سامساقنى يۈزگە سۈركىگەندىن كېيىن قورۇق يوقىتىپ...

文摘   2024-11-21 11:01   新疆  

سامساقنى يۈزىگە سۈركىگەندىن كىيىن،مۇشۇنداق ئۆزگىرىپ كەتكەن، ھەقىقەتەن مۆجىزە!

سامساق تىلغا ئىلىنسا ، كۆپچىلىكنىڭ كۆزئالدىغا پۇرىقى كۈچلۈك بولغان ،بىز دائىم قاپىقىمىزنى تۈرۈپ تۇرۇپ ئىشلىتىدىغان نەرسە كۆزئالدىمىزغا كىلىدۇ . 

لېكىن سىزسامساقنىڭ بۇنچە كۆپ پايدىسى بارلىقىنى ھەقىقەتەن ئويلاپ يىتەلمەيسىز. 

__ ھۆسن تۈزەش جەھەتتە. 

• دانىخورەكنى يوقىتىپ ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈنۈمى بار.

سامساق تەركىبىدىكى ئاكتىپ تەركىبلەر مىكروب ئۆلتۈرۈپ ياللۇغى قايتۇرىدۇ ، تېرىنى پاكىزلاپ، چېچەك مۇسكۇلىنى داۋالاش رولى ناھايتى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ . 

كەچتە يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، يېڭى سامساقنى يېرىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئاندىن  يېنىك توغراپ،چىچەك ئىزى بار ئورۇنغا چاپلىسا بولىدۇ . 

چىڭ تۇرۇپ بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرسا چوقۇم ئۈنۈمىنى كۆرەلەيدۇ،يۈزقىسىمىدىكى دانىخورەك، چېچەك ئىزىنى يوقىتىپ، تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ .

•تېرىنىڭ قورۇق چۈشۈشىگە قارشى تۇرۇش.

سامساق تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپ بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە . ئاياللار دائىم ئازراق ئاچچىقسۇ، سامساق ئىستىمال قىلسا قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يېڭى سامساق تاللىغاندا ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 

سامساقنى ئاقلاپ، پاكىز قاچىغا سىلىپ، تۇزقۇيۇپ،  ئارلاشتۇرۇپ، بىر كۈن تۇزغا چىلاپ قويىمىز . 

ئاندىن قازانغا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قوشۇپ قاينىتىپ ، سوۋتۇپ، قاچىغا تۆكىمىز . 

ئاغزىنى ھىملەپ پېچەتلەپ، ھەر كۈنى بىر قېتىم قولىغا ئېلىپ ، تەۋرىتىپ قويىمىز .

تەخمىنەن بىر ئايدىن كېيىن ئىستىمال قىلساق بولىدۇ .

__ تۇرمۇش ئۇسۇلى جەھەتتە .

•كىيىمدىكى قورۇقنى يوقىتىش: سامساق تەركىبىدىكى ماي ماددىسى قورۇق باسقان كىيىمنىڭ قورىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ، ھەتتا توك دەزمال تېجىلىپ قالىدۇ. 

پۈرلىشىپ كەتكەن كىيىمنى سۈزۈك سۇغا چىلاپ، ئاندىن سامساقنى ئىلىپ، ئازراق سامساق شەربىتى ۋە ئاچچىقسۇ ئارلاشتۇرۇپ، ئاندىن سۇ قۇيۇپ، كىيىم 15 مىنۇت چىلاپ قويغاندىن كېيىن ، پاكىز سۇ بىلەن پاكىز يۇيۋەتسەكلا بولىدۇ، سىقىشنىڭ ھاجىتى يوق ، سۇدىن ئېلىپ ئاپتاپقا سالساق بولىدۇ .

بۇنداق تازلىغان كىيىنلەردە سامساق پۇرىقى يوق بولىدۇ ، يەنە بىر خىل خۇش پۇراق پۇرايدۇ ھەن قورۇقنىمۇ پۈتۈنلەي كۆرگىلى بولمايدۇ !

•نەملىكنىڭ ،ھاشارەت چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

كىچىك راك، ھەسەل دېگەندەك  قۇرۇق يىمەكلىكلەر  ئاسانلا نەم تارتىپ كۆكىرىپ كېتىپتۇ ، بۇلارنى ساقلىغان چاغدا، ئالدى بىلەن يېمەكلىكنى ئېلىپ قۇياش نۇرىدا قۇرۇتۇش، ئاندىن بىر قانچە چىش سامساق بىلەن بىللە يىغىپ ساقلاش قاچىسىغا سىلىپ، ئاغزىنى ھىم ئىتىپ، سالقىن جايدا قويۇپ، قويسا بىر مەزگىل خېلى ئۇزاققىچە ساقلىغىلى بولىدۇ .

سامساق تەركىبىدە زەمبۇرۇغ، كۆرۈنەرلىك بولغاچقا ئۇنىڭ ھاشارەتلەرنى ئۆلتۈرۈش رولى بار . 

نەم ھاۋارايىدا، جاڭيۇغا بىر نەچچە تال سامساق ئارلاشتۇرۇپ قويسا، خۇش پۇراق جياڭيۇمۇ ئاسان  كۆكىرىپ قالمايدۇ .

•فار-فۇرقاچىلارنى رىمونىت قىلغىلى بولىدۇ.

فارفۇر ياكى ئەينەك  قاچا چېقىلىپ كەتسە، سامساق ياردەم قىلالايدۇ .

قاچىغا بىر تال تۇخۇمنى چىقىپ، تۇخۇم ئېقىنى قالدۇرۇپ ئۇنىڭغا سامساق شەربىتىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەپ.

ئاندىن تەڭشەلگەن سۇيۇقلۇقنى بىردەم تىندۇرۇپ، كىيىن چىقىلىپ كەتكەن جايغا سۈركىسە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يىپىشىدۇ! 

•قۇرت چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئۆيىدە تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن ، ئۆسۈملۈكلەرگە ھاشارات ھۇجۇم قىلغاندا، بىر نەچچە باشلىق سامساقنى بۇزۇپ ئېلىپ، يەنجىپ شىرنىسىنى ئېلىپ، سۇ قوشۇپ، بوتۇلكىغا قاچىلاپ، ئۆسۈملىكلەرنى سۇغىرىپ، ئۆسۈملۈكلەرگە دورا ئورنىدا چاچسا، دەرھال ھاشاراتنى يوقىتىدۇ . 

گۈرۈچنىڭ  ئىچىگە بىر نەچچە چىش سامساقنى سىلىپ قويسا، سامساقنىڭ غىدىقلاش پۇرىقى كۈچلۈك بولغاچقا، قۇرت - قوڭغۇز، چۈمۈلىلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قىلىشىنىڭ  ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

__دوختۇرلۇق جەھەتتە: 

• زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

مۇۋاپىق مىقداردا سامساق، پىياز، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى تەييارلىۋالىمىز . 

سامساقنى ئاقلاپ، يۇيۇپ پاكىزلاپ، پىچاق بىلەن پارچە پارچە قىلۋالىمىز ، ئاندىن پىياز، زەنجىۋىلنى توغراپ تەييارلىۋالىمىز. 

قازانغا سېلىپ مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ15 مىنۇت قاينىتىپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ . 

بۇنى ئىچىۋالسا، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، باش ئاغرىش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشنى داۋالايدۇ .

•چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

چىشنى قۇرت يېيىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان چىش ئاغرىقىنى ، داۋالاشتا ورا ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق! 

يېڭى سامساق سېلىۋېتىپ، سامساقنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىپ چىقىرۋىتىپ، يەنە سوقۇپ سامساق مۇرابباسى چىقىرىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ چىشنىڭ ئاغىرىغان يىرىگە قويسا، نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا دەرھال ئۈنۈم بېرىدۇ .

چۈنكى سامساقنىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار بولۇپ، بۇنداق ئۇسۇل قوللانسىڭىز ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، يەنە ئېغىز بوشلۇقىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى بار.

ئەگەر سىز ئاغزىڭىزغا بىر خىل چۈچۈمەل تەمنىڭ كىرىشىدىن قورىقسىڭىز، بۇمۇ ناھايىتى ئاددىي بىر نەچچە تال خاسىڭ ياكى بىر ئىستاكان سۈتنى ئىچىپ، ئېغىز بوشلۇقى ئىچىدىكى غەلىتە پۇراقنى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يوقاتسىڭىزمۇ بولىدۇ .

قوللاپ ھارمىسىڭىزلا يوللاپ ھارمايمىز

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章