بەزى ئاياللار تۇغۇت يېشى ۋاقتىدىمۇ ئادەت قالايىمقان كېلىش ۋە توختاپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدۇ، شۇنداق ۋاقىتتا ئاياللاردىكى ئادەت قالايىمقانلىشىشى سەۋەبىدىن ھەرخىل ئەگەشمە كېسلەللىكلەرمۇ كۆرۈلدۇ، شۇڭا ئادەت قالايىمقانلىشى ۋە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ ئادەت توختاپ كېتىشىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
شۇڭا تۆۋەندىكى ئۆسۈملۈك يەنى زاراڭزا چېچىكىنى ئاساس قىلغان دورا رېتسىپى بىلەن داۋالاش ئېلىپ بارسا ناھايتى ئۆنۈملۈك..دىققەت.. زاراڭزا چېچىكىنى ھامىلدار ئاياللار ئىچىشىكە قەتتى بولمايدۇ!!!
ئۇنى قانداق ئىشلىتىمىز.؟
زاراڭزا چىچىكى، ئالقات، زىرە، ھىلىلە، يالپۇز، بىدە، ئەنجۈر قېقى، چىلان، قۇمۇش يىلتىزى، ئازغان مۇنچىغى، سوڭپىياز، ئاغچە، ئوغلاق گۆشى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ھالەتتە تەڭشەپ قاينىتىپ ئىچسە قان- تومورلارنى ئېچىپ، قاننى سۇيۇلدۇرۇپ قان تۇلۇقلاپ، ئاياللاردىكى ئادەت كەلمەسلىككە شىپاھ بۇلىدۇ..