دوختۇرخانىغا ئاز باراي دېسىڭىز بۇ 3خىل ئوماچنى كۆپرەك ئىچىڭ

文摘   2024-11-25 11:15   新疆  

كونىلاردا، يازدا كېسەل بولمىسىمۇ لىكىن بەدەننى نەملىك قاپلاپ كىتىدۇ دەيدىغان گەپ بار. نۇرغۇن كىشىلەر ياز كەلسىلا، پۈتۈن بەدىنى بىئارام بولىدۇ.

ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭ كۆپىنچىسى قۇۋۋەت يېتەرلىك بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان نىسپىي ئاجىز سوغۇق ھالەتتىن كېلىپ چىقىدۇ.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ياز پەسلىدە ئادەم بەدىنىدىكى مۇسبەت ھاۋا سىرتقا تارقىلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتقى قەۋىتىگە بارىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەدىنىدىكى مۇسبەت ھاۋا نىسپىي ھالدا يېتىشمەيدۇ.

بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تال ۋە ئاشقازىنى زەئىپلىشىپ سوغۇقى ئېشىپ كېتىدۇ، ئاشقازان ۋە ئۈچىيىنىڭ لۆمۈلدىشى ۋە ھەزىم قىلىشى ئاجىزلاپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، نەم ھاۋا ئىچىدە قالىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يازدا سالات، سوغۇق ئىچىملىك، ماروژنى قاتارلىقلارنى كۆپ يىگەندە سوغۇق ئۈستىگە سوغۇق قوشۇلۇپ، تال ۋە ئاشقازان ناچارلىشىدۇ، ھۆللۈكمۇ بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ.

بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، كۆپچىلىك تال ۋە ئاشقازاننى ئاسرايدىغان بەزى يېمەكلىكلەرنى تاللاپ، ئۇماچ قىلىپ ئىچسە، ياز پەسلىدىكى بىئاراملىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

يازدا تۆۋەندىكى 3 خىل ئۇماچنى ئىچىپ سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

01

پىچەكگۈل، نېلۇپەر ئۇرۇقى، تېرىق ئۇمىچى: تال ۋە ئاشقازاننى كۈچلەندۈرىدۇ

ياز كېلىشى بىلەنلا، بەزى كىشىلەرنىڭ تال ۋە ئاشقازىنى ياخشى بولمىغاچقا، ئاسان ئىچى سۈرىدۇ؛ بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆپكىسى ئاجىز بولۇپ، ئازراق ھەركەت قىلسىلا چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ كېتىدۇ؛ يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ دائىم كۆڭلى پاراكەندە بولۇپ، ئۇيقۇسى قاچىدۇ.

بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا، پىچەكگۈل، نېلۇپەر ئۇرۇقى، تېرىق ئۇمىچى ئىچىپ تەڭشىسە بولىدۇ.

جۇڭگو تېبابىتىدە، پىچەكگۈلنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، قۇرغاق، كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەپ، نەملىكنى ئاشۇرۇش، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىسپېرمىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بار، دەپ قارىلىدۇ.

نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، قۇۋۋەت تولۇقلاش، تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، ئىسپېرمىنى چىڭىتىش قاتارلىق رولى بار. ئىچ سۈرۈش، بەل ئاغرىش، بەل تېلىپ ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ ناھايىتى ياخشى قۇۋۋەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.

تېرىق توغرىسىدا لى شىجېن مۇنداق دېدى: « شوۋىگۈرۈچ قاينىتىپ ئىچكەندە قۇۋۋەت تولۇقلاپ  ئاشقازان- ئۈچەينى ياخشىلاش، بەدەن ئاجىزلىقنى تولۇقلاش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئاشقازاننى ياخشىلاش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش، ياشانغانلار، تېنى ئاجىزلار، بىمارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ بەدىنىنى قۇۋۋەتلەشكە ماس كېلىدۇ. »

بۇ ئۈچ خىل يېمەكلىكنى ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئۇماچ تەييارلىسا تەمى تاتلىق، يېيىشلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، يېمەكلىك بىلەن داۋالاشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.

02

لۇڭيەن چىلان ئۇمىچى: قاننى قۇۋۋەتلەپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش

بەزىلەر ياز كەلسىلا ئاسانلا ياخشى ئۇخلىيالماي، دائىم كۆپ چۈش كۆرىدۇ، بۇ بەلكىم يۈرەك قېنىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن.

بۇ ۋاقىتتا، پىچەكگۈل نېلۇپەر ئۇرۇقى تېرىق ئۇمىچى ئاساسىدا، لۇڭيەن، چىلان ۋە ئالقاتنى قوشۇپ قاينىتىپ، قۇۋۋەت ۋە قان تولۇقلىسا بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ« كۈچەيتىش نۇسخىسى» دىكى پىچەكگۈل ئۇمىچىدىن باشقا، لۇڭيەن، چىلاننى بىۋاسىتە يېپىشقاق گۈرۈچ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، لۇڭيەن چىلان ئۇمىچىنى تەييارلاپ ئىچكەندە، تال ۋە ئاشقازاننى ئىللىتىپ، قاننى تولۇقلاپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.

جۇڭگو تېبابىتىدە تال ۋە ئاشقازان  ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ.

چىلان تاتلىق بولۇپ، تال ۋە ئاشقازاننى ئىللىتىپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، قۇۋۋەت ۋە قاننى تەڭشەشكە زور پايدىسى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە يۈرەككە كىرىپ، قۇۋۋەت ۋە قان بىلەن تولۇقلىنىپ، يۈرەكنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ.

لۇڭيەنگە كەلسەك، ئۇ قان تولۇقلاپ، قۇۋۋەت تولۇقلاپ، قان ۋە قۇۋۋەت ئاجىزلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىپلا قالماستىن، يەنە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، غەم-ئەندىشىنى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ، بولۇپمۇ ئەقلىي ئەمگەكچىلەر، دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، كېچىچە تۈنىگەنلەر ۋە كۆپ ئويلانغان كىشىلەردە ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتۇغاقلىق، باش قېيىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ئىستېمال قىلىشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

03

ئاپلىسىن پوستى، ئاق يېسسىمۇق ئۇمىچى: تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ

تال ۋە ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ يېگەن يېمەكلىكلىرىنى ھەزىم قىلىشى تەس بولۇپلا قالماستىن، ئىچكى ھۆللۈك پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل كىشىلەر يازدا ئاسانلا تومۇز ئىسسىق ۋە ھۆللۈكنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.

تال زەئىپلىشىپ بەدەننى نەملىك قاپلىغاندا نەملىك يەنە تال زەئىپلىشىشنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.

تېنى سوغۇقراق، تال ۋە ئاشقازىنى ئاجىزلار كونا ئاپلىسىن پوستى ئاق يېسسىمۇق ئۇمىچى ئىچىپ تەڭشىسە بولىدۇ.

ئاپلىسىن پوستى تالنى ساغلاملاشتۇرۇش ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاش، قۇۋۋەتنى تەڭشەش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، بەلغەمنى بوشىتىش، كۆڭۈلنى يۇمشىتىش، ئاشقازاننى ئىللىتىش، يۆتەلنى توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئادەتتە قورسىقى كۆپۈپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، يۆتىلىپ، بەلغەم كۆپ كېلىپ قالسا، ئاپلىسىن پوستىدىن ئازراق ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە ياكى چاي دەملەپ ئىچسە بولىدۇ.

ئاق يېسسىمۇقنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىسسىق ۋە ھۆللۈكنى ھەيدەش ئۈنۈمىگە ئىگە، ياز كۈنلىرى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ساقلىقنى ساقلاش رولى بار.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاپلىسىن پوستى ئىسسىققا مايىل ھەم نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ، يېسسىمۇق تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، نەملىكنى تۈگىتىدۇ. ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ تەييارلاپ ئىچكەندە، تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ ھەم ئىسسىق ۋە ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ.

دىققەت: ئاق يېسسىمۇقنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى قورۇپ يېيىش كېرەك. 

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章