدى. چۈشتە يەنە ئاشخانىغا قاتىراپ يۈرمەسلىك ئۈچۈن، ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر قاتلىما بىلەن ئىككى زىخ كاۋاپنى سۇلياۋغا ئورىتىپ ئالدىم ۋە بىر بوتۇلكا سۇ بىلەن سومكامغا سېلىپ،ئاشخانىدىن چىقتىم. قار خېلىلا كۈچىيىپ قالغان بولۇپ، لەپلىدەپ چۈشىۋاتقان قار ياپراقچىلىرى باھارنىڭ جۇدۇنلىرىدا تۆكۈلىۋاتقان ئۆرۈك چېچىكىنى ئەسلىتەتتى. قار ئۈستىگە ئىزىمىنى چىقىرىپ ئويناپ مېڭىپ بىردەمدىلا بىكەتكە يىتىپ كەلدىم ۋە چامىدىنىمنى ئېلۋېلىپ، چەتتىكراق بىر ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇرۇپ، سومكامدىكى لوغەتنى چىقىرىپ سۆزلۈك يادىلاشقا باشلىدىم.
-يولۇچىلار دېققەت، يولۇچىلار دېققەت، ھاۋارايى ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن قەشقەر-ئۈرۈمچى تاشيولىدا پۈتۈن لىنيەلىك قاتناش توختىتىلدى، بۈگۈنكى بىلەت ئىناۋەتسىز، ھازىر بىلەت سېتۋېلىش كۆزنىكىگە كېلىپ،قولۇڭلاردىكى بىلەتنى قايتۇرساڭلار بولىدۇ...
بىرەيلەن قۇلىقىمنىڭ يېنىغا كېلىپ يوغان كاناينى ئېغىزىغا تۇتۇۋېلىپ كۈچەپ ۋارقىرىماقتا ئىدى. دىڭڭىدە چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم. قاچانلاردا كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتتىكىن، ئورۇندۇقتا چامىدىنىمغا يۆلىنىپ ئولتۇرغان مەنلا قالغان بولۇپ، بېلەت سېتىش كۆزنىكىنىڭ ئالدى رەت-رەت ئادەملەر بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى.
-نېمە؟ نېمە دېدىڭىز؟
كاناي تۇتۇۋالغان قىز كانىيىنى ئاغزىغا توغىرلاپ بايىقى سۆزنى يەنە تەكرارلىدى:
-يولۇچىلار دېققەت، يولۇچىلار دېققەت، ھاۋارايى ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن قەشقەر-ئۈرۈمچى تاشيولىدا پۈتۈن لىنيەلىك قاتناش توختىتىلدى، بۈگۈنكى بىلەت ئىناۋەتسىز، ھازىر بىلەت سېتۋېلىش كۆزنىكىگە كېلىپ،قولۇڭلاردىكى بىلەتنى قايتۇرساڭلار بولىدۇ...
-بۇ...بۇ قانداق بولغىنى؟
ئۇ قىز ماڭا لەپپىدە قاراپ قويۇپ بېشى بىلەن بېلەت سېتىش كۆزنىكىنى ئىشارە قىلدى ۋە بايىقى سۆزىنى تەكرارلىغىنىچە كېتىپ قالدى.
سالپايغان ھالدا بىلەت سېتىش كۆزنىكىدە ئۆچرەت تۇرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ دادامغا تېلفۇن قىلدىم.
-ۋەي دادا!
-ماڭدىڭىزمۇ قىزىم؟ ئەتە سەھەردە بىكەتتە ساقلايمىز ئەمىسە!
-يەنە ماڭالمىدىم دادا...
ئارمان تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەندىن كېيىن قەلبىمدە پەيدا بولغان غېرىبچىلىق بىراقلا پارتىلاپ چىقىپ، يىغا ئاۋازىم ئارقىلىق ئىپادىلەندى.
-نېمە بولدىڭىز قىزىم؟ سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
-بۈگۈن بۇ يەردە قاتتىق قار ياغدى دادا، ھاۋارايى ئۆزگىرىشى سەۋەبى بىلەن بۈگۈن ماڭىدىغان ماشىنا ئەمەلدىن قاپتۇ...
-مەن قاتناش تېپىپ، ئاكىڭىزنى ئالدىڭىزغا ئەۋەتەي قىزىم.
دادامنىڭ تىترەپ چىقىۋاتقان ئاۋازىغا ئۇلىنىپلا ئاپامنىڭ مىشىلداپ يىغلىغىنى ئاڭلاندى.
-بۇ سوغۇقتا نەدىمۇ يۈرەر ئەمدى بىچارە بالا...
-ئاكىڭىز ھازىرلا ماڭسۇن قىزىم.
-ياق دادا، بىكەتتىن قاتناشنى توختاتقان ئىكەن، ئاكاممۇ ماڭالمايدۇ، مەن بۈگۈن بىر ئامال قىلىپ، مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، ئەتە ماڭاي.
-كەچتە قەيەردە ياتارسىز بالام؟
-مەكتەپكە قايتىپ كېتىمەن دادا، ئەنسىرىمەڭ.
-مەكتەپ مۇدىرىڭىزنىڭ نومۇرىنى ئەۋەتىڭە، مەن تېلفۇن ئۇراي .
-بولدى دادا، بۇنچىلىك ئىشقا مەكتەپ مۇدىرىنى ئاۋارە قىلمايلى، ئۆزۈم ئامال قىلاي. مەن ھازىر بىكەتتە، بېلەت قايتۇرۇشنى ساقلاپ ئۆچرەتتە تۇرىۋاتىمەن . كەچتە ياتىدىغان يەرنى تېپىپ بولۇپ،سىزگە تېلفۇن قىلاي...
كىشىلەرنىڭ نارازىلىق، ئاچچىقىلىنىش، ئۈمىدسىزلىك قاپلىۋالغان چىرايلىرى ۋە زارلىنىش ئاۋازلىرى ئىچىدە ئۆچرەتتە تۇرىۋاتقىنىمدا ئېھساندىن تېلفۇن كەلدى. ئېلىش-ئالماسلىقىنى قارار قىلىپ بولالماي تۇرغىنىمدا ئارقامدىن بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
-مۇئەللىم، گۈلزىبا مۇئەللىم!
- ئارمان! سەن بۇيەردە نېمە ئىش قىلىسەن؟
- سىزنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ئاكام بىلەن بىللە كەلگەن، ئاكام ماشنىنى توختىۋېتىپ كىرەي دەپ سىرتتا قالدى.
-مېنىڭ بۇيەردە ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭلار؟
-ياخشىمۇسىز مۇئەللىم؟
ئالدىمدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئېھساننى كۆرۈپ تۇلىمۇ ئوڭايسىزلاندىم.
-ياخشىمۇسىز ئېھسان؟
-سىزنىڭ ماڭالمىغىنىڭىزنى ئاڭلاپ، دادام ئۇكام بىلەن ئىككىمىزنى سىزنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى.
-مېنىڭ بۇيەردە ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭلار؟
-بايا تاغام دادامغا تېلفۇن قىلىپتىكەن، سىزدىن بەك ئەنسىرەپتۇ، شۇتاپتا موماممۇ سىزدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرالمايلا قالدى.
-رەھمەت سىلەرگە، بىردەم ساقلاپ قالىدىغان بولدۇڭلار.
-ھىچقىسى يوق، كىملىكىڭىزنى ماڭا بېرىپ، سىز ئارمان بىلەن ئولتۇرغاچ تۇرۇڭ، ئۆچرەتتە مەن تۇراي.
-سىزنى ئاۋارە قىلماي بولدى، ئۆزۈم تۇراي.
-يۈرۈڭە مۇئەللىم، ئىككىمىز ماشىنىدا ئولتۇرۇپ تۇرايلى، ئاكام بايا بۇياققا ماڭغىچە سىزنى قورسىقى ئاچمىكىن دەپ بىرمۇنچە يەيدىغان نەرسە ئالغان، مېنىڭ بەك يىگىم كېلىپ كەتتى، ئىككىمىز بىللە چىقىپ يىگەچ تۇرايلىچۇ!
-ئاچپاقىلىق قىلما ئارمان!
-ھۆ...تازا
ئارمان ئاكىسىغا قاراپ تىلىنى چىقىرىپ شوخلۇق قىلغىنىچە، مېنى باشلاپ سىرتقا ماڭدى.
-ماشننى ئوت ئالدۇرۇشنى بىلەمسىز مۇئەللىم؟
-بىلمەيمەن، سەن بىلەمسەن ئارمان؟
-بىلىمەن! بىزنىڭ ئۆيدىكى ھەممەيلەن ماشىنا تېرەكتۇر ھەيدەيمىز، بوۋام ياش ۋاقتىدا تېرەكتۇرچى بولۇپ دادۈينىڭ چوڭ تېرەكتۇرىنى ھەيدەيدىكەنتۇق، كېيىن بۇ ھۈنىرىنى دادام ۋە تاغلىرىمغا ئۆگىتىپتىكەن، داداممۇ ئۇزۇن يىل تېرەكتۇر ھەيدەپتىكەن، ئۆيدىكى ھەمىمىمىز دادامدىن تېرەكتۇر ھەيدەشنى ئۆگىنۋالدۇق. ئاكام ھەممىمىزدىن يامان چىقىپ كەتتى دەيسىز، ھازىر پەقەت ئاكامنىڭلا ماشنا ھەيدەش كېنىشكىسى بار، قالغىنىمىزنىڭ يوق.
-سەنمۇ ئاكاڭدەك بولغاندا كېنىشكە ئالالايسەن .
-ھەئە، مەن ئاكامنىڭكىدىنمۇ يوغان كېنىشكە ئېلىپ، پويىز، ئايرۇپىلان ھەيدەپ باقسام دەيمەن مۇئەللىم.
-ياخشى ئوقۇساڭ بۇ ئارزۇيۇڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ ئارمان.
-چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن مۇئەللىم.
ئارمان بىلەن پاراڭلىشپ ئولتۇرغىنىمىزدا ئېھسان چىقتى.
ئۇ چىقىپلا ماشنىنى ئوت ئالدۇردى ۋە شەھەر ئىچىگە ھەيدىدى.
-قەيەرگە بارىمىز ئاكا؟
-ئاپام ئازراق نەرسە-كېرەك بۇيرۇغان ئىدى، ئېلۋالايلى.
-مېنى ئويۇنچۇق شەھەرچىسىگە ئاپىرە ئاكا!
-كەپسىزلىك قىلما، بۈگۈن كەچ بولۇپ كەتتى، مۇئەللىممۇ ئەتىگەندىن بېرى بېكەتتە ئولتۇرۇپ چارچاپ كەتتى، بالدۇرراق قايتايلى، مۇئەللىم ئارام ئالسۇن، سېنى باشقا كۈنى ئەكىلىپ ئوينىتاي ھە!
-ماقۇل ئاكا.
ئارماننى ئارىمىزغا قىستۇرۇپ ئېھسان بىلەن بازار چۆرگىلەپ يۈرۈپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالدۇق.
-سىڭلىمغا شارپا تاللىشىپ بېرەمسىز مۇئەللىم؟
-بولىدۇ!
-ماۋۇ ئىككىسىدىن قايسىسى بولىدىكەن؟
ئېھسان ئوتقاشتەك قىزىل يۇڭ شارپا بىلەن سۇس يېشىل چاقماق شارپىنى ئىككى قولىغا ئېلىۋالغان ئىدى.
-قىزىلى چىرايلىق تۇرامدۇ نېمە؟
-ماقۇل ئەمىسە، مۇشۇنى ئالاي، ئىككىنى ئوراپ بېرىڭە!
-ئىككىنى نېمە قىلىسەن ئاكا؟
-جىم تۇر!
ئېھساننىڭ سودىلىقلىرى تۈگەپ قۇمتوغراققا قاراپ ماڭغىنىمىزدا بىردىنلا ئۇلارنىڭ ئۆيدە قونۇپ قېلىشتىن تارتىنىپ قالدىم. ئېھساننىڭ پات-پاتلا ماڭا تىكىلىپ قالدىغان خىيالچان كۆزلىرى مېنى تېخىمۇ تەڭلىكتە قويماقتا ئىدى. ئۇ مېنىڭ ئىككى كۈندىن بېرى ئارمان بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلغىنىمنى بىلسە قانداق ئويلار؟ يەنە ھازىرقىدەك خىيالچان كۆزلىرى بىلەن قارىيالارمۇ؟
«مەن بىر نەپرەتلىك ئىنسان ئېھسان، ئەڭ ياخشىسى مېنىڭدىن يىراق تۇرسىڭىز بولاتتى...»
-مەن مەكتەپنىڭ ئالدىدا چۈشۈپ قالايمىكىن ئېھسان.
-نېمىشقا؟
-مەكتەپتىكى ياتقىمدا قونۇپ قالايمىكىن.
-ھازىر مەكتەپتە ھىچكىم بولمىسا، ئۆزىڭىز يالغۇز قورقمامسىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا بەك سوغۇق، ياتقىڭىزدا كۆمۈر بارمۇ-يوق، نېكەمدە ئوت يېقىپ ئىسسىتىپ بولغۇچە توڭلاپ كەتمەمسىز؟
ئۇنىڭ ئېيتقىنى توغرا ئىدى. ياتاقتا كۆمۈر تۈگۈل، توكمۇ يوق ئىدى. تەتىل جەريانىدا ھەرخىل خېيىم-خەتەرلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن بارلىق ئورۇننىڭ سۇ، توك مەنبەسىنى تەتىل قويىۋەتكەن كۈنى ئۈزىۋەتكەن ئىدى. ھەتتا ياتاقلاردىكى ئوتۇن-كۆمۈرلەرنىمۇ ئامبارغا يۆتكىۋەتكەن ئىدۇق.
-مەكتەپتە نۆۋەتچىلىك قىلۋاتقانلار بارمىكىن، شۇلار بىلەن ئالاقلىشىپ، بىر ئامال قىلىمەن.
-ماۋۇ تېلفۇننى ئالسىڭىز...
ئارمان باشقا گەپ قىلمايلا قولىدىكى تېلفۇننى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويدى.
-ۋەي، گۈلزىبا قىزىممۇ سىز؟ كېلۋاتامسىلەر؟ سىزگە تاماق ساقلاپ قالدۇق قىزىم، ئۇدۇللا ئۆيگە كېلىڭلار ھە!
-ماقۇل چوڭ ئانا، ئاز قالدۇق.
-ماڭسام بولامدۇ مۇئەللىم؟
ئېھسان ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ھەييارلارچە كۈلدى.
-ماڭايلى.
-خوپ!
مەشتە گۈرۈلدەپ كۆيىۋاتقان ئوت، داستىخانغا تىزىلغان مول يىمەكلىكلەر، ئوتتىنمۇ ئېللىق چىرايى بىلەن ئولتۇرغان مېھرىبان كىشىلەر مېنى قىزغىن كۈتۈۋېلىشتى.
تاماقتىن كېيىن ئېھسان ئاپىسى بۇيرۇغان نەرسىلەرنى داستىخانغا قويدى ۋە ئەمەسلا گەپتىن بىرنى قىلدى.
بۇ سوۋغاتلارنى گۈلزىبا مۇئەللىم سىلەرگە ئاتاپ سېتىۋالدى ئاپا، بۇ سىزنىڭ، بۇ مومامنىڭ، بۇ بوۋامنىڭ، بۇ سىڭلىمنىڭ، يەنە بار...
-ۋاي جېنىم قىزىم، بۇنچە جۇۋاپ نېمە قىلار بولغىيتىڭىز؟ ئۇزۇن سەپەرگە ماڭىدىغان ئادەم بۇنچە كايمىسىڭىزمۇ بولاتتى ئەمەسمۇ! رەھمەت، رەھمەت! بەختىڭىز زىيادە، ئۆمىرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن!
نېمە دېيىشىمنى ۋە نېمە قىلارىمىنى بىلمەي تىرنىقىمنى تىتىملاپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. بۇ ۋاقىتتا ئېھسان ئاللىقاچان ھويلىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى.
تاڭ سەھەردە ئېھساننىڭ بوۋا-مومىلىرى، ئاتا-ئانسى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرگە ئەۋەتكەن بىرمۇنچە سوۋغا-سالامنى ئېلىپ، ئېھساننىڭ ماشنىسىدا ئولتۇرۇپ، بىكەتكە كەلدىم.
-بۇ شارپىنى ئاددى كۆرمەي قوبۇل قىلغان بولسىڭىز ...
ئۇ ماشنىنىڭ ئالدى ساندۇقىنى ئېچىپ تۈنۈگۈن سېتىۋالغان قىزىل شارپىنىڭ بىرسىنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى.
-بۇ...
-ئاخشام بېرەي دېسەم سىزنى چوڭلارنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇپ قالارمىكىن دەپ، ماشىنىغا سېلىپ قويغانتىم، بۇغۇ بەكلا ئاددى نەرسە، شۇنداق بولسىمۇ قوبۇل قىلسىڭىزكەن...
-رەھمەت ئېھسان.
-ماشىنىدا بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن ئاۋۇ تەرەپكە بېرىپلا كېلەي، ئاندىن بېلەت ئالايلى ھە؟
-ماقۇل.
سومكامنى بىر ھازا ئاختۇرۇپ كىملىكىمنى تاپالمىدىم ۋە كىملىكىم بىلەن تۈنۈگۈنكى بېلەتنىڭ قايتقان پۇلىنىڭ ئارماندا ئىكەنىلىكى ئېسىمگە كەلدى.
ئېھسان چىققۇچە ئارمانغا يەنە بىر تېلفۇن ئۇردۇم، تېلفۇن يەنە ئىتىك ئىدى.
-يۈرۈڭ مۇئەللىم، ماشىنا يېرىم سائەت ئىچىدە ماڭىدىكەن، يۈك-تاقىڭىزنى جايلاشتۇرۇپ بېرەي!
ئېھسان شۇنداق دېگىنىچە بېلەت، كىملىكىم ۋە بىرمۇنچە پۇلنى قولۇمغا تۇتقۇزدى.
-بۇ...
-يۈرۈڭ،يۈرۈڭ، ھېلى ماشىنا مېڭىپ كەتسە يەنە يىغلايسىز!
نەرسىلىرىمنى سومكامغا سالدىم ۋە چامىدىنىمنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ئېھساننىڭ ئارقىسىدىن بىكەتكە كىرىپ، ماشىنىغا ئورۇنلاشتىم. يېرىم سائەت ۋاقىت يۈك-تاقىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغىچە ئۆتۈپ كەتتى.
-خوش مۇئەللىم، بېرىپ بولۇپلا تېلفۇن قىلۋېتىڭ، يولدا دېققەت قىلىڭ، تېلفۇنىڭىزنى كۈتىمەن!
-خوش ئېھسان...
ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم كۈلۈپ تۇرغان يۈزلىرىگە تارام-تارام تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرى بىلەن مېنى قارشى ئالدى. ئېھساننىڭ ئاتا-ئانىسى ئەۋەتكەن سوۋغاتلىقلارنى كۆرگەن دادام بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ گېپى بولۇنىۋاتقاندا ئاپامنىڭ چىرايىنىڭ باشقىچە ئېچىلىپ، خۇش بولۇپ كېتىۋاتقىنىدىن ئاللىقانداق مەنالارنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم.
مەن ئۆيۈمگە كېلىپ نەق ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئارماندىن تېلفۇن كەلدى.
داۋامى بار.