گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كېچىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەر دائىم ئۇچراپ تۇرسىمۇ، لېكىن يەنىلا ياشلارنىڭ تۈنەش قەدىمىگە ئادەتلىنىشىنى توسۇپ قالالمىدى. ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئۇيقۇسىزلىق.... ئۇخلىماسلىقنىڭ سەۋەبى ئوخشىمايدۇ، لېكىن مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەمەلىيەت شۇكى، تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى« يېڭى نورمال ھالەت» كە ئايلاندى. 2015-يىلى، « يەر شارى ئۇيقۇ دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەر كۈنى كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلايدىغان ۋاقتى ئاللىبۇرۇن نۇرمال ئۇىلش ۋاختىدىن نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتكەن.
گەرچە سائەت 0 دىن كېيىن ئاندىن يېرىم كېچە ھېسابلانسىمۇ، لېكىن ئىچكى ئاجراتما نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، سائەت 23 تىن كېيىن ئۇخلاش تۈنەش ھېسابلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيىتى كۆپىنچە سەھەر سائەت 3 تىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭا سائەت 23 تىن 3 كىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيقۇ سۈپىتى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، تولۇقلاپ ئۇخلىسىمۇ، تۈنەش كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ.
01
ئۇزۇن مۇددەت تۈنەشنىڭ 7 ئېغىر خەتىرى
1. تېرە زىيانغا ئۇچراش
ئۇزۇن ۋاقىت تۈنىگەندە، ئادەمنىڭ ئىچكى ئاجراتما ۋە نېرۋا سىستېمىسى تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ، تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، ئېلاستىكلىقىنى ناچارلاشتۇرۇپ، غۇۋا نۇرسىز قىلىپ، جاراھەت، دانىخورەك قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
2. سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
بەدەن ئۇخلىغاندا بىر خىل« ئورۇق تەن ماددىسى» ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت تۈنەش ئورۇقلىتىش ماددىسىنىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ياغنىڭ پارچىلىنىشىنى ئاستىلىتىدۇ.
3. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش
سىمپاتىك نېرۋا كېچىسى يېتەرلىك ئارام ئالالمىغاچقا، كۈندۈزى بېشى قېيىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.
4. يۈرەك كېسىلى
ئۇزۇن مۇددەت كىچە-كۈندۈز ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن ئادەمنىڭ مىجەزى بۇزۇلۇپلا قالماستىن، ئىچكى ئەزالىرىمۇ ۋاقتىدا تەڭشەلمەي، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
5. ئاشقازان-ئۈچەي كرىزىسى
ئادەم بەدىنىدىكى ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 ~ 3 كۈندە كېچىدە بىر قېتىم يېڭىلىنىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى ئارام ئالمىسا، ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
6. جىگەر زىيانغا ئۇچراش
سائەت 23تىن ئەتىسى سائەت ئۈچكىچە بولغان ۋاقىت جىگەرنىڭ ئەڭ ياخشى زەھەر تازىلاش مەزگىلى بولۇپ، جىگەر ئارام ئالمىسا، جىگەرنىڭ قان ئېقىمى نىسپىي ھالدا يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زىيانغا ئۇچرىغان جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تەسكە توختايدۇ ھەمدە تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ.
جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ مېتابولىزم ئەزاسى بولۇپ، جىگەر زەخىملەنسە، پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.
7. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇش
ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت فاكتورلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇخلىغاندا شەكىللىنىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت تۈنىسە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، چارچاش، روھسىزلىنىش، ئاسان زۇكام بولۇش، ئاسانلا رېئاكسىيە قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئىممۇنىتېت كۈچى ئادەم بەدىنىنىڭ راك كېسىلىگە قارشى تۇرۇشتىكى تەبىئىي توسۇقى بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، تۈنەش سۈت بېزى راكى، بوغماق ئۈچەي راكى قاتارلىق كېسەللىك خەۋپىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
مەسىلەن، ئاياللار ئۇزۇن مەزگىل تۈنىسە ھەيىز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بالىلار ئۇزۇن مەزگىل تۈنىسە ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، بىر قاتار ئۆسۈپ يېتىلىش مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئاشقازان-ئۈچىيى ياخشى ئەمەسلەر، جىگەر كېسىلى بارلار تۈنىسە كېسەللىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا، ئەكسىچە ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاشقازان-ئۈچەي، جىگەرنىڭ ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
02
تۈنەپ ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە ئىككى پەللە بېسىپ داۋالاش
كېچىدىن تاڭ سەھەرگىچە ئۇخلىمىغاندا، بەدەندىكى مۇسبەت قۇۋۋەت نورمال ئارام ئالالماي، بەدەندە ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپ، باش قېيىش، يۇتقۇنچاق ئىششىپ ئاغرىش، قىزىپ ئۇسساش، قەۋزىيەت، كىچىك تەرەت سېرىق كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە سۇنى كۆپ ئىچىش، تاماكا ۋە ھاراق تاشلاش، تاماق بىلەن تەڭشەش، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىشتىن باشقا، ئىككى پەللە بويىچىمۇ ئوتنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.
1. جاۋخەي پەللىسى
بۇ پەللىنى باسقاندا گال قۇرۇش، كۆزى قىزىرىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق مەنپىيلىك ئاجىزلاپ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. باسقاندا كۆپكەندەك سېزىم بولسىلا بولىدۇ، بېسىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، 5-10 مىنۇت بولسىلا كۇپايە.
2. يۇڭچۈەن پەللىسى
بۇ پەللە مەنپىيلىكنى يېتىلدۈرۈپ،ئىسسىقنى پەسەيتىشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئېغىز قۇرۇش، باش قېيىش، ئىچى تىتىلداش قاتارلىقلارنى پەسەيتىدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى بولسا باش بارماقنى پەللە ئۈستىگە قويۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك كۈچ بىلەن 20-30 قېتىم ئۇۋۇلاش، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇۋۇلىسا ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى.
03
كۆپ تۈنەيدىغانلار سۇغا بۇلارنى قوشۇپ ئىچىڭ، جىگەرنىڭ زەھەر تازلىشىغا پايدىلىق
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، مېتابولىزىم ماددىسى ۋە توكسىننىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
لېكىن پەقەت سۇ ئىچىش ئارقىلىقلا جىگەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، جىگەرنى ئاسرىغىلى بولمايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا سىز قايناقسۇغا ئازراق« ماتېرىيال» قوشۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى جىگەرنىىڭ ئىسسىقى تۆۋەنلەپ، زەھەر تۈگەپ، تېرىڭىز ياخشىلىنىپ كىتىدۇ.
1. قايناقسۇغا ئازراق« چىلان» قوشۇڭ
چىلان سۈيى بىلەن جىگەرنى ئاسراشنى ھەممىمىز بىلىمىز، جىگەر ئىقتىدارى ناچار كىشىلەرگە ھەركۈنى چىلان سۈيى ئىچىشنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرغاندا جىگەرنى ئاسرىغىلى، جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش، زەھەرنى ھەيدەش ئۈنۈمىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
مېدىتسىنادا يەنە چىلان سۈيىنىڭ بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، قان تولۇقلاش، جىگەرنى راۋانلاشتۇرۇپ، غەم-ئەندىشىنى تۈگىتىش رولى بار، دەپ قارىلىدۇ. مېۋە ئېتى مول بولغان چىلانلارنى ئوشتۇپ، ئىلمان سۇغا چىلاپ ئىچسە، ۋىتامىنلار جىگەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق.
2. قايناقسۇغا ئازراق« لىمون» قوشۇڭ
لىمون جىگەر ئارقىلىق زەھەر تازىلاش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى مېۋە دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ لىمون سۈيى ئىچىش، ئەڭ ياخشى جىگەر ئاسراش پۇرسىتى. چۈنكى، لىمون تەركىبىدىكى لىمون كىسلاتاسى جىگەردە ئۆت سۇيۇقلۇقى ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ توكسىننى چىقىرىپ تاشلىشىغا ياردەم بېرىپ، جىگەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ.
3. قايناقسۇغا ئازراق« ئۇچقات» قوشۇڭ
ئۇچقاتنىڭ تەمى ئاچچىق بولۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، جىگەرنى تازىلايدىغان ئېسىل مەھسۇلات. ئېغىز پۇراش ۋە قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى، ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇپ تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇش، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش رولى بار، يەنە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، ئورۇقلىتىش رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ھاراق ئىچىشنىڭ جىگەرگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ھاراق ئىچكەن دوستلارنىڭ كۆپرەك ئۇچقات ئىچىپ جىگىرىنى ئاسرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
4. قايناقسۇغا ئازراق« جۇخار گۈلى» قوشۇڭ
جۈخار گۈلى گۈل چاي تۈرىگە تەۋە بولۇپ، ئۇنى سۇغا چىلاپ ئىچسە تەمى سەل قىرتاق بولىدۇ، ئۇ جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدىغان چايلارنىڭ ۋەكىلى. ئۇنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، جىگەر مۇسبەتلىكىنى تۇراقلاشتۇرۇش، جىگەرنى تازىلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، قىزىتمىنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش رولى بار. بۇنىڭدىن سىرت، جۇخار گۈلى تەركىبىدىكى ئاز مىقداردىكى سېلىن ئېلېمېنتىمۇ جىگەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددا ھېسابلىنىدۇ.
5. قايناقسۇغا ئازراق« ئەتىرگۈل» قوشۇڭ
قىزىل گۈل چېيىنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك، قايناقسۇغا سالساق، تەمى تاتلىق، سەل قىرتاق بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ جىگىرىمىز« ئاچچىق» تەمنى يېيىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. بېسىم بەك ئېغىر بولۇپ كېتىش، كەيپىياتى ياخشى بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان جىگەرنىڭ ئىسسىقىنى تەڭشەش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ