بەدەندىن ئىبارەت بۇ سەككىز جاينى دائىم ئۇۋۇلاپ بەرسە، قانچە« ئۇۋۇلىسا» شۇنچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى نۇرغۇن كىشىلەر تېخى بىلمەيدۇ!
مەيلى خىزمەت ياكى دەم ئېلىش بولسۇن، بىر كۈن ئالدىراش يۈرگەندىن كېيىن ھېرىپ چارچاشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئائىلىدە كۈتۈنۈشتە« ئۇۋۇلاش» نى ياخشى قىلغاندا، پەيلەرنى راۋانلاشتۇرۇپ، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، قېتىشمىلارنى ئېرىتىپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بەدەندىن ئىبارەت بۇ سەككىز جاينى دائىم ئۇۋۇلاپ بەرسە، قانچە« ئۇۋۇلىسا» شۇنچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى نۇرغۇن كىشىلەر تېخى بىلمەيدۇ!
01
دائىم يۈزىنى ئۇۋۇلاش __ ئادەم قېرىمايدۇ
جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تېببىي تەجرىبە مەركىزىنىڭ دوكتورى دەي جىنگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئادەمنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇ-ھەسرىتى ئالدى بىلەن چىرايىدىن ئىپادىلىنىدۇ. ئادەمنىڭ يېشى چوڭايسا، يۈز ھالىتىمۇ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمنىڭ يۈز مۇسكۇلى پەقەت% 20 لا ھەرىكەت قىلالايدىكەن، ياشانغانلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە چىراي ئىپادىسى ياشلارنىڭكىدىن ئاز بولىدىكەن، شۇڭا نۇرغۇنلىغان كۈتۈنۈش مۇتەخەسسىسلىرى ياشانغانلارنىڭ يۈزىنى كۆپرەك ئۇۋۇلاپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.
ئىككى قولنى بىر-بىرىگە بىرنەچچە قېتىم ئۇۋۇلىغاندا قىزىغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ، ئىككى قولنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتىپ، يەڭگىل ھالەتتىن ئېغىر ھالەتكە كەلگۈچە تەكرار ئۇۋۇلاپ، تاكى يۈزى قىزىغانغا قەدەر كۈندە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ. تېرىسى قۇرغاق كىشىلەر يۈزىنى ئۇۋۇلىغاندا ئۇسۇلغا دىققەت قىلىشى، بەك كۈچەپ كەتمەسلىكى، سۈرئىتىمۇ بەك تېز بولۇپ كەتمەسلىكى، تېرىنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىك چارچىغاندا پېشانىسىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، يۈزى راھەت بولۇپلا قالماي، يەنە كۆزى نۇرلۇق، روھلۇق بولىدۇ. ئىككى قولنىڭ ئالقان، بارماق ئۇچلىرىنى پېشانىگە توغرىلاپ، ئوتتۇرا سىزىقتىن ئىككى تەرەپكە تاق يۆنىلىشتە سىيرىش، ھەر كۈنى 30 ~ 50 قېتىم سىيرىش كېرەك. بۇ ئۇسۇل ئەس-ھوشىنى سەگەك تۇتۇپ، « پېشانە سىزىقى» نىڭ پەيدا بولۇشىنى كېچىكتۈرىدۇ، ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كېيىن مەشغۇلات قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
02
دائىم باشنى ئۇۋۇلاش-ئاق چاچنى ئازايتىش
خېنەن جۇڭگو تېبابىتى ۋە دورىگەرلىك داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ شىنجى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر نۇرغۇن كىشى ياش تۇرۇپلا يېشىغا ماس كەلمەيدىغان ئاق چاچ پەيدا بولۇپ قالدى، مېدىتسىنادا بۇ « ياش ئاق چاچ» دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر تېخى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى يوق، لېكىن بەش بارماق بىلەن باش قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، بارماقلىرىنى تارغاقنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ، باشنى ئالدىدىن كەينىگە، سولدىن ئوڭغا ھەر كۈنى نەچچە ئون قېتىم ياكى نەچچە يۈز قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرسە ئۈنىمى ھەقىقەتەن ياخشى بولىدۇ.
بۇ ئۇسۇل قەدىمكى زاماندا« چاچ چىقىرىش» دەپ ئاتالغان، يەنە« ئوبوروت قىلىش» دەپمۇ ئاتالغان. جۇڭگو تېبابىتىدە« چاچ قاننىڭ ئېشىنچىسى» دەپ قارىلىدۇ، بارماق بىلەن چاچ تاراش ئارقىلىق چىڭياڭنىڭ ئۆرلىشىنى ياخشى ئىلگىرى سۈرگىلى، قاننى تەڭشىگىلى بولىدۇ. ئەگەر قان قۇۋۋىتى ئېشىپ كەتسە، بۆرەك قۇۋۋىتى كۈچىيىپ، يىلىك تولۇپ، سىلىق ھەم قارا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۆرەك قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولسا، قان ۋە قۇۋۋەت تولۇق بولسا، چاچ جانلىق ۋە قارا بولىدۇ.
03
دائىم قۇلاق ئۇۋۇلاش ـــ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش
جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تېببىي تەجرىبە مەركىزىنىڭ دوكتورى دەي جىنگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قۇلاق پەللىلىرى زىچ تارقالغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا تۇتىشىدۇ، ئادەم بەدىنىدە كېسەل بولسا، ئادەتتە قۇلاقتا كۆرۈنىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە بۆرەك قۇلاقتا ئېچىلىپ، قۇلاق سۇپرىسىنى دائىم ئۇۋۇلاپ بەرسە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، بەلنى كۈچلەندۈرۈپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، دېيىلگەن.
قۇلاقنى ئۇۋۇلىغاندا تاشقى قۇلاق گىجىكى (قۇلاقنىڭ ئەڭ سىرتقى يېنى ئىچىگە يۆگەلگەن كۆمۈرچەك قىسمى) نى ئۇۋۇلاپ بەرسە، قىل قان تومۇرلارنىڭ تولۇشى ۋە ئەتراپ قان ئايلىنىشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇلاق چاقىنى ئىشقىلاپ داۋالاش ئۇسۇلى يەنىلا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنى داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق.
ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، قۇلاقنى چىمدىپ ھەرىكەت قىلىش يەنە مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈشكە پايدىلىق. مۇشۇنداق كۆپ قېتىم تەكرارلىغاندا، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا نىسبەتەن قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولى بار.
04
دائىم بۇرۇننى ئۇۋۇلاش - بۇرۇن تۆشۈكىنى راۋانلاشتۇرۇش
جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تېببىي تەجرىبە مەركىزىنىڭ دوكتورى دەي جىنگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇرۇن ياللۇغى توختىماي چۈشكۈرۈپلا قالماي، نەپىسى راۋان ئەمەس، جاننى ئالىدىغىنى كەچتە ئۇخلىسىمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ، كۆپچىلىككە ئاددىي، ئاسان، قوللىنىشچان، ئۈنۈملۈك بولغان ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى-بۇرنىنى ئۇۋىلاش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئالدى بىلەن تېرە سىلىقلاش مەلھىمىنى بۇرۇننىڭ ئىككى يېنىغا سۈركەپ، كۆرسەتكۈچ بارماق ياكى ئوتتۇرا بارماق بىلەن 200 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇۋۇلاش، بەك كۈچەپ كەتمەسلىك، تېرىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاندىن بۇرۇن قانىتىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يىڭشياڭ پەللىسىنى 200 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك. يەنە كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە، ئۈچ كۈندىن كېيىن كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى ھىس قىلىدۇ، بىر ھەپتىدىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن يېنىكلەيدۇ.
بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشنىمۇ بۇرۇننى ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئالدى بىلەن ئىككى قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن قورساقنى كۆرسىتىپ، بۇرۇن قانىتىدىن بۇرۇن يىلتىزىغىچە 200 قېتىم، قېتىم سانى مىنۇتىغا 90-100 قېتىم بولىدۇ. ئاندىن ئىككى قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىككى تەرەپتىكى يىڭشياڭ پەللىسى ياكى بىتۇڭ پەللىسىنى 300 قېتىم ئۇۋۇلاپ، مىنۇتىغا تەخمىنەن 120-160 قېتىم ئۇۋۇلايمىز. يىڭشياڭ پەللىسى بۇرۇن قانىتىنىڭ سىرتقى گىرۋىكىنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسىدا بولۇپ، سىرتقا قاراپ تەخمىنەن 1.5-2.0 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بۇ پەللىنى ئۇۋۇلىغاندا روشەن تېلىپ چىڭقىلىش سېزىمى بولۇشى كېرەك.
بۇ ئۇسۇل ھەم بىخەتەر ھەم قولايلىق، ھەم ئۈنۈملۈك. ھەر كۈنى 12 قېتىم داۋاملاشتۇرسا، يەنە ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
05
دائىم قولنى ئۇۋۇلاش-ئىچكى ئەزالارنى تەڭشەش
جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تېببىي تەجرىبە مەركىزىنىڭ دوكتورى دەي جىنگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېبابىتىدە ئادەمنىڭ قولىدا نۇرغۇن پەللە بار دەپ قارىلىدۇ، مەسىلەن، خېگۇ پەللىسى، شاۋشاڭ پەللىسى، يۈجى پەللىسى، لاۋگۇڭ پەللىسى قاتارلىقلار، پەللە ۋە بەدەن ئەزالىرى بىر-بىرلەپ ماس كېلىدۇ، دائىم قولنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، پەللىلەرنى غىدىقلاپ، بەدەندىكى ھەرقايسى ئىچكى ئەزا، توقۇلما، ئەزالارنى ئۇۋۇلىغىلى بولىدۇ.
ئىككى قولنىڭ ئون بارمىقى كېسىشىدۇ، ئىككى جەينەك بوغۇمى بوشلۇقتا تۇرىدۇ، ئون بارمىقىنىڭ ئۇچى ئالدى ئۈستى تەرەپكە قارىتىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تېز سۈرئەتتە ئىككى قولنى بىر مىنۇت ياكى 200 قېتىم ئۇۋۇلايدۇ. ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ ۋە كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قەدەر ئاستا سۈرئەتتە قولنى ئۇۋۇلاپ، 20 ~ 30 مىنۇت تۇرغۇزساق بولىدۇ.
گەرچە قولنى ئۇۋۇلاشنىڭ ھەرىكەت سىجىللىقى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۈگۈرۈشكە يەتمىسىمۇ، لېكىن تېز سۈرئەتتە قولنى ئۇۋۇلىغاندا ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىپ، تەر چىقىدۇ، بۇ يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئىنتايىن پايدىلىق. ئون بارماق بىلەن قولنى گىرەلەشتۈرۈپ ئۇۋۇلىغاندا، ئالىقىنىدىكى تومۇرنىڭ ئۆزئارا تەسىرىدىن باشقا، يەنە مۇئەننەس ۋە مۇزەككەر تومۇرنىڭ كېسىشكەن پەللىلىرىنى غىدىقلاپ، تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
قولنى ئۇۋۇلاش قول بارماقلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى قولدىكى مۇسكۇل ۋە بوغۇملارنىڭ ھەرىكىتى چوڭ مېڭىنىڭ قوماندانلىقى ۋە تەڭشىشىگە موھتاج بولغاچقا، قولنى ئۇۋۇلاش قول ۋە مېڭىنىڭ رېفلېكسنى كۈچەيتىپ، چوڭ مېڭىنى بارغانسېرى نۇرلاندۇرىدۇ.
06
دائىم كۆكسىنى ئۇۋۇلاش-كەيپىياتنى تەڭشەش
جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تېببىي تەجرىبە مەركىزىنىڭ دوكتورى دەي جىنگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ھەممىمىز ئاچىقلىنىشنىڭ بەدەنگە ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئادەتتە بىز ھاياجانلىنىپ كەتكەندە، مەيدىسىنى ئۇۋۇلاپ نەپەسلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەرىكەت ئاچچىقىنى بېسىۋالغاندىن سىرت، يەنە يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كەيپىياتنى تەڭشەپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ. ئىككى قولنىڭ ئالىقىنىنى تۆش سۆڭىكى ۋە ئىككى يان بېقىنىغا (قوۋۇرغىسىغا) يەڭگىل بېسىپ، ھالقا ئايلاندۇرۇپ ئۇۋۇلاش ھەرىكىتى ئىشلەش، ھەر بىر ئورۇننى ھەر قېتىمدا 50 قېتىمدىن كۈندە نەچچە قېتىم ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.
تۆش بېزى بالىلىق دەۋرىدە ئەڭ تەرەققىي قىلغان، شۇڭا كىچىك بالىلار تېتىك، ھەرىكەتچان بولىدۇ، ئەمما 30 ياشتىن ئاشقاندا تەدرىجىي چېكىنىدۇ، 60 ياشقا كىرگەندە ئاساسىي جەھەتتىن يىگىلەيدۇ، شۇڭا ياشانغانلار ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەگەر ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆكرەك قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، يىگىلەپ قالغان تۆش بېزىنى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ.
07
دائىم بەلنى ئۇۋۇلاش-بەلنى ئاسراش
جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تېببىي تەجرىبە مەركىزىنىڭ دوكتورى دەي جىنگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم ياشانغانلار 70-80 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، بەدىنى تۈپتۈز ھالەتتە ماڭالايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ ئەمەلىيەتتە بىزگە بىر ئامال بولسىلا ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، يەنى بەلنى ئۇۋۇلاپ بېرىش.
ئىككى قول بىلەن بەلنى چىمدىپ، تۆت بارماق ئالدىدا، باش بارماق كەينىدە، باش بارماق باسقان ئورۇن ئاساسەن بەل كۆزى بولىدۇ. ئىككى قول بىلەن مۇشتۇمىنى تۈگۈپ، بەل كۆزىنى ئايلاندۇرۇپ ئۇۋۇلاش ياكى قول بىلەن قىزىتىپ ئۇۋۇلاش ئارقىلىق تېرىدىكى قىل قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، بەل مۇسكۇلىنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، سوغۇقتىن، ھېرىپ-چارچاشتىن كېلىپ چىقىدىغان بەل ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بەل قىسمى« دەيمەي» (بەل قىسمىنى ئوراپ تۇرغان جىڭمەي) ئېلىپ بارىدىغان ئورۇن، بولۇپمۇ ئومۇرتقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئارقا بەل بۆرەك تۇرۇشلۇق ئورۇن. نۇرغۇن دوستلار ئارقا بەل مۇزلىغاندا ئىنتايىن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا بېلىنى ئۇۋۇلاپ، ئىككى قولىنى ئۇۋۇلاپ قىزىتقاندىن كېيىن، بەل كۆزىنى چىڭ بېسىپ، سەل توختىۋېلىپ، ئاندىن تۆۋەنگە كۈچەپ قۇيرۇق ئومۇرتقا قىسمى (چاڭچياڭ پەللىسى) نى ئۇۋۇلىسا بولىدۇ. ھەر قېتىمدا 50-100 قېتىم، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە قىلسا بولىداۇ. دائىم مۇشۇنداق ئۇۋۇلىغاندا بۆرەكنى ئىللىتىپ، قاننى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
08
دائىم پۇتنى ئۇۋۇلاش-تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش
جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىيۈەن دوختۇرخانىسى ياشانغانلار كېسەللىكى مەركىزى لى يۆخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئادەمنى بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشاتساق، ئۇنداقتا پۇت ئۇنىڭ يىلتىزى بولىدۇ، دەرەخ يىلتىزى قۇرۇپ كەتسە، شاخ-شۇمبىلار قۇرۇپ كېتىدۇ. تاپاننى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قاننى جانلاندۇرۇپ، بۆرەكنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، يەنە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
پۇتنى ئۇۋۇلاش پۇت يۇيۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئىككى پۇتنى 40 سىلسىيە گىرادۇش ئەتراپىدىكى ئسسىق سۇغا چىلاپ، پۇتنى قىزىرىۋەتكەندىن كېيىن سۈرتۈپ قۇرۇتىمىز، ئىككى قولنىڭ ئالىقىنىنى ئۇۋۇلاپ قىزىتىمىز، ئاندىن پۇتنى تىزىنى ئېگىپ يەنە بىر پۇتقا قويىمىز، پۇتنىڭ مەركىزى ئىچكى تەرەپكە قىيسايتىلىدۇ. پۇتنىڭ ئالقىنىنى ئۇۋۇلىغاندا تاكى قىسمەن ئورۇن قىزىغانغا قەدەر ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.
ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا قۇرۇق ئۇۋۇلاپ، پۇت يۇيماسلىق كېرەك. بۇنىڭدا سول قول بىلەن سول پۇتنىڭ دۈمبىسىنىڭ ئالدى قىسمىنى تۇتۇپ، ئوڭ قول بىلەن تاپاننى بويلاپ يۇقىرى-تۆۋەن 100 قېتىم سىيرىپ بەرسە، پۇت مەركىزى قىزىيدۇ؛
ئەگەر ياشانغانلارنىڭ پۇتى ئاسان قۇرۇپ كەتسە، بىر نەچچە تامچە گلىتسېرىن قوشۇپ پۇتنى ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ. پۇتى سىرقىراپ ئاغرىيدىغان، ئۇيۇشۇپ قالغان ياشانغانلار قولىنى ئازراق ئاق ھاراققا تەگكۈزۈپ پۇتىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە قاننى جانلاندۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، پۇتنى ئۇۋۇلاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال يەرگە چۈشمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى ئورنىدا 15 مىنۇت ئارام ئېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، تاماقتىن كېيىنكى بىر سائەت ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى پۇتنى ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك.